جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1357 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئىگىسى: mamat omar

مەمەت ئۆمەر: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  801
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 55
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:51:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى دېگەنلرىىڭ توغرا بولسۇن مەيلى خاتا بولسۇن مەن سېنىڭ ئىجادىيەتتىكى جۈرئەتلىكىڭگە، ئۆز روھىيىتڭگە بولغان سادىقلىقىڭغا، ئۆزگىچە پىكىر، كۆز-قاراشلارغا قارىتا ئاكتىپ پوزىتىسيەدە بولىدىغان روھىڭدىن سۆيۈنىمەن. سەندە ئەدەبىياتقا نىسبەتەن ئوت بار، بىراق سەن شېئىردىن باشقىغا يارىمايسەن، سەن شېئىرلا ياز! شۇندىلا سەن مەقسىتىڭگە يىتەلەيسەن. ئەمدى مەزكۇر ماقالەڭگە كەلسەك، بەزى پىكىرلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان بولسىمۇ، ئارتۇقچە ھاياجان، شەخسىي باتناش خاھىشى يەنىلا ئېغىر، بۇنىڭغا دىققەت قىلساڭ. يەنە بىرسى ئابدۇمىجت بىلەن كۆز-قارىشىڭ ئوخشىمىسىمۇ ئۇنى ھەرگىز يامان كۆرمە. ئەمىلىيەتتە ئۇ ساڭا ھەممىدىن ئامراق. ئۇمۇ ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىدۇ..

بۇندىن كېينكى ئىجادىيىتىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي ئىنىم! مەن سېنڭ قان پۇراپ تۇرغان ئەسەبىي شېئىرلىرىڭنى ئوقۇشقا ئامراق.  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  801
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 55
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 13:55:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سارتېكىن ئەپەندىم سىز قايسى سارتېكىن بولىسىزكىن؟ ئېزىز ئاتاۋۇللا ئەمەستۇ! مۇمكىن بولسا مۇنازىرىنى ئىلمىي يۇسۇندا داۋاملاشتۇرسىڭىز. مۇنازىرىدە سەت گەپ، يوغانچىلىق ھېچنىمىگە ھېساپ ئەمەس!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  93
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 137
تۆھپە : 9
توردا: 28
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائېرىمىزغا ئۇنداق نەزەرىيە ئۈگەن، مۇنداق ئۈگىنىش قىل دەپ تاڭمايلىچۇ؟! سۆزلەپ باقسۇن، يىزىپ باقسۇن، مۇشۇنداقلا ئىزچىللىق بولسا بىر ئىش بولىدۇ...
بىر كۈنلەرى مەمەت ئۆمەرنىڭ يازمىلىرىنى ئىزدەپ، تالىشىپ...‹‹ئەڭ بۇرۇنقى ساپ يازمىلىرى›› دەپ ئوقۇيدىغان چاغلارنى كەلمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالمايدۇ؟!

شىنجاڭ يەكەندىن: تۇراپ نۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 331
تۆھپە : 4
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:19:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ماقەلە ئاپتورىنىڭ  پىكىرلىرى ئۆزىگە توغرا تۇيۇلغاندەك قىلسىمۇ، ئەدەبى مۇلاھىزىدىكى ئەڭ دادىل ئۇسسۇل قائىدە-داۋلىلار ئارقىلىق ئۆز قارشىنى تولۇپ ئىسپاتلاپ بېرىشتۇر. شۇڭا مەيلى قوشتاغ سورىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابى بولسۇن ياكى ئاپتورنىڭ ئۆز قارشى توغرىسىدىكى ئىنچىكە ھەم ئاساسقا ئىگە پىكىرلرى بولسۇن بىر ئاڭلاپ باقساق.

