يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ق.سىدىق

قاسىم سىدىق:"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۈستىدە قايتا ئويلۇنۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 10:28:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇز ئارا تەسىر جەريانىدىكى گىراۋىتون سانى ئەستايىدىل ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىلە.يىتەرلىك گىراۋىتون بولمىسا ئۇز ئارا تەسىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ.ئاي شارى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا ؛ئۆز ئارا ئالەملىك تارتىش كۈچى تەسىرىگە قاتنىشىدۇ دىيىلگەن ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىملار ئوتتۇرىسىدا«گىراۋىتون ئاغامچىسى »شەكىللەندۆرۆش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ گىراۋىتون كىرەك.زادى قانچىلىك؟.كونكىرىت سان ئىنىق بولۇشى كىرەك.

يۇقۇرقى نۇقتىدىن چىقىپ بىز "گىراۋىتون ئارغامچىسى"نىڭ شەكلىنى تارتىش كۈچى مەيدانى كۈچىنىشلىگى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپلىغى نۇقتىسىدا تۇرۇپ پەرەز قىلساق غەلىتە بىر شەكىلگە ئىرىشىمىز.يەنى بۇ ئاغامچىنىڭ ئىككى بېشى توم ،ئوتتۇرىسى ئىنچىك.ئاي شارى بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى"گىراۋىتون ئاغامچىسى"نىڭمۇ ئەھۋالى مۇشۇنداق.لىكىن ئىككى بېشىنىڭ توملىغى ئوخشاش ئەمەس.يەر شارى تەرەپتىكىسى بەكرەك توم بولىشى كىرەك.بۇنىڭدىن باشقا ئاي شارى قويۇپ بەرگەن گىراۋىتون ئاغامچىسىنىڭ  يەر شارى تەرەپتىكى ئۇچى ئىنچىكە ،يەرشارى قويۇپ بەرگەن گىراۋىتون ئارغامچىسىنىڭ ئۇچى تومراق.شۇ ھالدىلا يەر شارى ئاي شارىنى تارتىپ تۇرالايدۇ.

لىكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە بار.يەنى ئاي شارى قوبۇل قىلغان گىراۋىتون سانى بىلەن قويۇپ بەرگەن گىراۋىتۇن ساننىڭ ئاز - كۆپلىگى مەسىلىسى.ھەر ئىككىسى ئوخشاش دەپ قارالسا بۇ ھالدا يەر شارىنىڭ ماسسىسى كۆپ بولۇش ۋەجىدىن ئاي شارىنى تارتىشىنى پەرەز قىلماق قىيىن.چۈنكى ئۇلارنىڭ چىقىرىۋاتقان گىراۋىتونى _ بۇ "قۇرۇلۇش"قا سالغان "مەبلىغى"ئوخشاش بولغاچقا يەر شارى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولالمايدۇ.
"ياق،ئاي كۆپ گىراۋىتون قوبۇل قىلىۋىلىپ ،ئازگىراۋىتون چىقىرىدۇ،شۇڭا ئاي شارىنى تارتىپ تۇرىدۇ!"دەپمۇ باقايلى .بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟.
نەتىجە شۇكى،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يەرشارىنىڭ گىراۋىتونى(مەبلىغى)ئازلاپ ،ئاي شارىنىڭ گىراۋىتونى كۆپۆيۈپ كېتىدۇ.بۇ مەنزىرە ئۇزى كىچىك لىكىن باي دۆلەت بىلەن ئۇزى چوڭ،لىكىن گاداي ئىككى دۆلەتنى ئەسلىتىدۇ.بۇھالدا قايسى قايسىنى تارتىدۇ؟
قايسى بەكرەك جەلىپكار؟.

ھازى ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن يىراقىلىشىپ كېتىۋاتقانلىغى ئىنىق بولدى.بۇ بايقاشمۇ گىراۋىتون نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن پايدىلىق بايقاش ئەمەس.بۇ گىراۋىتون ئارغامچىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنىدىن دىرەك بەرمەمدۇ؟!.

