يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 17038|ئىنكاس: 122

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

سېنىڭ ئالقىنىڭ خېزىر ئالقىنى


قاسىم سىدىق

1
  
بوۋا،
ئالقانلىرىڭ سېنىڭ نېمانداق،
شۇنچە يىرىك،شۇنچە كۆپ قاداق؟!
نادانلىق ھەم ھەيرانلىقتا،
قورقۇمسىراپ،
كۆز تىكىپ ئوزاق،
دەيتتىم<<ئالقان بولامدۇ شۇنداق؟>>
ئەمدى چوڭ بولدۇم،
يېشىلدى سىر،يېشىلدى ھېكمەت.
گويا ئېچىل داستىخىنىمدەك،
ئالقانلىرىڭدىن،
بوغۇنلىرىڭغا تۈكۈپسەن نېمەت.
ئۆزۈڭ تەشنا تۇرساڭمۇ شۇنچە،
بىزگە تۈگۈنۈپ،
ساقلايسەن شەربەت!
كۆرمىسەڭمۇ تۈزۈكرەك راھەت،
قىلمايسەن مىننەت.
ئەمدى بىلدىم،
قۇربان قىلىپ بەرنالىقىڭنى،
ئانا تۇپراققا بېرىپسەن زىننەت!

توۋا،
قېنى مېنىڭ ئادەم بولغىنىم،
شۇنچە ئەجرىڭگە،
مۇشۇ كەمگىچە،
ئېيتماپتىمەن تۈزۈكرەك رەھمەت!

2

بۇۋا!
نۇرغۇن ئالقانلارنى كۆردۈم شۇڭغىچە،
بەزىلىرى ھېسىپتەك دىقماق،
بەزىلىرى پىلىكتەك يۇمشاق.
يۈز يۇيغۇچە قاپىرىپ قالغاچ،
<<ۋازىلىن>>نى تەرك ئەتمەيدۇ،
تەرىك ئېتىدۇ ئەمگەكنى ھەر ۋاق!
بۇۋا،
<<ۋازىلىن>>نى ئەسلا بىلمەيسەن،
ئالقانلىرىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇپ،
چىڭ تۇتىسەن كەتمەن دەستىنى،
يېرىلمىسۇن بۇ ئالقان قانداق؟!

3

توۋا،
ھەر قايەردىن ئىزدەپ يۈرۈپتۇق،
يېنىمىزدا تۇرساڭ،
گۈزەللىك سېنى.
ھارمىدىڭمۇ ھەي رەسسام،
تالمىدىڭمۇ ھەي ھەيكەلتاراچ،
سىزىۋېرىپ،
تاراۋېرىپ،
خېنىملارنىڭ گىلاس لېۋىنى.
ئاپتاپ كۆرمىگەن ئاقنانچى ئەرنىڭ،
يۈزماي سۈركىگەن ئاپئاق مەڭزىنى؟!

گۈزەللىك نېمە؟
بارچە گۈزەللىكنىڭ رەمزى-مىزانى،
مۇشۇ بوۋايلارنىڭ قاداق ئالقىنى!
سىزىغىن بۇ ئالقاننى،
تارا بۇ ئالقاننى،
ھەيرانۇ-ھەس قالدۇراي دېسەڭ،
جاھان سەنئەت كۆرگەزمىسىنى!
بۇ ئالقانلار،
بېسىپ چۈشىدۇ،
جىمى ھۆرلەرنىڭ جەزىبىسىنى!
بۇ ئالقانلارنى ئۇلۇغلا،
سۆيگىن،
تاپاي دېسەڭ،
سولايماننىڭ غەزىنىسىنى.

4

بۇۋا،
سېنىڭ ئالقىنىڭ-خىزىر ئالقىنى!
پاتىھە بەر نەۋرىلىرىڭگە،
نۇرغا تولسۇن ئىقبال گۈلشىنى!
پاتىھە بەر،
روناق تاپسۇن ھالال ئادەملەر،
زاۋال تاپسۇن ئوغرى چاشقىنى!
پاتىھە بەر،
ئىشلىمەستىن چىشلىگەنلەرنىڭ،
چىقىپ كەتسۇن،كۇكۇم-تالقىنى!



مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2003-يىل2-سان      



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە:مەن قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە بولغان ھۆرمىتىم  تۈپەيلى ۋاقىت-شارائىتىمنىڭ يېتىشىچە،ئەدىپنىڭ شېئىرلىرىنى ئاساس،باشقا ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى قۇشۇمچە قىلىپ بۇ تېما ئاستىغا توپلىماقچىمەن.مۇنبەرگە يوللىنىدىغان ئەسەرلەر قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا رايۇنىمىزدىكى  ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرى بولۇپ،ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن ۋە بەدىئىيلىك ئۈلچىمى مەتبۇئات تەلىپىدىن ئۆتكەن،مەزمۇنى ساغلام،تىلى ئۆتكۈر ئەسەرلەردۇر.ئايرىملىرىدا ئىملا جەھەتتىن مەسىلە بار بولسىمۇ،مەن خەت ئۇرۇش جەريانىدا تۈزىتىپ ماڭدىم.شۇڭا،مۇنبەرداشلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ،سوغۇققانلىق بىلەن ئىنكاس يېزىشىنى يا ئىنكاس يازماي ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشىنى بىلىشنىلا ئۈمىت قىلىمەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىسمەن ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىغا ئۆزۈم ئىلگىرى يازغان،يازغۇچىلار مۇنبىرى(كونا مۇنبەر)گە يوللانغان‹‹قاسىم سىدىق ئەپەندى ھەققىدە راست-يالغان گەپلەر››ناملىق يازمامنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،ۋاقىپ بولغايسىلەر.
        مەزكۇر تېمىنى تەستىقلىغان ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندىمگە رەھمەت.       


                                           قاسىم سىدىق ئەپەندى ھەققىدە راست-يالغان گەپلەر



                                                                                                                       تايانچىم بار

                                                                        
مۇقەددىمە

        ئەسسالامۇئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىڭىزغابەخت،ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تېلەيمەن.ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى،سىز مېنى تونىمايسىز ئەمما،مەن سىزنى تونۇيمەن.سىز مېنى كۆرمىگەن،ئەمما مەن سىزنى سىرتتىن كۆرگەن.سىز مەن توغۇرلۇق ھېچنېمە بىلمەيسز،ئەمما،مەن سىز توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئاغزىدىن داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ سىزنىڭ ئىزدىنىش روھىڭىزغا قايىل بولغانتىم.ئەنە شۇ قايىللىق تۈپەيلى2008-يىلىغا كەلگەندە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى كېچە-كېچىلەپ كومپىيۇتۇردا ئۇرۇپ ‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن تۇنجى بولۇپ تور دۇنياسىدا تەشۋىق قىلغان ھەمدە تەشۋىق قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ شاھىدى بولغان ئىدىم.ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن 3-4يىل ئۆتۈپتۇ.ئارىدا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەردى،ھەتتا،مەن شۇ تېمىنى يوللىغان شۇ چاغلاردا تور دۇنياسىغا نەزەر كۆزىڭىزنىمۇ سالمايدىغانسىز(كېيىنكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن سىزنىڭ ئۆزىڭىز توغۇرلۇق يوللانغان شۇ تېمىنىمۇ ئوقۇمىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغانتىم.پەرەزلىرىم خاتا ئەمەستۇر)ئەمدىلىكتە ياخشى كۆڭۈللۈك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە بىر تور بىكىتىنىڭ ئېگىسىمۇ بولۇپ قاپسىز.قەدەملىرىڭىز توپىلىق سەھرا يوللىرىدىن ئاسفالىتلىق شەھەر يوللىرىغا كۆچۈپتۇ.ئىزدىنىشلىرىڭىز بارغانسىرى چوڭقۇرلاپقىسمەن ئۇتۇقلارنىڭمۇ ھەغداسى بولۇپ قاپسىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇتلۇقلاشقا ئەرزىگۈدەك ئىش دەپ قارايمەن،ئەلۋەتتە.بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتىم بولسا،سىز بىلەن تور دۇنياسىدا بولسىمۇ ئەسرالىشىش، شۇنداقلا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى بىرقانچە مۇنبەرلەرگە يوللاش جەريانىدا پەيدا بولغان بىرقىسىم ئوقۇشماسلىقلارغا جاۋاب بېرىش ۋە مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەيىمىزدىكى بىر قىسىم تەرەپلەر توغرىسىدا ئۆز پىكرىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.

                     
  بىرىنچى،قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى مەسىلىسى

        مەن شۇ چاغدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش جەريانى توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن‹‹دىيارىم››،‹‹شەبنەم››،‹‹سەلكىن››،‹‹بەرقى››قاتارلىق 6-7 مۇنبەرگە‹‹تايانچىم بار››ئىمزاسىدا يوللىغان ئىدىم.شۇ چاغدىكى بىر قىسىم تورداشلار قۇبۇل قىلالمىغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تىل-ئاھانەتكە سەۋەپ بولغان سۆز‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن ئىدى.كېيىن تورغا كىرمىگىنىم بىلەن مەن بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى كۆزىتىپ تۇردۇم،ئەمما،ئىنكاس قايتۇرمىدىم.غەلۋە قىلغۇچىلار‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن گەپنى بانا قىلىپ ھۆرمەت ئىگىلىرىدىن قاسىم سىدىق،مەمتىمىن ھوشۇر،غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار قاتارلىقلارغىمۇ خېلى تەنىلەرنى دېگەن بولدى.شۇ دەمدە شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، ‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن ئاتالمىنى تۈنجى بولۇپ بىۋاستە ئىشلەتكۈچى مەن.ئەگەر ئاتالمامدا خاتالىق بولسا رەددىيە ماڭا بولسۇن،يوقۇرىقى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.مەن بۇ ئاتالمىنىڭ ئىشلىتىلىشىدە بۇرۇنمۇ چۈشەنچە بەرگەن.ئۆزلىرىنى ئەقىل ئېگىسى دەپ ھېساپلايدىغانلارغا ھازىرمۇ قايتا شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى،ئىنسان زاتىدىن بولغان بىراۋغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۇنچىلىكمۇ قوبۇل قىلالمىغۇدەك رېئاللىق ئەمەس.ئەگەر ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېساپلىغان بىراۋ‹‹مەلۇم بىرسى اللەگە جەڭ ئېلان قىپتۇ››دەپ ئاڭلىسا،بۇنىڭدىن ئەندىكىش كېرەك،چۆچۈش كېرەك.ئەمما،ئېينشتېين خۇدا ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹جەڭ ئېلان قىلدى››دېگەنلىك ھەرگىزمۇ‹‹يەڭدى،چوقۇم يېڭىۋالىدۇ››دېگەنلىك ئەمەس.لېكىن،بەزىلەر بۇ ئاتالغۇدىكى پىكىرنى نەتىنجىلەپ،‹‹قاسىم سىدىق ئېينشتېيننى يېڭىۋالدى دېيىشۋاتىدۇ››دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزلىرى ياسىۋالغان قار بۇۋايغا ئۆزلىرى چالما ئېتىپ يۈرۈشتى.بۇ مەسىلىدە يەنە شۇنى تەكرارلايمەنكى،‹‹جەڭ ئېلان قىلىش››ئۇ پەقەت ئۇرۇنۇش مەسىلىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ،خالاس.ئىنسان ئاتالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىلىم-پەن مەسىلىلىرىگە ئۇرۇنۇپ كۆرۈشى بولسا پۈتۈنلەي نورماللىق.ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە ئۇرۇنىشىغا چەك بىكىتىپ بېرىش،دەرىجە بىكىتىپ بېرىش بولسا،بۇ نورمالسىزلىق.يەنە بىر تەرەپتىن مەن‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن بۇ ئاتالمىنى ئەينى ۋاقىتتا تېمىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى كۈچەيتىپ،تورداشلار ئارىسىدا قىزغىنلىق قوزغاش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن.بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلىرىگە يوللاپ،خېلىدىن كېيىن،‹‹بەرقى››مۇنبىرىگە يوللىدىم.‹‹بەرقى›› مۇنبىرىدە ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىق بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ پىكرى بويىچە‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن بۇ ئاتالمىنى ئېلىپ تاشلاپ،«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››دېگەن ئەسلى ماۋزۇ بويىچە يوللىدىم.ئەمما،قىسمەن تەھلىلچىلەر بولسا،ماھىيەتنى تاشلاپ،ھادىسىنى قامچىلاپ،ئۆزلىرىنى كاچاتلاپ يۈرۈشتى.كۆرگەنلا يەردە تەرىنى تۈرۈپ،قاسىم سىدىق ئەپەندىگە تەنە قىلىپ يۈرۈشتى.بۇ ئەسلىدىنلا توغرا بولمىغان پوزىتسىيە،ئەلۋەتتە.

                  
   ئىككىنچى، قاسىم سىدىق ئەپەندى  ۋە نوبىل مۇكاپاتى مەسىلىسى

        يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر يازغان‹‹ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن‹‹دىيارىم››،‹‹شەبنەم››،‹‹سەلكىن››،‹‹بەرقى››قاتارلىق 6-7مۇنبەرگە‹‹تايانچىم بار››ئىمزاسىدا يوللىغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئىنكاسچىلار ئارىسىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىنى نوبىل مۇكاپاتى بىلەن باغلىۋېلىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى.ئەمما،گەپ ئېنىق بولۇشى كېرەككى،مېنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندى توغۈرلۇق باشلاپ بەرگەن ۋە داۋاملاشتۇرۇپ يوللىغان تېمىلىرىمدا قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىنى باغلىۋالغانلىققا ئائىت ئۇچۇر يوق ئىدى،مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىدىمۇ بۇ گەپ يوق،قاسىم سىدىق ئەپەندىمۇ ھېچقانداق بىر سورۇندا،يازمىدا ياكى مۇنبەردە بۇنداى گەپنى قىلمىغان ئىدى.‹‹قاسىم سىدىق پات ئارىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشمەكچى››دېگەن بۇ گەپنى كىم،قەيەردە دېگەن بولۇشىدىن،قەتئىينەزەر،بۇ زادىلا قاملاشمىغان گەپ ئىدى.چۈنكى،قاسىم سىدىق ئەپەندى بۇ ئىزدىنىشنى باشلىغان ۋاقىتلىرىدا نوبىل مۇكاپاتىنى چۈشەپ ئەمەس،بەلكى ئىلىمگە بولغان ئاجايىپ قىزغىنلىق ئۇنى بۇ كويغا سالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىم سىدىق ئەپەندى بۇ تېما ئۈچۈن ئەرزىيەت چىكىپ يۈرگەن ئۇ يىللاردا نوبىل مۇكاپاتى قىزغىنلىقىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى.شۇنداقلا،بىر ئىزدەنگۈچىنىڭ ئىزدىنىش جەريانىنى يوقىرى چەكتىكى شان-شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا باغلىۋېلىش ئىزدەنگۈچىنى ھالسىرىتىش ۋە خامۇشلاشتۇرۇش باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.مەن ئەدەبىي يازمىلىرىدىن چۈشىنىدىغان قاسىم سىدىق ئەپەندىمۇ ئۇ خىلدىكى كۆپۆك شان-شەرەپلەردىن خالىي ئىدى.ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ مۇشەقەتلىك بۇ ئىزدىنىشىنى توختىتىپ،80-90-يىللاردا تازا گۈللەنگەن پىروزا،پوئىزىيە ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ھەققىدىكى ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ،مۇئەييەن شەرەپلەرگە ئىرىشىپ بولغان بولار ئىدى.ئەمما،ئۇنىڭدىكى ئىلىم-پەن سىرلىرىغا بولغان ئاشىقلىق ئۇنى تاپا-تەنىلەرگە تولغان بۇ يولغا باشلاپ قويغان بولۇپ،ئۇنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشنىڭ نوبىل مۇكاپاتى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق ئىدى.شۇڭا،ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي دەپ قويغان‹‹قاسىم سىدىق پات ئارىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشمەكچى››دېگەن بايانى قاسىم سىدىق ئەپەندىنى ھالسىرىتىش رولىنى ئوينىسا،ئۆكتىچىلىرىنىڭ‹‹قاسىم سىدىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىمەن دەپتۇ››دېگەن ئاساسسىز پىكرى بولسا،قاسىم سىدىق ئەپەندىنى چىرىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،خالاس.شۇ نەرسە قايتا ئېنىق بولسۇنكى،مەن ئېگىللىگەن مەلۇماتلارغا ئاسالانغاندا قاسىم سىدىق ئەپەندى ھېچقاچان نوبىل مۇكاپاتىنىڭ گېپىنى قىلىپ باققان ئەمەس،ئەينى ۋاقىتلاردىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تور دۇنياسىدىكى كۆچەپ تەشۋىق قىلغۇچىسى بولغان مەنمۇ ھەم بۇ پىكىرنى قەتئىي قوللىمايمەن!شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى قاسىم سىدىق ئەپەندى ئىزدىنىشلىرىگە كۆڭۈل بولىۋاتقان باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ بۇ ئاساسسىز پىكىرنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن.بىز پۈرسەت بولسا قاسىم سىدىق ئەپەندىنى ئىلھاملاندۇرىشىمىز كېرەككى،ئەمما،ئىلھام سۆزلىرىمىز ئەپيۇنغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

                        ئۈچىنچى، قاسىم سىدىق ئەپەندى  قىزغىنلىقىدىكى جىك مەسىلىسى

        مەن شۇ ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنى‹‹شەبنەم››مۇنبىرىگە يوللىغان ۋاقتىمدا‹‹شەبنەم››مۇنبىرىدە نوپۇزى بار‹‹دىكى-دىككاڭ››ئىسىملىك تورداش باش-ئاخىرى يوقلا بىر ئىنكاس يېزىپ،بۇ تېمىغا نىسبەتەن سوغۇق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.ئەينى ۋاقىتتىكى قاسىم سىدىقپەرەس مەن_تايانچىم بار بۇنىڭغا قورسىقىم كۆپۈپ،زەردە بىلەن قايتۇرۇپ ئىنكاس يېزىپ،دىكى-دىككاڭدىن ئۆز ئىنكاسىغا ئىسپات كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدىم.بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل پەسكۇيغا چۈشكەن دىكى-دىككاڭ كېيىنكى يازمىسىدا‹‹بۇرۇن جىك ئىسىملىك تورداش‹ئىزدىنىش›مۇنبىرىدە‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي›دەپ بىر نېمە يازغان،شۇ ئېسىمدە قاپتىكەن،شۇڭا،مۇنداقلا دەپ قويغان››دەپ ئىنكاس يازدى ۋە يەنە قايتا-قايتا قىلغان تەلىپىمگە ئاساسەن ئۇ تېمىنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدى.شۇ پۇرسەتتە‹‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي››ناملىق تېمىدىكى يازمىنىمۇ ئوقۇپ كۆردۈم.خۇلاسەم شۇكى،ئۇ يازما ھېچبىر تەبىئىي پەنچى ئاسپىرانت يازغان ماقالىگە ئوخشىمايتتى.پاكىت،دەلىلسىز يېزىلغان بۇ يازمىنى ئاساسەن لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىدىغان ھالقىلىق كەسىپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقان بىرەيلەننىڭ ماقالىسى دېسە كىشىنىڭ تىلى كۆيەتتى.بۇ ماقالىنىڭ تەسىرىنىڭ كۆچلۇك بولىشى،بەلكى،يازما ئىگىسىنىڭ چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلىقى،شۇنداقلا تور دۇنياسىغا بۇرۇنراق كىرىپ،ئۇچۇر خاراكتىرلىك يازمىنى كۆپ يېزىپ،مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.ئەمما،ئۇ چاغدا‹‹ئىزدىنىش››مۇنبىرى ئەزا قوبۇل قىلىشنى چەكلىۋەتكەچكە،قوساق كۆپۈكىنى دېيىشىشكە پۇرسەت بولمىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتىمىن ھوشۇر يازغان‹‹ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى‹‹بەرقى››مۇنبىرىگە(ئۇ تېمىنى‹‹بەرقى››مۇنبىرىگە باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ بىر يىللاردىن كېيىن يوللىغان ئىدىم) يوللىدىم.‹‹بەرقى››مۇنبىرىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرى توغۇرلۇق شۇ تېمىدا مەلۇم پۇرسەتتە جىك بىلەن بىر ئاز تىل ئۇرۇشى قىلغان بولدۇق.جىك بۇ زاكۇنلىشىشتا مۇقەرەر مەغلۇبىيەتچى ئىدى.چۈنكى،ئۇنىڭ تىل ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان‹‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي››ناملىق يازمىسىنىڭ ھۆرمەت ئىگىلىرىدىن مەمتىمىن ھوشۇر ۋە قاسىم سىدىقلارنى سۆكۈش مەزمۇنىدىكى غەلۋىلىرى پۈتۈنلەي ئاڭلىۋالغانلىرى ئاساسىدا ئۆكتە قوپۇش بولۇپ قىلچىلىكمۇ پاكىت ئاساسى يوق ئىدى.گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتقاندا جىك ئەينى ۋاقىتتا‹‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي››ناملىق يازمىنى يازغاندا، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندى توغۇرلۇق يازغان‹‹ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئوقۇپمۇ باقماي تەنقىدلىگەن ئىدى.بۇ ئوچۇق خېتىمنى ئوقۇۋاتقان بەزەن تورداشلار بۇ مەسىلىدە مېنى ئەيىپلەپ،جىكنىڭ بىر يازمىسىنى ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلىغىچە سۆرەپ سازايى قىلىپ نېمە كەپتۇ؟دەپ ئەيىپلىشى مۆمكىن.ئۇلارغا جاۋابىم شۇكى،تور يېزىقچىلىقى ئاللىقاچان تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى.شۇڭا،تور يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقانلار تۇرمۇش قاراشلىرىنى لوگىكىلىق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويغاندا سوبىيكتىپ تۇيغۇسىغىلا تايىنىپ پىكىر قىلماستىن،چوقۇم ئالاھىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى كېرەك.بولۇپمۇ تور دۇنياسىدا مۇئەييەن نوپۇز ھاسىل قىلغانلار بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ دېققەت قىلىشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا پاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالغان قاراشلارنىڭ سەلبىي تەسىرى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ئەكس تەسىر قوزغاپ قويىدۇ.‹‹دىكى-دىككاڭ››نىڭ‹‹شەبنەم››مۇنبىرىدە ماڭا‹‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي››ناملىق شۇ تېما ئارقىلىق ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى.‹‹زىيالىي،قىلغان ئىشى خىيالىي››ناملىق ئۇ ناچار يازمىنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسى ھازىرمۇ بەزەن تورداشلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئەگىپ يۈرۈيدۇ.بۇمۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس،ئەلۋەتتە.ئەمما،مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى،‹‹بەرقى››مۇنبىرىدىكى جىك بىلەن بولغان قىسقا تىل ئۇرۇشىشىدىن جەريانىدا جىك بىر قىسىم ئىشلارنى ئەمدىلەتىن تولۇق بىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ،ئېھتىياجلىق بولسا،ئۆزىنىڭ قاسىم سىدىقتىن ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقى ئېنىق بىلدۈرگەن بولدى.شۇنۇڭ بىلەن قىسمەن چۈشىنىشمەسلىكلەر ھەل بولغان بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا جىكنىڭمۇ پوزىتسىيىسىمۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئاساسسىز تەنقىدلەشتىن‹‹قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ باقاي،زۆرۈر بولسا مۇۋاپىق ياردەملەرنى قىلاي››دېگەن نوقتىغا ئۆزگەردى.ئەلۋەتتە،جىكنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسىنى‹‹جىك قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئىتىراپو قىلدى››دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.ئۇ چاغدا جىك پەقەت‹‹قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ باقاي››دېدى،ئەمما،قاسىم سىدىق ئەپەندى نەزەرىيىسى ھەققىدە چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمىدى.كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم كىشىلەر‹‹جىكمۇ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن››دەپ گەپ تارقىتىپ،شۇ ئارقىلىق قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولغان.بۇ گەپ قاسىم سىدىق ئەپەندىگىمۇ،جىكقىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر كېلىدۇ.
        گەپ ئېنىق بولۇشى كېرەككى،جىك قاسىم سىدىق ئەپەندىگە مۇناسىپ ياردەم قىلماقچى بولغان،ئەمما،قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ نەزەرىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرىپىگە ئۆتمىگەن.جىكنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى توختىتىپ يازغان بىر قىسىم يازمىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ئۇ 2009-يىلى ئامېرىكىدىن يۇرتقا قايتقان.ۋاقىت ۋە شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلى قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن ئەسرارلىشالمىغان.ئۇزۇن ئۆتمەي قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ماقالىسى كۆرۈش پۈرسىتىگە ئىرىشكەندىن كېيىن،ماقالە مەزمۇنىنى ئۆز ئۆلچىمىدە تازا مۇۋاپىق كۆرمىگەن.ئەسلى قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن جىك ئوتتۇرىسىدىكى ئىش شۇ يەردىلا تۈگىسە بولاتتى.كېيىن بەزى بالىلار‹‹جىك باشتىن-ئاخىر قاسىم سىدىق ئەپەندىگە قارشى تۇردى››دەپ جىكنىمۇ ئورۇنسىز ھاقارەتلەپ قويدى.جىكنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىگە مۇناسىپ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىقىغا ئىنكارچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى.مېنىڭچە،بۇ ئادىل پوزىتسىيە ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە جىكمۇ بىر ئىزدەنگۈچى.بىز يوق يەردىن پۇتاق تېپىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىكىمىز كېرەك.ئەمما،جىكنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا يازغان‹‹ئەل ئىچىدىكى پەن تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا››ناملىق يازمىسىنىڭ مەقسەت-نىشانى زادىلا قاملاشماي قالدى.ئۇ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئويلىنىپ قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك ئىدى.

   
  تۆتىنچى،قاسىم سىدىق ئەپەندى توغرىسىدىكى تېما يوللىنىش جەريانىدىكى بىر قىسىم ئاكتىپ پىكىردىكىلەر ۋە قولغا كەلگەن ئۇتۇقلار

        مەن ئەينى ۋاقىتتا مەمتىمىن ھوشۇر يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن مۇنبەرلەرگە‹‹تايانچىم بار››ئىمزاسىدا يوللىغان يوللىغان ۋاقتىمدا تور دۇنياسىدا مەلۇم تەۋرىنىش بارلىققا كەلدى،بەزىلەر ئەقلى بىلەن،بەزىلەر ھېسسىياتى بىلەن تەرىپلىگەن بولدى.شۇنداقلا،يەنە بەزىلەر پاكىتلىق،بەزىلەر پاكىتسىز ئۆكتە قوپقان بولدى.بۇ خىل قىزغىنلىقنى قوللىغانلار ئىچىدە ھېسسىياتىغا تايىنىپ پىكىر قىلىدىغانلارمۇ،ئەمەلىي پىكىر قىلىدىغانلارمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىدى.شۇنداقلا بۇ قىزغىنلىقتىن كاتتا شەرەپلەرگە تىزلا ئىرىشىپ،ئۆز مەۋجۇتلىقىنى بالدۇرراق نامايان قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ئاۋامنىڭ يۈرەك ساداسىمۇ بار ئىدى.لېكىن،رىئاللىق يەنىلا رەھىمسىز ئىدى.داڭلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن ئېيتقاندەك ھايات ئارزۇلاردەك بولمايتتى.ئىشلارنىڭ نەتىجىسىگە يەنە ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك ئىدى.بىزنىڭ شەخسەن مېنىڭ تەشۋىق قىلماقچى بولىۋاتقىنىم ئۇقۇملارغا،شەيئىلەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان،ھاياتىنى ئىزدىنىش جەريانلىرىغا تەغدىم قىلىۋەتكەن بىر ئىلىم تەشناسىنىڭ قىزغىنلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش،ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش،شۇنداقلا كاتتا شارائىتلاردا تۇرۇپمۇ كۈنىنى پارچە-پۇرات قۇرساق كۆپۈكىسىمان يازمىلارنى يېزىش بىلەن ئۆتكۈزىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئىدى،ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى‹‹ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلايدىغان››ئارتۇقچە تاما يوق ئىدى.مەن بۇ مەقسىتىمنى ئەينى ۋاقىتتا يوللانغان‹‹ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئۆزۈم يازغان‹‹تېما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى››قىسمىدا ئېنىق ئېيتقان ئىدىم.مانا مۇشۇ ياخشى مەقسىتىمىزنى توغرا چۈشىنىپ قوللىغانلار ئىچىدە شۇ چاغدىكى بەرقى تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئەيبۇ ياقۇپنىڭ ئىنكاسى خېلى ئۇبدان بولدى.«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق تېمىنىڭ‹‹بەرقى››مۇنبىرىگە يوللىنىش جەريانىدا موتىدىل مەيداندا تۇرۇپ،خېلى ئۇبدان كۈچ چىقاردى ۋە ئۆزى ئېيتقاندەك‹‹قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن بىلىكيار ئەپەندىنىڭ ئالاقىلىشىشى››ئۈچۈن مۇناسىپ كۈچ چىقاردى.تور دۇنياسىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قوللىغانلارنىڭ يەنە بىرى بىلىكيار ئەپەندىم بولدى.بىلىكيار ئەپەندىم مەن.«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق تېمىنى ھەرقايسى مۇنبەرلەرگە يوللاپ بىر يىلدىن كېيىن،‹‹بەرقى››مۇنبىرىگە يوللاپ بىرەر پەسىلدىن كېيىن تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالدى.پەيدا بولدى-دە،ماڭا ئوخشاش قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تور دۇنياسىدىكىلا ئەمەس،بەلكى رىئاللىقتىكىمۇ ئاكتىپ قوللغۇچىسىغا ئايلاندى.بىلىكيار ئەپەندىم قاسىم سىدىق ئەپەندى بىلەن تور دۇنياسىدا ئۇچرىشىپ،ئۇزۇن ئۆتمەي تور تاقىلىپ كەتتى.ئەمما،مەن شۇ يىلى كۈزدە شىنجاڭ گېزىتىدىن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىچكىرىدە مۇھاكىمە يېغىنىغا قاتنىشىپ مۇئەييەن باھالارغا ئىرىشكەنلىكىنى ئوقۇپ خۇش بولغان بولدۇم.بۇ ئىشلاردا بىلىكيار ئەپەندىمنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور بولدى.شۇڭا،بىز قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىش جەريانلىرىدا ئۆزىمىز بىر ئېغىز گەپ بىلەن قوللىيالمىغان شارائىتتا بىلىكيار ئەپەندىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي ئىشلىرىدن سۆيۈنىشىمىز كېرەك.بىلىكيار ئەپەندىمگە تىل-ئاھانەت ياغدۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىزدا ئازراق بولسىمۇ خىجالەتچىلىك ھېس قىلىشىمىز كېرەك.‹‹بىلىكيار ئەپەندى قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئەمگەكلىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى››دېگەنگە ئوخشاش ئەپقاچتى گەپلەرنىڭ ھازىرچە پاكىت ئاساسى بولمىغاچقا،مەن بۇ يەردە ئۇ گەپلەر توغۇرلۇق توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.پەقەت قاسىم سىدىق ئەپەندىنى قوللىغۇچىلارغا ھەشقاللا ئېيتىش بىلەنلا سۆزۈمنى يېغىنچاقلىدىم.

   
بەشىنچى،قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە شۇ خىلدىكى تېمىلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى سەلبىي تەسىر راستىنلا كۈچلۈكمۇ؟

     تۇرمۇش ئەسلىدىنلا رەڭگارەڭ،بۇ رەڭگارەڭلىك ئىچىدە ھەرخىل ئېقىم،ھەرخىل شەيئىلەر ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە داۋام ئېتىدۇ.بىرەر سىياسىي تەشكىلات ياكى بىرەر دەرىجىدىن تاشقىرى ئىدىيە سىستېمىسىنىڭمۇ بىر خەلقنىڭ ئېڭىنى ئوڭ-دۈم قىلىۋىتىشى ئۈچۈنمۇ خېلى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ.قۇربانجان تۈرەك،قاسىم سىدىق، قېقىنۇس(بەلكىم،بۇ ئۈچەيلەننى بىر نوقتىغا ئەكىلىپ مىسال ئېلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەستۇ)لارغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئاللىكىملەر تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنىشى ئۇنچىلىكمۇ ئادەم چۆچۈتكىدەك ئىش ئەمەس.ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ، ئىزدىنىشلىرىنىڭ،يازمىلىرىنىڭ ئېنىق ئىسپاتلىق ئالاھىدە كۆرۈنۈشى ھازىرلانمىغىنىدەك ئۇلارنى تەنقىدلىگۈچىلەرنىڭمۇ تۇتىۋالغۇدەك پاكىت ئاساسى يوق.دەلىلى بار دېيىشكە توغرا كەلسە پەقەت‹‹سەمەت تاغدىن دومىلاپ كېتىپ قازا قىلغان،ئەمەت دۇمىلاپ كەتسە،ئۇمۇ قازا قىلىدۇ››دېگەنلىكتىنلا ئىبارەت.ئۇلار ئايرۇپىلان ھادىسىسىدە يۈزلىگەن چوڭ ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئۈلۈپ كېتىپ،ئۆزىنى قوتقۇزۇشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئەللەينىڭ ساق قالغانلىقىدەك تەپەككۈرىمىزدىن تاشقىرى ھادىسىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ.دۇنيانىڭ سىرلىقلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.بۇ مېنىڭچە توغرا پوزىتسىيە ئەمەس.ئىدىيەيىمىزدىن ئۆتمىگەن ئىشلارنى تەنقىدلىسەك بولىدۇ.بىراق،نەتىجىسى چىقمىغان ياكى مەلۇم شارائىتلار چەكلىمىسى بىلەن نەتىجىسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان،تەنقىدلەشنىڭ ئەمەلىي پاكىت ئاساسى بولمىغان ئىشلارغا چالۋاقاپ تۇقماق كۆتۈرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇيغۇر ئىچىدىكى ئۈچ-تۆت ئاتالمىش ئاشقۇننى تىل ئۇرۇشىدا دۇمبالاش بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئىدېئولوگىيىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ،بىردىنلا كاتتا پىكىرلەر ئىگىسى بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.بۇ دۇمبالاش ئايرىم تەۋەككۈلچىلەرنى سېسىتىشتىن باشقا نەرسەئەمەس.شۇڭا،نىشانلىق يازمىلىرىمىزدا ياكى يازمىلىرىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا بۇ بىر قانچەيلەننى چىشلەپ تارتىۋېرىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.بىر ئاز تاقەت قىلىپ باقايلى.تەۋەككۈل ئىگىلىرى ئۇرۇنۇپ باقسۇن.ھاياتنىڭ ئۆزى ئۇرۇنۇش ئەمەسمۇ.ئەينى ۋاقىتتا دارۋاز ئادىل ھوشۇرمۇ كانادالىق دارۋاز كوكلۇنغا قارىغاندا ئالاھىدە زور شارائىت پەرقى بىلەن سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتمىگەنمىدى.ئۇ غەلبىلىك ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ سىرىك ئۈمىكىنىڭ باشلىقى مىجىت ساۋۇت قاتارلىق بىر قانچەيلەندىن باشقا تالايلىرىمىزنىڭ پىكرى سوغۇق بولغان ئەمەسمىدى.تۇرمۇشتىكى ھەممىلا ئىشنى ئۆلچەملەشتۈرىۋېلىش ئادەت چەمبىرىكىگە مىخلىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئېتىقاد مەسىلىسىگە تاقاشمىسىلا،باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا گۇمان بىلەن قاراش نۇرماللىق،شۇنداقلا ئاقىلانىلىك.باشقىلارنىڭ تەپەككۈر ئادەتلىرىگە ئورىلىۋېلىپ ياشاش بولسا قورقۇنچلۇق.دەرىجىدىن تاشقىرى مېيىپ سىتىفىن خاۋكىڭنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى ياراتقۇچى ئاپىرىدە قىلغان ھەرقانداق بىر ئىنسان زاتىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقنىڭ تىپىك ئىسپاتى،ئەلۋەتتە.