مەن ئاللىقاچان بىر بارسە كەلمەس يولغا كىرىپ قالدىم..... it s A Long Road...  第一滴血

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  223
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 163
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:39:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەمەت ئۆمەر شۇنداق ئېنىق يېزىپتىكەن تومتاقلا قىلىپ«  ئەدەبىي تەنقىدچى  بىر پارچە ئەسەرنى باھالىماقچى بولىدىكەن چۇقۇم ئۇ ئەسەرنىڭ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكلىرىنى باھالاپ چىقىشى  ‹‹سەن نېمىشقا بۇنداق يازىسەن›› دەپ يازغۇچىنىڭ ياقىسىغا ئېلىسىۋالماسلىقى، يازغۇچىغا ئەمەس، ئەسەرگە باھا بېرىشى كېرەك. » دەپ. لېكىن بىر قىسىملارنىڭ مەمەت ئۆمەرنىڭ(يازمىغا قارىتا پىكرىنى بايان قىلمايلا ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى، ساپاسى، بېشىدا قانچە كىلو سۇ بارلىقى) يازمىسىغا يوللىغان ئىنكاسى ئۇنىڭ گېپىنى  مۇشۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا  ئىسپاتلاپ  بەردى.   ئەدەبىيات بەس- مۇنازىرگە موھتاج ھەرگىزمۇ يېڭى بازاردىكى ئانداقچىدىن مۇنداقچىغىچە ئاغزىنى بۇزۇپ تللاشقا ئەمەس.  بىلىنىسكىدىن قالغان كونا نىزامغا دەسسىمىگەن تۈزۈك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىكىم شەمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 14:44  


ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  689
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 46
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئاتقۇچىدەك قاراشقا كېلىپ قالدىم.

گەرچە سۆزلەر تولىمۇ قوپال، تۈز ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا بۇ ئىنىمىزنىڭ جۈرئىتىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.

قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن ئىنىم، تېخىمۇ ئېسىل شېئىرلارنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  812
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 14:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمەت ئۆمەرگە سوۋغا:





ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.


    -ئوتقان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kvz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 15:27  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  223
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 163
تۆھپە : 0
توردا: 26
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:08:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىكىم شەمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 19:00  


ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  235
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 587
تۆھپە : 1
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 15:17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغىن مەمەت ئۆمەر !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەن مۇشۇنچىلىكلا دىيەلەيمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 127
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:00:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.
ئىنىمىز مۇشۇ ئۆمرىدە مۇشۇنداق پەلسەپىۋىيلىك ۋە بەدىئىي دىتقا تويۇنغان ئىككى مىسرا تۈزەلىسە شائىرلىق بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 436
تۆھپە : 7
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:21:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتنى چىن ماھىيتى بىلەن تۇنۇپ يەتمىگەندە ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ، ئەدەبىياتنى پاخاللاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولىمىز . ھەممىمىز ئەدەبىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچىلاردىندۇرمىز . شۇڭا ئىلمىي يۇسۇندىكى ئەدەبىيات مۇلاھىزىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرسەك دەيمەن . بەزىدە يولباشچى بولمىسا ئازغاندىمۇ ئەسلىنى تاپالمىغۇدەك ئىزىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ ئادەم .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:32:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كومىدىيە»  تېمىسىدىكى مەزكۇر يازمىنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ «ئىزدىنىش، سىناق، يېڭىلىق يارىتىش» سەھىپىسىگە يوللىنىپ، نەزىرىمگە چىلىققاندىن كېيىن تېما يوللىغۇچى بىلەن ئىلمىي سۆھبەتتە بولۇش ئېستىگىدە دەسلەپكى 4 سۇئالىمنى ئوتىرغا تاشلىغان ئىدىم. ئەگەر بۇ سۇئاللىرىمغا جاۋاب چىقسا ئاندىن تېما ئىگىسىنىڭ سەمىمىيتى، ئاڭلىق ئىجادىيەت پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىغى نەزەرگە ئىلىنىپ ئەسەر ئۈستىدە تەھلىل ئىلىپ بارغىلى بولاتتى.   ئەپسۇسكى مانا ئىنكاسىم يوللىنپ 24 سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ قايتا قايتا تەكلىپلىرى ئاستىدىمۇ تېما ئىگىسى ئىنكاس يېزىشتىن ئۆزىنى تارىتتى. شۇڭا مەنمۇ بۇ تېمىنىڭ «ئىزدىنىش، سىناق، يېڭىلىق يارىتىش» سەھىپىسىگە يوللانغىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ، تەنقىدكە ئەرزىمەيدىغان «جۆيلۈش» دەپ قارىدىم. بۇنداق بولغاندا ئاپتۇرغىمۇ ئۇۋال بولمايدۇ. چۈنكى قىسمەن «جۆيلۈشلەر» گاھىدا رىئالىقنىڭ مەلۇم بىر يەرلىرى بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالىدۇ دە بىرقىسىم تەپەككۇرى ئاجىز كىشىلەرگە ئەشۇ «جۆيلۈشلەردە مەنا بار» دەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئەمما جۆيلۈش بىرخىل روھىي كېسەللىك، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا «جۆيلۈش بىنورمال ھادېسە» دەپ قارالغاچقا «ئويناپ سۆزلىسىمۇ ئويلاپ سۆزلەش» تاكتىكىسنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.
ئەمدى ئەسلى ئەسەر ھەققىدە تەنقىدنى داۋاملاشتۇرماسلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئەسەردە تىل، لوگىكا، ئەدەبىيات نەزىرىيەسى  نوقتىسىدىن سادىر بولغان خاتالىقلار بەك كۆپ بولغاچقا، ئاپتۇر تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقان ئەھۋالدا «جۈمىلىمۇ جۈمىلە تەھلىل قىلىش» زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىدىم. شۇڭا تېما ئىگىسىگە قويغان 4 سۇئالىمغا ئۆز كۆزقاراشلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ بۇ مولاھېزەمنى توختىتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:33  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:34:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-سۇئال: ئىلمىي ماقالە ياكى ئىجتىمائى تەسىرات تېپىدىكى ماقالىلەرنىڭ جامائەت ئىتىراپ قىلغان مەلۇم قىلىپى بولامدۇ-يوق؟ (ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىڭىزدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىغىغا قويغان تەلەپلىرىنى ئاساس قىلىپ سۆزلەپ باقسىڭىز؟)
بۇ سۇئال مەمەت ئۆمەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددى سۇئال ئىدى. گەرچە ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە بەش يىل تولۇق كورس ئوقۇش ئىمكانىيتىدە بولمىسىمۇ بىر يىللىق خەنزۇتىلى ئۈگنىشتىن قىپقالغان 3 يىللىق داجۈەن ئەدەبىيات كەسپىدىكى بالىلارغا ئالدىراپ سالدىراپ بولسىمۇ «ئەدەبىيات نەزەرىيسى» دىن ساۋاتلار بېرىلىدىغانلىغى، ئۇنىڭدا ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىگى، قانداق تەلەپ قويۇلىدىغانلىغى ئۆتىلىدىغانلغى تەبىئى. ئەگەر ئۆلمىدى دېگەن تەقدىردىمۇ ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتۇتىدىكى كىرىمجان قاتارلىق يىتىشكەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىدىن ، ھېچ بولمىسا تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئەدەبىيات كەسپدىكى ئەقلى ئويغاق ساۋاقداشلىرىدىن، بۇمۇ بولمىغاندا ئەتىراپدىكى ھەپتىدە نەچچە قىتىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان پىكىرداش تونۇشلىرىدىن سوراپ بېلىۋىلىشى مۆمكىن ئىدى. بۇ يەردىكى مەسىلە بۇ قەلەم ئېگىسى ئۇ نەزىرىيەلەرنى پۇشتىغىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ. پەقەت نادانلىق سەۋەبىدىن «قارغۇلارچە رەت قىلىش پۇزىتسىيسىدە» يېڭىچە ئەدەبىيات نەزىريىسى يارىتىشىنى ياكى «قىلىپسىز ئەدەبىيات» بىر مەزگىل لەيلەپ يۈرۈپ ئېشىنى ئىش قىلۋالغاندىن كېيىن ئاستا ئەدەبىيات ئالىمىدىن غايىپ بولۇشنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە خالايدۇ. ئەپسۇسكى «ماقالە» كاللىغا نىمە كەلسە توۋلاپ قويسا بولىدىغان «قوشاقچىلىق» تىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدىغان ئەدەبىياتتىكى يىتەكچى ژانىردۇر. ھەقىقى ئەدەبىيات ئەھلى ھەتتا «ماقالە» لەردە ئادەتتىكى سۆز ئىبارىلەردىن، ئەپقاچتى مىساللاردىن ئۆزىنى چەتكە ئىلىشقا، بىر خىل ئىلمىي تىللاردىن پايدىلىنىپ پىكىرنى بىۋاستە ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ.
ئۇنداقتا ماقالىلەرنىڭ ئامما ئىتىراپ قىلغان قىلىپى بارمۇ –يوق. ئەلۋەتتە بار. بولغاندىمۇ ماقالىلەرنىڭ شەكىل ۋە تىلىغا قويىدىغان تەلەپ ئالاھىدە يۇقىرى ۋە ئىنچىكىدۇر. بۇ نوقتىدا مىللى ئەدەبياتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى ماقالە شەكلى بىلەن ھازىرقى خەلىقئارا ئۆلچەمدىكى تەلەپلەر نىسبەتەن قارمۇ قارشى يۆنىلىشتە بو نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن خېلى ئۇزاق مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنى ھازىرچە زۆرۈر ئەمەس دەپ تەھلىلنى موشۇ يەردە توختىتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:37  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-سۇئال: ماقالىلەردە «پەردە، كۆرۈنۈش» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئىشلتىشكە بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا بۇنىڭ ئېلمىي ئاساسى نېمە؟
ناھايتى كەسكىن جاۋاب:- بولمايدۇ. ئەگەر بەك ئىشلەتكۈسى كېلىپ كەتكەنلەر يىقنقى دەۋىرلەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا روياپقا چىققان يېڭىچە ماقالە شەكلى، ياكى ئەدەبىيا ئاتالغۇلىرىدىن بولغان، زۇلپىقار باراتنىڭ «جەمئىيەتشۇناسلىق» تېپىدىكى ماقالىلىرىدە ئىشلىتىلگەن: «تېمىنىڭ ئوتىرغا قويىلىشى»، «پاكىت، تەھلىل، دەلىل، يانداش پىكىر» دېگەندەك ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش مۆمكىن. ئەمما سەھنە ئەسەرلىرىگە خاس بولغان «پەردە، كۆرۈنۈش» دېگەندەك غەيرى ئاتالغۇلارنى ۋە ياكى «مەرغۇل، سەنەم، نەغمە» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى زورلاپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:37  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 727
تۆھپە : 114
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 22:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-سۇئال: ماقالىلەردە نوقتى نەزەر، دەلىل، ئېسپاتلارغا قانداق ئۆلچەم قويۇلىدۇ؟
بۇنىڭغا مەزكۇز يازمىنىڭ بىرىنكى ئابزاسىنى مىسال قىلىشلا كۇپايە. مەمەت ئۆمەر بۇ يازمىسىدا ئۆزىگىمۇ ناھايتى غۇۋا بولغان ئاپتۇر ۋە ئەسەر ئېسىمى ئىسىدىن كۆتىرىلىپ كەتكەن شۇنداق قۇرلار بىلەن ئۆز نوقتى نەزىرىنى باشلايدۇ:« 80-يىللاردا قايسىدۇر بىر يازغۇچى ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مېھىر -مۇھاببىتىنى چەتئەلدىن ۋەتىنىگە قايتقان بىر مۇھاجىرنىڭ ۋەتەن تۇپرىقىدىن بىر چىمدىم توپا  ئېلىپ ئۇنى تۇتىيا بىلىپ  كۆزلىرىگە سۈرگەنلىكىدەك ۋەقەلىك ئارقىلىق ئىپادىلىگەنىدى.شۇندىن باشلاپ تا-ھازىرغىچە ۋەتەن، يۇرت تېمىسىغا ئاتالغان ئەسەرلەردە مۇنداق ئىككى خىل خاھىش يۇقۇملۇق كىسەللىكە ئايلاندى....» ئەمىلىيەتتە بۇ يەدە تىلغا ئىلنىۋاتقىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئابلىمىت سادىقنىڭ «تۇتىيا» ناملىق ھېكايېسى بىلەن، ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» رومانىدىكى «ئانا يۇرت تۇپرىغىنى كۆزىگە سۈرتكەن» مىساللار ماقالىنىڭ نوقتى نەزىرى بولۇپ، بۇيەردە ئايرىمىلىقنى ئومۇمىيلىقنىڭ ئورنىغا قويىۋالغان. ئويلاپ باقايلى بۇنداق شەكىلدە روياپقا چىققان ئەسەردىن ئۇيغۇرلاردا قانچىسى بار؟ ئەجىبا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، ئەختەم ئۆمەرنىڭ «باياۋاننىڭ سىرى»، زۇردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت »، پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلىۋىلىش سەنئىتى» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەر بۇلاردىن تۈپتىن پەرىقلىندىغان ئەسەرلەر ئەمەسمۇ؟ مەمەت ئۆمەر قانداقسىگە ماقالىنىڭ ئىككىنچى ئابزاسىدىلا « خۇددى بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەشكە دۇنيادا بۇنىڭدىن باشقا بىرەر سۆز-جۈملىلەر يوقتەك، ياكى ئۇنىڭدىن باشقىسى مۇۋاپىق ئەمەستەك ھەممە يازغۇچى-شائىرلار قارغىش تەككەندەكلا مۇشۇ خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ كەلدى» دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى «كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن باشلانغان بۇ خىل گۈزەللىكىنى تەسىۋىرلەش ئۇسسۇلى تا-ھازىرغىچە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىن يوقالغىنى يوق» دېگەن جۈملىسىدە بولۇپ، ئەدەبىيات تەرەققىيات قانۇنيىتىدىن ئازتولا خەۋرى بار ئادەم ھەرگىزمۇ بۇنداق داڭقان پۇتى گەپنى قىلمايدۇ. ئەستە تۇتۇش كىرەككى سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلاسسىك ئەدەبىياتتىن قالغان، نەچچە مىڭ يىللىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ئۇخىل ئىپادىلەش شەكلىلىرى يوقىلىش ئورنىغا ئىككىنچى بىر شەكىل بارلىققا كەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئەشۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ئۇنىڭغا تەڭداش ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىيالايدىغان يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۆزلۈكسىز قىتىلىپ، كۆپىيىپ بارىدۇ. ئاخىرىدا شەخسەن مەن ماۋۇ «ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇ چەكسىز ئىمكانىيەتكە تولغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نېمىنى يېزىش، قانداق يېزىش ئۇ تامامەن يازغۇچىنىڭ قول ئىلكىدىكى ئىش » دېگەن جۈملىدىن قاتتىق شەكلنىمەن. چۈنكى بۇ يەكۈن ئامرىكا، ياپۇنىيە، گىرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى يازغۇچىلارغا ماس كېلىشى مۆمكىن. ئەمما سوۋىت ئىتىپاقى ۋە ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، ئەرەپ مەملىكەتلىرى ۋە مەملىكىتىمىزگە نىسبەتەن كۆپ بالدۇر....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوشتاغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 22:38  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش