ئەدەبىياتىمىزدا ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئائىلە−ئەر، ئايال ۋە بالىدىن تەركىب تاپىدىغان ئىجتىمائىي بىرلىك. يەنىمۇ ئوبرازلىق قىلىپ ئېيتساق، ئۇ بىر ۋەتەن. ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە كىمدەم كىم بۇ ۋەتەنگە سادىق بولمايدىكەن ياكى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بىرلىكىگە، ئىناقلىقىغا دەز كېتىدۇ. بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەتەن مۇكەممەل ۋەتەن بولالمىغاندەك، ئىناقلىقىغا دەز كەتكەن ئائىلىمۇ بەختلىك ئائىلە بولالمايدۇ. ئائىلە خارابلاشسا، ئائىلە ئەزالىرىمۇ خارابلىشىدۇ. بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەر بىلەن ئايالنى شۇ ئائىلىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى، ئائىلە تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەپ تۇرغۇچى كۈچ، دەپ قارىساق، بالىنى (پەرزەتنى) ئەر بىلەن ئايالنى شۇ ئائىلىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئارغامچا، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ھالدا، مۇھەببەت، مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق، ساداقەتمەنلىك قاتارلىق مەنىۋى پەزىلەتلەرنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ، بالا بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك، دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى تەۋرەپ قالسا ياكى بۇزۇلسا، ئارغامچىمۇ ئۈزۈلىدۇ. ئۈزۈلگەن ئارغامچىنى ئۇلىغىلى بولسىمۇ، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. قارايدىغان بولساق، جەمئىيىتىمىزدە ھازىر مانا مۇشۇنداق «كۆۋرۈك» لەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى تالاي «ئارغامچا» لارنىڭ ئۈزۈلۈپ، تالاي ئائىلىلەرنىڭ خارابلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنداق خارابلاشقان ئائىلىلەردە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقىنى يەنىلا شۇ گۇناھسىز بالىلار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. غېرىبلىق، مىسكىنلىك، يېتىملىك ۋە چۈشكۈنلۈك بالىلارنىڭ ئاجىز روھىي دۇنياسىغا، يېتىلىۋاتقان پىسىخىكىسىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى چۈشكۈن، ئۈمىدسىز، مېھىرسىز، ھەتتا رەھىمسىز، ئىسيانكار قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ئۇلاردا جەمئىيەتكە، ئادەملەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ھەمىشە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشنىلا ئويلايدىغان پىسىخىك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. يا ئاتىلىق، يا ئانىلىق مېھىرگە ئېرىشەلمىگەن، ئائىلە ئىللىقلىقىدىن بەھرىمان بولالمىغان بىر قىسىم بالىلار ئوغرىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ياكى ئاممىۋىي ئەسلىھەلەرنى بۇزۇۋېتىش شەكلى ئارقىلىق جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىۋاتىدۇ. بۇ تىراگېدىيەنى كىم كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ مەنبەسى زادى نېمە؟ دېگەندەك بىر قاتار سوئاللار ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. مەكتەپلەردە ھەمىشە مەسىلە سادىر قىلىدىغانلار ياكى ساقچىخانىلاردا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا بويۇن قىسىپ تۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دەل مۇشۇنداق تىراگېدىيەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بالىلار.
بىر ئائىلىنىڭ مۇكەممەل بىرلىكىگە ياكى مەنىۋى ئېكولوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئىقتىسادىي ئامىل، ئۈچىنچى شەخس ئامىلى (ئاسشنىدارچىلىق)، خىزمەت ئامىلى... دېگەندەك. ئەمما ئائىلە زوراۋانلىقى (ئائىلە زۇلۇمى) مۇشۇ ئامىللار ئىچىدە خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئائىلىدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ پەيدا بولۇشىغا بەزىدە يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي ئامىل، ئۈچىنچى شەخس ئامىلى ۋە خىزمەت ئامىلىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى ئائىلىنىڭ خارابلىشىشىنى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىشىنى، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ (ئائىلە زۇلۇمى) يۈز بېرىش نىسىبىتى 29.7 پىرسەنتتىن 35.7 پىرسەنت ئارىلىقىدا بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئاياللار ئىكەن. نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلۇسىنىڭ 80 پىرسەنتى ئائىلە زوراۋانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىياشكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئاياللار بولسا، قالغان 10 پىرسەنتىنى كىملەر تەشكىل قىلىشى مۇمكىن؟ دېگەن مەسىلە بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئائىلە زوراۋانلىقى يۈز بەرگەن ئائىلىلەردە تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرايدىغان بالىلارنى نەگە ئاپىرىمىز؟
ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى−دۇنياۋى مەسىلە. مەيلى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە بولسۇن ياكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە بولسۇن، ئۇ ھامان مەۋجۇت مەسىلە. ئەمما شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى تەرەققىي قىلمىغان ئەللەردە بۇ مەسىلە تېخىمۇ گەۋدىلىك. مەملىكىتىمىزدە ئائىلە زوراۋانلىقى مەسىلىسى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. گەرچە زاماننىڭ تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ ئاڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بۇ مەسىلە ئىلگىرىكىدىن خېلىلا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەلۇم نىسبەتتە مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ ھەمدە جەمئىيەت ۋە ئائىلە ئېكولوگىيەسىگە زور تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق زور ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئىپادىسى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئال بىزنى ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ. بىز چەت ئەل ئەدەبىياتىنى قويۇپ، ئېلىمىز ئەدەبىياتىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۈچ مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا ئائىلە زوراۋانلىقى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زور نىسبەتتە ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمىز. بولۇپمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئىپادىلىرى ھېسابلانغان ئاشنىدارچىلىق، خوتۇنىنى گۆرۈگە قويۇش ياكى قىمارغا تىكىش، بالىسىنى سېتىشتەك قىلمىشلارنىڭ ھەرقايسى دەۋر ئەدەبىياتىدا مەلۇم نىسبەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. مەيلى «سۇ بويىدا» دا بولسۇن، مەيلى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە بولسۇن، بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسە مەلۇم نىسبەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەسى، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شەكلى، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي قاراشلار ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر دىراماتورگ ساۋيۈ (1910-1978) ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى (1933-يىلى) يازغان «گۈلدۈرماما» («گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ناملىق دىرامىسىدا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كونكرېت، تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەپ، جۇ پۇيۇەن ئائىلىسىنىڭ خارابلىشىشى ئارقىلىق 1920-يىللاردىكى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ چىرىك، قاراڭغۇ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرگەن. چوڭ بۇرژۇئا جۇ پۇيۈەننىڭ باي ئائىلىنىڭ ياش ھەم چىرايلىق قىزىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى قاتتىق سوغۇقتا كەمبەغەل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان خوتۇنى لۇ شىپىڭنى ھەمدە تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولغان ئوغلى جۇ داخەينى (كېيىن ئىسمىنى لۇ داخەيگە ئۆزگەرتكەن) ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشى ئەڭ دەھشەتلىك تىراگېدىيە ۋە ئەڭ قەبىھ ئائىلە زوراۋانلىقى ئىدى. لۇ شىپىڭنىڭ ئاچ-يالىڭاچلىق دەستىدىن ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزۈشى، ئۆزىنى دەرياغا تاشلىشى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيە ئىدى. جۇ پىڭنىڭ (جۇ پۇيۈەن بىلەن لۇ شىپىڭدىن بولغان بالا، لۇ دا خەينىڭ ئاكىسى) لۇ سىفېڭ (لۇ شىپىڭ بىلەن لۇ گۇينىڭ قىزى) بىلەن مۇھەببەتلىشىشى، لۇ داخەينىڭ ئۆز دادىسى جۇ پۇيۈەنگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشى، ئىشچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئىش تاشلىشىغا باشلامچىلىق قىلىشى ئەڭ قورقونچلۇق تىراگېدىيە ئىدى. ئەگەر بىز سىنىپ نۇقتىسىنى قايرىپ قويۇپ، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ زىددىيەت-توقۇنۇشنى، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئاچچىق تىراگېدىيەنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەك، بۇلارنى ئاساسەن ئائىلە زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېيىشكە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا بۇ مەسىلە تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ كۆپ خىل شەكىللەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بولۇپمۇ ھېكايە-رومانلاردا، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، بۇ ئىجتىمائىي مەرەز كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك-تۈمەن پاجىئەلەر ناھايىتى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بالىلارنىڭ غېرىب-مىسكىنلىكى، ئاچ-يالىڭاچلىقى، بىچارىلىقى، سەرگەردانلىقى، بالىلارنىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك خىلمۇ خىل جىنايى ھەرىكەتلىرى، جەمئىيەتتە كۆرۈلۈۋاتقان مەنىۋى تەڭپۇڭسىزلىقلار تېخىمۇ يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالتۇن بەتلىرىگە ئاغدۇرىدىغان بولساق، مەيلى كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن، مەيلى ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن، ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ئائىلە زوراۋانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر خېلى زور كۆلەمدە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. ئابدۇرېھىم نىزارى (1770-1848) نىڭ «رابىئە-سەئىدىن» داستانىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، ياقۇپنىڭ قىزى رابىئەنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇنى قېرى باي جابۇرغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلماقچى بولۇشى، رابىئەنىڭ ئۆزىنى تەلۋىچۈك دەرياسىغا تاشلاپ ئۆلۈۋېلىشتەك ئاچچىق تىراگېدىيەنى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئائىلە زوراۋانلىقىدىن كېلىپ چىققان، دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسە تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولىنى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولدى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەكس ئەتتۈرۈش ژانىرى كۆپ خىللىققا يۈزلىنىپ، مەسىلىنىڭ كېلىپ-چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىرقەدەر چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىندى. مەسىلەن، يازغۇچى ئابدۇراھمان ئەبەينىڭ «ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار» ناملىق ھېكايىسىدىكى دىلەيسەنىڭ قېيىنئانىسى سىپىرىخان ئانىنى ياراتماسلىقى، «يېزىدىن كەپتۇ، ساۋۇرنىڭ تۇغقىنى ئىكەن» دەپ دىلىغا ئازار بېرىشى، كۆزگە ئىلماسلىقى، ئانا ئورنىدا كۆرمەي، قۇل ئورنىدا كۆرۈشى، ھەتتا ياشىنىپ قالغان، يېزىدا قارايدىغان ئادىمى قالمىغان بۇ بىچارە موماينى مەجبۇرىي قوغلىۋېتىشىمۇ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن ئائىلە زوراۋانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم ئالدىن بېيىغان، پۇل تاپقان كىشىلەردە يوشۇرۇن نىكاھ ئوقۇتۇپ خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىۋالىدىغان، قانۇنسىز ئالغان خوتۇنىنى قانۇنلۇق ئالغان خوتۇنىدىن ئۈستۈن كۆرۈپ ئەتىۋارلايدىغان، قانۇنلۇق خوتۇنىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان، ھەتتا ئۇلارنى چەتكە قاقىدىغان، كەمسىتىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسە باش كۆتۈرۈپ قالدى. خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئېلىش خاراكتېر جەھەتتىن گەرچە ئاشنىدارچىلىققا ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قانۇنسىز قىلمىش، ئەخلاقسىز قىلمىش. ئۇنىڭ قانۇنسىز، ئەخلاقسىز قىلمىش ئىكەنلىكى قانۇنلۇق خوتۇنىنىڭ ھېسسىياتىنى دەپسەندە قىلىشىدا، قانۇنلۇق خوتۇن بىر قوللۇق بىنا قىلغان بىر ئائىلىگە قانۇنسىز ھالدا بۆسۈپ كىرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسە ھازىر بىر قىسىم ئەرلەردە خۇددى ماشىنا سېتىۋېلىش مودا بولغاندەك مودىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ خىل ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ كېلىپ-چىقىشى ۋە تۈپ ماھىيىتى ھەققىدە بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدا مەخسۇس يىرىك ئەسەرلەر يېزىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ھېكايە-پوۋېستلاردا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مەسىلەن، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇتنىڭ «ئېرىمنىڭ كىچىك خوتۇنى» («شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان) ناملىق ھېكايىسى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ئايسۇلتان خېنىم ئىمان-ئېتىقادلىق، شەرم-ھايالىق، غۇرۇرلۇق ئايال. ئۇنىڭ سودىگەر ئېرى «ساۋاب» ئىزدەپ، «يامان يولغا» كىرىپ قالغان، تېخى توي قىلمىغان بىر قىزنى مەخپىي ھالدا نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەمرىگە ئالىدۇ. ئەزەلدىن ئائىلىنى ۋەتىنىم، ئەرنى بارلىقىم دەپ بىلىدىغان ئايسۇلتان خېنىم «بىر ئۆمۈر بىرگە ياشاشقا ئەرزىيدىغان» ئېرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن گاڭگىراپ قالىدۇ، دىلى ئازار يەيدۇ، ھەتتا ئۆلۈۋالغۇسى كېلىدۇ. بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان، ئايسۇلتان خېنىمنىڭ نەزىرىدە «ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدىغان» بۇ «تەقۋادار» ئەر گەرچە ئايسۇلتان خېنىمغا جىسمانىي جەھەتتىن زۇلۇم سالمىغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن زۇلۇم سالىدۇ. ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى، ئارزۇ-ئارمىنىنى، ھەتتا ئەقىدىسىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. ئۇنى چۈشكۈن، خىيالچان، كېسەلچان قىلىپ قويىدۇ. مانا بۇمۇ تۈپ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا شەكلى ئۆزگەرگەن ئائىلە زوراۋانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئائىلە زوراۋانلىقى يالغۇز ئاياللارنى ياكى بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاشقىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇلارنى روھىي جەھەتتىنمۇ كەمسىتىش، خورلاش، چەتكە قېقىش ۋە ئازابلاش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدىغان 90 پىرسەنت ئاياللار ئىچىدە 90 پىرسەنت، ھەتتا 100 پىرسەنت بالىلارمۇ بار. چۈنكى بىر ئائىلىدە ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدا ئەگەر بىر تەرەپ زوراۋانلىققا ئۇچرىسا، بۇنىڭ زىيىنىنى ئەڭ ئاۋۋال شۇ ئائىلىدىكى مەسۇم بالىلار تارتىدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا ئادەملەردىن ياكى جەمئىيەتتىن ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى شەكىللەنگەندىن سىرت، يەنە بىر قىسىم بالىلاردا زىيادە قورقۇش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، گەپ خالىماسلىق، جىمغورلۇق قاتارلىق پىسىخىك كېسەللىكلەر شەكىللىنىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەمىشە سوقۇشىدىغان، جېدەللىشىدىغان، سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىدىغان ئائىلىلەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلاردا «توي قىلىشتىن قورقۇش كېسىلى» (恐婚症) پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىز يۇقىرىدا ئائىلىنىڭ ئەر، ئايال ۋە بالىدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق ھەمدە ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتۇق. ئۇنداقتا قالغان 10 پىرسەنت ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىملەر دۇچار بولىدۇ؟ دېگەن سوئال ھەممىمىزنى ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان 90 پىرسەنت ئايال بىلەن بالىلارنى چىقىرىۋەتسەكلا، ئېشىپ قالىدىغان 10 پىرسەنتىگە ئەرلەر قالىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئۇلارمۇ ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى، مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى جەمئىيىتىمىزدە ئەرلەرنىڭ ئائىلىدىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي بېسىم بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ بېلىنى يادەك ئەگدى. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ئالدىدا تىلى قىسىلدى. ھەتتا بىر قىسىم ئەرلەر بېشەم، ھازازۇل خوتۇنلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى، كەمسىتىلدى، غۇرۇرى يەرگە ئۇرۇلدى. بىر قىسىم ئەرلەردىكى جىسمانىي ئاجىزلىق (مەسىلەن، جىنسىي ئاجىزلىق، مەجرۇھلۇق، دېۋەڭلىك قاتارلىقلار) ئۇلارنى ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. كەمسىتىلىش، خورلىنىش، چەتكە قېقىلىشلار ئۇلارنى ئازاب دەرياىسىغا تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئەرلەردە ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كېتىش، جىنايەت يولىغا مېڭىشتەك پاسسىپ ھالەتلەر پەيدا بولدى، يەنە بىر قىسىم ئەرلەردە خوتۇنىغا ياۋاشلىق بويسۇنۇش، خوتۇنى تاپقانغا تايىنىپ ياشاشتەك ئاجىز تۇرمۇش شەكلى بارلىققا كەلدى.
مۇھەببەت ئاجىزلىشىپ، ئادەم چۈشكۈنلەشسە ياكى جورىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، ئائىلىدە ئاياللار زىيادە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالسا، ئەرلەر ئاسانلا يولدىن چىقىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشسىز ئەرلەر ئاسانلا قېرىپ كېتىدىكەن، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ئەرلەرگە قارىغاندا DNA ھالقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ ياشىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدىكەن، يۈرەك ۋە دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن. مانا مۇشۇنداق روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقلار بىر قىسىم ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ ئالدىدا خار كۆرسىتىپ قويدى. نەتىجىدە ئۇلار بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى قىلچە «يۈز خاتىرە» قىلماي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەسەرلەر ھەرقايسى دەۋر ئەدەبىياتىدا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. پالەچ ئېرىنى كاڭدا ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىلا باشقا بىرى بىلەن ئاشنا ئوينايدىغان، ئېرىنىڭ جىنسىي ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ياۋاشلىق بىلەن ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان، ھەتتا ئېرىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاشنىسىغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان نومۇسسىز، ئەخلاقسىز، ۋاپاسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ خۇنۇك ئوبرازى، ئەرلەرنىڭ بىچارە، ئامالسىز ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ يېزىلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گەرچە خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكىدەك ئۇنداق كەڭ ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەش تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇنداق بىر قىسىم ھادىسىلەر ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قىستۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كېتىلگەن ئەسەرلەر ئانچە-مۇنچە يېزىلدى. مەسىلەن، ئابدۇراھمان قاھارنىڭ «ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار»، تۇرسۇن مەھمۇتنىڭ «يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت، كىر يۇيۇۋاتقان ئەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بۇنىڭغا مەلۇم نۇقتىدىن دەلىل بولالايدۇ. مەسىلەن، «ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار» ناملىق ھېكايىدىكى ساۋۇرنىڭ خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقالماسلىقى، خوتۇنى ئىشتىن كەلگىچە تاماقنى تەييار قىلىپ بولۇشى، چاي دەملەپ ئالدىغا ئەكىلىشى، خوتۇنىنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىشى، ھەتتا مېھرىبان ئانىسىنى يېنىدا ئېلىپ قېلىشقىمۇ قۇربى يەتمەسلىكى ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان، دېسەك قىلچە ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. شۇنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئاياللارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋالى شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزىلاردا بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئەمما ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋالى يېزىلارغا قارىغاندا شەھەرلەردە بىرقەدەر گەۋدىلىك. بۇمۇ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم مەسىلە.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كونكرېت ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىيەلمەسلىكتە بەلكىم نۇرغۇن نازۇك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللار ۋە بالىلارنى شۇنداق كۆپ، شۇنداق كونكرېت، شۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا، ھەم شۇنداق تەسىرلىك يازالىغان قەلەمكەشلىرىمىز نېمە ئۈچۈن «ئائىلە زوراۋانلىقىدا ئەرلەرمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتمەيدۇ؟ يۈرەك باغرى ئەلەمگە لىق تولغان، ئىچىدىكى ھەسرىتىنى ھېچكىمگە ئېيتالمايدىغان، ئۈنسىز ياش تۆكىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئازابلىرىنى، ئوي-خىياللىرىنى، ھايات كەچۈرمىشلىرىنى نېمىشقا قەلەمگە ئېلىشقا پېتىنالمايدۇ؟ لۇشۈن ئەپەندىمۇ ئاQ نىڭ نادانلىقىنى، قالاقلىقىنى، نامراتلىقىنى، روھىي غالىبىيەتچىلىكىنى ئېچىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىنى، پىت يېيىشتىكى «باتۇرلۇقى» نى قىلچە رەھىم قىلماي ئېچىپ تاشلىغانغۇ؟ يازغۇچى ما يۇڭ: «ئەدەبىياتنىڭ سىرى يازغۇچىنىڭ كۆزىدە، قەلىمىدە، يۈرىكىدە تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ بېرىلىدۇ» دەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى، ئازاب-ھەسرەتلىرىنى، مۇڭلۇق خىياللىرىنى، ئۈنسىز ياش تۆكۈشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىگە، پاكىز قەلبىگە ۋە ئوتلۇق يۈرىكىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەدەبىيات چىنلىقنى، سەمىمىيلىكنى تەلەپ قىلىدۇ، ساختىلىقنى، سۈنئىيلىكنى، گەپ ئەگىتىشنى، تۇرمۇشنى بۇرمىلاشنى چەتكە قاقىدۇ. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭ «مويەننىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ۋە بىزنىڭ مەدەنىيەت پسىخىكىمىز» ناملىق ماقالىسىدە: «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، مىللىي ئەنئەنە، كۆنۈككەن قىممەت قارىشى، ماختاپ ئۇچۇرۇشلار... نىڭ ھەممىسى كەم-كۈتسىز ئەمەس. تولىستوينىڭ شېكېسپىرنى كەمسۇندۇرۇشىنىڭمۇ، دوستويىۋېسكىينىڭ تۈرگىنىف ۋە بىلىنىسكىدىن بىزار بولۇشىنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئاساسى بار» دەپ ئېيتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قەلبى ئازار يېگەن ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى قېزىشنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار، ئەلۋەتتە.
مەنبە: «خوتەن پېداگوگىكا ئىلمىي ژۇرنىلى» 2015-يىللىق 1-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-21 20:02
|