ئايبېكچە روھ، ئايبېكچە تەپەككۇر
−ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئىجادىي چۆچەكلىرى ۋە ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش بۈگۈنكى دەۋر بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان، يېزا بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقان، بالىلار تەبىئەتتتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان دەۋردە، بالىلار ئەدەبىياتىنى خىلمۇ خىللىققا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش، بالىلارغا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇشۇنداق مۇھىم ھەم مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقانلار خېلىلا كۆپ. ياشلىق ۋە قىرانلىق چاغلىرىنى بالىلار مائارىپى ئۈچۈن بېغىشلىغان، «ئۇخلىسىمۇ بالىلارنى چۈشەيدىغان» شائىر ۋە يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئەنە شۇنداق مېھنەتكەشلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت ھاياتىدا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ شېئىر، ھېكايە، پوۋېست، چۆچەك، ئەدەبىي تەنقىد قاتارلىق ساھەلىرىدە خېلى كۆپ ئەجىر-مېھنەت قىلىپ، بۇ ساھەلەردە ئاز بولمىغان ھاسىلاتلارغا مۇيەسسەر بولدى. «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر»، «چۈمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى»، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» قاتارلىقلار يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ شېرىن مېۋىسىدۇر.
بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. بولۇپمۇ بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، بالىلارغا ئۈمىدۋارلىق روھ ئاتا قىلىشتىن باشقا، بالىلارنى تەبىئەتنى چۈشىنىش ۋە ئادىمىيلىك پەزىلەتىنى يېتىلدۈرۈشكە كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. يازغۇچى «چۈمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى» ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىدا، چۈمۈلە، يولۋاس، تۈلكە، تېكە، ئىت، بۆجەن، سېغىزخان، مايمۇن قاتارلىق ھايۋانلارنى باش پېرسوناژ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق دەۋرىمىز بالىلىرىغا ئىناقلىقتىن، سەمىمىيلىكتىن، كەڭ قورساقلىقتىن، ئەپۇچانلىقتىن دەرس ئۆتىدۇ، ئىچى تارلىق، كۆرەلمەسلىك، ھىيلىگەرلىك، ياۋۇزلۇقنى قاتتىق قامچىلايدۇ، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش، تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، ئادىمىيلىك پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىدۇ.
بالىلار چۆچەكلىرىنىڭ خىيالىي تۈسى بىرقەدەر قويۇق بولۇپ تەسەۋۋۇر كۈچى يۇقىرى بولىدۇ. بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغىتىپ زېھنىنى ئاچىدۇ، ئەقلىنى يېتىلدۈرىدۇ. بالىلارغا ساپ ئىنسانىي پەزىلەتتتىن، شەرم-ھايا ۋە ئەدەب-ئەخلاقتىن جانلىق دەرس ئۆتىدۇ. «چۈمۈلىنىڭ دوست ئىزدىشى» ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىدا، ئاپتور تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇ خىل ھايۋانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، كۆپىيىش شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ھەم ئادەملەشتۈرۈپ، ھەم سىمۋوللاشتۇرۇپ بالىلارغا ئاجايىپ قىزىقارلىق بىر بەدىئىي دۇنيا ئاتا قىلىدۇ. بىز توپلامدىكى ھەربىر چۆچەكنى بېرىلىپ ئوقۇغىنىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا بالىلار قىزىقىپ كۆرىدىغان كارتون فىلىملەردىن «شىر پادىشاھ» ئايان بولىدۇ. توپلامدىكى چۆچەكلەردە ئەڭ چۈمۈلىدىن تارتىپ يولۋاسقىچە بولغان خىلمۇ خىل ھايۋانلار ئوبرازى شۇنداق جانلىق، قىزىقارلىق ۋە تەسىرلىك يارىتىلغان بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا ئوماق بالىلارنىڭ خىلمۇ خىل ئويۇنلىرى، قىلىق-ھەرىكەتلىرى، گەپ-سۆزلىرى نامايان بولىدۇ.