گىراۋىتون نەزەريىسىنىڭ تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ دىيىشمنىڭ ئاساسلىرى ئازئەمەس.بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق توختىلىمەن.


引力場- 维基百科,自由的百科全书
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%BC%95%E5%8A%9B%E5%A0%B4

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 11:17  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 12:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىنىڭ ئوربىتىلىق ھەركەت تىزلىكى30كىلومىتىر سىكونىت ،بۇ ھالدا قوياشتىن قويۇپ بېرىلگەن گىراۋىتون ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلمىسا ھەرگىزى يەرشارى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.چۈنكى يەر شارى 30كىلومىتىر سىكونىتلىق تىزلىك بىلەن ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كىتىدۇ.يەنى  بىر دانەگىراۋىتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەر شارىغا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 8 مىنوت كەتكەنلىگى ئۈچۈن ئۇ يەر شارىنى كەينىدىن قوغلاپ ،ئەگەشكەن ھالدا ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىپ يەر شارىغا يېتىۋىلىشى كىرەك.

مەيدان نەزەريىسى يەككە گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلىنى تەتقىق قىلمىغانلىغى ۋەجىدىن بۇ جەريانلارنى گىراۋىتونلار توپى ھەققىدىكى سىتاتىستىكىلىق مىتوتلار ئارقىلىق سۇۋاپ ئۆتۆپ كېتىدۇ.لىكىن ،شۇسى ئىنىق بولسۇنكى ،ھەرقانداق سىتاتىستىكىلىق قىممەت ،كونكىرىت ،ئىلىمنىتار قىممەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىدىن ئىبارەت.يەككە زەررىچە بولمىسا مەيدانمۇ مەۋجۈت بولالمايدۇ.بىردانە گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلى گىراۋىتونلار توپىنىڭ ھەركەت شەكلىدىن دىرەك بېرىدۇ.

"گىراۋىتون ئوپراتسىيىسى" داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 14:43:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىراۋىتۇنلا ئەمەس ،بارلىق كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچىلەرنىڭ ئۇزلۆك ئايلىنشقا ئىگە ئىكەنلىگى مەلۈم.بۇ ھالدا ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىكرۇ دۇنيانىڭ ھەركەت شەكلىمۇ ماكرۇ دۇنيادىكى ھەركەت شەكلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.تارتىىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى بولغان گىراۋىتۇندىن باشقا مەيدان زەررىچىلىرىمۇ ئەگرى ھەركەت قىلغان بولىدۇ،دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەمدى ئالەمدىكى ھەممە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ قاينامسىمان ئەگرى ھەركەت قىلىدىغانلىغىغا ھۆكۆم قىلىشقا بولىدۇ.بۇنداق ھۆكۆم ھازىرقى كۆزۆتۆش نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن.بۇنداق ئاساسلار بار ئىكەن ئېينىشتېيىننىڭ يورۇقلۇق تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى ۋە جىدىن ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ ،دىگەن ئىدىيىسى خىرىسقا ئۇچرايدۇ.


قىسقىچە يەكۆنىم ۋە باياناتىم

مەن ئەمدى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بايقاپ بولغاندەك قىلىمەن.تارتىش كۈچى ئاتالغۇسى ۋە ئوقۇمىنىڭ ئورنىغا «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.بۇھالدا ،تارتىش كۈچى ئۇقۇمى كەلتۆرۆپ بەرگەن زىدىيەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ،ئالەمنى زىدىيەتسىز تەسۋىرلىگىلى ،فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرگىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە مىنىڭ قىلغانلىرىم يەنىلا پەلسەپە -لوگىكىلىق ئەقلى يەكۈن ۋە بىر ئىدىيە.بۇ ئىدىيە فىزىماتلىق شەرىھلىنىشى كىرەك.شۇسى ئىنىقكى ،نەتىجە ھامان مۇشۇ ئىدىيەنى قوللايدىغان بولۇپ چىقىدۇ.ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلەردىن ئىرىشكەن يەكۆنىم مۇشۇ.
ئوقۇرمەنلەر قاراشلىرىمدا خاتالىق بايقىسا دادىل ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى سورىغانلارغا چۈشەندۆرۆشكە تىرىشىمەن.

ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق

2014.1.11


ۋاقتى: 2014-1-12 00:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر تارتىش كۈچى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئشلەتمىسەك ،يەر يۇزىدكى جىسمىنڭ ئېغىرلىق كۈچى ئىپادىلشى بىلەن .ئۇنۇڭ ئالەم بوشلىقىدىكى ئېغېرلىق يۇقۇتۇش ھالتىنى قانداق چۇشەندۇرۇش كىرەك؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-12 00:20  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 00:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 00:16
ئەگەر تارتىش كۈچى دىگەن بۇ ئۇقۇمنى ئشلەتمىسەك ،يەر يۇز ...

ئالمىنىڭ بوشلۇقتىمۇ ماسسىسى بولىدۇ. ماسسا بولمىسا ئېغىرلىقمۇ بولمايدۇ.مەن بوشلۇقتىكى ئېغىرلىقنى ئۆلچەش ھەققىدە تېما -ئىنكاسلىرىمدا توختالدىم.بۇ تېخنىكلىق مەسىلە.بوشلۇقتا ئېغىرلىق بولمايدۇ دېسەك يەرشارىمۇ بوشلۇقتا.ئۇنىڭمۇ ئېغىرلىغى بولماسلىغى كىرەك.بوشلۇقتا تارزىنىڭ مۇقىمراق تاينىش نۇقتىسى بولسا ،ئالمىنىڭ ھەركەت يۆنىلىشى بولسا تارازىنى شۇ يۆنىلىشكە توغۇرلاپ تۇتالىسىڭىز ئۇنىڭمۇ ئېغىرلىغى بارلىغىنى بىلەلەيسىز.لىكىن بۇ پەقەت تىخنىكا چەكلىمىسىدىن ئىبارەت.سىز لىفىتنى ئەسلەڭ.لىفىت تىزلىنىشچان ھەركەت قىلىپ تۆۋەنلىسە سىزنىڭ ئېغىرلىغىڭىز غايىپ بولىدۇ.چۈنكى سىز تارازىغا بىسىم چۈشۈرەلمەيسىز.ماھىيەتتە بۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقنىڭ يوقالغانلىغى ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 11:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەر شارى 8 مىنوتتا ئۇز ئوربىتىسىدا14.400كىلومىتىر يول بېسىپ ،ئەسلىدىكى ئورنىدىن شۇنچىلىك يۆتكىلىپ كېتىدۇ.يەر شارىنىڭ ئېكىۋاتۇردىيامىتىرى 12756كىلومىتىر.
بۇنىڭدىن،قوياشتىن چىققان بىر دانە فۇتون مۇبادا تۆپ-تۆز ماڭسا  يەر شارى بىلەن ئۇچرىشالمايدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
يەر شارى ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن، تۆپ -تۆز ماڭىدىغان  فۇتونلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ،دېيىلىشى مۆمكىن.يەنى ئاسمان بوشلۇغى ھەر قاچان يورۇقلۇققا تولۇپ تۇرغان بولىدۇ.
بۇ گەپ پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟.مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۆش كىرەك.
1.بۇ ھالدا"8مىنوتتا يېتىپ كېلىدۇ"نى تەكىتلەشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.بۇ ھالدا يەر شارى ئۇزى ئايلىنىپ قوياشقا يۆزىنى"قاقلايدۇ"دېسەك تېخىمۇ ئەپلەشكىدەك.بۇنىڭدىن يەر شارىنىڭ قوياش نۇرى بىلەن بېۋاستە ئۇچرىشىشىغا ۋاقىت كەتمەيدۇ،دىگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.پەقەت يەرشارى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىگە تاينىپ يۇزىنى قوياشقا نۇۋەتلەشتۆرۆپ قاقلايدۇ،دىمەكتىن باشقا چارە يوق.
2.يۇقۇرقىچە ئويلىسىمۇ مەسىلە ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ.لىكىن بىردانە فۇتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەر شارىغا قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ كىلىشىنى ئويلاشماسلىقنى ئىلىم -پەن قوبۇل قىلالامدۇ؟، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس.
3.بىز بىردانە فۇتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەرشارى بىلەن ئۇچرۇشۇش جەريانىدىكى ۋاقىتنى ئويلاشساقلا فۇتوننىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت يەكۆنگە ئىرىشىمىز.گىراۋىتونغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق.
4.دەل مۇشۇ ئەگرىلىكنى ئېدىڭتۇن بايقىىدى دەپ قارالغان قوياش ئەتراپىدىن ئۆتكەن يورۇقلۇقنىڭ ئىگىلىش قىممىتى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۇرسەك ئېينىشتىن زامان -ماكان ئەگرىلىك ئىدىيىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىغىغا ئالاقىدار نەتىجىگە ئىرىشىمىز.

مۇھاكىمە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 12:05:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

[

从光源(图中蓝点表示)发射出的光线在途径一个致密星体(图中灰色区域表示)时发生的光线偏折

http://zh.wikipedia.org/wiki/%E5 ... 4.E5.BB.B6.E8.BF.9F

كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى يورۇقلۇقنىڭ تىرايىكتورىيىسىنى يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك ئەگرى قىلىۋىتىدۇ، دەيدۇ.
شەكىل نەزەريىسى بۇ ئەگرىلىك فۇتونلارنىڭ ئۇزىگە خاس ھەركەت شەكلى،يورۇقلۇق تارتىش كۈچى بولمىسىمۇ ئەگرى تارقىلىدۇ،دەيدۇ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 13:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزنىڭ ئادەتتە كۇرىدىغىنىمىزقوياشتىن 8مىنوت ئىلگىرى تۆز تارقالغان فۇتون دىيىلسىچۇ؟
بۇنى مۇھاكىمە قىلىپ كۇرۇش كېرەك:

قوياشتىن چىققان بىردانە فۇتون مەيلى بۇرۇن تارقالغان ياكى كىيىن تارقالغان بولسۇن  قوياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىغى،يەرشارىنىڭ ئوربىتىدىكى يۆتكىلىشى مۇقىم بولغانلىغى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۆستىگە فۇتوننىڭ تىزلىكىمۇ تۇراقلىق بولغانلىغى ئۈچۈن يەنىلا ھەركەت شەكلى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز. قايسىلا فۇتۇن بولسۇن قوياشتىن مەيلى بۇرۇن چىقسۇن ياكى كېيىن چىقسۇن تۆزلا ھەركەت قىلسا ھەرگىز يەر شارى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.ئوخشاش ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە يەر شارى ئوربىتىدا يەنىلا مۇقىم تىزلىكتە يۆتكىلىۋاتقان،ئەسلىدىكى ئورنىدا بولمىغان بولىدۇ.يەر شارى ئوربىتىدا7مىنۇتتا ئۇز دىيامىتىرى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى بېسىپ ئۆتكەن بولىدۇ.تۆز ماڭغان فۇتون يەر شارى بىلەن ئۇچرۇشۇشقا 1مىنوت كېچىكىدۇ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 18:02:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئېغىرلىق كۈچى دىگەن نىمە؟

What Is Gravity
什么是重力


ئالبىرىت.ئېينىشتېيىن:ئېيتىدۇ:ماسسا ۋە تارتىش كۈچى زامان -ماكان ئەگىرى سىزىغى بولۇپ،ئۇ،جىسىملارھەركىتىنى تۈزىسىزىقتىن يىراقلاشتۇرۇپ ئەگىرى سىزىقلىق ھەركەت قىلغۇزىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-12 18:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 18:02
ئېغىرلىق كۈچى دىگەن نىمە؟
What Is Gravity什么是重力

«ماكان ئەگىرى بولغانلىغى ئۈچۈن ھەركەت ئەگىرى بولىدۇ»دەيدىغان ئىدىيەدە ھەركەت ماددىغا تەئەللۇق ،ھەركەتنىڭ شەكلى بولسا ماكانغا تەئەللۇق قىلىپ قويۇلغان بۇلىدۇ. ھەركەتنى ھەركەت شەكلىدىن ئايرىۋىتىش ھەقىقەتەنمۇ قوبۇل قىلىش قىيىن بولىدىغان مەنتىقە.بۇ ھالدا ھەركەتنىڭ بارلىق ئىنىقلىمىلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە توغرا كىلىدۇ.چۈنكى ،مۇئەييەن ھەركەت شەكلىگە ئىگە بولمىغان ھەركەتمۇ،ماددىدىن ئايرىلغان ھەركەتمۇ مەۋجۈت ئەمەس.

ۋاقتى: 2014-1-13 17:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچى ئېلىكتۇرۇندىن تارتىپ ئاسمان جېسىملىرگىچە تەدىبىقلانغان ئدى.فېزكا دەرسىدە قاتتىق جىسىمنىڭ بەلگىلىك شەكىلگە ئىگە بۇلىشى ئۇنۇڭدىكى ئاتۈملارنىڭ ھەم تارتىش كۈچىگەھەم تېپىشش كۈچىگە ئىگە بولىغانلىقتىن بۇلىدۇ. ئاسمان جېسىملىرنىڭ بەلگلىك ئوربىتاغا ئىگە بۇلىشىمۇ ئالەملىك تارتىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك، دەپ سۆزلىگەن ئدى، .ئەگەر تارتىش كۈچى ئۇقۇمىنى ئشلەتمىسەك. مولكۇللا ھەركەت نەزىرىيسى بىلەن. ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇندىن پايدىلنىپ چۇشەندۇرلۇپ كىلۋاتقان مەسلىلەرگە قانداق ئزاھات بىرىش كىرەك؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-13 19:31:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار يوللىغان ۋاقتى  2014-1-13 17:16
تارتىش كۈچى ئېلىكتۇرۇندىن تارتىپ ئاسمان جېسىملىرگىچە  ...

زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ھەركىتى شۇ زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ئۇزىنىڭ ھەركىتى بۇلۇپ بۇ تارىتىش كۈچى كەلتۆرۆپ چىقارغان ھەركەت ئەمەس.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى،ھەركەت مىقدارى قاتارلىق قانون ۋە ئۇقۇملار بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.مۇبادا ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى تارتىش كۈچى كەلتۆرۈپ چىقارغان دەپ قارىساق يۇقۇرقى ئۇقۇم ۋە قانونلار خاتا بولغان بولىدۇ.
ئالەمنى تارتىش كۈچى،گىراۋىتۇنسىزمۇ تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولىدۇ.ھازىر تارتىش كۈچى يوق،گىراۋىتون يوق دەپ قارايدىغان تەتقىقاتلار مەيدانغا كەلمەكتە.گىراۋىتوننىڭ ئەسىرلەپ تېپىلماسلغىمۇ باشقا تەپەككۈر يوللىرىدا مېڭىپ سىناپ بېقىشنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ.نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنى تارتىش كۈچى يەرگە چۈشىرىۋەتكەنلىكىنى زىدىيەتسىز چۈشەندۆرمەك قىيتىن.ئالما ئۇزىنىڭ ئېغىرلىق كۈچى چۈشىرىۋەتتى دىسەك پاكىتقا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي،زىدىيەتتىن خالى بولالايمىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-13 20:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچى بىر پۆتۆن ئالەمگە ئورۇنلۇق بولسا ئالەم ئەسلا كېڭەيمەسلىكى لازىم ئىدى .تارتىش كۈچى پەقەت ئالەمنىڭ تارىيىشىغىلا يول قوياتتى.نىيوتۇن زامانىسىدا ئالەمنىڭ كېڭىيىشى ۋە تارىيىشى ھەققىدە تەسەۋۋۇر يوق ئىدى.ھېچ بولمىغاندا نىيوتۇندا بۇنداق تەسەۋۋۇر يوق ئىدى .شۇڭا نىيوتۇن تۇرغۇن ئالەم مودىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان .نىيوتۇن ئالەمدىكى جىسىملارنىڭ مۇناسىۋىتىن تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ مۇۋازىنەتلىك ھالەتتە مۇقىم تۇتۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىغان ،ئېينىشتېيىنمۇ شۇنداق قارىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئالەم مودىلىمۇ تۇرغۇن ئالەم مودىلى ئىدى.

ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى بايقالغاندىن كىيىن ھەر ئىككى مودىل خىرىسقا ئۇچرىدى.تارتىش كۈچى ئىدىيىسى بۇ كېڭىيىۋاتقان ئالەمنى چۈشەندۆرۆپ بېرەلمىگەنلىگى ئۈچۈن "قاراڭغۇ ئىنىرگىيە"ئېلىپ كىرىلدى.ئالىملارنىڭ قارىشىچە بۇ قاراڭغۇ ئىنىرگىيە ئالەمنى كېڭەيتىۋاتقان سەۋەپ ئىكەن.لىكىن گىراۋىتوندىنمۇ ،قاراڭغۇ ئىنىرگىيەدىنمۇ ھازىرغىچە ئەسەر يوق.ئۇلار تېپىلسۇنمۇ دەيلى،شۇنداق بىر زەررىچىلەر ،شۇنداق بىر ئىنىرگىيە بارمۇ دەيلى ،لىكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدە كېلىشتۆرگۆسىز زىدىيەت بار.قارائىنىرگىيە ھەرقانداق بىر جىسىمنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا ،ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرىكى "يىغىنچاق"ھالىتىگە كېلىشىگە يول قويماسلىغى كىرەك.گىراۋىتون بولسا ئالەمنىڭ كېڭىيىشكە ئەسلا يول قويماسلىغى كىرەك.مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئالەمشۇناسلىغىدىكى ،نەزەريە فىزىكىسىدىكى كېلىشتۆرگىسىز زىدىيەتلىك مەنزىرە.
مەن 29-41-تىئورمىلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق،گىراۋىتون ۋەتارتىش كۈچىدىن؛"قاراڭغۇ ئىنىرگىيە"نىڭ ئالەمنى كېڭەيتىش پەرىزىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بۇ زىدىيەتلەردىن قۇتۇلۇپ ،ئالەمنى زىدىيەتسىز چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيمىز،دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 20:56  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-14 02:19:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچى ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ،ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ دىيىلىدۇ.ۋاكىئوم قاچا ئىچىدىكى تارازا ئۆستىدە پېقىرىتىلغان پېقىرىغۇچنىڭ  ئېغىرلىغى ،پېقىرىتىلمىغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىغىدىن كېمىيىپ كېتىدۇ.ھەر ئىككى ۋاقىتتىكى نۇرنىڭ يەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىغى ئوخشاش.مۇبادا، ھەقىقەتەن تارتىش كۈچى مەۋجۈت بولسا بۇنداق ئېغىرلىق كېمىيىش ھادىسىسى كېلىپ چىقمىسا بولاتتى.مانا بۇ «تارتىش كۈچى»دىن ۋاز كېچىش لازىملىغىنىڭ تەجىربىۋى ئاساسلىرىدىن بىرى.

يۇقۇرقى ئېغىرلىق كېمىيىش ھادىسىسىنى "تارتىش كۈچى مەۋجۈت" دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ چۈشەندۆرۆپ بېرەلەيدىغانلار بارمۇ؟.چۈشەندۆرۆپ بېقىڭلار قېنى؟!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-17 17:21  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-14 13:08:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   ئىلىمىز كومپىيوتېر ئۇچۇر تېىخنىكا ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسىس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا دەۋرىگە باشلاپ كىرىشنىڭ  باش سەركىسى ھەم تۆھپىكار ئىلىمدارى، بۇ ساھەنىڭ پەن-تەتقىقات  يىتەكچى ئالىمى،  شىنجاڭ ئۇنىۋرىسىتىنىڭ سالاھىيەتلىك پروفېسسورى، كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا مۇتەخەسىسى ھوشۇر ئىسلام(ھۇشۇر ئىسلام ئەسلى نەزەريە فىزىكىسىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئۇقۇغان ۋە ئۇقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان، كىيىن ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىھتىياجى ۋەجىدىن  تەتقىقات يۆلۈنىشىنى كومپىيوتېر-ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىگە يۆتكىگەن.) ئەپەندىم،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىسىدا "شەكىل نەزەريەسى ۋە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش"توغرىسىدىكى قىسقا سۆھبەتتە«شەكىل نەزەريەسى» ھەققىدە توختالدى ۋە «شەكىل نەزەريەسى» ئىلمىي مۇھاكىمە سالونى ئىچىش توغرىسىدىكى  ئۇختۇرۇش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن،ئۆزىنىڭ ۋاختى كەلگەندە بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەتقىقاتقا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى بىرىپ مۇنداق دىدى:
ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەيەنلەشتۈرۈش كېرەككى،  «شەكىل نەزەريەسى» توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولۇپ چىققان تەغدىردىمۇ قاسىم سىدىقنىڭ ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ،30يىل تىنىمسىز ئىزدىنىشى، نوپۇز ۋە كىلاسسىك نەزەريەلەرگە چوقۇنماستىن مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ، پۈتكۈل نەزەريە فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىشكە جۇرئەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسلۇبى، تەپەككۇر ئەندىزىسى ، مېتود  بىلەن بىر يېڭى ئىدىيىنى،  بىر يېڭى نەزەريەنى ئوتتۇرىغا قويالىشىنىڭ ئۆزىلا كاتتا ھىممەت ھەم جاسارەت.ئۇنىڭ بۇ روھى  قەتئى قەدىرلەشكە، مەدھيە ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئىككىنجىدىن: پەلسەپە ۋە لوگىيكا ھەر قانداق ئىلىم تەتقىقاتى ۋە ئىلمىي نەزەريەنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدا  ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، يىتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. ئەمما ئۇ نەزەريەنىڭ ئۆزى ئەمەس. قاسىم سىدىق شەكىل نەزەريەسىنىڭ لوگىيكا پەلسەپىۋىي رامكىسى تۇرغۇزۇلغان ۋە نۇقسانسىز دەپ قارالغان تەغدىردىمۇ، ئۇنى چوقۇم داۋاملىق تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاش ۋە ماتىماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇپ ھىساپلاش- كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا كۈچەش كېرەك.
ئۈچۈنچىدىن: بۇ تەتقىقاتنىڭ تەتقىقات رامكىسى ۋە تەتقىقات يۆلۈنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەستىن، تېخىمۇ كونكىرتنى ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولغان،ئاقىدىغان تەتقىقات پىلان لاھىيەسى ۋە تۈر تۇرغۇزۇش مۈمكىنچىلىك دوكىلاتى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ چىقىپ پىلانلىق نىشانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق،سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك.شۇندىلا بىر پۈتۈن نەزىريەدە بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىلگىرلەش ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تۆتۈنچىدىن: بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ،جامائەتچىلىكنى ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، ئىلمىي قىممىتى ۋە باسقۇچ خاراكتىرلىك نەتىجىلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرۇش ،شۇ ئارقىلىق ئىلىم ساھەسى ،شۇنداقلا  پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە چۈشىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
بەشىنچىدىن: خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنى يېڭىلاش كېرەك.بولۇپمۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت دېگەن نىمە؟ ئۇ زادى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟دېگەن مەسىلە ھەققىدىكى مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە مۈجىمەللىكلەرنى تولۇقلاپ تۈزۈتىش، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئاۋام-خەلقنىڭ پەن-تېخنىكا ئېڭىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.شۇندىلا جەمئىيەتنىڭ تەبىئى پەن ۋە پەلسەپىگە كۆڭۈل بۆلۈش،قوللاش، قاتنىشىش جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار
2011.9.29
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىش:

ئۇيغۇر ئاكادېمىك شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىشىش دەۋرىگە يول ئاچتى
http://www.nur.cn/html/news/46475.shtml

مەنبىنى ئەسكەرتىپ خالىغان تورلارغا كۇچۇرۇشكە بولىدۇ
مەنبە:
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6128



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش