ئىتلىق بورچۇمنى قىلىمەن ئادا
قاسىم سىدىق
چۈش دېگەنگە نېمە كىرمەيدۇ،
نېمە كەلمەس ياكى خىيالغا.
ئامالىم يوق دۈچ كەلدىم بۈگۈن،
خىيال سۇرۇپ شۇنداق خىيالغا:
قالسام بىردىن ئۆزگىرىپ ئىتقا،
ئىككى قولۇم ئايلانسا پۇتقا.
يۈز- كۆزۈمنى بېسىپ كەتسە تۈك،
كۆنەرمەنمۇ شۇ خىل ھاياتقا؟
بېشىم خېلى قاتتى،بۇرادەر،
چۈنكى سوئال ئاسان ئەمەستە.
ئۇيان ئويلاپ،بۇيان ئويلىنىپ
جاۋاب تاپتىم ئۇنىڭغا تەستە:
ئوخلىمايمەن تۈندە،ئەلۋەتتە،
ۋەزىپەم شۇ تىنماي قاۋايمەن.
مېنىڭ ئۈچۈن ئەيىبى يوقتە،
يالاق يالاپ،سۆڭەك غاجايمەن.
بەزىلەرنى چىشلەيمەن ماراپ،
نىجاسەتنى تاپىمەن پۇراپ.
كىمكى بەرسە كىچىككىنە نەپ،
ئەركىلەيمەن تەلمۈرۈپ قاراپ.
تۈمەن قارغىش يېسەممۇ مەيلى،
ئىتلىغىمنى قىلىمەن ئادا.
شۇنداق قىلسام بولىدۇ رازى،
مېنى ئىت قىپ ياراتقان خۇدا.
بۇيرىمايدۇ ئاللا ئەيىپكە،
ھەرمەخلۇقنىڭ سەۋدا-كۈيىنى.
لېكىن ھېچكىم كەچۈرمەيدىكەن،
ئادەم قىلسا ئىتنىڭ خۇيىنى.
مەنبە:<<تارىم>>ژۇرنىلى،1981-يىل8-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-24 23:54