بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-19 09:01 AM
تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىگە ھەسرەتلىك خىتاپ ۋە مەرسىيە
ۋاي، رەھمەتلىك تارتىش كۈچى ئىدىيىسى.گاللى پېسا قېيسىق مۇنارىسى،بىر تال ئالما تۇغۇلغان بۆشۆكىڭ ئىدى.توغۇلغان بۆشۆكىڭدىن ئۆلۆم خېتىڭ چىقىپ قالدى ئەمەسمۇ؟
بەزىلەر سىنىڭ بار-يوقلۇغۇڭ ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردە،يورۇقلۇق تېزلىكى بىلەن ئاتوم بومبىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ يۈرۆيدۇ.بۇ ئىككىسى سىنىڭ تۇغۇلغان بۆشۈكۆڭ،بېۋاستە ئىسپاتىڭ ئەمەس ئىدىغۇ؟!.تويۇڭنى قىلىپ قويايلى دەۋاتقان كۈنلەردە،مۇشۇنداقمۇ ئۆلۈپ كېتەمسەن،ۋاي رەھمەتلىك.سىنى باردەپ،نۇرغۇن ئادەم جان بېقىۋاتقىنىنى،باج تۆلىگۆچىلەر سىنىڭ تەتقىقاتىڭ ئۈچۈن مىليارىتلاپ دوللار خەجلەۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ئىلىم-پەن شىركەتلىرى ۋە ئىلىم-پەن مونۇپۇل سودىگەرلىرىنىڭ گۆھەر خەزىنىسى ئىدىڭغۇ،ۋاي رەھمەتلىك تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرى.شۇنداقمۇ ئاجىز تۇغۇلامسەن.بىزگىمۇ قىلدىڭ،ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ.بىز ئەمدى قانداق جان باقىمىز؟!....ھەي،ۋاپاسىز ئالەم!