يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2768|ئىنكاس: 91

قاسىم سىدىق:"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
نىيوتۇن ئالمىنىڭ يەرگەچۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ «ئالەملىك تارتىش كۈچى»نى ئويلاپ تاپقان ئىدى.ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىنى تارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى.لىكىن ،ھازىرغىچە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ئۆزۆل - كېسىل ئىسپاتقا ئىرىشەلمىدى.ئۇنىڭ ئۆستىگە نۇۋەتتە گىراۋىتۇن،تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋەتارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دەيدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
مەن بۇ تېمىدا نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى ،ھەركەت شەكلى قاتارلىق ئۇقۇملار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ دەسلەپكى يەكۆنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.ئوخشىمىغان تەپەككۆر يوللىرىدىن مېڭىپ كۇرۆش تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتە زۇرۇرى ۋاستە.ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.


ياش نىيۇتون ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ"ئالەملىك تارتىش كۈچى"نى ئويلاپ تاپتى

1

«ئېغىرلىق» _ خۇددى ھەركەتكە ئوخشاشلا زەررىچە ياكى جىسىم «ئۇزىدىكى نەرسە» دەپ قارالسا «تارتىش كۈچى»ھەققىدە بەزى يېڭىچە پەرەزلەرنى كەلتۆرۆپ چىقىرىشقا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى مۇشۇئالما «ئۇزىدىكى نەرسە».ئالمىنىڭ بېغىدىن ئۆزۆلۈپ تۇۋەنگە چۈشكەن ھەركىتىمۇ ئالما ئوزىنىڭ ھەركىتى.ئالما تېخى شاختىكى ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى بىلەن ،قوياشنى چۆرىدىگەن ئوربىتىلىق ھەركىتىگە تەڭ قاتنىشاتتى.بېغىدىن ئۆزۆلگەندىن كىيىن ھەركەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش يۆز بەردى ۋە تۆۋەنگە چۈشتى.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بېغىدىن ئايرىلغان ئالمىنى مۇئەللەقتە جىم تۇرغۇزماي يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى.ۋەھاكازا دىگەندەك.

بۇ خىل تەپەككۆر يۆنىلىشىدە يەنە ئىزچىل مېڭىپ باقساق مول تەساۋۋۇر دۇنياسى ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ.مەسىلەن:
1.يەرگە چۈشكەن ئالمىنىڭ ئۇزىدە ئەزەلدىنلا بار ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.ئالما بېغىدىن ئۆزۆلگەن دەسلەپكى پەيىتلەردەئىنىرىتسىيە تۆپەيلى ئونىڭ ھەركىتى يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا تۆۋەنلەش بولىدۇ.تەدىرىجى ئېغىش مىقدارى قىسقىراپ،يەرگە يۆزلەنگەن يۆنىلىشتىكى تىزلىكى ئېشىپ بارىدۇ.لىكىن يەنىلا ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.يەنى ،ئالما شاختىكى ۋاقىتتا قانچىلىك ھەركەت مىقدارىغا ئىگە بولغان بولسا،يەرگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ يىغىندى ھەركەت مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.

2.ئالما يەر يۆزىگە چۈشكەندىن كىيىن قارىماققا «جىم»تۇرغىنى بىلەن ماھىيەتتە ئونىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.چۈنكى ئۇ ئەمدى يەر شارى بىلەن ھەم ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىگە ھەم ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.يەر شارىنىڭ بارلىق تەركىپلىگۆچىلىرىمۇ ھەم شۇنداق.

يۇقۇرقىلاردىن بىز ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ ئۇزگىرىشى سەۋەپلىك ھەركەتنىڭ ئومۇمى مىقدارىدا ئۆزگۆرۈش بولمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.يەنى بۇ يەردىكى ئۇزگۆرۆش پەقەت ھەركەت  شەكلىدىكى ئۇزگۆرۈش،ھەركەت شەكلىنىڭ ئالمىشىشى بولۇپ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىدىكى ئۇزگۆرۈش ئەمەس.

2

بەزىلەر يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىمنى ئاڭلاپ«ئۇنداقتا ئېغىرلىق ھەممىگە ئايان پاكىتقۇ،بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!»دېيىشى مۆمكىن.تۇغرا،ئېغىرلىقنىڭ مۇئەييەن شەرىتلەر ئاستىدا ئىپادىلىنىدىغانلىغى پاكىت.لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە ئېغىرلىقمۇ سىكاليار(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن.بېغىدا ئېسىلىپ تۇرغان نىيوتۇن ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى يەر مەركىزىگە يۆزلەنگەن بولغاچقىلا  بېغىدىن ئاجىرىغاندىن كىيىن يەر يۆزىگە چۈشكەن!.
يۇقۇرقىچە قاراشتا «تارتىش كۈچى »ئارتۇقچە ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن ئۇقۇم ۋە خاتا سەزگۆ بولۇپ قالىدۇ.يەنى بۇ ھالدا بىز "تارىتىش كۈچى"ئۇقۇمى ۋە ئاتالغۇسىدىن ۋازكېچىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا "ئېغىرلىق كۈچى"ئۇقۇمىنى ۋە ئاتالغۇسىنى دەسسەتسەك بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق شەكىلدىكى«كۈچ» يۆنىلىشكە ئىگە.

بەزىلەر يەنە ئالەم بوشلۇغىدىكى ،بەزى ئەمىلى تەجىربە ۋە ئىدىيال تەجىربىلەردىكى ئېغىرلىق كېمىيىش،يوقۇلۇش ھادىسىسىنى شىپى  كەلتۆرۆپ"ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!"دىيىشى مۆمكىن.بۇ سوئالنىڭ جاۋابىمۇ بەك ئاددى.

ئېغىرلىق يوقالمايدۇ،پەقەت ئۆز شەرىتلىرىگە كۇرە بەزىدە بىز ئۇنى ئۆلچىيەلمەيمىز.يەنى ئۇ بەزىدە «مۆكۆۋالىدۇ».
يىتەرلىك تىزلىكتە پىقىراۋاتقان ،سىزىقلىق ھەركىتى ،تەۋرىنىشى ئىنتايىن كىچىك بولغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ «ئېغىرلىغى» ھەممە يۆزىگە دىگىدەك تەقسىملەنگەن بولىدۇ.ھازىرقى تېخنكا شارائىتىدابىزنىڭ ئۇنى تارتىپ چىقىدىغان تارازىمىز يوق.بىز ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكىنى پەقەت نەزەريىۋى جەھەتتىن مۇ ئەييەنلەشتۆرەلەيمىز.دىمەك ئېغىرلىقنىڭ نەزىرىمىزدىكى كېمىيىشى ياكى يوقۇلىشى ئونىڭ ھەقىقەتەن يوقالغانلىغىغا تەڭ ئەمەس.پەقەت ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئۇزگەرتتى خالاس.

3

مىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىم ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بىلەن ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانونى ئاساس قىلىدۇ.
يەكۈنىم شۇكى: نەچچە ئەسىرلەپ باش -ئاخىرىغا چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان «تارتىش كۈچى»دىن ۋازكېچىپ «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش كېرەك.«ھەركەت _ ھەركەت قىلغۇچى ئوبىكىتنىڭ ئۇزىدە بولىدۇ»دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا نىيوتوننىڭ ئالمىسىنى يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان كۈچ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئەمەس بەلكى نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئۇزىدىكى ئېغىرلىق كۈچى ۋە  ئۇنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى.بىز بۇ راسىت ۋە يالغان كۈچلەرنىڭ خاسلىقلىرىنى ،شەرىتلىرىنى ،يۆنۆلۈشلىرى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلساق يۇقۇرقى تەشەببۇسنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەسكەرتىش :
قالغان مۇلاھېزىلەرنى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلايمەن.تورداشلارنىڭ بۇ  تەشەببۇسلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى كۇرسۆتۆپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.قىززىقمايدىغانلارنىڭ تېمىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ ماڭا ئازار بېرىپ كەتمەسلىكىنى سەممى ئۆتۆنىمەن!.


2014.1.9


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 17:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 17:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

موھىم تۆزۆتۈش:
تېما 2-ئابزاستىكى "سىكاليار(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن."دىگەن جۆملىدىكى "سىكاليار" دىگەن سۇز"ۋىكتۇر"دەپ تۆزۈتۆپ ئوقۇلسۇن.
________________________
ئادەتتە بىز ئېغىرلىقنى ئۆلچەشتە تارازىغا تاينىمىز.ئېغىرلىقنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى تارازا يۆزىنى باسقان ئەھۋالدىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۆلچىيەلەيمىز.مۇبادا ئېغىرلىق مۇقىم بىر سىزىقلىق يۆنىلىشكە ئىگە بولمىسچۇ؟.مەسىلەن ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان سېستىمىلاردا ئېغىرلىق پۈتۈن يۆزگە تەڭ تارقىلىپ كەتسە ئۇنى ئادەتتىكى تارازىلاردا ئۆلچىيەلمەيمىز ياكى پەقەت تارازا يۆزىگە چۈشكەن قىسمىنىلا ئۆلچىيەلەيمىز.يەنە بىر شەرىت بار،ئۇ بولسىمۇ تارزىنىڭ بىر تاينىش نۇقتىسى بولۇش.ئالەم بوشلۇغىدا ئېغىرلىق يوقۇلۇش ۋە ياكى كېمىيىپ كېتىشى مۇشۇنداق بىر تاينىش نۇقتىسىنىڭ بولمىغانلىغىدا دەپ قاراشمۇ نەزەر دائىرىمىزگە ئېلىنىشى كېرەك.لىفىتتا ئېغىرلىق كېمىيىش ھادىسىسىنىڭ يۆز بېرىشى مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.

مانا مۇشۇنداق تەپەككۆر قىلغاندىلا ئېغىرلىقنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ياكى يوقۇلىشىنىڭ ماسسىنىڭ كېمىشى ياكى يوقۇلۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىغىنى كۇرىۋالغىلى بولىدۇ.يەنە مۇشۇنداق بولغىنىدىلا  فىزىكىدىكى ماسسا ساقلىنىدۇ،يوقالمايدۇ دەيدىغان پىرىنسىپال ئىدىيە بىلەن ،ئېغىرلىقنىڭ كېمىيىپ كېتىشى،يوقۇلۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆنۆملۆك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 09:03  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 17:54:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تېمىنىڭ«باغداش»تىكى ئۇلىنىشىى:

http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-1-1.html



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-9 18:10:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماسسىنىڭ ئۇزى ھەركەت مىقدارىغا ۋە ھەركەت يۆنىلىشىگە ئىگە بولىدۇ.ماسسا بىلەن ھەركەت مىقدارى ۋە ھەركەت يۆنىلىشى بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشى ئالما ئوزىدىكى ماسسىغا يۆكلەنگەن ھەركەت مىقدارى ۋە ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىنىش شەكلى.ھەرگىز يەرشارىنىڭ ماسسىسىغا يۆكلەنگەن ھەركەت مىقدارى ۋە ھەركەت شەكلى ئەمەس.مەسىلىگە مۇشۇنداق قارىساق «يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى»نىڭ تازا ئەھمىيىتى قالمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

نىيوتۇننىڭ ئالمىسى شېخىدا تۇرغان ۋاقتىدا يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى ۋە ئوربىتىلىق ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.يالغۇز بۇلا ئەمەس،ئۇ يەنە قۇياش بىلەن سامان يولىنى ئايلىنىش ھەركىتىگە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.مۇشۇ ھەركەتلەرنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئالمنىڭ ھەركەت مىقدارى ھېساپلىنىشى كىرەك.بېغىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئالما تەدرىجى تىزلىشىپ مۇشۇ ھەركەت مىقدارىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلىدۇ.بۇنى ھېساپلاپ بېىقىش كىرەك ئىدى.مۇبادا ئارتۇق قىممەت چىقسا تارتىش كۈچى بار دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.بالانىس چىقسا ياكى كەم چىقسا تارتىش كۈچى يوق دەپ قارىماي چارە يوق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 19:47  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 08:51:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قوياي،مەن «تارتىش كۈچى»دىگەن بۇ ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا «ھەركەت مىقدارى بىلەن ماسسا بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ»دىگەن ھۆكۆمگە ئاساسلاندىم.مۇشۇ ھۆكۆم پۇت تىرەپ تۇرالمىسا مىنىڭ تارتىش كۈچى دىگەن ئۇقۇمدىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسۇممۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.شۇڭا ئالدى بىلەن «ھەركەت مىقدارى بىلەن ماسسا بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ»دىگەن بۇ ھۆكۆمنى تەنقىت ئۆتكىلىدىن ئۆتكۆزۈش كىرەك.بۇ ھۆكۆم پۇت تىرەپ تۇرالىسا تارتىش كۈچىدىن ۋاز كېچىش تەشەببۇسۇممۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.بۇنىڭغا باشقا ھېچقانداق ئامال يوق.ھېچبولمىغاندا مەن ئۇزەم تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپالمىدىم.ئامالى بارلار بولسا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 11:15:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ ھەركىتى

جىسىملارنىڭ ئېغىرلىق كۈچى تەسىرىدىن تېنىچ ھالەتتىن باشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈش ھەركىتى.يەر يۇزىگە يېقىن جايدا ھاۋانىڭ قارشىلىغىنى ئېتىۋارغا ئالمىغاندا،جىسىمنىڭ تۆۋەن چۈشۈشىنى تەقرىبى ھالدا تۆز سىزىقلىق تەكشى تىزلىنىشچان ھەركەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئۇنىڭ تىزلىنىشى ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى بولۇپ،تەخمىنەن 9.8مىتىر سىكونىت كىۋادىراتقا تەڭ بولىدۇ.

"قىسقىچە فىزىكا لوغىتى" _ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 106-بەت.

ئەمدى يۇقۇرقى 9.8مىتىر سىكونىت تىزلىكىنى نىيوتۇن ئالمىسىنىڭ بېغىدىن ئايرىلمىغان چېغىدىكى ئومۇمى ھەركەت مىقدارى ۋە ياكى تىزلىكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرۆڭ.مۇنداقلا قارىساقمۇ نىيوتۇننىڭ ئالمىسى شېخىدىكى چاغدا بۇنداق ھەركەت مىقدارى ۋە تىزلىكتىن غايەت زور تىزلىككە ،ھەركەت مىقدارىغا ئىگە ئىدى.چۈنكى بۇ ئالما يەرشارىنىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتى،قوياشنىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتى،يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى قاتارلىق ھەركەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ بېغىدىن ئۆزۆلۈپ يەرگە چۈشكىچە بولغان جەرياندا ئەشۇ ھەركەت مىقدارىنى ساقلىغان بولىشى كىرەك.بۇ تىزلىكنىڭ ئەقەللى مىقدارى 800كىلومىتىر سىكونىتتىن كەم ئەمەسقۇ دەيمەن.مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇپ كۇرىدىغان بولساق"تارتىش كۈچى"ئىدىيىسى بەكمۇ بېچارە ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى ۋە تىزلىكى 800كىلومىتىر سىكونىت دەپ قارالغان (ھەقىقىسىنى ئايرىم ھىساپلاش كىرەك،بۇ بىر مىسال )ئەھۋالدا يەرگە چۈشۈش جەريانىدا بۇتىزلىكتىن ئېشىپ ئونىڭغا 9.8مىتىر سىكونىت تىزلىك قوشۇلۇپ قالغان ئەھۋالدىلا تارتىش كۈچى مەۋجۈتكەن دىيەلەيمىز.ئۇنداق بولمىغاندا تارتىش كۈچى ئۇقۇمىدىن گومانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە ھەقلىق بولۇپ قالىمىز.

قارىغاندا ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى جىسىم( ئالما)نىڭ ئۇزىگە خاس مىقدار بولۇپ،ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ «تارتىش كۈچى»بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك قىلىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 12:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 13:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچى تىزلىنىشى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى كەلتۆرۆپ چىقاررغان مىقدار دىيلىسە جىسىم(ئالما)ئۇزىنىڭ ھەركەت مىقدارى قەيەرگە كەتتى؟.قېنى قايسىڭلار بىر نىمە دىيەلەيسىلەر؟.

ئېغىرلىق كۈچى مەيدانى

يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنى كۆرسىتىدۇ.ئادەتتە يەر شارى ئەتراپىدىكى ئانچە چوڭ بولمىغان دائىرە ئىچىدىكى ئېغىرلىق كۈچى مەيدانىنى تەكشى مەيدان دەپ قاراشقا بولىدۇ،ئۇنىڭ كۈچىنىشلىكى ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى ئارقىلىق تەسۋىرلىنىدۇ.

"قىسقىچە فىزىكا لوغىتى" _ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى،1070-بەت.

