ئا.ت.ئۆتكۈرگە
(<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>نى ئوقۇغاندىن كېيىن)
قاسىم سىدىق
ئىشلىتىپ ئۆڭمەس بوياق،سۈرەت سىزىپسىز،ئاقساقال،
زەر تاناپقا سۆز ئەمەس،گەۋھەر تىزىپسىز،ئاقساقال.
نەزمىڭىز كەتتى ئېلىپ قەلبىمنى نە-نەلەرگىدۇر،
بۇ تەپەككۈر جاڭگىلىنى ئوبدان كېزىپسىز،ئاقساقال.
ۋەسلىڭىزنى كۆرگىلى ئاچ ئىدىم،تەشنا ئىدىم،
بىر ئىلاھى كۈچ بىلەن ھوجرامغا كېلىپسىز،ئاقساقال.
سىردىشىپ كەتتىم خىيالەن ئولتۇرۇپ بىر جوزىدا،
ياخشى ئۈلپەت كۆردىڭىز،بولساممۇ كەپسىز،ئاقساقال.
كۆپ تۇتۇپ قالدىم پاراڭغا قانمىغاچ تەشنالىقىم،
بىر قېتىم ئەپۇ قىلىڭ،بولدۇم ئەدەپسىز،ئاقساقال.
مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،1988-يىل2-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-28 03:51