                                                                                 خاتىمە


ئەسلى مەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش جەريانى توغۇرلۇق يازغان‹‹ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى تور دونياسىغا يوللاش بىلەنلا بۇ ھەقتىكى قولۇمدىن كەلگەن قوللىشىمنى توختاتماقچىدىم.كېيىن بولسا،تەبىئىيلا ئۆزۈم يوللىغان تېمىدىكى قاسىم سىدىق ئەپەندى ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا ئارىلىشىپ قالدىم.تور تاقالغاندىن كېيىن ئىزچىل سۈكۈتتە تۇردۇم،بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارنى كۈزەتتىم.لېكىن ئەھۋال يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقى.قاسىم سىدىق ئەپەندى بەزىلەر ئېيتقىنىدەك تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا سالاھىيىتى ماس كەلمىسىمۇ،تىنەپ-تەمتىلەپ شۇ ھەقتە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا سالاھىيىتى ماس كېلىدىغان،ئۆزىنى توختاتقان بىر قىسىم ئەقىل ئىگىلىرى بولسا نەتىجىنى كۈتۈپ سۈكۈتتە تۇرىۋېتىپتۇ.تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا سالاھىيىتى ماس كېلىدىغان،مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان،تەرەققىي قىلغان ئەللەرنى كۆرگەن ۋە كۆرىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ياشلار بولسا،تېخىچىلا ئۆزلىرىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى يېڭىچە تەتقىقاتقا ئىشلەتمەي،تىرەپ-تۈشەپ نەزەرىيە توپلاپ،ئۆزلىرى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ قىلمايدىغان قاسىم سىدىق ئەپەندىگە رەددىيە ماقالىلىرى يېزىپ ئاۋارە بولىۋېتىپتۇ.خۇلاسە گېپىم شۇكى،ئىچىمىزدىكى قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئوخشاش كىشىلەرنى سېسىتماق ئاسان،يېقىتماقمۇ ئاساندۇ،بەلكىم.لېكىن،بۇنىڭ بىزگە كۈچلۈك زۆرۈرىيىتى يوق.سىلەرنىڭ يېراق ئەللەردە جاپاغا چىداپ ئىلىم تەھسىل قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئايىڭلارمۇ ئۇنچە ئاددىي ئەمەستۇ،ئىھتىمال.شۇڭا، تەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا سالاھىيىتى ماس كېلىدىغان، مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان،تەرەققىي قىلغان ئەللەرنى كۆرگەن ۋە كۆرىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ياشلار ئەمدى بۇھەقتىكى تالان-تارىجىنى توختىتىپ،ئالتۇندەك ۋاقتىنى،ئۆتكۈر زىھنىنى يېڭى تەتقىقات مېۋىلىرىگە قاراتسا.بۇ تەشەببۇس ھەرگىزمۇ قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ سىلەرگە چىقارغان ئاق بايرىقى ئەمەس(ئۇ تەرسا ئادەم ئۇنداق ئاسان بەل قويىدىغاندەك ئەمەس)،بەلكى،يازما ئاپتۇرى مېنىڭ تىلىكىم.چۈنكى،بىزگەتەبىئىي پەن تەتقىقاتىغا سالاھىيىتى ماس كېلىدىغان،مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان،تەرەققىي قىلغان ئەللەرنى كۆرگەن ۋە كۆرىۋاتقان ئاز بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئۇچۇر خاراكتىرىلىك بىلىملىرىلا ئەمەس،بەلكى،مۇشۇ يولغا ئات سېلىپ كىرگەن ھەممىڭلارنىڭ، گەرچە،كاتتا،قالتىس بولمىسىمۇ ئۆز قوللىرىڭلاردىن،ئۆز ئەجرىڭلاردىن،ئۆز يۈرىكىڭلاردىن چىققان خاس مەھسۇلاتلىرىڭلار كېرەك،ئەلۋەتتە.


                             2011-يىلى5-ئاي

                                                                          مەنبە:مېڭەم ۋە يۈرىكىم


                                                                                                                     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-18 14:15  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:06:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەنگە خەت

قاسىم سىدىق

ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي،خوتەن سېنى،
روھىم قۇچتى، قۇچمىدى بۇ تەن سېنى.
يېتىشمىگەن قاناتتا يېتەلمىدىم،
چېككىسىگە قىستۇرغاچ ۋەتەن سېنى.

گاھ ساماۋى چۈش كەبى جىلۋە قىلدىڭ،
جىلۋە قىلدىڭ، ئاشىقى تەلۋە قىلدىڭ.
بىرنى، بىر دەپ روھىمدا غەلۋە قىلدىڭ،
«جاھىل» لىقتا دورىغىم بار مەن سېنى.

بىرنى ئىككى دەڭ دېسە، دېمەيدىغان،
بۇ نىجىسنى يەڭ دېسە، دېمەيدىغان.   
ھەممىنى ئادىل تۇرۇپ ئۆلچەيدىغان،
ئەھلى ۋىجدان خۇش كۆرەر جەزمەن سېنى.

بار ئىكەن شۇنچە ئۇلۇغ بىر تارىخىڭ،
ئەر ئۈچۈن ئۆرنەك ئىكەن ھەر ۋارىقىڭ.
بولسىمۇ دەردۇ – ئەلەم، باش ئاغرىقىڭ،
بوپتۇ مۈشكۈلپۈكمىكى دۈشمەن سېنى.

تويغۇزۇپسەن بىر نوچى دەپ – دەپ دېسە،
مەيلى ئۇ، مەن ئۇلۇغ ئەرەب دېسە.
ئۇنىماپسەن، مۇسەللىمىلىك شەرەپ دېسە،
داغدا قاپتۇ كەمچىگەن، كەمچەن سېنى.

مەيلى باي بول، خاھ گادا بۇ گەپ ئەمەس،
روھقا يوق، كانايغا بار «نەپ» نەپ ئەمەس.
ھەشقىپىچەك گۈل بولسىمۇ زەپ ئەمەس،
قەددى مەغرۇر گۈل بىلۇر گۈلشەن سېنى.

ئەجەپ كۆرگۈم كەلدى ئەي، خوتەن سېنى،
بولسا ئۆمرۈم كۆرىمەن جەزمەن سېنى.


مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان            

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:16  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەقلەرگە

قاسىم سىدىق

ھەي ئەخمەقلەر،
سىلەر بىلەن ياشاش بەك ئېغىر،
سىلەرگىمۇ بىز بىلەن قىيىن.
ئېلىڭلار شۇڭا موشۇ زاماننى،
بىز ياشايلى مىليۇن يىل كېيىن.

تالىشىش مەرتلىك ئەمەس،
تالاشمايمىز بۈگۈننى ھەرگىز.
ئاۋارە قىلىمىز تارىخنى لېكىن،
سىلەرنى ئۇزاتسا بىز كېلىمىز.

                                             مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1992-يىل1-سان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:16  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەغەز گۈلگە

قاسىم سىدىق

ھەممە بوۋايلاردىن قالغان ئىكەنسەن،
پۇختا ئاپىرىدە بولغان ئىكەنسەن.
قىشۇ-ياز بىر تۈستە ھېجىيىپ تۇرۇپ،
تالاينى مەھلىيا قىلغان ئىكەنسەن.
ھازىرمۇ تۇرۇپسەن شۇ تۈستە مەزمۇت،
تۇرغاندەك چەكچىيىپ بۇتخاندا بۇت.

چىڭگىزخان شاپاشلاپ ئۆتۈپتۇ بىر چاغ،
قانلاردىن كۆل ياساپ،سۆڭەكلەردىن تاغ.
دەپسەندە بولۇپتۇ ئۇلۇغۋار تۇپراق،
ئاھۇ كۆزلەردىن قان ئىچىپتۇ زاغ.
نومۇستىن ئاھ ئۇرسا زىمىن ئۆرتىنىپ،
يەنىلا تۇرۇپسەن ھېجىيىپ-كۈلۈپ.

ياڭ زىڭشىڭ مەسچىت ساپتۇ بىر زامان،
نادانلىق شەھەرنى ئاپتۇ بىر زامان.
گۇناھكار بولۇپتۇ ئەقىل-پاراسەت،
ئىلىم-پەن تۆھمەتكە قاپتۇ بىر زامان.
شۇندىمۇ مىھراپتا زىننەت ئىكەنسەن،
بۇرۇنقىدەكلا خۇرسەنت ئىكەنسەن.

شىڭ سىسەي جاللاتلىق قىلىپتۇ،قالماپتۇ،
<<ھام>>دەپتۇ بارچىنى يۈتۈپ يالماپتۇ.
جۇۋانلار تۇل قاپتۇ،بالىلار يېتىم،
ۋەھىمە قۇتراپتۇ،ئارام ئالماپتۇ.
يەنىلا تۇرۇپسەن بايرىقىڭ يېشىل،
تاجلىرىڭ قىپ-قىزىل،خۇلقىڭ بەك ئېسىل.

ئۇيغۇرنىڭ قېنىدا تۇرپان بويالسا،
لوتۇنغا سۇيقەست تىغى قادالسا،
ياپراقلار تۆكۈلسە،چىچەكلەر سولسا،
مىسلىسىز خۇرلۇقتىن ئالەم ئۇيالسا.
شۇندىمۇ ئۇيالماي تۇردۇڭ سەن تىمتاس،
راست،سەندە قەلب يوق يا،ئەيھۇنناس.

مەن چېغىم لىن بىياۋ،جاڭ چىڭنى كۆردۈم،
ئوتتۇزغا يەتمەستىن يۈزمىڭنى كۆردۈم.
تىرىشتىم-تىرماشتىم،ئۆلدۈم،تىرىلدىم،
يەنىلا ھېجايغان ئەپتىڭنى كۆردۈم.
بۈگۈنمۇ تۇرۇپسەن قەدىمىي بىر ھال،
پەيلىڭدىن ئالەمگە چىللاپسەن زاۋال.

يوقالغىن قەلبى يوق ئەي كونا مەبۇد،
يوقالغىن مېھرى يوق ھەي سوغۇق تاۋۇت،
يوقالغىن،جان قەستى خەيرىسىز بۇلۇت،
يا دەرىخ،تۇردۇڭغۇ يەنىلا مەزمۇت،
ئالەمنىڭ ئېرىمەس كىرى ئىكەنسەن!

                            مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1991-يىل4-سان   



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-26 12:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق !
      

قاسىم سىدىق



ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،
ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش.
ئېسىپ ئۇرۇش،كۆزىنى ئويۇش،
دىمىقتۇرۇپ سۇغا چۆكتۈرۈش.
لېكىن قىزلار ئۈچۈن ئويۇنكەن،
يىگىتلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈش.


بۇ گۇناھقا كەلمىدى جازا،
قازى كالان يېگەنمۇ پارا؟
پىچاق سالماي،يېقىنمۇ كەلمەي،
قىلىۋەتتى قەلبىمنى يارا.
تا ئەزەلدىن قايسى ئەۋلىيا،
قىلالىغان بۇنى ئىختىرا.


گاھى ئاستا كۈلۈپ قويىدۇ،
تەلپۈنۈدۇ كۆڭۈل بۆلەكتىن.
گاھى مۆكۈپ ئالار نەگىدۇر،
يوقالغاندەك قەمەر پەلەكتىن.
ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،
دەردى ئۆتۈپ كەتتى يۈرەكتىن.


كېچىلەردە بولدى چىرىقىم،
ئامرىقىمغا قايتا يېلىندىم.
ئوت ئويناشقا ئامراق قىز ئىكەن،
مەن ئۇنىڭغا ئوتۇن بىلىندىم.
ئوتۇن بولسام قىينالماس ئىدىم،
قىز قولىدا قەتلى قىلىندىم.


مانا روھىم تىرىلدى قايتا،
بولدى ئەمدى ھوزۇرۇم تۇپراق.
توۋۋا،توۋۋا،قەبرەمگە يەنە،
ئاشۇ قاتىل بوپقالدى چىراق.
بولدى ئۇنى جازالىماڭلار،
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:14  


ۋاقتى: 2012-4-26 16:38:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TAYANQIMBAR نىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكىگە مۇبارەك بولسۇن، قاسىم سىدىق مەن ھۆرمەت قىلىدىغان شائىرلارنىڭ بىرسى. قاسىم سىدىق ناھايىتى ئاز يازىدىغان، يازغانلىرى ئادەمنىڭ دەل يۈرىكىگە بېرىپ تېگىدىغان ھەقىقى شائىرلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. بۇ ئاكىمىزنىڭ بارلىق شېئىرلىرىنى توپلاپ چىقالىساق تېخى ياخشى.

ۋاقتى: 2012-4-26 22:55:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى يۈز يىلدىن كىيىن ئوقۇسىمۇ يەنە شۇ سۈلكىتىنى يوقاتمايدۇ. ئەپسۇس، ئاكىمىزنىڭ كىتابىنى نەشىر قىلىدىغان نەشرىي ئەپكار چىقمىدى-دە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 00:41:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        ئەرچىن،ئابدۇرىشىت ئېلى،تىكەن-قۇشلارغا رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 00:41:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلەككە ئىلتىجا

قاسىم سىدىق

پەلەك بولدى قويغىن چاقچىقىڭنى،
يەنە ئەخمەق قىلما  ئەخمىقىڭنى.
يېتەر ئاھىم، يېتەر بۇ قارا ھىجران،
يۈرىكىمدە ئويناتما زەخمىكىڭنى.

پەلەك بارمۇ قەستىڭ يا مېنىڭدە،
ئەجەبمۇ چۇرگىلەتتىڭ تۈگمىنىڭدە.
باغرىمنى ئۆرتەيدۇ ئاھىم يالقۇنى،
ئۆزۈمنىڭ غېمى يوق قالدىم غېمىڭدە....

بىر ئۆمۈر ئىزدىسەم ۋىسالدىن مېۋە،
ئەجەب بولدى ماڭا ھىجران نېسىۋە.
گاھىدا قوغلايسەن ئۈمىد بېغىدىن،
-        گاھى كۆرسىتىپ نازۇ- جىلۋە....
   
پەلەك ۋىسال بەرگىن، پەقەت ۋىسال بەر،
جانان ئۈچۈن كۆكسۈمدە تەخىتۇ- مۇنبەر.
مۇبادا ئەرزىمگە سالمىساڭ قۇلاق،
تېڭىرقىما، يۈرىكىمگە ئۇر خەنجەر!

1995-يىلى5-ئاينىڭ 30-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-18 14:28  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 00:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەت پەلسەپەسى تېمىسىدىكى رۇبائىيلار

قاسىم سىدىق

ئەي چەكسىز كائىنات رەڭگارەڭ ئالەم،

قوينۇڭدا بىھېساب جومباق مۇجەسسەم .

تەسەۋۋۇر بويلىماس ۋەزنىڭگە ئەسلا،

پۈچەككە ئەرزىمەس ئالدىڭدا ئادەم .


***

ئەي ئۇلۇغ كائىنات يۇلتۇزلۇق ئاسمان،

سېھىرلىك قەلبىڭگە كىم يەتتى قاچان؟

ئۇلۇغلۇق تالاشتۇق سىنىڭدىن لېكىن،

زەررەڭنىڭ ئالدىدا ئەقىل سەرگەردان .


***

يوقلۇقتىن مۇستەسنا جىسمىم ئەپسانە،

جىسمىمدىن مۇستەسنا جىنىم ئەپسانە .

قۇياش بىر زەررىدۇر پەلەك سەتھىدە،

شۇڭا ئۇ كۆرۈنەر بىزگە نۇرانە .


***

تۈنۈگۈن مەن يوقمەن، ئەتە ھەم مەن يوق،

پەقەت بۇ نەپەستۇر ماڭا تەئەللۇق .

ئۆتمۈش ۋە كېلەچەك مەككار مۇقامى،

بۈگۈندىن ئۆزگىسى شۈبھىسىز "يوقلۇق ".


***

ئۆتمۈش ھەغدا ئەمەس كېلەچەك ۋە ھەم،

ئۇ، ساختا مۇقامغا بېرەيلى بەرھەم .

زاماندىن مۇستەسنا بارچە تاماشە،

بۈگۈنكى جەڭگاھتا تۇرايلى مەھكەم .


***

كېلەچەك بار دەيلى كۆرۈپتۇ قايسى؟

ئۇ پەقەت مەجازدۇر ئۇ پەقەت ھىسسى .

" ھازىر"مۇ ھەرىكەت ھەم جىملىقنىڭ رەمزى،

كىمكەن ئۇ- سۈمۈرگەن ئۆتمۈش ھاۋاسى .