ئەھۋالدىن قارىغاندا نىيوتۇن ئالەملىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسىدىن چاتاق چىقسا مەيدان نەزەريىلىرىدىنمۇ چاتاق چىققىدەك.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 14:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماسسا -ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانونى،ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونلىرى بىلەن تارتىش كۈچى ئىدىيىسى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قىلمىسا پەرىقلەندۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كېلىشتۆرگۆسىز زىدىيەت بار ئىكەن.مۇبادا تارتىش كۈچى تىزلىنىشى ئورۇنلۇق بولسا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىدىن چاتاق چىقىدۇ.تۇراقلىق تىزلىكنىڭ بولىشىمۇ مۆمكىن ئەمەس.ھەممە چاتاق نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنى شاختىكى ۋاقتىدا «جىم»تۇرىدۇ دەپ قارىۋىلىشتىن كېلىپ چىققاندەك قىلىدۇ.مىنىڭ بۇ «تارتىش كۈچى»دىگەن نەرسىگە گۇمانىم بارغانسىرى كۈچىيىۋاتىدۇ!.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 18:27:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قاراڭ تۇۋەندىكى تېمىغا،بۇنداق ئىشلارنى ھازىرقى بار بولغان كونا نەزەريىلەر بىلەن چۈشەندۆرگىلى بولمايدۇ:

مەۋجۇت بولمايدىغان ئوربىتىدا ئايلىنىپ يۈرگەن زور پلانېتا بايقالدى

تاشپولات روزى

http://bbs.bagdax.cn/thread-21568-1-1.html

بۇ پىلانتا،سەرگەردان يۇلتۇزلار،...سەرگەردان قارا ئۇڭكۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇڭغىچە شەكىللەنگەن ئاسىتىرونۇمىيە،ئالەمشۇناسلىققا ئائىت بىلىملىرىمىزنىڭ چەكلىمىلىككە ئىگىلىگىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ.بۇلارنى چۈشەندۆرۆش ئۈچۈن يېڭى نەزەريە ،يېڭى قاراش كىرەك.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-10 20:47:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


گىراۋىتون ماسسىسى0بولغان،تارتىش كۈچىنى ئۇزۇتىدىغان زەررىچە دەپ قارىلىدۇ.يەنى ئۇ ئۇز ئارا تەسىرلەشكۈچى ئىككى جىسىم ياكى زەررىچە ئارىسىدا ئالماشتۇرۇلۇپ تارتىش كۈچىنى يەتكۆزىدۇ.مەسىلەن ئاي بىلەن يەر شارى گىراۋىتون ئالماشتۇرىدۇ.ئوبرازلىق ئېيىتساق ۋە تارتىش كۈچىنى ئاغامچىغا ئوخشاتساق بۇ ئاغامچا گىراۋىتوندىن ئېشىلگەن ئاغامچىدىن ئىبارەت.

بۇ ھالدا ئالەمدە گىراۋىتون _سانى ھەممىدىن كۇپ زەررىچە بولىشى كىرەك.مانا مۇشۇنداق سانى ھەممىدىن كۇپ زەررىچە نەچچە مىليارتلاپ دوللار خەجلەش بەدىلىگىمۇ بىر ئەسىردىن بېرى تېپىلمايۋاتىدۇ.بۇ بىر مەسىلە.
يەنە بىر مەسىلە ،ئالەمدە سانى ئەڭ كۆپ بولمىش بۇ ئىدىيال زەررىچە ئۇزلىرى بىر -بىرى بىلەن تارتىش كۈچى شەكىللەندۆرەلمەيدۇ. گىراۋىتونلار ئۇز ئارا بىر -بىرىنى تارتىدۇ ،دىگەن ئىدىيە ۋە نەزەريە يوق.دىمەك ،گىراۋىتون ئىدىيال زەررىچە بولماي رىيال زەررىچە بولغان تەقدىردىمۇ سانىنىڭ كۆپلىگى سەۋەبىدىن ئالەمدە تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان زەررىچىلەرسانى ئۇچرايدىغىنىدىن كۆپ دىيىشكە توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2014-1-10 21:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق سىدىققا يازغۇچىلار مۇنبىرىنى

ۋاقتى: 2014-1-10 21:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق سىدىققا يازغۇچىلار مۇنبىرىنى

ۋاقتى: 2014-1-10 21:45:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرەيلى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 07:43:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبۇرى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-10 21:45
بىرەيلى

مىنىڭچە «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە ھەممىمىز پاتىمىز.

______________________


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 08:33:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆۋەندىكى تېمىدا ياخشى مەزمۇنلار بارئىكەن.گىراۋىتونلار سانى ھەققىدىمۇ توختىلىپتۇ،مانا:

گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى چەكسىز چوڭ
بۇ تېمىدا مىقدارلىق ھىساپلاش ئېلىپ بېرىلىپ تارتىش كۈچىنىڭ يورۇقلۇققا تەسىر قىلىشى ئۈچۈن گىراۋىتون تىزلىكى جەزمەن يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولۇشى لازىملىغى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش