جۇدا
قەھرىمان روزى ئەرچىن
; y3 e3 x! \, d) y `ئېھ، جانان قىلدىڭ مېنى جاندىن جۇدا،
مەۋج ئۇرۇپ ئاققان قىزىل قاندىن جۇدا.
تاغ يارار پەرھاد كەبىي ئەركەك ئىدىم،
بوپتىمەن تەن ساقلىقىم-خاندىن جۇدا.
دىلبىرىم ئەگدىڭ بويۇمنى دال قىلىپ،
تال كەبى تۇرغان بۇ دەرماندىن جۇدا.
ماڭمىدى ئەمدى قەلەملەر يورغىلاپ،
قىلدى يار ئىلھام پىرى-كاندىن جۇدا.
كەل يۈرەكىمنى بېرەي بىر گۈل قىلىپ،
گاھ پۇرا، گاھ قىل خازان، ياندىن جۇدا.
سەن ئۈچۈن دوزاخمۇ يۈگرۈپ باراي،
قول ئۈزۈپ شۆھرەت، ئاتاق-شاندىن جۇدا.
: \' F: q1 h" B' O$ ^+ {مەنبە: «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى
( h/ j6 {1 b! A( S1 U
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-17 17:28 ( z: h% i/ ^& w: l) l1 H
+ _* H( e) t* S+ h) ]