ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان (2013-يىلىدىن باشلاپ) ماقالىلىرىمنى مۇشۇ تېمىغا يوللاپ ماڭىمەن، كەسىپداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شەپقەت ھەمشىرىسىنىڭ ھېكايىسى
−ئابدۇراھمان قاھارنىڭ «توزۇماس گۈل» ناملىق رومانى ھەققىدە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىدىكى بىر قاتار ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن زامانىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك نوپۇز ۋە تەسىرگە ئىگە پېشقەدەم يازغۇچى ئابدۇراھمان قاھار 60 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، رومان ۋە ئەدەبىي خاتىرە ژانىرلىرىدا ئىزچىل تۈردە قەلەم تەۋرىتىپ، بۇ ژانىرلاردا بەلگىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتىدىكى تۆھپىسىنى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ۋاپا» (ھېكايىلەر توپلىمى)، «ئاھ، ياشلىقىم» (پوۋېستلار توپلىمى)، «كەچۈر مېنى نازاكەت» (پوۋېستلار توپلىمى)، «ئىلى دولقۇنلىرى» (ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان)، «ھايات سىرى»، «كۆڭۈل»، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»، «توزۇماس گۈل» قاتارلىق رومانلىرى بولۇپ جەمئىي يىگىرمە پارچىغا يېقىن كىتابى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. يازغۇچىنىڭ تارىخىي تېمىدا يازغان ئىككى توملۇق رومانى «ئىلى دولقۇنلىرى» بىلەن ئىجتىمائىي تېمىدا يازغان «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى ھەمدە «كەچۈر مېنى نازاكەت» ناملىق پوۋېستى ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر يازغۇچىنىڭ پىروزا ئىجادىيىتىدىكى پەۋقۇلئاددە تالانتىنى ۋە مۇئەييەن خاسلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى. يازغۇچى «ئىلى دولقۇنلىرى» ناملىق رومانى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي رېئاللىق ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلسا، «ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» ناملىق رومانى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئىجتىمائىي رېئاللىقتىكى نازۇك ۋە مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت، سىرلىق ۋە ئەگرى-توقاي تۇرمۇش كارتىنىسى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە قىلدى.
يازغۇچىنىڭ «توزۇماس گۈل» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل نەشرى) ناملىق تارىخىي رومانى خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈل (1925-1945) گە بېغىشلانغان بولۇپ، روماندا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىپ، بۇ شانلىق ئىنقىلاب قوينىدا ئۆسۈپ-يېتىلگەن، تاۋلانغان، شۇنداقلا ئىنقىلاب غەلىبە قىلماي تۇرۇپلا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان باتۇر ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەمدە رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ھەققىدە كۆپ ئاڭلىغان بولساقمۇ، لېكىن رىزۋانگۈلنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك ئىش-ۋەقەلەر ھەققىدە كۆپ نەرسىنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن. يازغۇچى ئابدۇراھمان قاھار «توزۇماس گۈل» ناملىق تارىخىي رومانى ئارقىلىق بىزنى بۇ ھەقتە چوڭقۇر بىلىمگە ۋە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بوشلۇقىمىزنى تولدۇردى. بىز مەزكۇر روماننىڭ مۇنداق ئىككى مۇھىم ئەھمىيىتى بار، دەپ قارايمىز
بىرىنچى، تارىخىي ئەھمىيىتى. تارىخىي رومانلاردا بەلگىلىك بىر تارىخىي دەۋرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە شۇ تارىخىي دەۋردە ياشىغان تارىخىي شەخسلەر تارىخىي چىنلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىقنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. «توزۇماس گۈل» تۈپ نېگىزدىن ئالغاندا تارىخىي رومان. گەرچە ئۇنىڭدا رىزۋانگۈلنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى تەسۋىرلەش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا يەنە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر قاتار تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھالىتى ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىمۇ بەلگىلىك نىسبەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بىز بۇ رومان ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلاش سەۋەبلىرى، ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەر مىللەت خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باتۇرانە كۈرەشلىرى، بولۇپمۇ جەڭلەردە ئىشلىتىلگەن قوراللار، ئېتىلغان زەمبىرەكلەر، گومىنداڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ غۇلجا ئاسمىنىدا قاغىدەك ئۇچۇشلىرى، ئۆيلەرنى، ئادەملەرنى بومباردىمان قىلىشلىرى، پاراشوت ئارقىلىق غۇلجىدىكى قىسىملىرىغا ئوق-دورا، يېمەكلىك تاشلاشلىرى، باتۇر، قورقماس خەلق ئىنقىلابچىلىرىنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا، زېمىننى تىترەتكۈدەك پارتلاشلارغا قارىماي «ھۇررا» توۋلاپ جەڭگە ئاتلىنىشلىرى، رىزۋانگۈلگە ئوخشاش شەپقەت ھەمشىرىلىرىنىڭ يارىدارلارنى ئوت دېڭىزدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشلىرى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنقىلابچىلارنى قوللىشى، يېمەكلىك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تارىخىي ساۋاتقا ئىگە بولىمىز ھەمدە روماندىكى ئوبرازلىق تەسۋىرلەر ئارقىلىق شۇ دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇغا ئىگە بولىمىز. بولۇپمۇ رىزۋانگۈلدەك باتۇر، قورقماس شەپقەت ھەمشىرىلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر روھى، ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى، باتۇر ۋە زېرەكلىكى بىزنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇلار «توزۇماس گۈل» نىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى.
ئىككىنچى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتى. ھەرقانداق بىر تارىخىي روماننىڭ ھەم بەلگلىك تارىخىي قىممىتى، ھەمدە مۇئەييەن دەرىجىدە تەربىيەۋى قىممىتى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، «توزۇماس گۈل» ناملىق روماننى ئىككىلا جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ تەبىيەۋى ئەھمىيىتى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىنغان. چۈنكى روماندا تەسۋىرلەنگەن رىزۋانگۈل كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن قەيسەر، پەزىلەتلىك قىز. ئۇ ئاشۇ رەھىمسىز، شەپقەتسىز دەۋردىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆگىنىدۇ، ئۆزىگە بەلگىلىك غايە-نىشان تىكلەيدۇ، كۈچلۈك رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۇ باتۇر، قەيسەر، قورقماس، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ھايالىق، چېچەن، تىرىشچان، كۆيۈمچان بولۇپلا قالماي، يەنە ئوغۇللاردەك جاسارەتلىك ھەم تەۋەككۈلچى. بىز ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆگىنىش دەستۇرى بولالايدۇ، دەپ قارايمىز. 1) رىزۋانگۈل خاراكتېرى كۈچلۈك قىز. ئۇ ئۆزىنى ھەمىشە ئوغۇللار بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، ئوغۇللار قىلالىغان ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ ھەمدە ئىنتىلىدۇ، قىلىمەن دېگەن ئىشنى چوقۇم قىلماي قويمايدۇ، ھەتتا ئوغۇللاردىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلالايدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رىقابەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك قىز. بىلىمگە، يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ، باشقىلار بىلەن بەسلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆگىنىشتىكى، رىقابەتتىكى بۇ خىل «جاھىللىقى» بۈگۈنكى دەۋردىكى رىقابەت ئېڭى تۆۋەن، بوشاڭ، خېنىم مىجەز، چۈشكۈن ياشلىرىمىزغا ئۈلگىلىك دەرس بولالايدۇ. 2) رىزۋانگۈل گەرچە قاباھەتلىك يىللاردا، ئىنقىلاپ بورانلىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ئادىمىيلىك پەزىلەت، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق، خالىس نىيەت-ئىقبالى، كەلگۈسىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىدۋارلىق روھى بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا ئۈلگە بولالايدۇ. چۈنكى ھازىرقى بىر قىسىم ياشلىىرىمىزدا ئېنىق بىر نىشان ياكى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كونكرېت پىلان مەۋجۇت بولمىغاننىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىگە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان جاسارەتمۇ كەمچىل. دەۋردىن، زاماندىن قاخشاش خاھىشى ئېغىر، مېھرىبانلىق ۋە بېغىشلاش تۇيغۇسى ئاجىز. 3) روماندا تەسۋىرلەنگەن رىزۋانگۈلنىڭ گەرچە يېشى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەقىل-ئىدراكتا خېلى ئەتراپلىق يېتىلگەن قىز. ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ بېشىغا كۈلپەت ياغقاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنى ئىنقىلاب قوينىغا ئاتىدۇ. ۋەتەن-خەلق مەنپەئىتى ئالدىدا شەخسىي مەنپەئەت بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئىنقىلاب باشلانغاندا، ئۇنىڭ پوچتىخانىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ ئىنقىلاب قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى ئۇنىڭدىكى قەتئىي مەيداننى، ھەققانىي تاللاشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مانا بۇنداق مىننەتسىز بېغىشلاش روھى بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا ھەقىقىي ئۈلگە بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. 4) رىزۋانگۈل ئىنقىلاب بىلەن مۇھەببەت ئالدىدا ئۆزىنى توختاتقان، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمەس، باشقىلارنىڭ غېمىنى بەكرەك يەيدىغان پەزىلەتلىك قىز. ئۇنىڭ پاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشى، تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇلارنى داۋالىشى، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلۈشلىرى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىمايدىغان، شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس ياشلىرىمىزغا ھەقىقىي ئۈلگە بولالايدۇ. دېمەك، رىزۋانگۈلنىڭ يۇقىرىقىدەك پەزىلەتلىرى بۈگۈنكىدەك ئەۋزەل شارائىتنىڭ قەدرىگە يەتمەي، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىپ كېتىۋاتقان، ئىرادىسى ئاجىز، نىشانسىز، غايىسىز بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا ئۆگىنىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆزلىرىنى بىلىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.
رىزۋانگۈل خەلقىمىزنىڭ سۆيۈملۈك قەھرىمان قىزى. ئۇنىڭ ئىنقىلابتىكى تارىخىي تۆھپىسىلا ئەمەس، بەلكى ئادىمىيلىك پەزىلىتى، ھەققانىي قاراشلىرى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىسى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن ئالغاندا، «توزۇماس گۈل» ناملىق روماننى ياشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى، بالىلار ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەقىقىي بىر «توزۇماس گۈل» دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى روماندا رىزۋانگۈلنىڭ ئىنقىلاب ھاياتىغا قارىغاندا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ھاياتى بەكرەك كۈچەپ يېزىلغان، بۇ نۇقتا مەزكۇر روماننى بالىلارغا بەكرەك يېقىنلاشتۇرغان. رومان تىلىمۇ بالىلار تىلىغا لايىقلاشتۇرۇلغان.
روماندا مۇھىت تەسۋىرى (تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت تەسۋىرى) بىلەن پېرسوناژ تەسۋىرى روماننىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىغا تولۇق ماس كەلگەن بولۇپ، ئاپتورنىڭ يۇقىرى قەلەم ماھارىتىنى ۋە ئۆزگىچە يېزىش ئۇسلۇبىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ بېرەلىگەن. بولۇپمۇ ئاپتور رىزۋانگۈلنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئۇلۇغ ۋە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا ھەرىكەت قىلىدىغان، ئوغۇللار بىلەن بەسلىشىشكە ئامراق، قىيىن سوئاللارنى سوراشقا ماھىر خاراكتېر-پەزىلەتلىرىنى تىل ۋە پسىخىك تەسۋىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ غايىسى، ئېتىقادى، ئىرادىسى، تەۋرەنمەس مەيدانى ھەققىدە ئوقۇرمەننى تىپىك مۇھىت بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئاپتور يەنە ھەرخىل خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى ئىنتايىن جايىدا ئىشلىتىپ روماننىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغان. ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، مۇبالىغە، سىمۋول قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق روماننىڭ بەدىئىي سۈلكىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ جەھەتتىن كۆزەتكەندە مەزكۇر روماننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقىلغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما مەلىكىنىڭ مەڭزىدىمۇ داغ-سەپكۈن بولغىنىدەك «توزۇماس گۈل» مۇ بەزىبىر «داغ-سەپكۈنلەر» دىن خالىي بولالمىغان. بۇلارنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرى، رومان گەرچە باتۇر ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىغا ئاتاپ يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما روماندا رىزۋانگۈلنىڭ تۇغۇلغان، ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ نۇقتىلارنى يېزىشقا تامامەن ئىمكانىيەت بار ئىدى. چۈنكى رىزۋانگۈل يېقىنقى زاماندا ياشاپ ئۆتكەن ئاۋامغا تونۇشلۇق قەھرىمان قىز ئىدى. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلار، يىلنامىلەر، ئادەملەر ئىزدەنسىلا تېپىلاتتى. يەنە بىرى، روماندا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. شۇنداق بولغانىكەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتلاش سەۋەبلىرىدىن ئوقۇرمەننى بىرقەدەر ئەتراپلىق خەۋەردار قىلىش زۆرۈر ئىدى. ئەمما روماندا بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمەي، پەقەت ئىنقىلابنىڭ شىددەتلىك بورانلىرى، رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىقلىرىلا كۈچەپ تەسۋىرلەنگەن. مۇتەپپەككۇر لېسسىن: «تارىخىي تېمىدا يېزىلغان رومان، چىن مەنىسىدىن ئېيتقاندا، ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم بەدىئي ئەسەر بولۇشى، يەنى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق بىرىكمىسى بولالىشى، ھەممىدىن ئاۋۋال تارىخىي چىنلىقنى ئاساس ۋە ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم. مۇنداق ئەسەر مۇئەللىپتىن تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى ۋە تارىخ ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىش ماھارىتىنى بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ تەلىم بېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «توزۇماس گۈل» ناملىق روماننى تارىخشۇناسلىق بىلەن رومانچىلىق سەنئىتىنىڭ جانلىق بىرىكمىسى دېيىشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئاپتور تارىخ ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كېتىشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، تارىخ ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى دېگەندەك ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بىز «توزۇماس گۈل» ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان قىزى رىزۋانگۈلنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانى ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. قىسقىسى، رىزۋانگۈلنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۇق ھەمدە ئاپتورنىڭ ئۆزگىچە يېزىقچىلىق ماھارىتىدىن لەززەتلەندۇق، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھىدىن سۆيۈندۇق. مانا بۇ مەزكۇر روماننىڭ ئومۇمىي ئۇتۇقى، ئەلۋەتتە.
ئەدەبىياتىمىزدا شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسى
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
قارىغۇلارچە «چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش» قىزغىنلىقى خەلقئارالىق ھادىسە بولۇپ، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، دۆلەت بىلەن دۆلەت، شەھەر بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي رىقابەتنى، كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى كۆرسىتىدۇ. شەھەرلىشىش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە چەك قويغىلى بولىدۇ. مەسىلىنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلاشمايلا «خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش» ماھىيەتتە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پايدا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن بىر قاتار تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەڭ سۆرۈلۈپ چىقىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بەلگىلىك نىسبەتتە تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جەنباۋ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن مۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ: «‹قارىغۇلارچە خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى›بەزى مەسىلىلەرنى سادىر قىلىدۇ، مەسىلەن، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش، ھەشەمەتچىلىك قىلىپ قەرزگە بوغۇلۇش، قانۇنسىز قۇرۇلۇش قىلىش... دېگەندەك»①. لى مۇدىرنىڭ ئىنكاسىدىن مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ: زىيادە چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى جەمئىيەتتە ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. نۇرغۇن تېرىلغۇ يەرلەر ئىگىلىۋېلىنىش سەۋەبىدىن كۆپلىگەن دېھقان يەرسىز قالىدۇ-دە، جەمئىيەتتە نامراتلىق، ئاچارچىلىق، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپلەپ بۇزۇلۇشىدىن تەبىئىي ئېكولوگىيەمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ. چوڭ شەھەرلەردە ياشاشقا ئىنتىلىدىغان ياكى بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بەس-بەس بىلەن قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ، نەتىجىدە ئۆيلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ. مۇقىم مۇئاشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان كۆپ قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلۇپ، كۈنلىرىنى ئۆمۈر بويى قەرز تۆلەش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، قەددى يادەك پۈكۈلىدۇ، چاچلىرى تۇشتەك ئاقىرىدۇ. ئەڭ دەھشەتلىكى شۇكى، بەزى كىشىلەر قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك تۇيۇق يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر قىسىم ئۆي-زېمىن سودىگەرلىرىىنىڭ قانۇنسىز قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى تۈپەيلىدىن چېقىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان بىر قىسىم تۇرالغۇ ئۆيلەر چېقىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدىغان بىر بۆلۈك مۇنبەت تېرىلغۇ يەرلەر ئىگىلىۋېلىنىپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە چىگىش ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن، چوڭ شەھەرلەردە بىر تۈركۈم نامرات ئاققۇنلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئاجىز-مىسكىنلەر توپىنى، ئوقۇش يېشىدا تۇرۇپ ئوقۇشتىن مەھرۇم قالىدىغان، باشقىلارغا ياللىنىپ تۇرمۇش قامدايدىغان بالا ئىشچىلار توپىنى، ئاچلىق، يېتىملىك، ئۆي-ماكانسىز قېلىش سەۋەبىدىن جىسمى پۈكۈلگەن، روھى سۇنغان بىچارە، ئاجىز سەرگەندارلار توپىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىر جەمئىيەتتە، ئۆز ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالمايدىغان ئادەملەر توپىدىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ فونكىسىيەسىنى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چۈشەنمەيدىغان، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتتىن تارتىپ جەمئىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچلىرىنى چۈشەنمەي ياكى چالا چۈشىنىپ ياشايدىغان، ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، بولۇپمۇ ھاياتلىق ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەققىدە يېتەرلىك ساۋاتقا ئىگە بولمىغان، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن كەلگەن دولقۇنلارغا ئاسانلا غەرق بولۇپ كېتىدىغان ئادەملەر توپى ئاجىزلار توپىغا كىرىدۇ. تۇل ئاياللار، يېتىم-سەرگەردان بالىلار، زەھەر چەككۈچىلەر، ئەيدىز قاتارلىق ساقايماس كېسەللەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار، مېيىپ-ئاجىزلارنىڭ ھەممىسى ئاجىزلار توپىغا كىرىدۇ.»② دېمەك، مۇشۇنداق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئاتالمىش «خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى» كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىشكە بولىدۇ.
«خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بەرپا قىلىش» قىزغىنىلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئەمەلىيەتتە، دۆلەت بىلەن دۆلەت ياكى شەھەر بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرىدۇ. شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش شەھەرلەردە باي-كەمبەغەللىك نىسبىتىنى زورايتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى ليەن جېدې بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قاتناش قىستاڭچىلىقى، مۇھىت بۇلغىنىش، ھۆلچىلىك ئاپىتى، ئۆي باھاسى ئۆرلەش... ماھىيەتتە ‹خەلقئارالىق چوڭ شەھەر كېسىلى» نىڭ ئاشكارا ئىپادىسىدۇر»③ قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسە. شەھەرلىشىشنىڭ كۆلەملىشىشى ۋە تېز سۈرئەت بىلەن كېڭيىشى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى، قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلىدىن شەھەرنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەسىدە نۇرغۇن ئېگىز-پەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رېئال تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر قاتار تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئەدەبىياتىمىزدا ئەكس ئەتتۈرۈلدىمۇ-يوق؟ خەنزۇ ئەدەبىياتىدا شەھەردىكى كەسكىن رىقابەت، ئىشسىزلىق، دېڭىزغا سەكرەش، ئاققۇن نوپۇسلارنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى، ئىشلەمچىلەرنىڭ رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدىكى بىچارىلىقلىرى، تېڭىرقاشلىرى، ئاجىزلىقلىرى، ئامالسىزلىقلىرى، غېرىب-مىسكىنلىكى ۋە تۈرلۈك بېسىم ئالدىدىكى كۈلپەتلىك تەقدىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نورغۇن رومانلار، ھېكايە-پوۋېستلار، ئەدەبىي ئاخباراتلار يېزىلدى، نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمۇ ئىشلەندى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ خىل مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش گەرچە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكىدەك مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بەزى ئەسەرلەرنى يازدى ياكى قىسمەن ئەسەرلىرىدە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدى. ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، ھاجى مىرزاھىت كېرىمىنىڭ «جۇدالىق»، مۇھەممەت سالىھ مەتروزىنىڭ «مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم»، ماھىنۇر ئابدىلىمنىڭ «تۇمان تارىغان سەھەر»، تۇرسۇن مۇسانىڭ «كېچە قىيانى» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە شەھەرگە ئىنتىلىش بىلەن شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسى خېلى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مەسىلەن، يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق رومانىدا يات ئەللەردىكى چوڭ شەھەرلەردە تۇرۇپ يۇرتىنى سېغىنغان، تەنھالىق، غېرىبلىق تۇيغۇسىدا قەلبى ئازابلانغان كىشىلەرنىڭ غېرىب، مىسكىن روھىي دۇنياسى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسى غەرب ئەدەبىياتىدا ئاللىقاچان مۇئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن دۇنياۋى ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، ئاۋسترىيەلىك يازغۇچى فرانىز كافكا (1883-1924) نىڭ «ئامېرىكا»، «ئاچلىق سەنئەتكارى»، «ھۆكۈم»، «قەلئە»، «ئايىنىش»، «چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە بىمەنىلىك، سىمۋول ۋە رېئاللىقنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىسدىكى، جۈملىدىن ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ئايىنىش» ناملىق ئەسىرىدە ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن دۇنيا، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن تەڭرى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ياتلىشىشقا سىمۋول قىلىنغان. ئۇنىڭ «چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم» ناملىق ھېكايىسىدىكى «مەن» نىڭ زىمىستان سوغۇقتا بىر چېلەك كۆمۈرگە مۇھتاج بولۇشى، ئەر-خوتۇن كۆمۈر خوجايىنلىرىنىڭ مۇزدەك رەھىمسىزلىكى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇلۇقى، رەھىمسىزلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنى كۆرسىتىپ بەرگەن. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىغا بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرى، ماددىي غېرىبلىق، يەنە بىرى، مەنىۋى غېرىبلىق.
ھەممىمىزگە ئايان، شەھەر ماددىيلاشقان گەۋدە. بۇ يەردە ئالماشتۇرۇش ۋە ئوبروت تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. ماددىي بايلىق ۋە پۇل كىشىلەرنىڭ شەھەردە پۇت تىرەپ تۇرۇش ياكى ھالاك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مۇشۇنداق ئۈستقۇرۇلمىغا ئىگە ماددىي مۇھىتتا كىشىلەر پۇل ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىدۇ. ھەتتا بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىسىدىن كېچىدۇ. ئۆي غېمى، قورساق غېمى بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنى توختىماي ئىشلەشكە، تىنىمسىز كۈرەش قىلىشقا، بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا ئۈنىدىسە، بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنى مىسكىنلىك، غېرىبلىق يولىغا ئىتتىرىدۇ. ھەتتا بەزى شەھەر ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تىركىشىش، بىر-بىرىگە ئورا كولاش، يوشۇرۇن قەست قىلىش، زەھەر سودىسى قىلىش، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش... قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە جىنايى ھادىسىلەر يۈز بېرىپ، شەھەردىن ئىبارەت بۇ ماددىي گەۋدىنى تېخىمۇ سوغۇق، تېخىمۇ يېقىمسىز ھالەتگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. دېمەك، ماددىي غېرىبلىق مەنىۋى غېرىبلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. شەھەردىكى كەسكىن رىقابەت، پۇل، ماددىي پاراغەت كىشىلەرنى ئىنتايىن ئالدىراش قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىگە بەزىدە شەخسىيەتچىلىك ۋە ياتلىشىشتەك مەنىۋى ئىللەتلەرمۇ يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شەخسىيەتچىلىك، ياتلىشىش باش كۆتۈرسە، ئەلۋەتتە، مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىق ئاجىزلايدۇ. تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشى غېرىبلىقنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسى بولۇپ، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ بېرىشى غېرىبلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولىدۇ. مەنىۋى غېرىبلىق كىشىلەرنى شەھەرنى تەرك ئېتىشكە، ھەتتا ھالاكەت يولىغا قىستايدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي غېرىبلىق ھادىسىسى ئەدەبىياتىمىزدا تېخىمۇ مۇئەييەن كۆلەمگە ئىگە بولمىدى.
بەزى شەھەر ئاھالىلىرى يوقىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە، سۇسلىشىۋاتقان ئادىمىگەرچىلىككە، يۈز بېرىۋاتقان رەزىللىكلەرگە چىدىماي چوڭ شەھەرلەرنى تاشلاپ كەتكۈسى كېلىدۇ-يۇ، ئەمما خىزمەت، تىجارەت، ئائىلە ۋە باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ؛ يەنە بەزى شەھەر ئاھالىلىرى مۇھىت بۇلغىنىشى، قاتناش قىستاڭچىلىقى، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن سەسكىنىپ يىراق سەھرالارغا كېتىشنى ئويلايدۇ-يۇ، ئەمما خىزمەت، ئائىلە ئۈچۈن ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. دېمەك، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەھەردىكى ئوي-خىياللىرى ناھايىتى چىگىش ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، شەھەردىكى غېرىبلىق ھادىسىسىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شەھەر تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان كۆپلىگەن ئەسەرلەردە شەھەردىن قاخشاش، شەھەر بىلەن يېزىنى، شەھەرلىك بىلەن يېزىلىقنى سېلىشتۇرۇش، شەھەردىكى ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ سۇسلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىپ، شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسىگە نەزەر ئاغدۇرۇش تازا يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. چوڭ شەھەرلىرىمىزدە زىمىستان قىشنىڭ ئاچچىق سوغۇقىدا بىر تال كۆمۈرگە، بىر توغرام نانغا زار بولۇۋاتقان تالاي سارغايغان چىرايلار، ئوقۇش يېشىدا تۇرۇپ ئوقۇيالمايۋاتقان تالاي مەسۈمەلەر ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ چوڭ شەھەرلەردىكى تۇرمۇشى، بولۇپمۇ روھىي غېرىبلىقى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوي-خىيال، تەپەككۇر ۋە تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىش شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇھىم بۇرچى بولالىدىمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە باش قاتۇرۇش بىزدە زادى قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى؟ قايسى يازغۇچى، قايسى شائىر بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتتى ياكى تەۋرىتىۋاتىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىشى كېرەك. شەھەردىكى غېرىبلىق مەسىلىسىنى تۈپ نېگىزىدىن قېزىپ چىقىش بىر-ئىككى يازغۇچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر-ئىككى پارچە ئەسەر يېزىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىر-يازغۇچىلىرىمىزنىڭ شەھەر كىشىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئاتموسفىراسىنى ھەر تەرەپتىن ئەستايىدىل كۆزىتىش ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىغا، ئىزچىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆلەملىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر، ئەلۋەتتە.
پايدىلانمىلار:
① شىنخۇا ئاگېنتلىقى: «‹چوڭ شەھەر كېسىلى›نىڭ رېتسېپى قەيەردە؟»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، 2013-يىل 20-ئاپرېلدىكى سانى
② ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي: «تراگېدىيەنىڭ مەنبەسى نەدە؟»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، 2013-يىل، 4-سان
③ شىنخۇا ئاگېنتلىقى: «‹چوڭ شەھەر كېسىلى›نىڭ رېتسېپى قەيەردە؟»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، 2013-يىل 20-ئاپرېلدىكى سانى
تۇرمۇشتىن چىنلىق قېزىش
−ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «شەرەنداز ئايال» رومانى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ياسىنجان سادىق چوغلان بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ تىرىشچان، ئىزدىنىشچان، كەمتەر خاراكتېرى ۋە بەلگىلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرى بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان، پروزا ئىجادىيىتىدە بەلگىلىك ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئوت يۈرەك يازغۇچى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «يۈرىكىم يىغلايدۇ»، «سۈكۈتتىكى زېمىن»، «ئاي مۆككەن كېچە»، «كاككۇك بالىسى»، «جانانغا يېزىلغان خەتلەر»، «‹دىۋان مەشرەپ›كە تۆكۈلگەن قان» ناملىق ھېكايە، پوۋېست، نەسىرلەر توپلىمى، «داۋان»، «جاللات خېنىم»، «نازىنىن قىزلار»، «شەرەنداز ئايال»، «باھادىرنامە» (ئالتە قىسىم) قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىگە دېگۈدەك ئوبزور ۋە تەسىراتلار يېزىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت ئۇتۇقلىرىغا يۈكسەك باھا بېرىلدى. بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىشتىنمۇ ئارتۇق ئالىي مۇكاپات بولمىسا كېرەك. تەبرىكلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر خاسىيەتلىك ئىش شۇكى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيىتى ئۇنىڭغا «توختاملىق يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىپ، ئۇنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. ئىجادىيەتتە ئىزچىللىقنى، خاراكتېردە كەمتەرلىكنى ئۆزىگە مەڭگۈلۈك يار قىلغان بۇ تىرىشچان يازغۇچىنىڭ 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرەنداز ئايال» ناملىق ناملىق رومانىدا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى شەھەر-يېزىلاردا مەيدانغا كەلگەن زور ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلار، كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراىشى، دۇنيا قارىشىدىكى پەرق ۋە ئۆزگىرىشلەر، كىشىلەردىكى ئىلغارلىق، يېڭىلىق، تەرەققىياتقا بولغان ئىنتىلىشلەر، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى توقۇنۇشلار ئۆزگىچە بەدىئىي مۇھىتتا تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، زامان تەرەققىياتى بىلەن بىرگە مەيدانغا چىققان بىر قىسىم ئاتالمىش زامانىۋى ئادەت-يوسۇنلار ۋە بىر قىسىم كونا، قالاق قائىدە-يوسۇنلار قاتتىق قامچىلانغان. زامانىۋى دەۋرنىڭ ئادەملەرگە يۈكلىگەن ھەرخىل تەلەپ-ئېھتىياجلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زامان تەرەققىياتىنىڭ ئادەملەر خاراكتېرىگە كۆرسىتىۋاتقان خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلىرىنى يۈكسەك بەدىئىي ماھارەت ۋە كۆركەم ئەدەبىي تىل بىلەن جانلىق، ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
مەزكۇر روماندا قادىر ئەپەندى، زۆھرە خانىم ۋە ئۇلارنىڭ پەرىدە، پەزىلەت، پەخرىدىن، پەخرىئاي قاتارلىق تۆت پەرزەنتىدىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا تەسۋىرلىنىپ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئائىلە، نىكاھ مۇناسىۋەتلىرى، ئەدەپ-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇنلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەت مىزانلىرى، يەرلىك فولكلور ئادەتلىرى، تەرەققىياتقا ئەگىشىپ مەيدانغا چىقىۋاتقان خىلمۇ خىل تۇرمۇش-نىكاھ شەكىللىرى، كىشىلەرنىڭ نىكاھ، تۇرمۇش، ئائىلىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ تىپىك مۇھىت ئىچىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور روماندا باش پېرسوناژ زۆھرە خانىمنىڭ خاراكتېرىدىكى خاسلىق ۋە ئورتاقلىقنى قېزىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى دەۋردىكى شەھەر ئاياللىرىنىڭ ئائىلە، نىكاھ، تۇرمۇش قاراشلىرىدىن تارتىپ تاكى ياشلىق ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشلىرىنى، ئاللىقاچان رېستۇرانلىشىپ كەتكەن قاتار چاي، ئولتۇرۇشلىرىنى، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىپىكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. روماندا تەسۋىرلەنگەن زۆھرە خانىم مودىغا، ياسىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇرمۇشتا ئىقتىسادچىل، گەپ-سۆزدە ئوڭلۇق ئايال. گەرچە ئۇنىڭ خاراكتېرىدىن شەھەرلىك ئاياللاردا ئومۇملاشقان گۈزەللىك قوغلىشىش، ياشلىققا ئىنتىلىش ۋە رېستورانلىشىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكنى قېزىپ چىقالىساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ گەپ-سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھاياسىزلىق، بولۇمسىزلىق ئىللەتلىرىنى زىنھار تاپالمايمىز. ئۇ شۇنداق بىر ئايالكى، تاشقى قىياپىتى گۈزەل ھەم لاتاپەتلىك، گەرچە يېشى ئەللىكلەرگە بېرىپ قالغان ھەمدە تۆت بالىنىڭ ئانىسى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنچىلىك سېھىرلىك ۋە جەزبىدار. ئىچكى ماھىيەت ۋە ئىچكى گۈزەللىك جەھەتتە، ئۇ يەنىلا شۇنچە سۆيۈملۈك، ئېرى ۋە بالىلىرىغا ۋاپادار ئايال. دوستلىرىنىڭ چەكتىن ئاشقان، ھاياسىز چاقچاقلىرى ئالدىدا ئۇ شۇنداق خىجىلچان. مۇنۇ تەسۋىرلەر بۇ قارىشىمىزنىڭ روشەن دەلىلى:
«-كەيپىياتىڭ ئەجەپ ناچارغۇ، خېنىم. بۈگۈن ئېرىڭ نېسىۋەڭنى بەرمىگەن ئوخشىمامدۇ؟
- ئوھۇش، خېنىم، سەت چاقچاق قىلمىغىنا، قېرىغاندا كىمگە خۇشياقىدۇ. نەگە ئاپارسا ئاپارسۇن ئۇ نېسىۋىسىنى...» (رومان، 3-بەت)
ئاپتور روماننىڭ بېشىدىلا باش پېرسوناژ زۆھرە خانىمنىڭ رېستوراندا بولىدىغان قاتار چايغا بېرىش ئۈچۈن پەرداز ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا پېتىشلىرىنى، بارغانسېرى قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان ھەسرەتلىك تىنىشلىرىنى، باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشلىرىنى، ھەتتا تېلېۋىزورلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ھەرخىل گېرىم بويۇملىرى ئېلانلىرىدىكى قىزىقتۇرۇش-جەلپ قىلىشلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى، كىملەرگە ماس كەلگەن-كەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە مۇلاھىزىلىرىنى، كۆڭلىدىن كەچكەنلىرىنى شۇنداق تەپسىلىي تەسۋىرلەش ئارقىلىق بىزنى باش پېرسوناژ زۆھرە خانىم ھەققىدە دەسلەپكى تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرىدىن بىز دەسلەپتە ئۇنىڭغا ياسانچۇق، بەتخەج، دېگەن تامغىنى باسىمىز-يۇ، ئەسەرنى باشتىن-ئاخىر تەپسىلىي ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بولسا، ئۇنىڭدا شەھەرلىك ئاياللاردىكى گۈزەللىككە ئىنتىلىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمما بەتخەجلىك ئىللىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇ كۆز ئالدىمىزدا ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى ئويلايدىغان، بالىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن خۇشال بولىدىغان، يىغلايدىغان مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل ئانا بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، روماننىڭ بېشى زۆھرە خانىمنىڭ رېستورانغا بېرىش ئۈچۈن پەرداز ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ بارغانسېرى قېرىلىققا يۈزلىنىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىشلىرى بىلەن باشلانغان بولسا، روماننىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ رېستوراندىكى خۇشاللىقلىرى، كۈلكىلىرى، ھاياجانلىق پاراڭلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
«زۆھرە خانىم ئالدىراش پەرداز ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەينەكتىكى چىرايىغا قاراپ ھەسرەتلىك ئۇھ تارتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگىنى پەرداز ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەينەكتىكى چىرايىغا قاراپ ھەسرەت چېكەتتى. ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلار، چېچىدىكى ئاقلار كۆپىيىپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ كۆڭلى غەش بولاتتى.» (رومان، 1-بەت)
«بۈگۈن زۆھرە خانىم ئادەتتىكىدىن تاشقىرى روھلۇق ئىدى، ھېچكىمگە گەپ بەرمەيتتى، ھەممە پاراڭغا تەڭ قوشۇق سالاتتى.» (رومان، 422-بەت)
زۆھرە خانىم ئەسەرنىڭ بېشىدا بارغانسېرى قېرىلىق يەتكەن چىرايىغا قاراپ ھەسرەت چەككەن، ئاھ ئۇرغان بولسا، ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئائىلىسى ۋە بالىلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن كۈلىدۇ، خۇشال بولىدۇ. بىز روماندىن زۆھرە خانىمنىڭ مودىغا، ياسىنىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسىمۇ، يەنە ئۇنىڭ ئەنئەنىگە مايىل خاراكتېرىنى، ئائىلىدە ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋالىدىغان جاھىل مىجەزىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئەپۇچان، سەمىمىي، كەڭ قورساق خاراكتېرىنىمۇ كۆرۈپ يېتەلەيمىز. مانا بۇلار باش پېرسوناژ زۆھرە خانىم خاراكتېرىدە تېپىلىدىغان مۇھىم ئېلېمېنتلار ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر رومان توغرىسىدا ھازىرغىچە ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە باھالار مەيدانغا چىقتى. بەزىلەر «بۇ روماندىكى پېرسوناژلار خاسلىققا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى شەھەر كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى خېلى ياخشى ئېچىپ بېرىلگەن، ئەسەردىكى ‹شەرەنداز ئايال› زۆھرە خانىم بىر قەدەر جاھىل، قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان، خاراكتېرىدە شەخسىيەتچىلىك بىلەن كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق بىلەن قاتتىق قوللۇق، داغۋازلىق بىلەن ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسى بار» دېسە، يەنە بەزىلەر «بۇ روماندىكى پېرسوناژلار خاسلىققا ئىگە قىلىنمىغان، ھەتتا ‹شەرەنداز ئايال› دەپ ئاتالغان زۆھرە خانىم ئوبرازىمۇ خاسلىقتىن مۇستەسنا ھالدا يارىتىلغان. زۆھرە خانىم ۋۇجۇدىدىن، ئىش-ھەرىكىتىدىن شەرەنداز ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېلېمېنتلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت گەپ-سۆزى ئوڭلۇق، ئىقتىسادچىل، ئېھتىياتچان ئايال سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. ئۇ سۆلەتۋازمۇ ئەمەس، داغۋازمۇ ئەمەس، ئەكسىچە ئەنئەنىگە مايىل ئايال» دەپ باھا بېرىشتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مەلۇم بىر ئەسەر ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە پىكىرلەرنىڭ بولغىنى ئەۋزەل. چۈنكى بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەدەبىياتتا مۇنازىرە بولۇپ تۇرسا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىگىمۇ ئىجابىي تەسىرى بولىدۇ. مۇنازىرە قوزغىغان ئەسەرلەردە زور بايقاشلار يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. يا ئېچىشتۇرغۇدەك، يا قىچىشتۇرغۇدەك يېرى بولمىغان ئەسەرنى يازغاندىن يازمايلا قويغان تۈزۈك. لۇشۈن ئەپەندىنىڭ «ئاQنىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» ناملىق پوۋېستى نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغايدۇ؟ ئەھەد تۇردىنىڭ «خەير-خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە» ناملىق ھېكايىلىرى، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «بۇرۇت ماجىراسى»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھېكايىلىرى نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتە بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەبچى بولىدۇ؟ چۈنكى ئۇ ئەسەرلەردە ھەم «ئېچىشتۇرغۇدەك»، ھەم «قىچىشتۇرغۇدەك» نەرسىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىدا. «شەرەنداز ئايال» رومانىنىڭ مۇشۇنداق مۇنازىرە قوزغىيالىشى دەل ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. روماندىكى باش پېرسوناژ زۆھرە خانىم تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن تىپىك پېرسوناژ. بەدىئىي تىپنىڭ خاسلىق بىلەن ئورتاقلىنىڭ مۇكەممەل بىرلىكىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئەگەر بۇلاردىن بىرى كەم بولىدىكەن ياكى ئاجىز يارىتىلىدىكەن، ئۇ ھالدا مەزكۇر پېرسوناژ تىپىك پېرسوناژلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدۇ. زۆھرە خانىمنى ئالساق، بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەم شەھەر قوينىدا ياشاۋاتقان، مۇقىم خىزمىتى بار نۇرغۇن ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەر−مودا قوغلىشىش، ياسىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، گۈزەلىككە ئىنتىلىش، قېرىلىقتىن زارلىنىش، رېستورانلىشىش قاتارلىق ئورتاقلىقلارنى بايقىيالايمىز، ھەم ئۆزىگە خاس روشەن ئالاھىدىلىكلەر ھېسابلانغان−گەپ-سۆز، ئىما-ئىشارەت، قاش-كىرپىك، بوي-تۇرق، ئىش-ھەرىكەتلەرنى ھېس قىلالايمىز. مانا بۇلاردىن بىز زۆھرە خانىمنى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان ھەم خاسلىق ئىچىدە ئۆز لاتاپىتىنى جەۋلان قىلغان پېرسوناژ، دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز.
تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن مەزكۇر روماننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، روماندا بۈگۈنكى دەۋردىكى مۇرەككەپ شەھەر تۇرمۇشى ۋە شەھەر قوينىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ مۇرەككەپ، رەڭدار تۇرمۇشى خاس بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن تەسۋىرلىنىپ، شەھەرلىشىشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە، روھىغا، قىياپىتىگە ۋە پسىخىكىسىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ كەسكىن توقۇنۇشلىرى، كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراش، دۇنيا قاراشلىرى بىرقەدەر مۇپەسسەل ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاپتور شەھەر كىشىلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ناچار تەرەپلىرىنى كەسكىن شاللىۋېتىشكە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەنئەنىلەرگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان. مىللىيلىكتىن ياتلاشقان ئەبجەش، خۇنۇك مەدەنىيەتنى ھەم بۇنداق مەدەنىيەت ئۈندۈرمىلىرىنى يۇقتۇرۇۋالغانلارنى قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئالغان. روماندا يەنە، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر، ئەر-خوتۇنلار، قولۇم-قوشنىلار ۋە دوست-بۇرادەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەپ-ئەخلاق، پەدىشەپ، ھايا كۈچەپ تەكىتلىنىپ، بۇلارنى تەرك ئەتكەنلەر ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئېلىنغان. بولۇپمۇ مەزكۇر رومان بۈگۈنكى دەۋر شەھەر ئاياللىرىنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى مۇرەككەپ خاراكتېرىنى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن ھەمدە گۈللىنىۋاتقان شەھەر ئەدەبىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. مانا بۇ تەرەپلەردىن بۇ روماننى ئۇتۇقلۇق چىققان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى، روماندا ئاپتور پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، ئۇلارنىڭ پسىخىك كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەشكە، گەپ-سۆزلىرىنى چوڭقۇر ھەم جانلىق ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بولۇپمۇ باش پېرسوناژ زۆھرە خانىم ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پەۋقۇلئاددە كۈچ سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرى، باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشلىرى ھەققىدىكى پسىخىك كەچۈرمىش كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. بەزىلەر «شەرەنداز» دېگەن سۈپەت روماندىكى زۆھرە خانىمغا قىلچە ماس كەلمىگەن، دەپ قاراشتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، «شەرەنداز» دېگەن سۆز «كۆڭلىنىڭ سۈيى بار» دېگەن مەنىگە ئىگىمىش. روماندىكى زۆھرە خانىمنىڭ «كۆڭلىدە سۈيى» بولمىغاچقا بۇ نام ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىكەن. نېمىشقا ماس كەلمىگۈدەك؟ «شەرەنداز» دېگەن سۆزنى يەنە «سۆلەتۋاز» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇغۇ؟ زۆھرە خانىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن سۆلەتۋاز ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېلېمېنتلارنى تاپقىلى بولىدۇغۇ؟ سۆلەتۋاز ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا «كۆڭلىدە سۈيى بار» بولمايدۇ-دە! شەھەرلىكلەر ئارىسىدا زۆھرە خانىمغا ئوخشاش شۈكرى-قانائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى ئويلايدىغان، ئېرىگە ۋاپادار نۇرغۇن ئاياللار بارغۇ؟ ئەگەر سۆلەتۋاز ئاياللارنىڭ ھەممىسىلا «كۆڭلىدە سۈيى بار، ئېغىزىدىنمۇ، قولىدىنمۇ ئىش كېلىدىغان» لار بولىدىغان بولسا، بىز شەھەردە ياشىمىساقمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا، بىزنىڭ «شەھەر مەدەنىيىتى» ياكى «شەھەر ئەدەبىياتى» دەپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمايدۇ.
ئۈچىنچى، روماننىڭ تىلى ئاددىي ھەم چۈشىنىشلىك بولۇپ، ھەرقايسى قاتلام ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە بەدىئىي لەززەت ئېلىشىغا تولۇق ماس كەلگەن. روماندا ئاپتور يەرلىك شىۋىلەردىن ۋە ماقال-تەمسىللەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ روماننىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغان. بىز روماندىكى ئىخچام، جانلىق دىئالوگلاردىن يەرلىك پۇراقنى، شۇنداقلا شەھەرلىك ئاياللاردىكى سۆزلەش ئادىتىنى ھېس قىلىمىز. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ئاپتور پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىخچام دىئالوگ ئارىسىدا چوڭقۇر مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقال-تەمسىللەرنى قوللىنىپ، پىكىرنىڭ جانلىق، ئۆتكۈر ھەم قايىل قىلارلىق ئېچىپ بېرىلىشىگە ئاساس سالغان. مىسال ئۈچۈن تۆۋەندىكى دىئالوگقا قاراپ باقايلى:
«- ئىختىيارىڭ، ئىشقىلىپ مەن دەپ قويدۇم. ھاڭگا ئېشەكنىڭ تۇمشۇقى، ئەر خەقنىڭ كۆزى قېرىمايدۇ، دەيدىغان گەپ بار. قىز-چوكانلارنى كۆرگەندە سۇيۇلۇپلا كېتىدۇ ئۇلار. سېنىڭ ئېرىڭغۇ ئىشەنچلىك، شۇنداقتىمۇ ئېرىڭگە ئىشەنگۈچە، ئۆيۈڭنىڭ بوسۇغۇسىغا ئىشەن، دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟» (رومان، 4-بەت)
ئۇنىڭدىن باشقا، رومان ئىسمىنىڭ جەلپكار قويۇلىشىمۇ مەزكۇر رومانغا بەلگىلىك دەرىجىدە سۈلكەت ئاتا قىلغان ھەمدە روماننىڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قېلىشىنىڭ خېلى مۇھىم ئاساسى بولۇپ قالغان.
ھەممىلا ئەسەردە تۇرمۇشنىڭ قاراڭغۇ، خۇنۇك تەرەپلىرى تەسۋىرلىنىۋەرمەيدۇ. تۇرمۇشتا بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشايدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا بەزىلەرنىڭ «روماندا ئائىلە، نىكاھ ئىشلىرى بەك ئوڭۇشلۇق يېزىلىپتۇ، بەزى پېرسوناژلار ئوڭۇشسىز يارىتىلسا ياخشى بولاتتى» دېيىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. ئەگەر يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ھەممە يازمىلىرىدا تۇرمۇش قاراڭغۇ، ئادەملەر يىغلاڭغۇ يارىتىلسا، كىتابخانلارغا ئاتا قىلىدىغان ئېستېتىك لەززەتتىن، ئۈمىدۋارلىق روھتىن ئېغىز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا، بىز تۇرمۇشنى سۈنئىي، ساختا تەسۋىرلەپ قويۇپ، ھەقىقىي گۈزەللىكتىن ئايرىلىپ قالىمىز. قايسى بىر دانا: «چىنلىقتىن ئايرىلىپ قالساڭ گۈزەللىكتىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن» دەپ توغرا ئېيتقان. تۇرمۇشتا ئەسلىدە بار گۈزەل نەرسىلەرنى زورلاپ خۇنۇكلەشتۈرۈپ يېزىشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى؟ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ياسىنجان سادىق چوغلان «شەرەنداز ئايال» رومانىدا تۇرمۇشتىكى خۇنۇك ھادىسىلەر ئىچىدىن گۈزەل ئېلېمېنتلارنى قېزىپ چىقىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك، نېمىنىڭ خۇنۇكلۇك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ بەردى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ بۇ روماننى ئۇتۇقلۇق چىققان، دېيىشكە بولىدۇ.
ئادەم مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ ياشايدۇ. لېكىن مۇكەممەللىككە يېتەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. دۇنيادا مۇكەممەل نەرسىمۇ مەۋجۇد ئەمەس، شۇنىڭدەك مۇكەممەل، نۇقسانسىز يېزىلغان ئەسەرمۇ مەۋجۇد ئەمەس. «شەرەنداز ئايال» رومانىدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك كىچىككىنە بىر يېتەرسىزلىك بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاپتور باش پېرسوناژ زۆھرە خانىم ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بەك كۈچەپ كېتىپ، روماندىكى باشقا پېرسوناژلار خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە سەل قارىغان. روماندا يەنە قادىر ئەپەندى، پەرىدە، پەزىلەت، پەخرىدىن، پەخرىئاي، يەنە نۇرغۇن قوشۇمچە پېرسوناژلارغا لايىقىدا ئورۇن بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپتور «شەرەنداز ئايال» زۆھرە خانىم ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ ئوبرازلارغا «سول كۆزى» دە قارىغان. شۇڭا روماننى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ پېرسوناژلار ھەققىدە ئېسىمىزدە ھېچنېمە قالمايدۇ. گەرچە بۇ كىچىككىنە يېتەرسىزلىك روماننىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ، لېكىن روماننىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىگە قىسمەن دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزۈپ قويغان.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان «شەرەنداز ئايال» ناملىق بۇ رومانى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا «نازىنىن قىزلار» رومانى ياراتقان رومان ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ رومان ئىجادىيىتىدە بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىز ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللە يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
نەسىر−سېھىرلەنگەن مۇزىكا
−«ئەپيۈنگۈل» ۋە «گۈلتاشتىكى مەخپىيەت» ناملىق كىتابلار ھەققىدە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
نەسىر−سۆيۈلۈشتىن قۇۋۋەت تاپىدىغان، سۆيۈشتىن لەززەت ئالىدىغان سۆيگۈ ئىلاھى. ئۇنىڭ ئۈنسىز تىۋىشلىرى ئىنساننىڭ قەلب تارىغا زەخمەك ئۇرۇپ، بىردە قاقاقلىتىپ كۈلدۈرسە، بىردە زار-زار يىغلىتىدۇ؛ بىردە چوڭقۇر ئۆيغا چۆكتۈرسە، بىردە ئۈنسىز سۆيدۈرىدۇ. ئۇ ئادەمنى كېچە-كۈندۈز ئۇخلاتمايدىغان، ئازابلىق سېغىندۇرىدىغان، ھەتتا كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان پەرىشتىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان كىشى ئۇنىڭدىن مەڭگۈ مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. «ئەپيۈنگۈل» (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى) دىن باشلانغان ئاشىق رىۋايىتى يازغۇچى ئوسمان قاۋۇلنى بۇ سۆيگۈ ئىلاھىنىڭ يالقۇنلۇق ئوچاقلىرىدا تاۋلىدى، پىشۇردى. ئۇ ئۇزاق يىللىق نەسىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، نەسىرنىڭ رەڭدار شەكىللىرى ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدەندى، تالاي قېتىملاپ سىناق ئېلىپ باردى. «گۈلتاشتىكى مەخپىيەت» (شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2012-يىل نەشرى) تە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىلاش، بەدىئىي ۋە پەلسەپىۋى پەللىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى مەنىۋى ئۈنۈمگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ نەسىرلىرى تىل جەھەتتىن ئويناق، ۋەزىن جەھەتتىن يەڭگىل، ھەجىم جەھەتتىن ئىخچام بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، شۇنداقلا يەنە ھەم لىرىكىلىق، ھەم ئېپىكىلىق، ھەم رېئالىستىك، ھەم رومانتىكىلىق ئامىللارغا ئىگە بولۇشتەك بىرقاتار ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن ئەخمەت ئىمىن، نۇرمۇھەممەت توختى، ھاجى ئەھمەت كۆلتېگىن، بەگمەت يۈسۈپ، ئەنۋەر تاشتۆمۈر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەسىرلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.
نەسىردە تىرەن پىكىر، چوڭقۇر مەزمۇن ئويناق ۋە گۈزەل تىل ئىبارىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەن قەلبىگە ئىختىيارسىز بۆسۈپ كىرىدۇ. ئۇ قانداقتۇر سۆز ئوينىتىش ياكى گەپ سېتىش ۋاستىسى ئەمەس، بەلكى مول تەسەۋۋۇر، گۈزەل تىل، چوڭقۇر تەپەككۇر ئارقىلىق ئوقۇرمەننى تۇرمۇش سەھنىسىدە بەلگىلىك ئويغا سالىدىغان، ئوقۇرمەنگە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى، ياشاشنىڭ قىممىتىنى، ئادىمىيلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان مەنىۋى سەھنە. نەسىر گېزى كەلگەندە «خەنجەرمۇ، تاپانچىمۇ بولالايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئەپچىل ئۆرپ-ئادەت خەرىتىسىمۇ بولالايدۇ. كىشىگە خۇشاللىق ۋە ئارام بېغىشلايدىغان مۇزىكىمۇ بولالايدۇ» (كې لىڭ). ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرى جەمئىيەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئېسىل ئۆرپ-ئادەت خەرىتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىگە ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدىغان خەنجەر ھەم تاپانچىمۇ بولالايدۇ. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىكى تىرەن پىكىر، ھەم پەلسەپىۋى، ھەم لىرىك مۇھاكىمىلەر، گۈزەل ۋە ئويناق تىل، ئاجايىپ جايىغا چۈشكەن بەدىئىي ۋاسىتىلەر، مول تەسەۋۋۇر كەڭلىكى ئوقۇرمەن ۋۇجۇدىنى ئىختىيارسىز لەرزىگە كەلتۈرۈپ، كىشىگە خۇشاللىق، ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ئارام ئاتا قىلىدىغان لىرىك مۇزىكىنى ئاپىرىدە قىلغان. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىن گاھ پىئانىنونىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرىنى ئاڭلىساق، گاھ دولان راۋابىنىڭ جەڭگىۋار ساداسىنى ئاڭلىيالايمىز؛ بىردە بىتخوۋېن، موزارت، چايكوۋېسكىينىڭ لىرىك سىمفونىيىلىرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە بولساق، بىردە قەشقەر سەنىمى، تۇرپان سەنىمى، غۇلجا سەنىمىگە جۆر بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە بولىمىز. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ئادەمگە ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان تەرەپلەرمۇ، ئادەمگە ئىبرەتلىك ساۋاق بېرىدىغان تەرەپلەرمۇ دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغان كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، كىشىنى ئىبرەتلىك ساۋاققا ئىگە قىلىپ، ئادىمىيلىك يولىغا باشلايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە بىردە دەۋردىن ھالقىغان ئوتلۇق تەلپۈنۈشلەر تاغ سۇلىرىدەك ئىنتايىن سۈزۈك ئەكس ئەتسە، بىردە دەۋرىمىزدىكى ئەقىدە ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنە، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرم-ھايا، ئىمان-ئېتىقاد، ۋىجدان-غۇرۇر ۋە ئادىمىيلىك مىزانلىرى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ ئەكس ئېتىدۇ.
كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بىر تەرىپى شۇكى، ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھ، مىللىي قىياپەت ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نەسىرلىرىنى ئوقۇساق، ساپ ئۇيغۇرچە تەپەككۇردىن، ئۇيغۇرچە پىكىر قىلىش يولىدىن دىلىمىز يورۇيدۇ، قەلبىمىز شادلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ. مىللىيلىك ئەكس ئەتمىگەن ھەرقانداق بىر ئەسەر ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. چۈنكى مىللىيلىك بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ جان تومۇرى ۋە سىمۋوللۇق بەلگىسى. ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرىدە بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش گەۋدىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈرەشلىرى بىلەن چەمبەرچاس بىرىكىپ كەتكەن مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي كىيىم-كېچەك، تىل-يېزىق ۋە ئاتالغۇلارنىڭ دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى روشەن ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نەسىرلىرىنى ئەنئەنە، تىل-يېزىق ۋە ئاتالغۇلار لۇغىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىكى يەر-جاي ناملىرى ۋە ئاتالغۇلارنىڭ ئېتىمولوگىيەلىك جەھەتتىن ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈشى، ئەسلىدىكى شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ.
نەسىر ئىنسان قەلبىدىكى ئىزگۈ تىلەكلەرنى ئاجايىپ ئويناق تىل تىۋىشلىرى ئارقىلىق ئاۋامنىڭ روھىغا باشلاپ كىرگۈچى مەيىن شامالدۇر. ئۇنىڭ مەيىن ئاۋازى ئاۋام قەلبىنى گاھ شادلاندۇرسا، گاھ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نەسىر بايان شەكلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن بارلىق ئەدەبىي شەكىللەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان ژانىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەييار قېلىپى بولمايدۇ، شۇڭا شەكىل جەھەتتىن رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن ئىخچام ۋە چوڭقۇرلۇقنى تەلەپ قىلغاچقا، تاللانغان، شېئىرىي تۈسكە ئىگە تىللارنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا نەسىرچىنىڭ قورالى نەسىردە ئىپادىلەنگەن گۈزەل ۋە ئوبرازلىق تىلدا ئۆز جەزبىدارلىقىنى نامايان قىلىدۇ. نەسىر رەڭدارلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئەركىن ژانىر. يازغۇچى ئوسمان قاۋۇل نەسىرنىڭ مەلۇم بىرخىل شەكلىگە ئېسىلىۋېلىشنى ياكى نەسىرلىرىنى مەلۇم بىر خىل قېلىپقا سېلىۋېلىشنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايدىغان يازغۇچى. ئۇنىڭ نەسىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى چوڭقۇر بولغاننىڭ ئۈستىگە، نەسىرلىرىنىڭ شەكلىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىنغان. «ئەپيۇنگۈل»، «گۈلتاشتىكى مەخپىيەت» قاتارلىق كىتابلىرىدا بۇ خىل ئالاھىدىلىك تېخىمۇ يارقىن ئەكس ئەتكەن. يولداش چېن مو: «ياخشى نەسىرنىڭ بەزىسى كىشىگە ۋال-ۋۇل قىلىپ يالتىراپ تۇرىدىغان خەنجەرنى، بەزىسى ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مۇڭلۇق بامبۇك نەينى ئەسلىتىدۇ؛ بەزىلىرى بىغۇبار سۈزۈك كىرىستالغا ئوخشىسا، بەزىلىرى چاقناپ تۇرىدىغان نۇرلۇق كەھرىۋاغا ئوخشايدۇ. نەسىرنىڭ خىلمۇ خىل شەكلىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، ھەرخىل شەكىللەر مۇمكىنقەدەر خىلمۇ خىل مەزمۇندا بولۇشى كېرەك» دەپ ئېيتقان. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيىتىنى ھازىرلىغان. ئۇنىڭ نەسىرلىرى بىردە لىرىكىلىققا تويۇنغان ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقسا، بىردە ئېپىكىلىققا تويۇنغان ھالەتتە زاھىر بولىدۇ؛ بىردە ھەم لىرىكىلىق، ھەم ئېپىكىلىق ھالەتتە گەۋدىلەنسە، بىردە پەلسەپىۋى مۇھاكىمىگە لىق تويۇنغان ھالەتتە قەلبىمىزنى لال قىلىدۇ. ئۇ نەسىرلىرىدە ئەزەلدىن شەكىل قوغلاشمايدۇ، ئەكسىچە، ئۆز مۇددىئاسىغا ماس كېلىدىغان قانداق شەكىل بولسا، شۇ خىل شەكىلنى ئىشلىتىۋېرىدۇ. ھەتتا بىرنەچچە خىل شەكىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكى ئارقىلىقمۇ كۆڭلىدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىمالال ئىپادىلەپ كېتىۋېرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇنى نەسىرچىلىكتە ئۆزىگە خاس يول تۇتقان يازغۇچى، دېيىشكە بولىدۇ.
مەشھۇر يازغۇچى گومورو: «ئەدەبىيات تىل سەنئىتى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل مۇھىم قورال. سەن تىلنى خۇددى ھەيكالتىراشنىڭ قولىدىكى يۇمشاق لايدەك، رەسسامنىڭ قولىدىكى بوياقتەك ئەركىن ئىشلىتەلىسەڭ ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسەن» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى. ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرىنىڭ تېماتىك ئالاھىدىلىكى يارقىن بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ئاجايىپ ئويناق، پاساھەتلىك، ئوبرازلىق تىل مەۋايىتتەك جۇلالايدۇ. ئۇ تىل ئىشلىتىشكە، سۆز ياساشقا ماھىر يازغۇچى بولۇپ، ئۇنى بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن خاسلىق شەكىللەندۈرگەن، دېيىشكە بولىدۇ. تىل بارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ گۈزەل ياكى خۇنۈك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. بولۇپمۇ نەسىرلەرنىڭ تىلغا قويۇلىدىغان تەلىپى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئوسمان قاۋۇل شېئىرىيەت، پىروزا ۋە نەسىرچىلىكتە تەڭ قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان كۆپ قىرلىق ئەدىب. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ھەم شېئىرىي تىل، ھەم نەسرىي تىل ئورگانىك بىرلىشىپ، ئۇنىڭ نەسىرلىرىگە قويۇق شېئىرىي مۇھىت ئاتا قىلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ نەسىرلىرىدىكى گىرەلەشكەن ئويناق شېئىرىي مىسرالار ئۇنىڭ نەسىرلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدىكى خاسلىققا ئىگە قىلغان. مەسىلەن:
«نىگارىم، نۇرلۇق سىياھىڭ قەلب ئەينىكىمدە ئاجايىپ جەزىبە بىلەن نامايان بولاتتى. ھەئە، سەن قەلبىمدىكى ئەڭ بۈيۈك ئىنسان ئىدىڭ، مېھرىڭ گويا دانكونىڭ يالقۇنلۇق يۈرىكىدەك دىلىمنى، ياق، پۈتكۈل قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقاندەك بولاتتى، سەدەپتەك لەۋلىرىڭنى قىمىرلىتىپ ئەقىلنى لال قىلغۇچى تەبەسسۇمىڭ بىلەن قىيا بېقىشىڭ ئارامىمنى بۇزاتتى...»
−«ئەپيۈنگۈل» (چاڭقاق تۇيغۇلار) دىن
«كېتىپ بارىمەن چەكسىزلىكلىرىڭدە، ئالدىمدا ئاۋۇن، باغرىمدا تۈتۈن، ھەم نەپسىمدىن گۈرگىنىپ تىترەيدۇ گۇگۇم... ئايلانمىسۇن دىللار چەرخى بەك، تېۋىنىشتا چاك بولمىسۇن بۇ ئاجىز يۈرەك!...»
−«گۈلتاشتىكى مەخپىيەت» (تېۋىنىش بايانى) دىن
ئەنگلىيەلىك مەشھۇر شائىر شېللېر: «كىشىلەرگە تونۇش بولغان تىلنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بۇ، يازغۇچى مەنسۇپ بولغان مەلۇم ئالاھىدە سىنىپنىڭ تىلى بولماستىن، بەلكى جەزمەن ئادەتتىكى خەلقنىڭ تىلى بولۇشى كېرەك.» دەپ تەلىم بەرگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، يازغۇچى ئوسمان قاۋۇل نەسىرلىرى قوپال ھەم چۈشىنىكسىز تىللاردىن ياكى دەبدەبىلىك، ئابىستراكىت تىللاردىن تامام مۇستەسنا بولۇپ، ئاۋام خەلقنىڭ ئاددىي، يېقىملىق، لەزىز تىلىغا يېقىنلىشتۇرۇلغان. ئۇ بۇ نۇقتىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بەردى ھەمدە ئىجادىيىتىدە بۇ خىل ئىزچىللىقنى ئۆزىگە باشتىن-ئاخىر ھەمراھ قىلدى.
نەسىرنى كۆڭۈل بېغىغا خۇشپۇراق گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدىغان گۈزەل باغقا ئوخشاتساق، نەسىرچىنى شۇ گۈزەل باغنى پەرۋىش قىلغۇچى باغۋەنگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. باغنى خۇشپۇراق لالىزارلىققا ئىگە قىلش ياكى گىياھسىز چۆلگە ئايلاندۇرۇش ئاشۇ باغۋەننىڭ تىنىمسىز ئەجرىگە، ھالال مېھنىتىگە باغلىق بولغىنىدەك، نەسىرنى ئاۋام سۆيۈپ ئوقۇغۇدەك يېزىش نەسىرچىنىڭ تالانتىغا، تىرىشچانلىقىغان باغلىق بولىدۇ. يازغۇچى ئوسمان قاۋۇل نەسىردىن ئىبارەت بۇ لالىزار باغچىدا تىنىمسىز ئەجىر قىلدى، ھالال ئەجرىگە تايىنىپ، ھەربىر كۆچەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى. نەتىجىدە ئۇنىڭ كۆچەتلىرى مېۋىگە كىرىپ، تالاي چاڭقىغان دىللارغا ئاراملىق ئېلىپ كەلدى. «نەسىر مىللەتنىڭ روھىدىكى ئۇلۇغۋار تەلپۈنۈشلەرنى تىل تىۋىشلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلىگەن مۇھەببەتلىك تەلقىنلەرنىڭ يازما ئىزنالىرىدۇر. ياخشى نەسىردىن زوق ئېلىش، ئۇنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىش بىزنى مىللىي روھ قاتلىمىدىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ھەقىقەتنى چۈشىنىش، ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەتنى چىن مەنىسى بىلەن قەدىرلەش، گۈزەللىككە، غايىگە ئىنتىلىشتەك يۈكسەك قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئاداققى قىممىتىنى ئىزدەش دەل نەسىرچىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.» دەيدۇ ئاپتور نەسىرنىڭ قىممىتى ۋە نەسىرچىنىڭ بۇرچى ھەققىدە توختىلىپ. شۇنداق، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى چۈشەنمىگەن، ئادا قىلالمىغان يازغۇچىدىن ياخشى ئەسەر چىقمايدۇ. ئۇنداق يازغۇچى ئەدەبىياتنىڭ قىممىتىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ. ئوسمان قاۋۇل بۇ جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن سوققان يۈرىكى، تىنىمسىز ئىزدىنىشى بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەيدۇ. «تۇيغۇمىزدىكى ئالەم بىلەن شۇنداق دەقىقىدە يۈزلىنىپ تۇرىمىزكى، ئۇ ئالدىمىزدا تۈرلۈك-تۈمەن سېھرىي-ھېكمەتلەر شەكلىدە زاھىر بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئۆزگىرىش، ھەر زەررە گويا ساماۋى پەرىشتىنىڭ مەستخۇشلۇق ئىچىدىكى تەبەسسۇمىدەك بىزنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلىپ، يەنىمۇ مۇكەممەللىك ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىشكە چاقىرىدۇ... شۇنداق، مۇكەممەللىك ئۈچۈن سۈمۈرۈلگەن ھەر نەپەس توختاپ قالغان ئەمەس، ئۇ مەڭگۈ توختىمايدۇ!...» دەپ جاراڭلىق خىتاب قىلىدۇ ئاپتور ئالەم، ئادەم ۋە مۇكەممەللىك ھەققىدە توختىلىپ. شۇنداق، ئۇ دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلدى ۋە بۇ يولدا يېڭى ئىزلارنى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىلگىرىلىدى. بىز ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ھەم بۈيۈك يولدىكى يېڭى ئىزلىرىنىڭ پورەكلەپ چېچەك ئاچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى ئەسەرلەر "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" دە 2013-يىلى ئېلان قىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-28 09:40