ئىگىسى: TAYANQIMBAR

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-4 01:41:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگىنە يار


قاسىم سىدىق


تۈن ئۆتۈر،كۈنلەر ئۆتۈر،كىممۇ ھالىمغا يېتۈر،
كەلمىسەڭ ئاھىم تۇتۇر،كەلگىنە يار.
مېنى ھېجران يىغلىتۇر،ۋەسلىڭ دىلىمنى خۇش ئېتۈر،
كۈلكەڭ جېنىمنى يايرىتۇر كەلگىنە يار.

سەنسىز يۈرەك چاڭقاق ئەجەپ،لەۋلىرىم قۇرغاق ئەجەپ،
مەن ساڭا ئامراق ئەجەپ،كەلگىنە يار.
گۈللىرىم توزغاق ئەجەپ،كەچمىشلىرىم قىرتاق ئەجەپ،
ئارمانلىرىم قايناق ئەجەپ،كەلگىنە يار.

سەنسىز ماڭا جەننەت نېمە،سەنسىز تائام نېمەت نېمە؟
تەلەي،بەخت،دۆلەت نېمە؟كەلگىنە يار.
ھۆرمەت نېمە،ئىززەت نېمە،ئار-نومۇس شۆھرەت نېمە؟
سەنسىز ئەمەستۇر ھېچنىمە،كەلگىنە يار.

مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان           
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-4 01:42  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-12 23:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەئەججۈپ

قاسىم سىدىق


كۆڭلۈم پەرىشاندۇر ئەجەپ،
ئەقلىممۇ ھەيراندۇر ئەجەپ.
ئۆزى تىلەپ كىرگەن خوتۇن،
قازى-سۇلتاندۇر ئەجەپ.

ئاقمايدۇ قىلغان گەپلىرىم،
تۈگىمەيدۇ ئېيتسام دەرتلىرىم.
ئاخشامقى يار-ئۈلپەتلىرىم،
داتاڭدا شەيتاندۇر ئەجەپ.

كۆڭلۇم پەرىشاندۇر،
مۈلكۈممۇ ۋەيرانىدۇر ئەجەپ.
خۇشپۇراق گۈلشەنلىرىم،
ئەمدى خازاندۇر ئەجەپ.

مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان           

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-12 23:15  


ۋاقتى: 2013-10-13 12:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىك بىر يۈرۈش نادىر شېئىرلارن مىنى جەلپ قىلدى. ئالدىرماي بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقىمەن. تېما ئېگىسىگە سالام.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-13 22:27:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاينۇرى يوللىغان ۋاقتى  2013-10-13 12:44
بۇ يەردىك بىر يۈرۈش نادىر شېئىرلارن مىنى جەلپ قىلدى. ئا ...




        رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-20 02:06:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆيدۈرمىگىن

قاسىم سىدىق

ئىشقىڭدا قاخشال بۇ ۋۇجۇد،
كۆيدۈرمىگىن،كۆيدۈرمىگىن.
كۆيسەممۇ كۆيگەيمەن پەقەت،
قىيناپ جېنىم،ئۆلتۈرمىگىن.

سىر ئېرۇر بۇ كەچمىشىم،
خۇپىيانە كۆيمىشىم.
تىڭ-تىڭلىسا دۈشمەنلىرىم،
بىلدۈرمىگىن،بىلدۈرمىگىن.

قەلبىم گۈلىستانىڭ سېنىڭ،
باغۇ بوستانىڭ سېنىڭ.
باغىڭنى قىلغىن پەرۋەرىش،
يانتاق-تىكەن ئۈندۈرمىگىن.

سەنچۇن پىدادۇر جانۇ تەن،
ئەي ھورلىقا،ئەي گۈزەل بەدەن.
قىلسا تەمە كۈندەشلىرىم،
سۆيدۈرمىگىن،سۆيدۈرمىگىن.

مەنبە:<<ئىلى دەرياسى>>ژۇرنىلى،2009-يىل1-سان  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 02:06  


ۋاقتى: 2013-10-20 15:39:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ ناخشىمىز

قاسىم سىدىق

ئەزەلدىن ناخشىچى خەلق بىز،
گاھى خوش، گاھى غەم باسسىمۇ.
زېمىننى تىترىتىپ توۋلايمىز،
ماڭدامدا ئۆلتۈرۈپ ئاسسىمۇ.
بىر چاغلار سادىرنىڭ كۈيىدىن،
يىرتىلغان جاھالەت پەردىسى.
مۇتەللىپ ئاستىدا چەيلەنگەن،
قاراڭغۇ يىللارنىڭ گەجگىسى.
مەڭدىمەي توۋلىغان نوزۇگۇم،
بوينىغا سىرتىماق چۈشكەندە.
قۇياشتەك پارلىغان نازىممۇ،
نوزۇكنىڭ يۇلتۇزى ئۆچكەندە.
مۇبادا ئەينەككە ئوخشاتساڭ،
شائىرنىڭ ئۇلۇغۋار كۆكسىنى.
كۆرىسەن ھەردائىم ئۇنىڭدىن،
دەۋرنىڭ سىياقى-ئەكسىنى.
قارىساڭ تارىخنىڭ بېتىگە،
كۆرىسەن بىر ئۇزۇن ناخشىنى.
ھېچكىممۇ بوغالماس ئەۋجىنى،
ئۇ گويا باھارنىڭ تاشقىنى.
ئانىسىز يېتىمنىڭ كۆز يېشى،
چوكاننىڭ جۇدالىق ھەسرىتى.
قىزلارنىڭ خورلانغان ئىپپىتى،
دېھقاننىڭ بۇلانغان مېھنىتى...
شۇ ئىدى ئۆتكەنكى ناخشىلار،
ھەر مىسرا مۇڭ ئىدى، غەم ئىدى.
ئالەمگە سىغمىغان ئەلەملەر،
ناخشىچى قەلبىگە جەم ئىدى.
ئەزەلدىن ناخشىچى خەلق بىز،
توۋلايمىز مىڭ يىلدىن كىيىنمۇ.
زېمىستان قىشتىمۇ توۋلىدۇق،
باھاردا توۋلىماق قىيىنمۇ؟...

ئىزاھات: بۇ شېئىرنى مەن قاسىمكامنىڭ ئىخلاسمەنى دولقۇن توختايۇفتىن ئاڭلاپ ئۈنگە ئېلىۋالغان. شېئىرنىڭ كەمتۈك ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا قاسىمكامنىڭ ياكى تولۇق بىلىدىغانلارنىڭ تۈزىتىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tikan_kux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-20 15:41  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-4 00:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرەتلىك سەپەر

__ ئوسمانجان ساۋۇت خاتىرىسىگە

قاسىم سىدىق



بىر ئۆمۆر گۈللەرنى كۈيلەپ ياشىدىڭ،
كەتتىڭ گۈللەر سولغان بۇ ئايدا.
بىلمىدىم ياشاي دىدىڭمۇ ئاخىر،
گۈللىرى سولاشماس بىرجايدا....

بەلكىم ،سېغىنغانسەن بوتا كۆزۆڭنى،
بەلكىم چىللىغاندۇ سېنى ئەشۇ گۈل.
يۇقاتتىمغۇ سەپىرىڭدىن ئۆزۆمنى،
سېنى ئەگىشىپ كەتتى بۇ كۆڭۈل.

2013.10.22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-4 00:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-29 00:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوران ئىچىدىكى پەرۋاز



قاسىم سىدىق



زارلىمايمەن ،تالمايمەن ئەسلا،
بورانلارغا قارشى قاقسام پەر.
راۋان يوللار لەزەتسىز ماڭا،
ئۆگەنگىنىم خەتەرلىك سەپەر.
خەتەرلەردە روھىم بەھۇزۇر،
مەن مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئەر!.


زەڭگەر ساما، تىنىچ سەپەرلەر،
مىنىڭ ئۈچۇن ھاقارەت -خورلۇق.
ھەتتا،ئوغۇل تۇغقان ئانامنىڭ ،
تۇز-ھەققىگە قىلغان ئوغورلۇق.
زۇلمەتتە نۇر ئىزدىگەن ئۆمرۆم،
نۇرنى قۇچقان دەملەردىن نۇرلۇق!..


مەڭدىمەيمەن،قوروقمايمەن ئەسلا،
بورانلارنىڭ تەھلىكىسىدىن.
تەپەككۇرنىڭ جاڭگاللىرىدىن،
"مەنتىق"لەرنىڭ ئۆتكۈربسىدىن،
تامايىم يوق خانىقالارنىڭ ،
نىسىۋىسىدىن،
دىمىدىسىدىن......


روھىم ئۇلۇغ، جىسمىم تاغ سۈپەت،
راھەتكە گال، مېھنەتكە دادىل.
ماڭاخاستۇر قەھىرلىك دېڭىز،
ئەۋلادقا خاس نۇرانە ساھىل.
ئەزۋەيلىمە،بىچارە بوران،
بىلىسەنغۇ مەن سەندىن جاھىل؟!...

1998.3.27
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TAYANQIMBAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-3 23:55  


ۋاقتى: 2014-11-6 08:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 80-يىللاردا «تارىم' ژۇرنىلىدا:

«كائىناتتىن كاتتا سەن غايە،
ئالماستىنمۇ قابىل، مۇستەھكەم.
........................
بار گۈزەللىك ساڭا بولغان جەم»

دەپ باشلىنىدىغان «غايە» ماۋزۇلۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغانلىقى ئېسىمدە.ئوقۇپ باقاي دەپ ئىزدىسەم، ھېچ تاپامىدىم.

ۋاقتى: 2015-1-8 17:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەرمە:

راسىت ئەمەسمۇ،قويۇلغان مەسىلىدىن قېچىپ مۇھاكىمە قىلمايدۇ،سىنىڭ خاتا دەيدۇ-يۇ،ئىسپات كۇرسىتەلمەيدۇ.بۇ قانداق ئىش بولغىنى؟

بۇ بەغەرەزلەرنىڭ مەقسىدى مىنى باشقىدىن شائىرلىق كوچامغا ھەيدىۋىتىش ئوخشايدۇ.ئۇ كوچىدىمۇ بەغەرەزلىككە سۈكۈت قىلمايمەن ۋە قىلمىغان.ئىشەنمىسە ھازىرلا يازدىم ،مانا:

بەغەرەزلەرگە


بايانىڭغا دەلىل كۇرسەت،دەلىلسىز يايمىغىن پىتنە
ساڭا قىلدىم دىمە ھەرگىز،خەلق قازى،جاھان ئۇتنە.


ئەگەر بىر سىرنى يەشمەككە ناقابىل كەلسە ئىدراكىڭ،
بۇ ئىشنى قابىلى قىلسۇن ،سۈكۈت قىل،چەتنىگىن-چەتنە!


ئەگەر جەرراھ بولۇر بولساڭ،جاراھەتنى تېپىپ تىغ ئۇر،
ماڭا لازىمكى بۇ سايمان،قىلىپ بولغان مىنى خەتنە!....


2015.1.8

مەنبە 328-قەۋەت:

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?m ... mp;extra=#pid342092

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 18:15  


ۋاقتى: 2015-1-9 00:39:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

“ئىڭڭە” ساداسىدەك جۇشقۇن سادا يوق،

تەۋەللۇتتەك كاتتاسۈرەت-نەما يوق.

ساماۋى دۇنيادۇر ئانا ئىڭرىشى،

ئۇنىڭسىز ئەۋلىيا يوق -ئەنبىيا يوق!


_ قاسىم سىدىق روبائىلىرىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-14 19:29  


ۋاقتى: 2015-1-9 10:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمكامغا بەرىكەتلەر بولسۇن، سەرخىل شېىرلاردىن ھوزۇرلاندىم، «بوران ئىچىدىكى پەرۋاز»دىكى ماۋۇ  «ئەۋزەيلىمە» سوز «ئەزۋەيلىمە» بولغىيمىدى، دەپ ئويلاپ قالدىم...

ۋاقتى: 2015-1-9 17:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TAYANQIMBAR يوللىغان ۋاقتى  2012-4-26 12:05
ئوقۇرمەنلەر دىققىتىگە:مەن قاسىم سىدىق ئەپەندىمنى ...

           مۇھتەرەم  قاسىم  سىدىق ئەپەندىنى  70-يىللاردىكى  ‹‹دوست ›› دېگەن  شېئىرى ئارقىلىق
تونىغان .  80-يىللاردا  تونۇشقان ،90-  يىللاردا  غۇلجا ناھىيىسىدىكى  قەدىمى تېرەكلىك چوڭ باغدا

ۋاقتى: 2015-1-9 17:59:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 17:45
مۇھتەرەم  قاسىم  سىدىق ئەپەندىنى  70-يىللاردىكى   ...

       نەچچە يۈز  كىشىلىك يىغىلىشتا  مۇشائىرە  قىلىشقان ئىدۇق . بۇ كۆرۈنۇشلەر ھېلىمۇ ئېسىمدە .
‹‹ تايانچىم بار ›› - دوستىمىزنىڭ  يازمىلىرىنى كۆرۈپ، شېئىرىيەت سەپىرىدە  ‹‹ئۇنتۇلغان ››  بۇ  شائىرنى  ئەسلىدىم  ۋە سېغىندىم . ......................................................................

                      قاسىم سىدىق ‹‹شائىر ئەمەس ›› ، شېئىر ئۇنى  تۇغۇپ ئالغان ،
                      قەلىمى يوق  ئۇنىڭ  پەقەت ،  قېنى تاشقا  ئۇيۇپ  قالغان .
                      جۇت - شىۋىرغان  كۆمسىمۇ  گەر ،  يېرىم ئەسىر  پايانىدا ،
                      قەلبى ئويغاق  يىگىت - قىزلار  پاياندازنى يۇيۇپ سالغان.

ۋاقتى: 2015-1-14 18:56:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 10:22
قاسىمكامغا بەرىكەتلەر بولسۇن، سەرخىل شېىرلاردىن ھوزۇ ...

رەھمەت.ئېيىتقىنىڭىز توغرا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-5 20:15  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش