تۇمان
: y+ X/ \3 y7 p% r! Y" p! X- k- I
, q1 U" R5 \& F0 ]. H7 G4 `
مۇڭ قاپلىغان يارنىڭ بېغىنى،
تىلەكلەردىن ئۆچكەن يېشىللىق.
ئاچچىق ياشتىن ئېرىگەن يۈرەك،
بىر جام مەيدەك تۇرار لىپمۇ- لىق.
لېرىك كۈيدەك چېلىنماس ۋۇجۇد،
ساداقەتتىن ئۈزۈلگەن زىلتار.
تىتىلغىنى ھايات لەززىتى،
قوشماق تىنىق مۇڭسىراپ ئاقار.
كەچۈردۈم مەن پەقەت بىر قېتىم،
لەيلەۋاتقان سەرسان ئۆزۈمنى.
چۈشلىرىمدە سىلايدۇ راھەت!
ئۈمىد نۇرى ئاستا يۈزۈمنى.
7 A O+ j7 q* l8 ~* I2 M& ]7 D
يىلتىز تارتتىم قەلبىڭگە تېرەن
. v8 q9 e% B$ \% [' r/ _& ^
/ C2 Q/ |% G" ]3 S1 eلېرىك سۆيگۈ بوشلۇقى ئارا،
تۆكۈلمەكتە ئېھ! سەلكىن شامال.
تاشلىنىمەن قەلبىڭگە پۈتۈن،
سۆيگۈڭ دىلنى قىلغاچقا قامال.
يىلتىز تارتتىم قەلبىڭگە تېرەن،
گۈلزارىڭدا كۆكلەپ قالاي دەپ.
ناز ئۇيقىدا ياتساڭ خىرامان،
سۆيگۈ قۇشۇم كەلمەكتە پەسلەپ.
ئاپتاپ سۆيگەن تارىم ساھىلى،
تار چېكىدۇ لېرىك شادىمان.
ياشايلى شاد ئوماق پەرىشتەم،
ۋىسال قۇچسۇن زارىققان ئارمان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 01:28
1 ]/ @) H$ m; g6 s& B
( b* I4 ~1 r1 k) n: g _3 K