توپلامدىكى ھەربىر چۆچەكتە تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ نازۇك مۇناسىۋىتى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور سۈنئىي ۋە زامانىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان، سۈنئىي مەنزىرىلەرگە شەيدا بولۇپ كېتىپ، تەبىئەتنىڭ ھەقىقىي مەنزىرىسىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بالىلارنى تەبىئەت قوينىغا باشلاپ كىرىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. بالىلارغا ناننى قەدىرلەش، ئەمگەكنى سۆيۈش، راست گەپ قىلىش، چوڭلارنىڭ ئۈگۈت-نەسىھەتلىرىگە ئەستايدىل قۇلاق سېلىش قاتارلىقلار ھەققىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى بېرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىق كارامەتلىرىنى قېزىش ئارقىلىق بالىلارنى تەبىئەتكە قىزىقتۇرماقچى بولىدۇ. دېمىسىمۇ باغرى كەڭ تەبىئەتنىڭ سېخيلىقى، مەردلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ شەخسىيەتچى، ئىچى قوتۇر خاراكتېر يېتىلدۈرۈۋاتقان بالىلارنى سېخىي، مەرد، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي بولۇشقا يېتەكلەش بۈگۈنكى كۈندە زور رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. توپلامدىكى چۆچەكلەر بەدىئىيلىك جەھەتتىن قىزىقارلىق بولۇش، تىلى ئاددىي، ئوبرازلىق بولۇش، ۋەقەلىكى جەلپكار بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەنمۇ بىزنى چۆچەكلەر دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.
ئاپتور «ئۆكتەملەشكەن دەرسخانا» ناملىق چۆچىكىدە، تۆگە ئوبرازى ئارقىلىق زامانىۋى دەۋرنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئويغىنىۋاتقان روھىدىن چەكسىز سۆيۈنۈش، ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۆچەكتىكى «تۆگە مۇئەللىم» ئەمەلىيەتتە، ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئانچە چۈشەنمىگەن، ئۇلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە سۇ بېرەلمىگەن، شۇ سەۋەبتىن «ئۆكتەملەشكەن دەرسخانا» كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان، كېيىن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاستا-ئاستا چۈشەنگەن، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىدىيىسىنى يېڭىلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازىدۇر. ئاپتور بۇ ئوبراز ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا يوشۇرۇن بېشارەت بېرىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، يېڭى ئەسىرنىڭ، زامانىۋى دەۋرنىڭ يېڭى بىلىملىرى بىلەن قوراللىنىشقا چاقىرغان. چۆچەكنىڭ بەدىئىي قۇرۇلمىسى پۇختا، سۇژىتى مۇكەممەل، بەدىئىي تەسۋىر ئويناق بولۇپ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. بولۇپمۇ چۆچەكنىڭ ئوقۇرمەننى ئەڭ قايىل قىلىدىغان تەرىپى ئۇنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىدا بەكرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئاپتور چۆچەكتە، «ئۆكتەملەشكەن دەرسخانا» كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان تۆگە مۇئەللىمنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ ئىزدىنىش يولىغا ماڭغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىلارنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پاتراق قول ئۈزۈپ، زامانىۋى ئوقۇتۇشقا قاراپ يۈزلىنىشكە، بولۇپمۇ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىنى ئۆزلىرىگە قىبلىنامە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش يولىغا دادىل قەدەم تاشلاشقا چاقىرغان.
چۆچەكلەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا قوشاقتىن قالسىلا خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدىغان مۇھىم ژانىر. چۆچەكلەردە خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇش سەزگۈرەشتىلىرى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئۆرپ- ئادىتى، پسىخىك كەچۈرمىشلىرى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ. چۆچەكلەرنىڭ تىلى ئاددى، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك بولىدۇ، مەزمۇنى تەسىرلىك، قىزىقارلىق بولىدۇ، ئەستە قالدۇرۇش ئىنتايىن ئاسان بولىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ مەھسۇلىدىن ئىبارەت. «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى» يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، خەلقىمىزنىڭ جانلىق، ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك تىلى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن، ئۇنىڭدىكى بەدىئىي تەپەككۇر، يۈكسەك غايە- ئۈمىد يازغۇچىنىڭ ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلغان. بۇ توپلامدىكى چۆچەكلەردە «پادىچى بىلەن مەلىكە»، «ياغاچ ئات»، «ئالتۇن كەش»، «ئۈژمە سايىسى»، «ئۇر توقماق» لاردىكىدەك ئويناق بەدىئىي تەسۋىرلەرنىمۇ، «بېلىقچى بوۋاي ۋە ئالتۇن بېلىق» تىكىدەك گۈزەل تەسەۋۋۇرنىمۇ بايقاشقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر-ئالاھىدىلىكىنى−قاقاقلاپ كۈلۈشلىرىنى، پەيلاسوپلارچە ئوي-خىياللىرىنى ۋە پىكىر بوشلۇقلىرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۆچەكلەردە ئۈمىدۋارلىق روھ ئىنتايىن يۈكسەك بولىدۇ. چۆچەكلەرنىڭ ئېستېتىك قىممىتىمۇ دەل ئۇنىڭ كىشىلەرنى يۈكسەك ئىشەنچ ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىغا ئىگە قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى» ناملىق چۆچەكتە، ئاپتور پادىچىنىڭ بىردىنلا چەت ئەل تىلىنى پۇختا بىلىدىغان، ئۇچۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسىسكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلاردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى كېچىكىپ بولسىمۇ ھېس قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلىم- پەن ئۆگىنىشكە، ئىزدىنىشكە، ئۆزلۈك ئېڭىنى تېپىۋېلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممە ئادەم بىردەك ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ۋەزىيەتنىڭ پات ئارىدا چوقۇم مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتور رېئال تۇرمۇش بىلەن غايىۋى ئىستەكنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچار تەخسىدىن ئىبارەت سىرلىق تىلسىمنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت، تىل- يېزىق ۋە پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى ئۇچار تەخسىدىكى غەلىتە مەخلۇق ئوبرازى ئارقىلىق سۈرەتلەپ مىللىي ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى نادانلىق، زەئىپلىكنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
«بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغانمۇ؟- غەلىتە مەخلۇق ھاۋا بوشلۇقىدا كېتىۋېتىپ پادىچىدىن سوراپتۇ.
- شۇنداق، بۇ يۇرتىمىزدىكى ئەمەت مۇقامچى ئېيتىدىغان دولان مۇقامى ئەمەسمۇ؟- دەپتۇ پادىچى.
- سىزنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن تازا خەۋىرىڭىز يوقتەك تۇرىدۇ، لېكىن ھېچقىسى يوق، بىز دولان يۇرتىدىن يېتەرلىك مۇزىكا غەزىنىسىنى ئالساقلا بولدى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىنسانىيەت سەنئەت ئامبىرىنى بېيتقۇچى بايلىق. ئۇ يەنە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى مۇزىكا تىلى بىلەن يازغان بىر قامۇس! ئەپسۇس، بىز ئۇلارنى تولۇق يىغىپ بولالمىدۇق،- دەپتۇ مەخلۇق.
- سىلەر زادى كىم؟- دەپتۇ پادىچى.
- بىز بۇ يەردىن تولىمۇ يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن كەلگەن تاشقى پلانىت ئادەملىرى بولىمىز. بىز ھەرقانداق تىلنى بىلىمز، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنى مۇزىكا ئارقىلىق تەتقىق قىلىشنى ئەڭ توغرا تەتقىقات شەكلى دەپ قارايمىز.
پادىچى ھەيران قاپتۇ. توۋا، ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىللىق مەخلۇلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟!»
ئاپتور مەدەنىيەت ۋە ئىلىم- پەن يۈكسەك كامال تاپقان 21- ئەسىردىمۇ ئارىمىزدا دەۋرنىڭ كەينىدە قالغان، ساپاسىز كىشىلەرنىڭ ھېلىمۇ ناھايىتى كۆپلىكىنى پادىچى ئوبرازى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ مەشھۇر مۇزىكا قامۇسىمىز ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى زور تۆھپىسىنى تاشقى پلانت ئادىمىنىڭ ئاغزىدىن بېرىش ئارقىلىق مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
«غايىۋى دەرسخانا» ناملىق چۆچەكتە ئاپتور ئاق بۆجەننىڭ پسىخىك كەچۈرمىشلىرىنى نۇقتىلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق مىللىي مائارىپتىكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قاتتىق قامچىلايدۇ، شۇنداقلا ئەركىن، ئازادە، يېڭىچە ئوقۇتۇش شەكلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
«بىر كۈنى دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى ياۋا غازنى سىزىش مەشىقىنى قىلدۇرۇۋاتقانىكەن، توساتتىن ئاق بۆجەن قول كۆتۈرۈپتۇ. ئوقۇتقۇچى:
- ھە، نېمە گەپ؟- دەپتۇ.
- قانىتى بار ھەرقانداق قۇش ئۇچالامدۇ؟ قانداق ئۇچالايدۇ؟- دەپ سوئال سوراپتۇ.
ئوقۇتقۇچى تەرىنى تۈرۈپ:
- بۇ دەرسكە مۇناسىۋەتسىز سوئال ئىكەن،- دەپتۇ- دە، ئۇنى ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىپتۇ. قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئاق بۆجەن بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىپتۇ. چېكى يوق قويۇق ئورمانلىق، شاۋقۇنلۇق شارقىراتمىلار، رەڭدار گۈل- چېچەكلەر، يۇمران كۆكتاتلارنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىدە ئاق بۆجەننىڭ ئوماق، ئاپئاق مويلىرى ئىسسىق ياش بىلەن پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ.‹ماڭا بۇنى مانداق قىل دېگەندىن كۆرە، ئۆزۈڭ ئويلا، ئۆزۈڭ سۆزلە دەيدىغان دەرسخانا كېرەك! نەدىسەن ئانا! مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەت! مېنىڭ ئۆي ئىچىدىكى كىتابلاردىنلا ئەمەس، تەبىئەتتىن، دۇنيادىن بىلىم ئالغۇم بار!› ئاق بۆجەننىڭ بۇ ئۈنسىز خىتابلىرىنى ھەتتا سەھرادىكى ياۋا گىياھلارمۇ ئاڭلاپتۇ. بىردىنلا، بىر مۆجىزە پەيدا بوپتۇ. ئاق بۆجەن شۇنداق كۆزىنى ئېچىپتىكەن، قۇياش ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپتۇ، ئورمانلىقتىكى بارلىق قۇشلار ئۇنى چۆرىدەپ ھەرخىل يېقىملىق ئاۋازدا ناخشا باشلاپتۇ. ئاق بۆجەن ئۆزىنىڭ ياۋاش، جىمغور ئەمەس، شوخ، ئوماق بۆجەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپتۇ. قىزىق ئىش، بۇ ئاق بۆجەن كۆپ ئۆتمەي، دۇنيانىڭ پۈتۈن تارىخىنى، تىل- يېزىقىنى، قەلبىنى باشقا بۆجەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بىلىۋاپتۇ.»
يۇقىرىقى پارچىدا، ئاپتور مىللىي مائارىپتىكى سۈنئىيلىكنى، ساختىلىقنى، كونا، ۋاقتى ئۆتكەن ئوقۇتۇش شەكلىنى ئاچچىق قامچا ئاستىغا ئېلىپ، نۆۋەتتىكى قاتماللىق، قېلىپبازلىق، شەكىلۋازلىق قاتارلىق ناچار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدىكى بىر قىسىم بوشاڭ، بىلىمسىز، ھورۇن، مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ خىل ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسىنى قاتتىق پاش قىلىدۇ. بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ، ئۇلارنى جانسىز، زەيپانە، تەييارتاپ قىلىپ قويۇۋاتقان مائارىپ تۈزۈلمىسى ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىدۇ. ئاق بۆجەننىڭ پسىخىك كەچۈرمىشى ئارقىلىق يېڭى، جانلىق، ئۆزگىچە بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە ئوقۇتۇش شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. غايىۋى تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن تەپەككۇر يۆنىلىشىگە باشلايدىغان يېڭى، ئۆزگىچە، ئازادە دەرسخانىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم مەيدانغا كېلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تەتۈر تەپەككۇر شەكلى ئارقىلىق ھادىسىۋى تەپەككۇرنى ماھىيەتلىك تەپەككۇرغا يېقىنلاشتۇرۇش، ئەسەرلىرىگە قويۇق يۇمۇرىستىك ۋە فانتازىيەلىك تۈس بېرىشنى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئىجادىيىتىنىڭ خاسلىقى دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى، ھېكايە-پوۋېستلىرىدىكى ۋە بىر قىسىم ئىجادىي چۆچەكلىرىدىكى ئاجايىپ ئويناق تەسۋىرلەردىن، گۈزەل ھەم غايىۋى، چىن ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئوبرازلاردىن ئۇنى بىر شائىر، بىر يازغۇچى دەپ يونۇساق، ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرىدىكى ئاجايىپ مول تەسەۋۋۇردىن، چوڭقۇر ئىلمىيلىكتىن ئۇنى بىر تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىسى دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئۇنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك بالىلار رومانلىرىنى (ئەسەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن شۇنداق دەپ قاراشقا بولىدۇ) تىلغا ئالىدىغان بولساق، يازغۇچى مەزكۇر كىتابنى يېزىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئىزدەنگەن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، گىئولوگىيە، فىزىكا، خىمىيە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونوميە، تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، پەلسەپەگە دائىر 50 پارچىغا يېقىن كىتابىنى كۆرۈپ چىققان ھەمدە پاكىتلىق دەلىل بىلەن نەزەرىيىۋى دەلىلنى ئەسەرلىرىگە تەبىئىي باغلاپ ئىلمىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
غەرب ئەدەبىياتىدا ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلىرى بىلەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالالىغانلار ئاز ئەمەس، ئالايلۇق، ئەنگىلىيەلىك ئايال يازغۇچى ج. ك. روللىن «خاررې پوتتېر» ناملىق فانتازىيەلىك رومانى ئارقىلىق بىر كېچىدىلا ئەنگىلىيەدىكى ئۈچىنىچى باي ئايالغا ئايلاندى. ئۇنىڭ بۇ رومانى دۇنيادىكى 200 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، يەنە كىنو قىلىنىپ ئىشلىنىپ پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بىردەك ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە نائىل بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە فىرانسىيەلىك ژىيۇل ۋېرىننىڭ «سىرلىق ئارال»، ئەنگلىيەلىك ۋېلىسنىڭ «مارس ئادەملىرى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ»، ئامېرىكىلىق ئىساك ئاسىموۋنىڭ «مەن ماشىنا ئادەم» قاتارلىق ئەسەرلەرنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. ئېلىمىز ئەدەبىياتىدا ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقانلار خېلى كۆپ بولۇپ، ھازىر بەلگىلىك كۆلەملىشىش ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. يېزىلىۋاتقان ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلار، پوۋېست-ھېكايىلەر، ئىشلىنىۋاتقان فانتازىيەلىك كارتون فىلىملەر بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆلەملىشىشتىن ئېغىز ئاچالمايمىز، ئەمما ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەسەرلەرنى يېزىۋاتقانلارنى بارماق بىلەن ساناپ بېرەلەيمىز، ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى ئەدەبىياتىمىزدىكى مانا مۇشۇنداق بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىلگىرىلىۋاتقان ئىستىداتلىق قەلەم ئىگىسى.
«ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» دېگەن باش تېما ئاستىدىكى «تەكلىماكان»، «ئادەم بەدىنى»، «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» قاتارلىق ئۈچ پارچە كىتاب يازغۇچى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كىتابلاردىكى كۈچلۈك ئىلمىي روھ، يۈكسەك بەدىئىيلىك ئىختىيارسىز دىققىتىمىزنى ئۆزىگە تارتىدۇ. رۇسىيەنىڭ مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچىسى بىلىنىسكىي: «پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى ئالىملارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئۆزىدە ئومۇملاشتۇرغان، شۇنداقلا كۆپچىلىك ياقتۇرغان يېقىملىق نەرسە بولۇشى، ئۇ يازغۇچىلاردىن ئاشۇ چۈشەنچىلەرنى ئەدەبىيات-سەنئەت شەكلى بىلەن ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. پەن-تېخنىكا ئەدەبىي ئوقۇشلۇقى مەزمۇن جەھەتتە ئىلمىيلىقى بار، قۇرۇلۇش ۋە ۋەقەلىك جەھەتتە بەدىئىيلىكى بار گۈزەل نەرسىدىن ئىبارەت» دەپ ناھايىتى ياخشى باھا بەرگەن. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنى ھەم ئىلمىيلىك مۇجەسسەم قىلىنغان، ھەم بەدىئىيلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا ئوقۇشلۇقى، دېيىشكە بولىدۇ. بىز بىر باش تېما ئاستىغا مۇجەسسەملەنگەن ئۈچ پارچە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھەربىر پارچە ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولساق، مەزكۇر كىتابلاردىن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى بايقايمىز:
بىرىنچى، ئىلىمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، ئىلمىيلىكى بىرقەدەر يۇقىرى. ئىلىم-پەن ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ۋە ئاتالغۇلارنى تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئەكس ئەتتۈرۈپ ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يۈرۈشلۈك ئەسەرلەرنىڭ «تەكلىماكان» بۆلىكىدىن بىز تەكلىماكان ئەتراپىدىكى قەدىمىي توغراقلار ۋە بۇ توغراقلىقلاردا ياشاپ كېلىۋاتقان تارىم يولۋىسى، كەسلەنچۈك قاتارلىق جانلىقلار ھەققىدە ھەم جۇغراپىيەلىك، ھەم بىئولوگىيەلىك بىلىمگە ئىگە بولساق، «ئادەم بەدىنى» ناملىق بۆلىكىدىن ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ دىيالوگلىرى، سەرگۈزەشتىلىرى، ئوي-خىياللىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ دىئالىكىتىلىق مۇناسىۋىتىنى تونۇپ يېتىمىز ھەمدە ئاپتورنىڭ ئۇلارنىڭ ئاجرالماس مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئىناقلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى روشەن ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. شۇنداقلا ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار ۋە ئۇلارنىڭ رولى ھەققىدە فىزىئولوگىيەلىك بىلىمگە ئىگە بولىمىز. «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق بۆلىكىدىن بىز قۇياس سىستېمىسى ئەتراپىدىكى ھەرقايسى سەييارىلەر، ئالەمنىڭ سىرلىرى، مارس، يوپېتىر، ۋېنىرا، ئاقار يۇلتۇز قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىرقەدەر ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولىمىز. دېمەك، بۇ ئەسەرلەردە جۇغراپىيە، فىزىئولوگىيە، بىئولوگىيە، ئاسترونومىيە، ھاۋا كىلىماتى، مەدەنىيەت ۋە ئېكولوگىيە ھەققىدىكى كەڭ بىلىملەر بىرقەدەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بايان قىلىنغان.
ئىككىنچى، بۇ يۈرۈشلۈك كىتابلاردا، ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى قوغداش ۋە ئۇلاردا ئادىمىيلىك ئېڭى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىم بېرىلگەن. ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىدە ئالىملارنىڭ ئۇزۇن يىللىق بىلىم-تەجرىبىسى يەكۈنلەنگەن بولىدۇ، بۇ بىلىم ۋە تەجرىبىلەر يازغۇچىلارنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىدە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئولاردا تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش، تەبىئەتنى قوغداش ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مانا بۇ تەرەپ ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ «تەكلىماكان» بۆلىكىدە، ئاپتور ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشاپ ئۆتكەن تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى قەدىمىي توغراقلارنى ۋە شۇ جايلاردا ئەلمىساقتىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى، توغراقلىق ئارىسىدا ھايات كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان ھەرخىل جانلىقلارنى ھەم ئىلمىي، ھەم ئەدەبىي نۇقتىدىن جانلىق، ئوبرازلىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، بالىلارنى ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئەل-يۇرتنى گۈللەندۈرۈشكە، تەبىئەتنى سۆيۈپ گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىشقا ئۈندىسە، «ئادەم بەدىنى» بۆلىكىدە، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىشچانلىقى ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى، ھەمكارلىقنى تەشۋىق قىلىپ دەۋر ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» بۆلىكىدە بولسا، ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەرخىل سەييارىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تەربىيەسى بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، يۈكسەك مۇبالىغە، كۆركەم بەدىئىي شەكىل ۋە يۇمۇرستىك تىل بالىلارغا ئۆزگىچە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىدۇ. ئىلىم-پەن ئەسەرلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەدەبىي مۇھىتتىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇلارنى قانىتىدىن ئايرىلىپ قالغان قۇشقا ئوخشىتىپ قويىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەزكۇر يۈرۈشلۈك كىتابلارغا ئاپتورنىڭ شائىرانە تەپەككۇرى بىلەن ئۆتكۈر يۇمۇرىستىك تىلى ئورگانىك سىڭدۈرۈلۈپ، كىتابنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.
تۆتىنچى، يۈرۈشلۈك كىتابلاردا ھېسام قۇربان باش پېرسوناژ قىلىنىپ، ئۇنىڭ يۇمۇرىستىك تىلى ئارقىلىق بالىلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ھەم ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، ھەم خۇشاللىق ئۇرۇقى چاچقان. شۇنداقلا ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ مەنىۋى ھەيكىلى تىكلەنگەن.
بەشىنچى، يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ پايدىلىنىش مەنبەسى بىرقەدەر كەڭ. ئاپتور مەزكۇر يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ «تەكلىماكان» بۆلىكىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىمىلىرى، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ جەمئىي 18 پارچە ئىلمىي كىتابىنى كۆرۈپ چىققان بولسا، «ئادەم بەدىنى» ناملىق بۆلىكىنى يېزىپ چىقىش جەمئىي 16 پارچە كىتابنى كۆرۈپ چىققان. «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش» ناملىق بۆلەكنى يېزىش چىقىش ئۈچۈن جەمئىي 10 پارچىغا يېقىن كىتابنى كۆرۈپ چىققان.
«ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار بالىلار يازغۇچىسى ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ «ئۇچار تەخسىدىكى مۇقام ئاۋازى»، «چۈمۈلنىڭ دوست ئىزدىشى»، «بادام دوپپىلىق بۇلبۇل»، «پەرىشتە بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق كىتابلىرىدىن مەيلى شەكىل، مەيلى تىل، مەيلى ئۇسۇل، مەيلى ژانىر جەھەتتىن بولسۇن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. يازغۇچى ئالدىنقى كىتابلىرىدا ئەدەبىياتىمىزدىكى چۆچەك ژانىرى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈمىدۋارلىق روھى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى ئاتا-ئانىلارنى، يۇرت-ماكاننى، تەبىئەتنى سۆيۈشكە ئۈندىسە، «ھېسامنىڭ ئىلىم-پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلاردا ئىلمىي فانتازىيە شەكلى ئارقىلىق بالىلارنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە دالالەت قىلغان. ئالدىنقى كىتابلىرىدا كۈچلۈك مۇبالىغە ۋە قويۇق ئادەملەشتۈرۈش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىسە، بۇ كىتابلىرىدا قويۇق ئادەملەشتۈرۈش ئاساسىدىكى يۈكسەك ئىلمىيلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دېمەك، بۇ ئەسەرلەردە تىپىك ئايبېكچە پۇراق، ئايبېكچە روھ، ئايبېكچە تەپەككۇر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2013-يىل 12-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-16 18:54