ئاياللىق قەلبنىڭ چۇقانى
−ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» ناملىق كىتابى ھەققىدە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئالتۇنگۈل رەجەپ بۈگۈنكى ياش ئايال ئاپتورلار ئىچىدە پىروزا ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىدە ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى. ئۇنىڭ 1986-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «زەنجىرى ئۈزۈلگەن مېدالىيون» ناملىق ھېكايىسىدىن باشلانغان يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا «قارا رەڭلىك كادىلاك»، «قىش يامغۇرى»، «قىرىق ياشلىق ئايال» قاتارلىق پوۋېستلىرى، «غورتەك»، «قانغا بويالغان گۆھەر»، «ھارپا كېچىسى»، «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» قاتارلىق 50 نەچچە پارچە ھېكايىسى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، «ئەيىب بىزدە ئەمەس»، «جۈمە سەپرا»، «كۈتۈۋېلىش»، «كۆڭۈل دېگەن شۇ» قاتارلىق ئونغا يېقىن ئېتوتى ھەر دەرىجىلىك سەنئەت ئۆمەكلىرى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلۈپ خەلقىمىز قەلبىدە ئۆزگىچە ھاياجان پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىروزا ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ گەۋدىلىك بولدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، 1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مەن يېنىڭىزدا بار» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، 2012-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» ناملىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنىپ كىتابخۇمار ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى.
ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مويەن: «يازغۇچىمۇ جەمئىيەتتىكى ئادەم. ئۇنىڭمۇ ئۆز مەيدانى ۋە كۆز قاراشلىرى بولىدۇ. ئەمما ئەسەر يازغاندا، چوقۇم ئادىمىيلىك مەيداندا تۇرۇپ، ئادەملەرنىڭ ئەسلى تەبىئىيتىنى يېزىشى كېرەك» دەيدۇ. ئالتۇنگۈل رەجەپ پىروزا ئەسەرلىرىدە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇھەببەت، تۇرمۇش، ئائىلە ۋە نىكاھقا بولغان خىلمۇ خىل قاراشلىرى، كىشىلىك دۇنيا ۋە ئادەملەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، مەيدانى، رېئاللىقا بولغان ئىنكاسى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئاياللارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسى بالاغەتكە يەتكەن لىرىك مۇلاھىزىلەر ۋە ئويناق تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» ناملىق توپلىمىدا تېخىمۇ يارقىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ناشى مىللىتىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى بەي گېڭشىڭ ئەپەندى ئەدەبىيات ۋە ئىنسان تەبىئىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەدەبىيات ئىنسانشۇناسلىق ۋە گۈزەللىكشۇناسلىقتۇر. ئىنسانشۇناسلىق ئەدەبىيات بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەدەبىيات ئىنسان تەبىئىيىتىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەيدۇ، ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى شەرھىيلەيدۇ ۋە ئىنساننىڭ تەقدىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ». مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» ناملىق توپلىمىدىكى ھەربىر پارچە ئەسەردە تۇرمۇشنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلىمىدا ياشاۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ قەلب نىداسى، نازۇك ۋە مۇرەككەپ ئىچكى دۇنياسى چىن ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنى ئاياللىق قەلب، ئاياللىق ھېسسىيات، ئاياللىق بۇرچ ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ ۋەتەن ئىپپىتى بىلەن ئاياللىق ئىپپەت، ئەرلىك مەسئۇلىيەت بىلەن ئادىمىيلىك ئەخلاق ھەققىدە بىزنى ئۈنسىز پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
«قارا رەڭلىك كادىلاك» ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ تۇنجى ھەم نام قازانغان پوۋېستى بولۇپ، ئاپتور پوۋېستتا مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى، چىن مۇھەببەتنىڭ پۇلغا، ئەمەلگە، نام-ئاتاققا مەستانە ئەمەسلىكىنى زەينۇرەنىڭ ئەختەرگە بولغان چىن مۇھەببىتى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. پوۋېستتىكى ئويناق تەسۋىرلەر بىلەن بالاغەتكە يەتكەن لىرىك مۇلاھىزىلەر بىزنى تېخىمۇ مەستخۇش قىلىدۇ. «تەقدىرنىڭ ھۆكمى كىشىنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق ئەمەس. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، ھەق بىلەن ناھەق، پاكلىق بىلەن رەزىللىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئۆلچىمىنى ئىجاد قىلالىغان ئىنسانلار مۇھەببەت ۋە سۆيگۈگە بىرەر ئۆلچەم يارىتالىغان ئەمەس...» («قارا رەڭلىك كادىلاك» 22-بەت). پوۋېستتا زەينۇرەنىڭ ئەختەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەبببىتى، ئەختەر ئۈچۈن چەككەن ئىزتىراپلىرى، ئۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىشى ئادەمگە مۇھەببەت ۋە سەمىمىيلىكنىڭ ئاجايىپ سېھرىي قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بىراق ئۆزىگە چىن سۆيگۈ ئاتا قىلغان، شەكسىز ئىشەنگەن بىر قىزنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، قىزنىڭ دادىسىدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان ئەختەرنىڭ قىلمىشلىرى قەلبىمىزدە نەپرەت قوزغايدۇ، زەينۇرەگە ئىچىمىز ئاغرىيدۇ، ئۆپكىمىز ئۆرۈلۈپ، كۆزىمىزگە يىغا ئولىشىدۇ. ئاپتور ئەختەر ئوبرازى ئارقىلىق بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىزدىكى ۋىجدان-غۇرۇر، ئەقىدە-ئېتىقاد ۋە ئەركەكلىك جەھەتتىكى چېكىنىشنى، ياتلىشىشنى، مۇھەببەتكە تۇتقان سۇس كۆز قاراش ۋە مۇئامىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قېزىپ چىقىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئەركەكلىرىگە ئۆزلۈك تەربىيەسى بېرىدۇ ھەمدە ئۇلارنى مىللىي كىملىك ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەكسىچە، زەينۇرەنىڭ «تەڭرىم گۇۋاھ بولسۇن ئەختەر، بۇ مېنىڭ قەسىمىم! ئاسماننىڭ ئاستىدا، مۇشۇ زېمىننىڭ ئۈستىدىلا بولساڭ، سېنى ھامان ئىزدەپ تاپماي قويمايمەن!» («قارا رەڭلىك كادىلاك» 90-بەت) دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە قىلىشى، نەپرەتنى مۇھەببەتكە ئايلاندۇرۇشى بىزگە ئاياللىق قەلبنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى، ئاياللىق مېھىرنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى، ئاياللىق باغىرنىڭ نەقەدەر كەڭلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىمىزدىكى ئەپۇچانلىقتىن، ئالىيجاناپلىقتىن، مېھىر-مۇھەببەتتىن دەرس ئۆتىدۇ. قەلبىمىزدە ئاجايىپ تاتلىق سېزىم، ئاجايىپ كۈچلۈك ھاياجان ۋە ئاجايىپ قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ.
«قىش يامغۇرى» ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ئۆزگىچە قەلەم ماھارىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، قىسقا، تەسۋىرلىرى ئويناق، ئەمما چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنىلەرگە تويۇنغان يەنە بىر پوۋېستى بولۇپ، ئاپتور مەزكۇر پوۋېستتا، ئىنساپ بىلەن ئىنساپسىزلىق، نومۇس بىلەن نومۇسسىزلىق، ھەق بىلەن ناھەق، ئادالەت بىلەن ئادالەتسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈر، مۇرەسسەسىز زىددىيەت-توقۇنۇشنى گۈلىستاننىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئىنتايىن تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بولۇپمۇ پوۋېستتىكى چىن مەنىسى بىلەن تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ. تۇرمۇش چىنلىقىنى ھېچقانداق پەردازلىماي، ئەينەن ۋە ئوچۇق-ئاشكار ئىپادىلەپ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. «شۇ كۈنى ئاپتوبۇستا بوش ئورۇن يوق. ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. راست گەپنى ئېيتسام، مەن مۇشۇنداق ئۆرە تۇرۇشقا بەك ئۆچ. چۈنكى بۇنداق چاغ ئامالسىز قىياپەتكە كىرىۋالغان بىر قىسىم قىلىقسىز ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۇرسەت. ئۇلار ئېچىرقىغان بەدەنلىرىنى كىشىگە بېزەڭلىك بىلەن چاپلاپ، تاماكىدا بۇلغانغان بەتبۇي نەپەسلىرىنى ئۇدۇل ئادەمنىڭ يۈزىگىلا ئۇرۇپ بىزار قىلىدۇ» («قىش يامغۇرى» 94-بەت). «قىش يامغۇرى» دا، ئاپتور قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكىنى، قانۇن بىلەن ھېسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، قانۇننىڭ ھېسسىياتنىڭ كۆز يېشىغا ئەمەس، بەلكى پاكىتقا بەكرەك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پاكىت ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبرازلىق تەسۋىرلەر بىلەن دەلىللەپ بېرىدۇ. «جاھاندىن زارلانماڭ ئاچا، بۇ ئادەملەردىكى ئەيىب. قانۇن مۇقەددەس نەرسە، ئۇ ھېسسىياتقا بېقىنمايدۇ، پاكىتنى ئېتىراپ قىلىدۇ.» («قىش يامغۇرى» 132-بەت). دېمەك، ئاپتور مەزكۇر پوۋېستتا قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرىغا ئىنىق دىياگنوز قويىدۇ، ئادىمىيلىك ئەخلاق بىلەن كىشىلىك سالاھىيەت، ھوقۇق بىلەن ئىمتىياز، ۋىجدان بىلەن غۇرۇر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋە زىل مۇناسىۋەتنى رېئال پاكىت ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.
«قىرىق ياشلىق ئايال» ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ «قارا رەڭلىك كادىلاك»، «قىش يامغۇرى» قاتارلىق پوۋېستلىرىدىن مەيلى مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى، مەيلى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مەيلى ئوبراز يارىتىش ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان، ئۆزگىچە ئۇسۇل، ئۆزگىچە تەم بىلەن يېزىلغان يەنە بىر ۋەكىل خاراكتېرلىك پوۋېستى بولۇپ، ئاپتور مەزكۇر پوۋېستتا پېرسوناژنىڭ روھىي دۇنياىسىدا (ئېڭىدا) ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇرەككەپ ئىچكى كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق ئاياللىق قەلب ۋە ئاياللىق ھېسسىياتنىڭ ئىنتايىن نازۇك تەرەپلىرىنى پەردازسىز رەۋىشتە سۈرەتلەپ بېرىدۇ. «مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ قالسام ھايال ئۆتمەي قوۋۇرغا سۆڭەكلىرىم تاختا گۇگۇتتەك قۇرۇپ كېتەرمۇ؟... ئاھ بالىلىرىم! كۆزۈمنىڭ نۇرى جىگەرلىرىم... لېكىن مەن ئۆلسەم، تۇرسۇن؟.... ھىم! بىلمەيدۇ دېمە، تاشقى پوستۇڭ سېغىزدەك سىلىق بولغىنى بىلەن ئىچ-باغرىڭ چۆيۈندەك قاتتىق نېمە سېنىڭ. ۋۇ، ئىت ياڭىقى چايان ئەبلەخ! مەن ئۆلسەم سەن ئۈچۈن نېمىتى؟ ناھايىتى شۇ قىرىق كۈن يىغلارسەن... نامىزىمغا كەلگەن ھازىدار چوكانلار ئىچىدىن خوتۇن تاللايسەن تېخى!...» («قىرىق ياشلىق ئايال» 144-بەت). ئاپتور پوۋېستتا، ئاياللىق قەلبنىڭ گۈزەللىكى، ئالىيجانابلىقى، قەھرىمانلىقى بىلەن ئانىلىق بۇرچ، ئانىلىق مەسئۇلىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئانىلىق مېھىرنىڭ تەڭداشسىزلىقىنى ئاجايىپ نازۇك ئىچكى تۇيغۇدا تەسۋىرلىگەن. قىرىق ياشلىق ئاياللاردا بولىدىغان ئەقىل-ئىدراك ۋە دانالىققا، ئەرلەر كەبى جاسارەتكە، تىنچلىق سۆيەر پەزىلەتكە مەدھىيە ئوقۇغان. بولۇپمۇ ئاياللىق ئىپپەت بىلەن ۋەتەن ئىپپىتى ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە مەھكەم چىرمىشىپ كەتكەن نازۇك ۋە مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ئۈستىدىن توغرا يەكۈن چىقارغان. «سىزنىڭ ۋەتەن ئىپپىتى ئۈچۈن ئاياللىق ئىپپەتنى قۇربان قىلىش تەشەببۇسىڭىز دىققەتكە سازاۋەر. ھالبۇكى بىز ئۇنى قوبۇل قىلالايمىزمۇ؟ ۋەتەن نېمە ئۈچۈن قوغدىلىدۇ؟ جاۋاب شۇكى: ئاياللىرىمىزنىڭ، ئانىلىرىمىزنىڭ، قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈن. ئۇلارنىڭ ئىپپىتى قۇربان قىلىنسا مەنتىقە قالايمىقانچىلىقى يۈز بەرمەمدۇ؟...» («قىرىق ياشلىق ئايال» 188-،189-بەت). دېمەك، «قىرىق ياشلىق ئايال» ئانا شەرىپى بىلەن خوتۇن ساداقىتىنىڭ ئوتتۇرا چېگراسىدا تۇرۇۋاتقان ئايالدۇر. ئۇنىڭغا ئاياللىق روھ، ئاياللىق ساداقەت، ئاياللىق قەلب، ئايالىق خۇلق، ئاياللىق ھېسسىيات، ئاياللىق مۇھەببەت چوڭقۇر مۇجەسسەملەنگەن. ئۇنىڭغا يەنە ئاجايىپ قەيسەرلىك، قاتتىق ئېغىر-بېسىقلىق، كۈچلۈك ئەقىل-ئىدراك ۋە پەم-پاراسەمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن.
«بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى» ئالتۇنگۈل رەجەپ ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ يارقىن نامايەندە. ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ رېئاللىق بىلەن خىيال، گۈزەللىك بىلەن خۇنۇكلۈك ھەققىدىكى لىرىك مۇلاھىزىسى «مەن» نىڭ پسىخىك كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلىدۇ. ھېسسىي كەچۈرمىشلەرگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن لىرىك مۇلاھىزىلەر ھېكايىدە چىنلىق مەركىزىدە تۇرۇپ قانات يايىدۇ. ھېكايىدىكى بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلى ئەمەلىيەتتە، ئەرنىڭ ئايالغا، ئايالنىڭ ئەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىگە، كۈچلۈك ساداقىتىگە سىمۋول قىلىنغان. «مەن» نىڭ ئۇنى (بېشى ئۈزۈلگەن ۋېناس ھەيكىلىنى) ئۆز ئورنىدىن يۆتكىمەسلىكى ئېرىغا، جۈملىدىن ئائىلىسىگە بولغان كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ۋېناس ھەيكىلىنىڭ سۇنغان جايىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇشى «مەن» نىڭ دەز كەتكەن مۇھەببەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆچكەن ئوتنى قايتا ياندۇرۇش ئارزۇسىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئاپتور ھېكايىدە مانا شۇنداق ئائىلە-نىكاھ كىرىزىسىنى «مۇھەببەت ئىلاھى» دەپ ئاتالغان ۋېناس ھەيكىلىنىڭ تەسۋىرىي ئويمىسى ئارقىلىق تىپىكلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ، ئاياللارنىڭ يېرىم چەمبىرىكى ئۆزلىرىنىڭ ھالاللاپ تەگكەن ئېرى ئىكەنلىكىنى، ئەرلەرنىڭ يېرىم چەمبىرىكىمۇ ئۇلارنىڭ ھالاللاپ ئالغان خوتۇنى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى يېرىم چەمبىرەكنىڭ ئەقىل-ئىدراك، شەرم-ھايا، ۋىجدان-غۇرۇر، ئەقىدە-ئېتىقاد، ئادىمىيلىك پەزىلەت جەھەتتىن بىر گەۋدىگە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ناھايىتى مۇكەممەل بىر پۈتۈن چەمبىرەكنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق يەكۈنلەپ چىققان.
ئومۇمەن، ئالتۇنگۈل رەجەپ ھېكايە-پوۋېستلىرىنى ئۇسلۇبى يېڭى ۋە ئۆزگىچە، تىلى ئەۋرىشىم ۋە نازۇك، تەسۋىرلىرى ئويناق ۋە گۈزەل، مۇھاكىمىلىرى لىرىك ۋە مەنىلىك بولۇپ كىشىگە تۇرمۇشنىڭ ھەم گۈزەل ۋە رومانتىكىلىقىنى، ھەم ناھايىتى نازۇك ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەمىشە ئاياللار باش پېرسوناژ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسى، نازۇك ئىچكى دۇنياسى ۋە كۈچلۈك نىدا-چۇقانلىرى ئەكس ئېتىپ ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2014-يىل مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-12 12:00