***

يوقلۇق ئۇ يوق ئەمەس، يوقلۇق ئۆزگە ھال،

يوقلۇق- ئۇ، جىسىمسىز چەكسىز بىر ۋىسال .

بۇ ئالەم بارلىق ھەم يوقلۇق ئالىمى،

يوقلۇق يار مەڭزىدۇر بارلىق پەقەت خال .


***

پەقەت بىر نوقتىدۇر ئىنسان ھاياتى،

گۇيا بىر گەر دىشتۇر خاكى – ماماتى.

خاك قىلار، خاكىڭغا يەنە بىرەر جان،

كائىناتنىڭ شۇنچىلىك ئىلتىپاتى.


***

زەررىلەر كىسەكتۇر، قەسىردۇر ئالەم،

زەررىلەر تەۋرەنسە بولغۇسى مالەم.

قەسىر ھەيۋىسىگە قىلمايمەن پىسەنىت،

قىلارمەن زەررىنىڭ شوخلىغىدىن غەم.


***

ھەكىم ئىيتۇر؛ بولسا ئالەم ئىپتىداسى؛-

بولۇر تەھقق ئۇنىڭ بىر ئىنتىھاسى.

مەن ئىيتۇرمەن؛ ئۇنىڭدا ئنتىھا يوق،

ھەر بىر نوقتا بىر ئىپتىدا – بىر جۇلاسى.


***

بىر زەررىنىڭ زىمىنچە دارامىتى بار،

بىر زەررىنىڭ ھىسابسىز كارامىتى بار.

بە ھەيۋەت يۇلتۇزلار كۇرەڭلەر نىچۇك،

ۋۇجۇدىدا زەررىنىڭ شىجائىتى بار!.


***

پەلەك كۆكسى ئەگەر بولمىسا راۋان،

سۇرەرمىدى كۆكتە سەييارە دەۋران .

سىنىڭ كۆرگەنلىرىڭ پەقەتلا زەررە،

كائىنات چەكلىك دەپ جۆيلۈمە نادان .


***

قۇياشتىن ئۆزگىسى بولمىسا ئەگەر،

بۇ جاھان ھايالسىز ھۆسنىدىن كېتەر .

نۇر بىلەن زۇلمەتتۇر ئالەمنىڭ كۆركى،

تەنھا پادىشاھلىق زۇلمەتتىن بەتتەر .


***

ئىلاھا، ساڭا مىڭلاپ تەشەككۇر،

جەننەتتىن قوغلاندۇق گاداي لىكىن ھۆر.

جازا بولدى ئادىل، ھىساپ ھەم ئادىل،

جەننەت ساڭا قالدى، بىزگە تەپەككۇر.


***

«زامان» بولالمايدۇ ھەركەت ئۇچۇن چەك،

«زامان» بىر ئەپسانە، مەنىسى پۈچەك.

ئەزىلى – ئەبىدى چەكسىز كائىنات،

«زامان» مومام ئىيتقان بىر كونا چۆچەك.


***

«زامان»غا مۇھتاجى پەقەتلا ئادەم،

«زامان» سىز بەر قارار بۇ كاتتا ئالەم.

ئۆزىمىز توقۇدۇق، چوقۇندۇق ئاڭا،

ئەسقىتىپمۇ قالغاچ بولدى مۆھتىرەم.


***

بىزلەردىن مۇستەسنا قايدىكەن «زامان»..؟

«زامان» بىز ياسىغان تارازا-مىزان.

لېكىن لازىمى بار ھەركەت ۋەزنىنى؛-

«زامان» ئەينىگىدە قىلىمىز ئايان.


***

ئالەم چەكسىز، دېمەك ئاڭا يەتمەك تەس،

چەكلىك، دېمەك يېتىپ بولدۇڭ بەس .

بېشىڭنى قاتتۇرما ھۆكۈما بۇنچە،

كائىنات چەكلىكمۇ چەكسىزمۇ ئەمەس !


***

يا رەسەتخانام يوق، ياكى ئۇستۇرلاپ،

مەن گويا دۇكانسىز گاداي بىر خالۋاپ.

ئىلكىمدە بارى يوق قورالىم مەنتىق،

شىجائەت رىشتەمدۇر، توقۇيمەن زەرباب.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 20:06:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رۇبائىي كائىناتى»دىن تەرمىلەر -1

قاسىم سىدىق

يوللاردا كۆز باردۇر،تاملاردا قۇلاق،
خورازلار غەپلەتتە ھوقۇشلار ئۇيغاق.
   ئۆزۈڭنىڭ مۈلكىگە ئۆزۈڭ بول مەھكەم،
     مەۋقەسىز دوستلاردىن،دۇشمەن ياخشىراق.
                   ***
ئۆلۈم ۋەھىمىدۇر پەقەت تىرىككە،
لېكىن قىلالماس كارھەرگىز ئۆلۈككە.
تىرىكسەن- ئۆلمىدىڭ دېمەك نېمە غەم،
ئۆلۈكسەن نېمە پەرۋا كۆرگۈلۈككە.
                   ***
قاچان بولغان ئىدۇق"گۇناھ"تىن خالى،
"ئادەم"ۋە"ھاۋا" دۇر بۇنىڭ مىسالى؟!.
ئەي، زاھىت ياشاۋەر ئېتىكابىڭدا،
مەن ئۇچۇن خوپراقتۇر يارنىڭ ۋىسالى!.
                     ***   
سەن "گۇناھ"دېگەننى گۇناھ بىلمەيمەن،
سىنى ھەم ھېچقاچان"پاناھ"بىلمەيمەن.
مېنىڭمۇ باردۇر بىرئۇلۇغ پاناھىم،
ئۇنىڭدىن ئۆزگىنى"ئىلاھ" بىلمەيمەن.
                 ***     
ئىجادكار كېلىدۇ "گۇناھكار" ھەر يان،
"گۇناھ"لار ۋەجىدىن ئالمىشار دەۋران.
شۈكرىگە قۇل بولسا جىمىكى ئىنسان،
تاش قورال دەۋرىدە ياشايتتۇق ھامان.
             ***
"ئادەم"نى ئازدۇرۇپ خوپ قىپتۇ "ھاۋا"،
بېشىنى قايدۇرۇپ خوپ قىپتۇ "ھاۋا".
قوغلاندى بولمىسا جەننەتتىن ئۇلار،
قۇرامتۇق زېمىندا بىرگۈزەل مەئۋا؟!
               
                  ***  
پەيغەمبەر"گۇناھكار"ئاتالغان زامان،
مەردۇتلار كۆزىگەقادالغان ھامان.
   مۇھەممەد قىلمىسا شۇچاغدا "گۇناھ"،
ئەرەبكە يېگىلى تېگەمتى سامان؟!

            ***  

ئىلاھا، پاراسەت ئاتا قىل ماڭا،
ئۇلۇغۋار پەزىلەت ئاتا قىل ماڭا.
مەغپىرەت ئەيلىگىن گۇناھلىرىمنى،
يولۇڭدىن چەتنىسەم جاپاقىل ماڭا.

       ***      

"گۇناھ"قا چىللىسام مەردۇت سانايسەن،
ئۆزۈڭنى خۇددى بىرمەبۇد سانايسەن.
    "گۇناھكار"مەۋجۇتتۇر-مەۋجۇتتۇر تارىخ،
      مەئبۇتنى قانداقچە مەۋجۇد سانايسەن؟!.

             ***            

خۇدا، مېنى مەڭگۈ تەلەپكار قىلغىن،
        رايىش قىلما ھەرگىز،"گۇناھكار" قىلغىن.
  رايىشلار ئەزەلدىن كىتەك سالمىغان،
"گۇناھ"بازىرىدا بىناكار قىلغىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 20:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-27 20:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇپ كەتتى بىر گۈلزار


قاسىم سىدىق



تۈنۈگۈنكى گۈلىستان بۈگۈن بولدى تىكەنزار،
كەتتى توزۇپ بىر گۈلزار، كەتتى توزۇپ رۇزىغار.
كەتتى توزۇپ چېچەكلەر بولدى سەرسان، خارۇ-زار،
يېتىم قىزنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز نەدە بار؟!.



بىرئائىلە بىر دۇنيا، ئاتا قۇياش، ئانا ئاي،
پەرزەنتلەر سەييارە، دەۋر قىلار توختىماي.
ئوربىتىسى ۋاپادۇر، ۋاپا كەتسە ھالى ۋاي،
ئايلىنىدۇ دوزاققا، دەبدەبىلىك بۇ ساراي.



بىرئائىلە بىر دۇنيا، بىرمۇقەددەس سەلتەنەت،
مېھىر بىلەن بۇ دۇنيا تاپار ئىقبال–كامالەت.
مىھىر كەتتى-قۇت كەتتى، خانىدانغا ئوت كەتتى،
بولدى يېتىم سەخىرە، يۇتتى زۇلمەت- جاھالەت.



زۇلمەت يۇتقان شۇ بالا جىگەر پارەڭ ئۆزۈڭنىڭ،
كۈلپەت تارتقان شۇ بالا گۆھىرىدۇر كۆزۈڭنىڭ.
گۆھىرىڭنى خار قىلساڭ ئىزدەپ ئارتۇق ھەشەمەت،
تاپالامدۇ كېلەچەك ئىزناسىنى ئىزىڭنىڭ؟!.



ئارزۇلۈغۇڭ ئىدىغۇ، تىلەۋاتقان شۇ بالا،
تونۇربېشى تۇگۇلۇپ تۈنەۋاتقان شۇ بالا.
مۇشتەك تۇرۇپ تېغ تۇتۇپ بۇلاۋاتقان شۇ بالا،
تامشىپ ئاشقان تاۋاقنى يالاۋاتقان شۇ بالا.



تاپقانمىدىڭ بالاڭنى شۇنچە سەرسان قىلغىلى،
چېچەك پەسلى سۇغارماي ياكى خازان قىلغىلى.
مەكتەپ يۇزى كۆرسەتمەي ياكى ھايۋان قىلغىلى،
ئوغلۇڭنى قۇل، قىزىڭنى پۇلغا جانان قىلغىلى؟!.



كەتتى قۇرۇپ بىر گۇلزار، كەتتى قۇرۇپ رۇزىغار،
كەتتى توزۈپ چېچەكلەر، بولدى سەرسان خارۇ-زار.
جاۋاب بەرگىن ئەي ئىنسان، جاۋاب بەرگىن ئەي ۋىجدان،
يىتىملارنىڭ كۆزىدەك ھەسرەتلىك كۆز كىمدە بار؟!.


2005-يىلى8-ئاينىڭ2-كۈنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 20:10  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-28 23:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشايدۇ

قاسىم سىدىق

دىلىمنى ئويغىتار ھەر تاڭ كۆزۈڭ زۆھرەگە ئوخشايدۇ،
كىمىكى كۆرسە ۋەسلىڭنى ساراڭ-سەۋداغا ئوخشايدۇ.

قەلەم ئىلكىمگە چۈشكەندە گۈزەل نەزمەڭگە قول سالدىم،
يۈزۈڭ گوياكى ئاق ۋاراق،قېشىڭ مىسراغا ئوخشايدۇ.

نىگاھىڭ ئۇز،سۆزۈڭ شېرىن،مىسال ئاپتاپقا شوخ جىلۋەڭ،
شۇڭا قەلبىمدە ئىلھامىڭ دېڭىز-دەرياغا ئوخشايدۇ.

لېۋىڭ پىستە،چىشىڭ مەر-مەر،سىياقىڭ بىغۇبار ياقۇت،
بويۇڭ خىلۋەتتە ئېچىلغان گۈلى زىباغا ئوخشايدۇ.

چېچىڭ ئورمان،دىلىڭ گۈلشەن،قىياقتۇر كىرپىكىڭ خۇددى،
جاھان ئايرىلسا ھۆسنىڭدىن قاقاس سەھراغا ئوخشايدۇ.

قەلەندەر بىر قەدەھ سۇندى ئۇنى شەربەتكە قىل پەيۋەس،
پايانسىز چۆل-باياۋاندەك لېۋى تەشناغا ئوخشايدۇ.


                                            مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان                  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 23:44  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-28 23:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق

قاسىم سىدىق


باشقا باشلىقلار بەلەن بۇ باشلىق غەلەت باشلىق،
ئىچىدە زەھەر قاينار، بەكمۇ شۇم تەلەت باشلىق،
باشلىقلىرى كەلگەندە قولى ئوچۇق مەرت باشلىق،
پۇقرا ھالىنى ئىتسا تۆكۇپ كېتەر دەرد باشلىق،
مەككارلقتا شەيتانغا ھەردەم ھەمجەھەت باشلىق.



ئۆزى بىلمەس ئىلىپنى ئىمتىھانغا ئامراق ئۇ،
بولار پەقەت ئاتسىنىت، خەت يىزىشتا خامراق ئۇ،
چەش ئالغاندا ھازىر ئۇ، ئومىلاردا كامراق ئۇ،
شۇنداق تۇرۇپ يادەرىخ، بىزگە"ئۇلگە-بايراق"ئۇ،
ئۆزىگە مۇنار تىكلەپ ھارماس بەد سۈرەت باشلىق.



مەجىلىسلەردە چالۋاقاپ" پاك بولۇش"نى سۆزلەيدۇ،
تۇگمە بەرسەڭ ئالمايدۇ، ئەسلى تۆگە كۆزلەيدۇ،
تۇتۇلمىسا"سەن"لەيدۇ، تۇتىۋالساڭ"سىز"لەيدۇ،
جىمى نۇقسان ئۆزىدە، تىرناقتىن كىر ئىزلەيدۇ،
كىرلا تاپسا باپلايدۇ، بەكمۇ شۇم نىيەت باشلىق.



كىمكى بەرسە ھەق تەنقىد، پالايدۇ شۇنى چۆلگە،
كىم ئالدىداپۇكلەنسە، پۇركەيدۇ شۇنى گۈلگە،
باشنى سوقىدۇ باشقا، پىتنە يايىدۇ ئەلگە،
كۆڭلىگە سېلىپ غۇمنى، باغلايدۇ كەمەر بەلگە،
ئالدىدا قويۇپ توچكا، كىيىن يازار خەت باشلىق.



"ئۆتكەل"لەردە بەك ھوشيار، بولۇپ ئالار مۇلايىم،
سەن تۇگۇل بالاڭغىمۇ سالام قىلىدۇ دائىم،
ئۆتىۋىلىپ كۆرۇكتىن دەيدۇ"نېمە پەرۋايىم،
گەجگەڭگە يۈرەي دەسسەپ. تارتىدۇ شۇنى رايىم!"
ئەجەب ئۇستا قىلتاقچى، تۈلكىگە جەمەت باشلىق.



ئىدارىگە جەم قىلدى نەلەردىن يىغىپ تۇغقان،
ئايالىنى خىزمەتلىك قىلىپ قويدى ئەجەب چاققان،
قىزىنىڭ غېمى پۈتتى، سالدى ئوغلىغا يوتقان،
نەۋرە بولسىدى كاشكى، بولمامتى راسا ئۇتقان،
تۇغقىنىغا ئىشلەتمەس"پرىنسىپ"ۋە"شەرت"باشلىق.



تىشەلمەيدۇ گىلىنى رىشاتكىنىڭ تۆمۈرى،
قازىنىنى قاينىتار ئىدارىنىڭ كۆمۈرى،
كۆپچىلىكنىڭ لىيىدا چاپلىنىدۇ كامىرى،
نەپلا كۆرسە سۈمەرگەچ، پۈتۈپ كەتكەن خامىرى،
ئامبارغا قەدەم قويسا قولىدا سېۋەت باشلىق.



تەكىتلەيدۇ"ئەخلاق"نى، ئوينايدۇ ئۆزى ئاشنا،
ئىدارىدە كىم سەتەڭ، قويىدۇ ئاڭا پاشنا،
دەيدۇ"ئاشنام سەن ئەمدى بەھۇزۇر ياشا، ياشنا،
ئىلغارلىققا سەن تەشنا، لەۋلىرىڭگە مەن تەشنا"،
نېسىۋىسى شۇڭلاشقا قارغىش ھەم لەنەت باشلىق.



بىر سەتەڭگە كۆنمەيدۇ، ھەر يان سالىدۇ قۇشنى،
كۇنلىسە ئايالى گەر، شۇدەم ئوينىتار مۇشتنى،
مۇشتقا كۆنمىسە دەرھال تەڭلەر دورا بىھۇشنى،
ئەپ بېرىپ سەھەر كەچتە ھارام پۇلغا گۆشنى،
روزىغارى قىيامەت، ئالا كۆڭۈل، سەت باشلىق.



باشلىقىغا سۆڭگىتەر، نازىنىنى ئەپ تاپسا،
ئەپ قويمايدۇ قىتىغا، يۇرت- جامائەت گەپ تاپسا،
بولسا مەيلى يۇمشاقباش، بولدى پەقەت نەپ تاپسا،
بالائىكەن ھەر يەردىن مىنىڭ بالام دەپ تاپسا،
تەلەپ قىلسا باشلىقى، قىلغايمىدى رەت باشلىق؟!



بىزمۇ ئادەم ھەي باشلىق، قىلما بۇنچە دەپسەندە،
سۈكۈت قىلساق بىر مەھەل "بېشى يۇمشاق" دەپسەندە،
تېگىپ كۆپنىڭ چىشىغا، بولمىدى كىم شەرمەندە،
بىر چاۋاك بىلەن ئەمدى، مەرتىۋەڭ جەھەننەمدە،
بورانغا چىدالامتى سېسىق- پور سۆگەت باشلىق!


1993-يىل12-ئاينىڭ16-كۈنى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-28 23:46  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش