كۆرۈش: 10985|ئىنكاس: 160

قەھرىمان روزى ئەرچىن شېئىرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

- L2 [; Q( i1 I' p) ]. f' }* w
http://uyghur.xjzjxh.com/default.aspx
6 p. o) X. W0 r* sئەسكەرتىش: بۇ شېئىرلارنىڭ باشتىكىلرى 2010-يىلى كونا باش بەتكە يوللانغان بولۇپ، كونا باش بەتتىن كۆچۈرۈپ كېلىندى
* U  a; g9 m9 L" B% ]


3 E' _7 x+ t2 i; U3 ^

قەھرىمان روزى ئەرچىن شېئىرلىرىدىن

1 J* x( O9 J% l0 ^
- e  u: q  a+ @% ?- I: H9 X! Y


0 x4 y( |, o: t3 P2 n, c5 C0 Lسېرىق قار
& I# i# v; X1 X9 P

( e* z: a) i; _( G
يىلتىز تارتىپ باھارىستان0 e/ a3 L0 E8 [" ^( a7 l% N  Z
شېرىن لەززەت بۆشۈكىگە زاكىلانماقتا.0 `% L' t/ C( b: o) u4 A

) F) Z7 y& a$ B; ~. Z3 ~ۋۇجۇدىڭدىن ئېرىمەكتە
: r  j. t3 A' q0 l0 C0 J; z3 _/ ?قالدۇق سېرىق قار.: {0 e7 y: C, }, S" p( U
ئۆزگەرمەكتە كېلونلاشقان
8 X4 b; s7 \! }! w% `% Sھۈجەيرە تال- تال.
, q, C  b* s! _3 q# c) Zئۆزگەرمەكتە ئېچىرقىغان
3 g/ S5 e, Z5 R9 i1 fچەكسىز ئىستىمال.% w0 u6 ^( w: l
# W0 V: R0 [! N7 |) w
قارارگاھىڭ كۈلمەكتە ) N0 W. v- `; N) J3 i/ k
يىتىم نۇرلار ئۆچمەكتە
$ L* W5 G# ~% k9 B4 j5 Pيېقىنلىدى شەھۋەت ئۆلۈمى; O1 N! @, X6 e7 A5 N
يۇيۇلماقتا روھتىن زىمىستان.
$ p' {' C! L/ f3 v0 D) N! ~. \2 j( K  U+ b' T3 r5 ?/ Q
يامراپ چىقتى كوچىلارغا
% P; C7 p) g/ A7 L& n7 @5 Fگۈللەر ئۆركىشى.
$ l! E* V( f5 w+ l# ]پىكىر سۈزۈكلىكىدە ئۆرلەۋاتقان
0 s6 z7 i9 r' @1 N- Yقۇياش يالتىرار.


- ?9 W/ q7 j- K( J8 W
5 S% z+ E7 P% a# M' ?% F. Yئۇزىتىش


9 d! H) X6 `* N) P% {2 h
+ s+ l6 O* ~' wجالاقلايدۇ تۈندە ئاق تېلەك،- ]  l& T5 d+ E1 H  Y0 T4 |
سۇس ئاي نۇرى ئىچىدە
! R9 q/ d! e! h* Wپۇلاڭلايدۇ ئاق بېلەك.2 [( j+ Q3 R1 @# M8 d
5 _( B; a: x5 x; R6 x- W
گۈدۈك چالدى پاراۋوز،( `# u- x3 Y' w1 n2 A/ L8 p* h
تېپچەكلىگەن يۈرەكنى
5 @  A0 ~& T+ S, Hئېلىپ كەتتى يالماۋۇز.
& t: x  |3 P% w$ X$ G6 b! g+ _0 V* H% }0 V# z9 e
رېلىس ياتار سوغۇق ھومىيىپ،
: a  Z1 A3 h9 i% A) t9 `چۈش ئارىلى قالدى يىگانە
, c* ?% H  g, Z+ D# U" Eھەر گىياھلار ئۇلۇغ ئۇھسىنىپ.
* h4 d+ E  V, y1 J7 I/ e; e+ E$ a4 p# J$ ~
ئايلار چۆچەك تىڭشىماس،
4 d) j! \3 p% A" G* D- n) tرېئاللىق، چۈش قوينىدا8 H- r* [( S6 v6 S  x
مەسۇم يۈرەك تىنجىماس.

+ I$ ?+ x) e0 D/ i6 `9 |

7 A8 G6 s% g' d& ^6 _ۋۇجۇد يىلتىزى
! W) j4 R( @9 v) o! V6 o5 }& Q* x- D" R5 U
               (1)
4 R  L1 C/ J% B  I+ L4 Yيوپۇرمىقى تۆكۈلەر ۋىسال گۈلى سارغىيىپ،
$ d* P% z7 e- l. n7 @; L! D: Qسۇ ئىچمىسە قانغۇچە مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى.% `2 d5 S6 z$ |7 K7 W  \# m
سورالمىسا يۈرىكىڭ ئەڭ قەدىمى ئۈنىڭدە،
$ Y4 \2 C! b* c0 [9 F' nكۆيۈپ كۆككە سورىلار مەجرۇھ تەننىڭ جىلۋىسى.
- T+ Y: s! G8 e* X9 g; h* ~              (2)6 Y7 Y; N1 T; \& \/ H
تەن ئالىمەن سۆزۈمدە؛ بىراق يۈرەك يۇلقۇنار،
0 L+ t3 P$ d8 {$ u0 S; D. `: B9 Hئاسمىنىمدا بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرسە ماناندەك.* f/ g; x3 b  j
ئېقىپ چۈشكەن ئازاپنىڭ قۇتىسى بار چىرايلىق،6 Q; E8 y- k! d! o. Z0 h* z' t
قۇرۇپ قالغان بۇلاققا ئىزاھاتلار نە كېرەك.' n! y( N. ~- e. L, m% T

2 l3 Q9 j1 ]% p" ]$ w* Uخوش ئېيتمىقىم تەس كېلەر ئۇچۇپ كەتكەن قۇشۇمغا،
8 B1 t8 o" ?/ `: k0 `قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەك غايىسىدۇر ھاياتنىڭ.
4 L4 S# f& i$ l2 [* ]3 Lتەڭرىتاغدەك تىك تۇرۇپ بارسام ئىلاھ ئالدىغا،
& f9 d7 x5 e5 B: x$ b: Zچېچەكلىرى چاي بولۇپ كۈلۈپ كېتەر ماماتنىڭ .! P& `, s, c8 M7 {3 [; M
              (3): k4 a2 V; w4 e7 q+ K
يىغلاپ- يىغلاپ غەلىتە بارسام مەۋھۇم قىتئەگە،
" e" n7 n9 o% F- v" ^3 xيىلان كەبى ئويناقلار جەبرائىل ۋە سوراقلار.
3 n$ Z$ z5 j2 m* T' d- k; @& Q9 `5 }سېزەلمەيدۇ زادىلا بەخت – ۋىسال سىرىنى،5 D- c- e1 ?2 D& \# L0 i! e* u
ئۆڭكۈر كەبى قاپقارا پاتقاق باسقان ۋۇجۇدلار.9 `% E7 u1 L( B  _

- \5 L( Y6 c& Q+ iئوچۇق- يورۇق مۇڭدىشىش دوستلار ئۈچۈن تىلىكىم،% @6 e& }. k( }/ M: I) {& [
لەززىتى يوق تەرلىسە جۇۋىسىدا خەقلەرنىڭ.: T  s: c9 G. z$ e6 ^7 F
ھەر كۈلكىسى چاياندەك چاقار تەننى ھەر دەقىق،& J. j" c- u7 X1 O+ _
يۈرىكىنى قۇرتلار غاجاپ قويغان پەسلەرنىڭ.1 y, a. N" I2 H
                 (4)) O+ c* X* E/ Q9 w3 k. S" X/ @
پارلاپ تۇرغان  قۇياشتەك يورۇتقۇچى ئىدىيە،
$ C( O8 P& G/ A9 u; S/ vكاھىنلارغا مۇناجات، پەيلاسوپقا پەلسەپە.
3 T( J: }9 r: }9 j2 m5 M0 }كەھرىۋادەك جۇلالاپ ۋۇجۇدقا  نۇر قۇيۇلار،
  H, z% A$ p% C7 Z/ w$ ?# Bپاراسەتنىڭ پەيمانى چېقىلغاندا مىڭ پارە.

" I2 [* x8 E1 X# @

5 P5 A; m  E1 h; z, N% q: gنۇر ۋە كۆزنەك

: t) J. n" `) V+ H  u! J
3 ^/ X$ `* Z; J. c' Y! b$ l. a# R
نۇر پىرقىرار، پىرقىرار يۈرەك؛" {- q+ e( O0 t4 E0 e! G
چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە،
* W2 J& L( Y1 Y/ bچەكسىزلىكنىڭ چېتىدە.
5 D& f$ V3 w2 l# E% i/ q
( J6 d+ L+ v7 B2 l) e. d" Jئىستەك بۆشۈكىگە زاكىلانماقتا3 X; |5 m; W9 w, r0 X- k
چىكىلدىغان قاپقارا تومۇر.
. {. g* N/ v, ^5 x" L5 q7 e( ]9 S; i) y$ s' x6 h/ Y4 C  v( M; A2 }
نۇر پىرقىرار، پىرقىرار يۈرەك؛# l+ m1 ^5 _- L9 ^; m* ^
قامچا ئوينار قاسىلداپ
$ U6 d$ `9 c2 i: E! bكىچىك بالا قولىدا.; ?/ ]' L) b0 G7 p' g  e, K

& T5 Y% D- @8 a3 {! N; v# Mنەگە ماڭدى شەھۋەتخور دادا؟
, g8 }3 ?7 Z1 J( Y: Hئۇخلار كېچە ؛ كۆزنەكلەر قارا.
" B& K% H" ^0 J! P: s4 R, P$ d% b+ O8 F5 d: K& B) _
ھېكمەت ئاراچلىرىدىن
8 X4 l* e! B- f! {3 {سىرغىپ چىقار رەڭسىز قان گۈلى،/ e# M2 R& f* H* w
چىڭقالماقتا ئىشرەت گۈمبىزى.1 c4 d6 [2 F3 A* K6 u9 T) _- ^2 y/ O: m
  w5 V: i! j! x1 W
نۇر پىرقىرار ؛ پىرقىرار يۈرەك،
( z" n% l, ?) rمۈگدەپ قالدى ئەمدى ئاق كۆزنەك.


: t9 H9 `4 s( ]0 m

) k* v' L) J2 {3 B" o
) `2 G. e! F0 l- ~* P
قىمىز، قىز ۋە باشقىلار
3 ]) }! a: D! Q! \- z0 ]1 f& K
7 I5 Z3 g* w% ~  a1 }$ M
( ب گە بېغىشلاپ)$ A5 M' p- @- p0 I8 r
+ T' g5 I, f/ r0 j5 d1 ]# B, Z5 K
كۆزۈمدە چاپار
; ~7 _" a1 G3 a+ H& ?چىلان كۆز لېۋەن.
# J1 V5 Y7 v" h( I
# Y. `" J4 y6 y& y# w& D* N$ Gساقايدى- پۈتتى كۆڭلۈم ياراسى5 i9 M! m3 v1 s# E' J) d0 Q
قىمىزدا قىزاردى قىرغىز دالاسى.
# ?& J( A0 }3 V. y1 @  G8 b4 j% ?7 {' y$ r3 K5 B. T3 `
ئانا سايدىن باشلانغان سەپەر
/ o0 e+ f7 n4 {4 t7 V+ e* I4 H2 Wئىسسىقكۆلدە ئىسسىنىپ+ h3 E5 w4 W2 k# o0 n  m
تۇشتۇق تىكتى مۇزاتتا.
+ _( N4 S( d# `
' @. j$ ^, ~- }, U3 Oئاق توزان خانتەڭرى كۆكسىدە ئوينار6 O; A, e: k$ r8 O, a% a
تامامى ئاق ئۆيدە ئاق قىمىز قاينار.
) \. E, B- {: a$ E- j# L
) ]: H6 k& b, c' Qكۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن$ B4 p1 L/ U1 r% m* ]- W- {
شىر- شىر ئاققان بوستاندا
& U# ~0 \7 E0 @+ M* q# H2 V/ A$ Q. zئوغۇز تاغلىرىدىكى كۆك ياللىق يىگىت
6 b; H) j& @  X5 m6 X3 Tئات چاپتۇرۇپ
5 z& s5 H3 D& p0 x1 C' iچاڭقاپ تۇرۇپ
3 ?" ~5 [. F# p% i5 Mئىچتى ئاق قىمىز.
# s5 S: i3 U2 O4 T6 i4 mئاق ئۆيدىكى پاك لېۋەن
. u# h6 r. U% w5 T5 \* iئانار يۈزلۈك7 ?) H5 H, \! Y* I$ T2 I
چىلان كۆزلۈك بوتىلاق
+ h( V2 k. e& n3 @. p0 p  v% \4 j, Xئانار كەبىي قىزىرىپ
9 j  d0 g1 N- {4 ?      ئىچتى
  Y% r% ~* t8 `4 @( w( cسۇنۇپ بەرگەن
3 V4 g( q6 [; j0 L, jئاق يۈرەكنى تەڭ.
$ M! R! C, E7 I' Q% @- ]
; O0 e' H, x( Kكۆزۈمدە چاپتى
- l6 }2 `0 Q. p7 T* Pچىلان كۆز لېۋەن،) J( u' p2 Y+ ^+ e3 h) ]
ئېسىڭگە پاتتى2 i. D0 Z* Z' f, s# |
قوشاقچى يارەن

.+ P3 `5 u! O$ A3 _9 ]

$ h+ u2 _" E* q& Xسەيياھ قىسسىسى
3 R" w1 }# o2 ~9 r8 |( c(بىر ئارخېئولوگ ھەققىدە)


' k* Z3 ]% n8 C, q8 a
! [9 f! \) x; P% Y. n- Z(1)           0 ]7 h% |# |' B0 v) `
ئاچ قەسرىڭنى!
" q  \, c9 Z, a/ x' p2 D& sئاچقىن سېھرىڭنى!
0 [9 r0 C% p$ ?! x1 s* o; Fكەلدى جابدۇقلۇق
: l# \" _& a; v) I; ^سەيياھ- بۇرۇتقلۇق.5 t2 h; ?  ~9 C9 g4 e0 t1 M  E
(2)" o6 L- a1 T& _
قەلەم، كەتمەن، بوقۇسا- ساپان
8 B$ S6 R7 x/ B6 Sتوققۇز ساراي(1)،مىڭئۆي(2)،كېرىيە(3)' v6 n( A, a7 ~
قىزىل قاغا(4)،نىيە(5)،ئىدىقۇت(6)
/ G  _1 g; x. r0 w. Y( p9 x' }بىر دۆۋە تۇپراققا كۆمۈلگەن مەدرىس# V, y5 r7 A+ C) t, S0 |
خەرىتە ئىچىدە ھەممە-ئالامان7 M3 i% O9 J- j. W# B0 p( a  j0 q* f7 k" c
يىگانە سەيياھ- يېشىل كەپتەرگە
: g& l1 ~. _5 Q" G- C4 w6 s' Qزۇۋانغا كەلدىلەر- سۆزلەر خىرامان
5 t5 G6 Z* h4 _" Aكېمە سۇنىقى،ئارقار مۈڭگۈزى
2 ^* u0 q9 @2 \# z% t, Wزۇۋانغا كەلدىلەر- سۆزلەر خىرامان.
: R2 A8 z' l: N2 T" M( W) u900يىللىق قاراياغاچ( m! W, x8 v2 q- C/ \5 @
تۇپراق يېشىدىكى مويسىپىت يىگىت
! R+ @0 [# c. _, [4 mساقال سىپاپ، ساقلاپ  كەلگەن
+ E6 N5 t( u& mسۇندى بىر ئاياق سايرام قېتىقى
: n, p# b$ G2 K8 j; q$ |; R! {" ~قۇملۇق ئەركىسى- يېشىل كەپتەرگە.$ v7 v. K; R8 b7 R
5 {2 L( u; u9 r2 m$ A/ Z5 L* H  T1 _. Q* ~
سەكرەپ چىقتى كەتمەنلەنگەن
: s- |/ T& P4 Z5 D9 r1 q4 b2 ]مۇددەرىس، تالىپ.
4 X; a& b; i: R: n- D: Zساياز،تۇر- تۇرا،مازار ۋە بازار
0 ~, `5 ^7 k# Y! q' N( `سۇ، دەرەخ،خانىقا،مەسجىت ۋە مۇنار % W0 }% b2 G' B& B5 G
چەك- چېكى بۆسۈلدى؛ بولدى زاھىرەن
  j* e% W7 e! b2 l& ~: p6 k( mسۈكۈتكە شۇڭغۇغان غېرىبلىق تېرەن.- M2 E, x' J/ Y, l
(4); o; q2 F( W( l. y
قېرى كاھىن پەرۋاسىزلىق  ئىلكىدە2 D% s% f! O! ]6 i- i( c8 G
چۈشلىرىگە كىرمەس ھېچنېمە؛
# {, I; l  ?. I; l6 gكىم ئۇ سېۋىن ھېدىن؟
" k. Y# k4 P( {" U* r  `كىم ئۇ ئارخېئولوگ؟
9 X0 b. h! m0 A& ]/ N& W2 o0 Iلىم ئۇ تارىملىق سەيياھ؟/ l6 a4 @3 B0 r) ?
جىسمىدا يېشىلمەس ئاددى تېپىشماق$ O* y' K/ _1 S1 @) C
ھېچنېمە، ھېچقەيەر.
9 F9 U0 u9 Z/ I1 ?6 r+ _تىلىكى بار پەقەت
9 j: K$ j4 B% r+ s- @كېچە قاراڭغۇلۇقى كەلسە دەپ پاتراق
$ m/ r& E% ^# I  f- _% i/ F5 b4 R# kقېرى كاھىن دۇرۇد ئوقار شۇنداق.
! U9 O! |* m8 ?5 a(5)
% V: v$ e  D% i$ P9 V1 ]9 }سوپاخۇن(7)مېڭىپ ئۆتكەن قورغان(8) يولىدا) U" Q( a. o9 G5 f% Y6 L1 x
سەپەردىكى سەيياھ مىنگەن
- w$ j: O6 {+ J4 u0 r( E+ O9 \* x/ Kتۆمۈر ئۇلاغ ئۆردىگە چاپار.6 o; M+ d9 C' d5 b8 J$ D) K; \
سېۋىن ھېدىن چۈش كۆردى
: q& H7 O: j  @4 Pقاناتلىق ئارخېوئوگ- سەيياھنى كۆردى.3 w9 k( O" @3 m4 Q- ^9 d
(6)
, ?* W6 t/ I# f! c4 Fلوپنۇر، تارىم،تەكلىماكاندا
# j6 ]* {+ P2 T3 r0 hكروران گۈزىلىنىڭ كەپىسى ئارا ' G) l' E1 b7 Z9 |
ياۋا كەپتەپ-بۇرۇتلۇق كەپتەر3 r5 m6 f7 ?) c9 N& M2 j/ i- A
بەزەن- بەزەندە) W7 r, p4 w- ^# b& Z/ z: S7 s
دانلاپ سالار يوچۇن كوۋۇكتا
+ N2 c3 w0 `0 y& K7 C' |ياۋا كەپتەر-بۇرۇتلۇق كەپتەر
1 n( K, {: A& v4 F' Eئۈنئالغۇ- تاشپۈتۈك قوينىدا كەپتەر  l5 g" p4 _6 y$ E0 w
كامېرا سول  قانىتىدا+ a1 r) H' `) [8 O; Q
ئوڭ قانىتىدا خاتىرە دەپتەر.8 g  Q" W: Y& v/ y" B4 V
(7)" ~' _! U" e% j2 ]. C3 u+ S
ياۋا كەپتەر- بۇرۇتلۇق كەپتەر
9 v3 s0 u# L. s# R2 _تۇغۇم بالاغىتىگە كىردى شۇ يۇسۇن،
9 @5 X8 t. n1 Z9 P+ ?, Xتۇغدى، تۇغماقتا( D/ L  q& Z: y2 e/ t  `; e
لىققىدە بىر سېۋەت0 I# K$ C1 I6 A2 `/ C7 l+ w  A9 z
شەكىللىك، شەكىلسىز8 X: v- @2 t! W7 Q0 @
مەرۋايىت تۇخۇم.
% T# i! ?& ^# n, O&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
9 b/ ^, L. I" f: @) K' S6 kئىزاھاتلار:
% ^4 D: g6 J! E/ L: s(1)توققۇز ساراي- مارالبېشى تەۋەلىكىدىكى يوقالغان قەدىمىي شەھەرنىڭ نامى.
! x: a5 M# f. }3 M) k(2)مىڭئۆي- باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭئۆيى ۋە بارلىق مىڭئۆيلەر خارابىلىقى.
5 O8 ]0 I1 z/ Q! a9 g(3)كېرىيە- كېرىيە دەرياسى.; }) t: [5 h& H7 D5 g7 {/ R! M
(4)قىزىل قاغا- كۇچا ناھىيەسىدىكى  قەدىمىي قورغان.
8 a1 K6 f# p( x(5)نىيە- نىيەدىكى قەدىمىي شەھەرلەر  خارابىلىقى.; x# t3 @; s( V2 O# f- m* \% k
(6)ئىدىقۇت- تۇرپاندىكى ئىدىقۇد قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى.+ Q- M7 u9 I$ o$ {
(7)سوپاخۇن- ئەسلى ئىسمى سوپاخۇن سۇۋۇر، 3 ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ پولك كوماندىرى،سوپاخۇن تۈەنجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
- A+ j# S! Q! J% t- o" l(8)قورغان-ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ باي ناھىيەسىگە چېگرىداش بولغان قەدىمىي يۇرت. ئىلىغا ئۆتىدىغان مۇز داۋان يولى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.: Y: z' `+ g2 ?! ?0 H8 Y" V. m

' ]- f" y4 R0 n  H0 U. G

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-13 23:09  
% J$ M3 y6 w$ H, g% z1 i. M
8 F0 X, H0 C" [2 |6 v) b5 M; e

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
idraksoft
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:43:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىشق مەكتۇبىغا ئېنىقلىما

3 C; Q3 K2 X8 ~4 f3 r! b8 K) J

ئىشق  مەكتۇبى

تەكرار- تەكرار  تۆكۈلگەن

راست ۋە يالغان ياشنىڭ تامچىسى.

ھەممە تۇيغۇ مۇجەسسەم

سارغايغان ۋاراق.

ئىزچىللىقنىڭ سىرتىدا   

ئېچىپ تاشلار

ئىللىق سېزىمنى.

توزغاق كەبىي لەپىلدەپ ئۇچقان،

ھەممە- ھەممىسى

چېكىتسىز يېزىق.

قۇرىغان دەرەختە  

سارغايغان ياپراق.

' ~1 _+ v# C4 m
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 01:13    U4 ^0 J- t: R& Y' s

2 n2 c/ T1 {0 ]

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ قاتتىكى  تارىم
2 r4 ^  w1 C/ V1 q( y
$ Y& ~* i1 T4 Vسەن 3 @  k- L* T% D$ n
يېشىل چۈشتىن يىراقلىدىڭ  ئەبەتكە.
/ c6 s0 c" o  l7 H$ vتۆمۈر ئورمان قاپلىغان  زىمىن/ S4 Z, }, a, p) T8 E, [! K
كېسەلدۇر- كېسەل.
: ]/ i( j  p* p, qسەمىمىيەت كېسىلىپ، ئارزۇ نېمىدۇر؟!
9 _# f+ `6 s: t1 k7 G' M. b  rئېلىپ كەتكەن  تەڭرى سورىقى 1 J9 r' f1 D0 W
تارىمنى
8 g& _- L! `7 z+ I, Hئۇ قاتتىكى يىراققا. 7 \+ z; h4 M+ H. i# p
ئوخشاپ قالدىڭ. a5 Y+ q. R; w. x
چەكسىزلىكنىڭ چېتىدىن
+ w9 K* d8 D: ]6 q4 f8 Xچىققان ھەسەن- ھۈسەندەك.

( a3 r9 e3 M6 e% R7 W بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:52  : a7 u, L+ C& j/ @/ `

& o* E; |' D8 ?6 f: k- B( ^9 [' R

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇم دېڭىزى
* ^( ^: g3 y4 `4 l$ g  z  ?0 V$ T
, M* f1 T1 u+ O9 ~' P0 A, u: M) G% L; iقۇملۇقتىكى كەچكى قۇياش
" j7 E! ^7 ^- G5 ~7 i$ ?- F$ {ئوخشايدۇ
  h  e2 \( {' q. Pدېڭىزچىنىڭ ئاھ ئۇرۇشىغا.
* ]6 T" j* d/ [  U( _7 Cئۇچۇپ كەتتى بىر پارچە يۈرەك
# P5 [7 U: W6 }' p8 c' p6 Uيىراقتىكى قۇياش يېنىغا.
" W7 f/ Z3 V* K* `8 |
1 E- c: x. {# \) z0 a6 {قاراڭغۇ كېچىدىكى چۆللۈك شامىلى$ \8 j7 g; P6 z9 A0 A
ئۇچۇرتۇپ كەتتى سېرىق قۇملارنى$ ]+ R1 O. \) L; T: K" s! ^
پايانسىز كېچىدە. ~5 e0 k. [9 _& N0 g
بىر ساغلام ۋىجدان
; p- c. ~# r& `' p/ M1 h8 tھالقىت ئۆتتى ۋاقىتتىن جىمجىت.
5 I+ w9 A; A; E! T& B
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:53  ! ^9 v  f; c2 Z) `5 z

$ j: c. }7 I" w

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۇگۇم قوشىقى


' j. x  A- h6 w7 j$ P5 E; Z4 r! ?; c  g

كولدۇرمىلار ئاۋازى

ئاڭلانماقتا يىراقتىن.

چاپار ئات  بوپ  قەدەملەر

كېچىپ ئۆتتى  پىراقتىن.

ئاقار ئادەم كوچىدا،

گۇگۇم  بۈگۈن  مەست – ئەلەس.

خۇددى گۈللەر كەلكۈنى

زەر دېڭىزغا تەڭ ئەمەس.

پەرۋانىلەر  پەر قاقتى

يېنىپ تۇرغان  چىراغقا.

مەستلەپ كەتتى ئالامان

قۇياش پاتتى قاراققا.

لەۋ ياقتىڭمۇ لەۋلەرگە،

ئىچكەن كەبى بىر جام مەي.

كىردىڭ شۇڭغۇپ ئۇپۇققا.

ئاخىرقى رەت كېچەلمەي.

3 }1 I, p" _7 \* C+ T
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:55  " u5 Y! C% g! k( N2 C

& f- ]2 G2 v+ v/ B6 `/ M, D

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:44:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سېغىنچىمنىڭ بىر بېتى


7 R8 H3 e3 A# }+ s% _

جاراھەت ئوقىنى ئاتسا قەست قىلىپ،

ئىستەكنى بەند قىلىپ ئىشرەت ئۆڭكۈرى.

مۇپەسسەل ئىلكىڭگە ئالدىڭ مەست قىلىپ،

شاراپتەك بىقسىغان روھىيەت نۇرى.

جىمغىنە بىر ئاۋاز ئىچىمدە قالار،

زاھىدقا نە ھاجەت يورۇتقۇچى ئاڭ.

چىرىگەن چىركىنلەر ماتەمگە چاپار؛

تۈن كېچە بىردىنلا يورۇپ قالسا تاڭ.

تۇرىمىز روبىرو يىراق ۋە يېقىن،

ئەخلاقنىڭ تېمىدىن ھالقىپ كېتەلمەي.

سېغىنچىم بولسىمۇ بىر قۇرۇق ئېقىن،

قېپقالدىم ئەبەدكە سەندىن كېچەلمەي.


3 d! P2 Y0 p! k& q$ \% M& r( z9 X) W+ S% Z بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:57  9 E; J* D- y8 z1 t8 u
6 I. P3 V2 p/ q( @/ c! [% m

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈنۈگۈنكى رېئاللىق

بىرلا سېنى ساقلايمەن

كەچمىشلىرىم ئاستا- ئاستا سارغىيىپ

قارىچۇقۇمدا ئۇيۇپ قالسا ئاي نۇرى

چىرمىشىمەن كېچىگە غايىب.

كەل ئۇسسۇل ئوينا

ئاي نۇرى ئىچرە،* l  ^9 g% ~. t  @$ g2 J
بۈگۈن ئاخشام  كونكرېت.

ئاستا- ئاستا شۇڭغۇدۇڭ

ئەگىم-ئەگىم ئاي ئىچىگە

ئۇ بۈگۈنكى يېڭى درامما

ئۇ تۈنۈگۈنكى كىيىم تىككۈچى.  

ئاي نۇرىمۇ قالدى كونىراپ،  
! b& u8 T5 ~, ]2 Z0 e  pبىر دەقىقە  چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزەمگە

ئەسلىمەمنى ئاستا- ئاستا ئەسلىدىم.  

قويۇپ بەرگىن ئۆزۈمگە . k* E3 U$ W) [" f
چېكىنەي مەن شۇ كېچە.

# b. W& w) a6 m( V5 S8 E' i( B3 K
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 00:59  
  @( r/ L5 s" ~, C3 h' B' V+ J: g' u4 h" a" L6 l+ g

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جىمجىت ئايرىلىش

ئوخشايدىكەن بىر پارچە خالغا،

گۈل بەرگىگە قونغان بوغۇنچاق.

چىڭقى چۈشتە چۈشكەن قامالغا،

ئېقىپ چۈشتى شەبنەم سوزۇنچاق.

چىغىر يولدىن قايتتىڭ خوش دېمەي،

تاش ئورۇندۇق قالدى يىگانە.

تومۇز چۈشتە بىھۇش لەيلىدىم،

ۋىسالىڭدا بولدۇم بىگانە.

دەھشەتلىكتۇر مەن ئۈچۈن لېۋەن،

دىل بېغىڭدىن جىمجىت ئايرىلىش.

خۇددى تاغ بوپ باستى دىلىمنى،

گۇلزارىڭدا ئاچچىق چەيلىنىش.

سېغىندۇرغان؛ سېغىنغان شۇ پەيت

تىغ يارىسى پۈتتى ئېھتىمال.

تىلغىنارمەن ئوتتا تا ئەبەد،

دىل يارىسى ساقايماس قامال.


1 E# r! E* o: {7 K/ z6 I' J بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 01:00  
( h- c+ t8 r- V0 {
, V0 p2 S& a& B* ]8 p

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  663
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 399
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تەپەككۈرگە باي قەلب بۇ .
2 Y6 }1 A$ f& Y6 J7 {' x. O
. u0 U2 M4 i9 s3 x7 g& G: d( tھى ھى ھى  ئورۇنلارنى خۇددى بىرى ئېلىۋالارمۇ ھە .... ھا ھا ھا  ئوچۇق قەلبلەردە بۇ .( F& h) M- b+ ~: I

Her sey guzel olacak!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1431
تۆھپە : 0
توردا: 270
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەملىشەمدۇق يە؟

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 18:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت!  سىزنى ئاۋارە قىلماي. قولۇم بىكار ۋاقىتتا ئۆزۈم ئالدىرىماي يۆتكەپ قويارمەن.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 653
تۆھپە : 7
توردا: 102
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:31:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ۋە كۆزنەكنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.خېلى ئۇزۇن بوپتۇ سىزنىڭ شئېرلىرىڭىزنى ئۇقۇمىغىلى

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
شۇ ئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 302
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 00:24:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىنكامنىڭ شېئىرلىرىدىن بەكمۇ ھوزۇرلاندىم. ئاكا، ئىجادىيەتلىرى تېخىمۇ گۈللەپ-ياشنىغاي!

شادلىقىم زۇلمەت، ھەسرىتىم ئاپپاق...
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:01:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېگىز نۇقتا" g* J' g0 M8 Q$ Y6 e5 Z$ i# @

5 K) c8 `. @5 y! b9 d) `" }(1)
* S, f. j0 l# Xيىللارنىڭ ئېگىز نۇقتىسىدا تۇرىۋاتقان ' Z$ J+ C: B, ]0 y% [) _
بىر تال قارىغاي چاك- چېكىدىن سويۇلغان.  
( i$ F% R4 K/ ]8 `9 L) }(2)
( B, x: s% z# |6 _! n; |2 Wبىر ناتىۋان مەڭگۈلۈككە ئىنتىلىپ
! n0 |# T+ l4 ?" u) n; Y& q1 Cئۇيقىسىدىن ئويغانغاندا،
, ?  ?5 s5 a0 X- Q* k4 tيىراق  ئەسلىمە
5 i* E9 m5 _, e; X4 V: b$ eتىتىلىۋاتقان ۋۇجۇد % Y( W, }2 _; {3 `, o0 [4 w5 u/ w
ئېگىز چوققىدا توختاپ قالدى دەقىقە،2 _7 Y+ T1 P5 `, i- ]) D8 E
خىرامانلىق بۇ ئۆمۈردىن , d, x, ?2 C/ |  C" A! Z+ u3 t
نېمىلەرنى تېلەيسەن باشقا.
! e  ^$ I: w8 i$ L& ~, N(3)+ p* m# @+ V# d, x- z* Z2 K
نەزم دەقىقىسىىگە يەتكەندە / h- Q5 [0 O# z- c
لەيلەپ  چىقتىڭ پەرىشتىلىككە؛ ( @, B" v- n# N, _6 F
يېتىپ باردىڭ ئاخىرقى چەككە. ( F, w2 Q1 O; L
) S6 c# k4 k7 f1 O

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4197
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەچمىش


0 b* {  H8 D7 X/ T* v, R5 J1 E

ئەتىگەندە

خۇش پۇرىقى مەست قىلار مېنى

پورەك- پورەك ئېچىلىپ رەڭدار.

پۇراپ- پۇراپ قانمايتتىم ئەسلا،

كەمپۈتتەكلا تاتلىق، بىغۇبار.


; E1 |) p; I2 `& u

چىڭقى چۈشتە

قىرغاقلىرى كۆرۈنمەيدىغان

دېڭىز كەبىي كەڭ قۇچاق ئاچقان.

قايناملاردا ئۈزدۈم غۇلاچلاپ،

سۈزدۈم گۆھەر،لاي،ئالاچورتان*.


9 \2 M" d. X. D% G" L* H

كەچتە

مەغرىب تامان پاتقاندا غەمكىن

ئاداققى رەت قۇياش شولىسى.

كۆرۈنمەيدۇ ساددا ھىلالئاي،

گۈل، ۋە دېڭىز، گۆھەر...ھەممىسى.

_____________________________

*ئالاچورتان- بېلىقنىڭ بىر تۈرى


1 P7 {- r7 f% k4 ~5 z  ~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-2 01:15  % b9 J( o( m( S% \

/ z' U2 }% A8 N: y& E4 a

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش