مەشئەل06 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 13:19 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ق.سىدىق ئۇستاز ئالدى بىلەن تېنىڭىزگ ...
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام!
ماگىنىت مەيدانى ئىنىق تەجىربە ئاساسىغا،ئىسپاتقا ئېگە رىياللىق.ئۇنى ھەرگىز نەزەريىۋى يەكۈن بولغان «تارتىش كۈچى»بىلەن سېلىشتۆرۇشقا بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.
لىكىن،ھەرقانداق شەكىلدىكى«مەيدان»نى «چەكسىز»دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ.چۈنكى مەيدان كۈچىنىشلىگى قاتارلىق ئۇقۇملار بۇنداق چەكسىزلىككە يول قويمايدۇ.يەرشارى ماگىنىت مەيدانىنى ئويلىساقلا بۇنداق مەيداننىڭ چەكسىز بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلالايمىز.
ماگىنىت مەيدانىنىڭ ئۇزگىرىشى ئەلۋەتتە بۇ مەيدان دائىرىسىدىكى سېستىمىلاردا بەلگىلىك تەسىر پەيداقىلىدۇ.ئۇزگۆرۈش ۋە تەسىرلەرنىڭ سەۋەپ -نەتىجە مۇناسىۋەتلىرى كونكىرىت ئەھۋاللارغا قاراپ پەرىقلىنىدۇ.بەزى بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالغان ئومۇمى يەكۈنلەر،بەزى كونكىرىتلىقلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى مۇمكىن.كونكىرىت ئەھۋالنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش كېرەك،دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-1 16:43