ئاڭلاپ قېلىڭلار
قاسىم سىدىق
مەن 1978-يىلىدىن باشلاپ شەكىل نەزەريىسى(ئەينى ۋاقىتتا "بوشلۇق نەزەريىسى" دەپ ئاتالغان)دىن ئىبارەت نەزەريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققائالاقىدار بىر تېما ئۆستىدە ئىزدەنگەن.1990-يىلى شىنجاڭ ئونېۋىرىستېتىدا دەسلەپكى يەكۆنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ قوللىشىغاۋەئىلھاملاندۇرىشىغائىرىشكەن ئىدىم.2009-يىلى مەن شەكىل نەزەريىسىدە يېڭى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۆرۆپ زىيالىلار توپلاشقان جاي ئۆرۆمچىدەتەتقىقاتنى داۋاملاشتۇرماقچى،ھەمكارلاشقۇچىلار چىقسا بىرگە ئىشلىمەكچى بولۇپ ئۆرۆمچىگە كەلدىم.بۇ جەرياندا ئالاقىدار كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسىسلەر شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۆل بۆلۆپ پايدىلىق مەسلىھەت ،تەكلىپلەرنى بەردى.قىزغىن قوللىدى.
شەكىل نەزەريىسىگە ئالاقىدار تېمىلار ۋە بۇ تەتقىقاتقا ئالاقىدار خەۋەرلەرئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان گېزىت ۋە ئىلمى ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.شەكىل نەزەريىسى جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ژۇرنالدىمۇتونۇشتۇرۇلدى.مەن چوڭچىڭ ئونىۋېرىستېتى نەزەريە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا شەكىل نەزەريىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئاتاقلىق فىزىكا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدىم.
مەن يەنە مەركىزى خەلىق رادىوسى سىتانسسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلى ئىلىپ بارغان زىيارەتتە،ئۆرۆمچى شەھەرلىك تېلېۋىزىيە سىتانسىسىنىڭ پىروگىراممىلىرىدا زىيارەت قىلىنىپ شەكىل نەزەريىسىنى تونۇشتۇردۇم.
ھازىر مەلۆم شىركەت، شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئۇرمىسىنىڭ توغرا _خاتالىغىنى دەلىللەش تەجىربىسىگە مەبلەغ چىقىرىپ تەجىربە قۇرۇلمىسى ياساۋاتىدۇ.بۇ قۇرۇلمىنى بەزى كەسىپ ئىگىلىرى ،ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك بەزى رەھبەرلەر كۆرۆپ ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن خەۋەرتېپىپ ياخشى باھالارنى بەردى.ئۇلارتەجىربە نەتىجىسىنىڭ پاتراق روياپقا چىقىشىنى ئۈمىت قىلىۋاتىدۇ ۋە نەتىجىگەقىزىقىۋاتىدۇ.بىز ئىلگىرى ئىشلەنگەن تەجىربىلەردىمۇ مەلۆم ئىلگىرلەشلەرنى قولغاكەلتۆرگەن ئىدۇق.مەن تېخى يېقىندىلا نەزەريىۋى جەھەتتىن ھالقىلىق ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۆردۆم.
ئىش مۇشۇ رېتىمىدا كېتىۋەرسە ياخشى بۇلار ئىدى.ئەپسۇس،2006-يىلىدىن باشلاپ تورنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ بەزىلەر قەستەن قۇسۇر تېپىپ شەكىل نەزەريىسى ۋە مىنىڭ ئۆستۈمدىن ئېغىۋارگەرچىلىك قىلدى.ئىلمى تەنقىت ،ئىلمى مۇنازىرە ئەلۋەتتە قارشى ئېلىنىدۇ ۋەئىلمى ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. لىكىن شەكىل نەزەريىسى ۋە ماڭاقىلىنغان بەزى مۇئامىلىلەر ئىلمى تەنقىت ،ئىلمى مۇنازىرە رامكىسىدىن ھالقىپ ھوقۇققا دەخلى –تەرەززۇ قىلىش دەرىجىسىگە يەتتى.ھاقارەت،زىيانكەشلىك ۋە تۆھمەت تۆسىنى ئالدى.بەزىلەر ھەتتاماڭا ۋە شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغابوھتان چاپلاپ ،مىنڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مەملىكەت ئىچى –سىرتىدىن ئۇچۇريوللاپ ،تېلىفۇن قىلىپ مىنىڭ چەتئەلدىكى بۆلگۆنچى كۈچلەر بىلەن بىرلەشكەن"ئۈچ خىل كۈچ"ئىكەنلىگىمنى،"شەكىل نەزەريىسى"تەتقىقاتىنىڭ بىر قۇرۇق ۋېۋىسكا ئىكەنلىگىنى،مەقسەت بۆلگۆنچى كۈچلەرنى توپلاش ئىكەنلىگىنى،شۇڭا بۇتەتقىقاتقا قاتناشماسلىغى ۋە ئارىلاشماسلىغى لازىملىغىنى،يەنىلا ئارىلىشىۋەرسەئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە خەۋىپ يېتىدىغانلىغىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى،.بۇنداق بوھتانلار ئۆنۆمىنى كۇرسۆتۆپ،بەزىلەربۇ تەتقىقاتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى.بەزىلەر ماڭا بېۋاستە ئۇچۇر يوللاپ ھاقارەت قىلدى ۋە تەھدىت سالدى.
ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى مىنىڭ قانونى ھۇقۇقلىرىمغا قىلىنغان ئېغىر دەخلى –تەرەززۇ ۋە تۆھمەتتىىن ئىبارەت.
يېقىندا "باغداش"مۇنبىرىدە"دېشۋارى نامىدا تىزىملاتقان بىرەيلەن مەن يوللىغان "مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش (http://bbs.bagdax.cn/thread-22080-1-1.html)"دىگەن تېمىنىڭ ئىنكاس قەۋەتلىرىدە مىنى "ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ پۇل ئۆندۆرمەكچى،"ئالىم"بولىۋالماقچى.بۇ بىر سۇيىقەسىتچى ئادەم،باشقىلارغا تۆھمەت قىلىپ ،پاكىت ئويدۇرۇپ تۆرمىدە ياتقۇزۇۋەتكەن،شەكىل نەزەريىسى ئاقمايدىغان ئالدامچىلىق تېمىسى ،قاسىم سىدىق نىيوتۇننىڭ دىگەنلىرىنى ئۇزىنىڭ قىلىۋالغان"دىگەندەك بىرقاتار ئېغىۋاگەرچىلىكلەرنى قىلدى.پاكىتلارنى بۇرمىلىدى ۋە پاكىت ئويدۇردى. ئۇلارنىڭ مەقسىدى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ھوقۇققا دەخلى قىلىش بولۇپ ئىپادىلەندى.مەن ھازىرغىچەسۈكۈت قىلىپ كەلگەن ئىدىم،ئەمدى سۈكۈت قىلىۋەرسەم بولمىغىدەك.مەن ئەمدى قانونى ۋاستە ئارقىلىق ئۇزەمنىڭ قانونلۇق ھوقۇقلىرىنى ۋە شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنىڭ بېخەتەرلىگىنى قوغداشقا مەجبۇرمەن.
بىز قانون -تۆزۆملۈك دۇلەتتە ياشاۋاتىمىز.ئەگەر مەندە ۋە شەكىل نەزەريىسىدە بەزىلەر ئېيىتقاندەك"جىنايەت"لەر بولسا ئەدىلىيە ئورۇنلىرى تەكشۆرۆپ كۇرۆپ ماڭاجىنايى جازابەرسۇن،مۇبادا بۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ مەقسەتلىك ھالدا قەستەن قىلىۋاتقان ھوقۇققادەخلى – تەرەززۇ قىلىش قىلمىشى بولسا،ئۇلارنىڭ قانۇنى جاۋاپكارلىغىنى سۆرۈشتۆرۈپ بەرسۇن!.
20147.1.13
تۆۋەندىكى بۇ تېما ئاستىدىمۇ قاتتىق ھاقارەتلەندىم ،قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىم دەپسەندە قىلىندى.جامائەتچىلىكنىڭ ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا خالىس مەيداندا تۇرۇپ نەزەر تاشلىشىنى،بۇ ئىشنى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلشقا مەجبۇر بولغانلىغىمنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.بۇ ئادەمنىڭ كىملىگى نامەلۈم بولغاچقا مېنى مۇشۇنداق ۋاستىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى.مەن قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تاللىغانلىغىم ئۈچۈن ئەيىپلىنىشنى خالىمايمەن!
تۆھمەتخورلارغا (قاسىم سىدىق)
http://bbs.bagdax.cn/thread-22393-1-1.html