3
ئەي قاراكۆز،قارا كۆز، ئوتلۇق نەزەر تاشلىما،
ئۇنىڭسىزمۇ يېتىدۇ تارتىۋاتقان سىتەملەر.
ئالۋۇن بولۇپ مۇھەببەت دەشىتلىرىگە باشلىما،
مېنى تالاي چۈللەردە تاشلاپ كەتكەن سەنەملەر.
نىگاھىڭدا سۆيگۆ بار،لىكىن لېۋىڭ سۆكۈتتە،
تۇرارتىلىڭ لامۇ- جىم،پەقەت كۆزۆڭ پىچىرلار.
پىچىرلاشلارقىينايدۇ،ئۇمۇندۇرۇپ دىلىمنى،
ئۆزۆم تەنھا،قولۇمدا قېرى قەلەم غىچىرلار.
ئۇمۇندۇرسا كۆزلۆرۈڭ،لېۋىڭ سالار گۇمانغا،
چىقمىغاچقا بىر تەستىق،كۆزۆڭدىكى ئوتلارغا.
كۆزلۆرۈڭگەئالدىنىپ،تۇتقۇزسام مەن قەلبىمنى،
سېتىۋىتىپ قالارمۇ گىلاس لېۋىڭ ياتلارغا؟...
كۆزۆڭ بىلەن لېۋىڭنىڭ تۇتقان يولى بىر ئەمەس،
بىلەلمىدىم سەن ئۆزەڭ ئىككىمىسەن،بىرمۇ سەن؟
گاھى نازغىپ گاھ بازغىپ قويمۇدۇڭ ئەس-ھوشۇمنى،
شەيتانلارمۇ تەلمۆرگەن قالتىس ھۆنەر-سىرمۇ سەن؟!
كۇزۇڭدىكى ئوتلۇرۇڭ ئۈمىد بەرگەن،كۆيدۆرگەن،
ئوتلۇرۇمغا سۇسەپتى لېۋىڭدىكى سۆكۈتلەر.
چاڭقاقلىقنى باسقىدەك تاپالمىدىم بىر جۈملە،
ئىنشالىرىڭ گىرىمسەن، لىكىن سانسىز چېكىتلەر...
تەنھالىقتا قولۇمدا قېرى قەلەم غىچىرلار،
سىياھدانى يۆرۆگۆم — ئەنسىز-ئەنسىز تىپىرلار.
ئوپۇغۇمدا بىر ئۈمىد ئۆچۈپ- يېنىپ جىمىرلار،
چۈنكى، تىلىڭ جىم تۇرار،پەقەت كۆزۆڭ پىچىرلار...
2015-يىلى 25 نويابىر
"قارا كۆز"ـ شېئرلار گۇرۇپپىسى.داۋامى يېزىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-26 18:07