مېنى قوللىغان، مەندىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئەدەبىيات بوستانىدا پەرۋىش تېپىپ، ئەدەبىيات بوستانىدا پەرۋىشلىنىۋاتقان، پەرۋىشلەۋاتقان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. مۇشۇ مەنىۋى ئوچاقنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىش ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتىمەن. ئارزۇيۇم شۇكى، ئەدەبىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئاشىقى بولۇش.
خىسلەتلىك ئوت
(نەسر)
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
سەن بىلەن تونۇشۇپ، نېنىڭنى يەۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ بولدى. بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدىكى مۇئەللىملىرىمنىڭ ئوقۇپ بەرگەن شېئىر-ھېكايىلىرى، چۆچەك-لەتىپىلىرى ماڭا سېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سىر-ھېكىمىتىڭنى ھېس قىلدۇرغان بولسا، ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىمنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك لېكسىيەلىرى، نۇتۇقلىرى، ئۈگۈت-نەسىھەتلىرى، ماقالە-ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى ماڭا سېنىڭ ناھايىتى چوڭ ۋە ئۇلۇغ پەن ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خاسىيىتىڭنى، ئەھمىيىتىڭنى، رولىڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. مەن سېنىڭ نېمىلىكىڭنى، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭنى، نېمىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىدىغانلىقىڭنى ئاشۇ سۆيۈملۈك ئۇستازلىرىمنىڭ بىۋاستە تەربىيەسىدىن چوڭقۇر ھېس قىلالىدىم. ئۇلارنىڭ سەن ئۈچۈن سوققان ئاتەش يۈرىكى، ئەۋلادلار ئۈچۈن سىڭدۈرگەن مىننەتسىز ئەجرى مېنى ئاستا-ئاستا سېنىڭ قوينۇڭغا باشلاپ كىردى. ئۇلار ماڭا سېنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز كۈچ-قۇردرىتىڭنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە سېنىڭ لەززەتلىك ھەم شېرىن، مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك نېنىڭغا ئېغىز تېگىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
سېنىڭ نېنىڭنى ھوزۇر قىلىپ يەۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا، يۈرىكىمگە سېنىڭ يالقۇنلۇق ئوتۇڭنى سالغان ئۇستازلىرىمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن، ئىپتىخارلىنىمەن. ئۇلار ئۆگەتكەن مول مەزمۇنلۇق نەزەرىيەلەر، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ قىممەتلىك ئېستېتىكا، فولكلور، تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى ئىلىملەر مېنى سېنىڭ قوينۇڭدا تاۋلىدى ۋە چېنىقتۇردى. ئۇلار ماڭا نېمىنى دېيىشنى، نېمىنى يېزىشنى، شۇنداقلا قانداق دېيىش ۋە قانداق يېزىشنى ئۆگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلەمنى قورال، تەپەككۇرنى قانات، نەزەرىيەنى كۈچ قىلىپ سەن ئۈچۈن جار سېلىۋاتىمەن، ئەلگە ياراملىق شاگىرتلارنى تەربىيەلەۋاتىمەن. سېنىڭ ئادەمنى مەركەز قىلىشتەك تۈپ ئىدىيەۋى نۇقتاڭ ھەققىدە توختىماي پىكىر قىلىۋاتىمەن، خىيال سۈرۈۋاتىمەن. بۇنداق خىيال سۈرۈش ۋە بۇنداق پىكىر قىلىشنى ماڭا سەن ئۆگەتكەن.
بىلەمسەن، ھازىر مېنىڭ يۈرىكىم پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ، سەن ئۈچۈنلا كۆيىدۇ. بۇنداق سوقۇش ھەم كۆيۈشنى ماڭا سەن ئۆگەتكەن. مەن سېنىڭ لەززەتلىك نېنىغا ئېغىز تەگدىم ھەم شۇ نېنىڭنىڭ خاسىيىتى بىلەن ماغدۇرلىنىپ، قەددىمنى رۇسلاپ، توغرا قەدەم بىلەن ئالغا كېتىۋاتىمەن، ئەقىل تېپىۋاتىمەن، كۈچكە تولۇۋاتىمەن. ئادىمىيلىك پەزىلەتكە، ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە بولۇۋاتىمەن.
شۇنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتالايمەن ھەم تەنتەنىلىك جاكارلايمەن: روھىمنى كۆتۈرگەنمۇ سەن، قەددىمنى رۇسلىغانمۇ سەن؛ قەلبىمنى ئويغاتقانمۇ سەن، قەلىمىمنى تەۋرەتكەنمۇ سەن. قىسقىسى، سەن مېنى تەربىيەلىدىڭ، ئەي قىلدىڭ، ئەي ئەدەبىيات!