جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1399 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

ئىگىسى: شەرقىنۇر

[ھىلال]ھىجران [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا مۇنبەردىكى ئەسەرلىرىمنى ساقلىۋىلىش ئويى بىلەن، ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.


چېقىلغان كۆڭۈل



ئىزغىرىن شامالدەك كېلىدۇ ھۇۋلاپ.

ھىجراننىڭ تۇنجۇققان پىنھان شەپىسى.

ئۇزىغان باھارنىڭ ئاچچىق يېشىدا،

كۆرۈنەر ھاياتنىڭ ئەسلى مەنىسى.



بىر دېڭىز ئازابقا ئايلاندىم بەلكىم،

ئۇرۇلدۇم ئۇندىكى تاشلارغا پىنھان.

بىچارە ئاۋازدا يېيىلار ئاستا،

قەلبىمگە ئۆكۈنۈش،جۇدالىق،پىغان.



كۆڭۈلنىڭ چېقىلغان خىلۋەتلىرىدە،

ئەلەملەر مەڭگۈگە قالسۇن سىر بولۇپ.

جۇدالىق بېتىگە يازاي ئىسمىڭنى،

قانىغان روھىمنى تىتىپ ئولتۇرۇپ.



بىلمىدىم...






بىلمىدىم قاچاندا ئۇچراتتىم سېنى،

باش باھار ياكى گۈل تۆكەندە ياپراق؟

گاھ باھار گۈلىدەك كىرسەڭ چۈشۈمگە،

گاھ كەچكۈز تۈنىدەك قىينايدۇ پىراق.



بىلمىدىم مېھرىڭگە زار قىلدىڭ قاچان،

كۆيەرمەن بىر چوغدەك ئارمان ئىلكىدە.

چايقىلىپ ئۆتمەكتە ئالدىمدىن شۇ تاپ،

غېرىبلىق روھىمغا سېلىپ ۋەھىمە.



قاچاندا ھەسرەتكە يار قىلدىڭ مېنى،

ساناقسىز سۇئالغا كۆمۈلدى قەدەم.

ئاھ،ئاچچىق سۇئاللار تۇرسىمۇ بوغۇپ،

سۆيىمەن  نە ئۈچۈن مەن سېنى ئەركەم؟...












بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھىلال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 01:55  


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈن تىۋىشلىرى


1



بەخت ئۇ ئېھتىمال تەسەۋۋۇرۇمدا،

كۆزلەردىن سىرغىغان ئاچچىق كۆز يېشى.

ۋە ياكى گاھ ئۆچۈپ،گاھى پارلىغان،

سۈپ-سۈزۈك تاڭدىكى چولپاننىڭ ئۆزى.

تۈگەركەن ئاخىرى كۈلكە ۋە شادلىق،

بىر سىرلىق گۈل كەبى خازان بوپ قۇرۇپ.

تۈگەركەن ۋە يەنە قايغۇ،كۆز يېشى،

يۈرەكنى لەختە قان،زۇلمەككە قويۇپ.

يوقىلار خىياللار سىڭىپ زۇلمەتكە،

يوقۇلار خۇش ھىدى باھارنىڭ ئاخىر.

شۇندىمۇ شىرىن چۈش،شىرىن ئەسلىمە،

ياشلانغان كۆزۈمدە بولماقتا زاھىر.

2

ئەمدى نە ھاجىتى ساڭا سۆيگۈمنىڭ،

تۇرغاندا بىر گۈزەل يارنى قۇچاقلاپ.

ئازابلىق سەكراتقا چۈشتۈق ئېھتىمال،

ئاقماقتا كۆز يېشىم مەڭزىمنى بويلاپ.

كىشنىگەن ئاھلىرىم سىڭدى ئۇپۇققا،

باغرىمدا سەن ئۈچۈن چېچەكلىدى قان.

ھەسرەتكە چىلىشىپ تۇرغان يۈرەكتىن،

كەلمەكتە جۇدالىق،سېغىنىش،پىغان.

سېنى دەپ دوزاخقا كىردىم نەچچە رەت،

ئۆرۈلگەن چېچىمنى قىلىپ دار،سىرتماق.

چېچىمدەك سىرغىغان روھىمنى تۇتۇپ،

مەن يەنە كۆزۈڭگە تامچىدىم بېراق.

3

يۇلتۇزلار چاقنىغان جىمجىت كېچىدە،

گەر كىرسەم چۈشۈڭگە كەتمە ئويغۇنۇپ.

ئۇرۇلاي شامالدەك يۈزۈڭگە لەرزان،

قەلبىڭدە ئەڭ شىرىن تۇيغۇ ئويغۇتۇپ.

تۇمانلار ئىچىدە تەنھا غۇنچىدەك،

ئېسىڭگە چۈشىمەن رېئاللىقىڭدا.

چۈشۈڭدە قۇچاقلاپ،ئاستا پىچىرلاپ،

قالىمەن ئېھتىمال سېنىڭ يېنىڭدا.

سەن سۇنغان بەختكە قونالمىدىم بىر،

ئاھ،مۇڭلۇق كۆزۈڭدىن سىرغىغان نۇر بوپ.

تۈنجى رەت ئۆزۈمنى كۆردۈم بەك خىرە،

قانىغان روھىمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ...

4

بىر تامچە زەھەرنى يۇتۇپ ئولتۇرۇپ،

يېزىلدىم ئازابنىڭ قان رەڭ بېتىگە.

قىرىق تال چېچىمدەك كۆرۈندى دۇنيا،

قارا تون كىيگەندەك گويا ئۈستىگە.

سەن كەتتىڭ،مەن كەتتىم ھەممە بەرىبىر،

ئاخىرقى نەتىجە ئىكەن ئايرىلىش.

مەن ئاسىي بولدۇممۇ ۋە ياكى ئۆزۈڭ؟

كۆچتىمۇ قەلبتىن سۆيگۈ،ئىشىنىش؟

سۇئالغا بوغۇلۇپ يۈرمەيلى ئەمدى،

ياشلانغان كۆزلەردە تىكىلىپ ئاستا.

ئاخشامقى لەۋ يېقىپ بەرگەن ۋەدىلەر،

ئاھ،ئەمدى تارىخ بوپ قېپ قالسۇن ئارتتا...












ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:54:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىق تال چېچمدەك يېيىلماقتا تۈن






ھەر تىنىق،نەپسىمگە قالدى چىرمىشىپ،

يۈرەكنىڭ تەكتىدە كۆكلىگەن يارا.

ئەڭ ئېغىر ئازابنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،

قاقلاندىم سەن ماڭا قالدۇرغان ئوتقا.



قىرىق تال چېچىمدەك يېيىلماقتا تۈن،

يۇلتۇزلار يوقالدى تامام تۆكۈلۈپ.

ئاھ، سېنى بەك ئۇزۇن قىلدىممەن خىيال،

كېچەمنىڭ كۆزىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ.



تەسەللىي بەرمەكنى قىلغاندەك نىيەت،

شاماللار يۈزۈمگە ئۇرۇلار لەرزان.

ئاھلىرىم سۆزلەرگە ئايلانسا شۇ تاپ،

ۋەزنىدىن زۇۋانغا كېلەرمۇ جاھان؟!...


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:55:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قويالمىدىم ياستۇقۇڭغا گۈل






شىرىن چۈشۈڭ يىغقاندا ئېتەك،

قويالمىدىم ياستۇقىڭغا گۈل.

سېنىڭ ئۈچۈن يۇيۇپ تاڭلارنى،

تۆكۈلمەكتە يامغۇر بوپ كۆڭۈل.



بارلىقىڭغا بولۇپ خېرىدار،

سالالمىدىم بوينىڭغا گىرە.

پەقەت يادلاپ ئىسمىڭنى جېنىم،

ياش ئاققۇزدۇم  ئۈنسىز، جىممىدە.



كۆز ئالدىمدا ئۇچقۇر خىيالىم،

شۇڭغۇماقتا نىگاھىڭ ئۆزرە.

لېۋىمدىكى تاتلىق بىر سۆيۈش،

قېتىپ قالدى تاڭنىڭ بەرقىدە.



قويالمىدىم ياستۇقىڭغا گۈل،

بىر تال گۈلگە ئوراپ يۈرەكنى.

ئوتقا تاشلاپ ئۆتتۈم ئىھتىمال،

بارچە ئارمان،ئىستەكلىرىمنى...

ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 741
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1300
تۆھپە : 1
توردا: 225
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 00:58:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچەمنىڭ كۆزىدە يالغۇز  ئولتۇرۇپ.

   مىسرالار لىرىكىلىق ھەم رومانتىكىلىق چىقىپتۇ.بولۇپمۇ يۇقۇرقى مىسرا ناھايىتى ئوبدان چىققان ئوبرازلىق ۋە مۇزىكىلىق ئىپادىلەش بوپتۇ.

كېتىۋېتىپ كېلىۋاتقىنى شامال.يەنە ئۆزۈم بولىشىممۇ مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:07:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلبىمدىكى ئاۋاز



كۆز ئالدىمدا ئۇچقۇر خىيالىم،

ئۆتتى سېنى يېنىك قۇچاقلاپ.

ياشلىق كۆزلەر بۇندا ئامالسىز،

شۈنچە خىرە يانار پىرىلداپ.



ساھىلىڭغا يېيىلدىم بۇ كەچ،

سىرداش بولۇپ يالغۇزلۇقىمغا.

قەلبىمدىكى مەڭگۈلۈك ئاۋاز،

ئېرىمەكتە غەمسىز ۋە ئاستا...




ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى ئۇنتۇپ كېتىمەن...



(نەسىر)





شەرقىنۇر مۇھەممەد





دىكابىر روھىمغا قار بولۇپ ياغماقتا.مېنى پىراقىڭدا زار يىغلاتقان دۇنيا،تىلىم-تىلىم يۈرىكىمدىن رەڭلەنگەن چېچەكلىرىنى ئاپئاق قارغا چاچقۇ قىلماقتا.ۋۇجۇد قەپىزىمدە بۇغۇچلانغان ئۈمىد قۇشلىرىم نىمجان ئاۋازى بىلەن ئۆزىلا  چۈشۈنىدىغان پىغانلىق ناخشىسىنى ئېيتماقتا.سېنى ئۈنسىز سېغىنىشلىرىم قاتمۇ-قات جىرالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ قۇلاقلىرىڭغا يېتىپ بارسا-ھە؟!ياق،ئەمدى مېنىڭ ھەسرەتلىك نىدالىرىمغا قۇلاق سالمىغىن،ھەم مېنى بوشقىنا پەپىلەپ ياشلىرىمنىمۇ سۈرتۈپ قويمىغىن.يەنە ھەم مېنى سېغىنغانلىقىڭنى بىلدۈرۈپ شاماللاردىن نامە ئەۋەتمىگىن.نېمىشقا دەمسەن؟چۈنكى سېنى جاھاندىكى جىمى مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن كۆرگىنىم،تەرىپلىگۈسىز ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن ئۇنتۇپ كەتمەكچىمەن.

     بۈگۈن،ھەممە ياق تىمتاسلىققا چۆمگەن بۇ كېچىدە ئاخىرقى قېتىم پىچىرلاغلىرىمنى ئاڭلىۋالغۇڭ بارمۇ،ئەزىزىم؟ئاڭلىۋالغۇڭ بولسا كەل،سىردىشايلى.بۇ كېچە،پەقەت مۇشۇ كېچىلا ماڭا  مۇتلەق تەۋە بولۇپ كەل.مۇمكىنسىز بەختىمنىڭ ئېگىز تاملىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن پاچاقلاپ تاشلاپ،ئۆزۈمگە،ياق،ئىككىمىزگە خاس بوشلۇقتا ساڭا يېرىم يوشۇرۇن،يېرىم ئاشكارا ئارزۇ-ئارمانلىرىمنى،ئۈمىد،يېلىنىشلىرىمنى،سەندىن رەنجىگەن چاغلىرىمنى ۋە ساڭا ئەڭ مۇھتاج بولغان چاغلىرىمنى ساڭا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرەي.

ئەسلىدە ناتىۋان دۇنيانىڭ قەۋەتلىرىدە سېنى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنۈم مېنىڭ تەبەسسۇم  بوستانلىقىمغا قۇرغاقچىلىق ياغقان كۈنى بوپتىكەن.سەن قەلب خانەمگە يۇمشاق ئاياقلىرىڭ بىلەن قەدەم باسقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ھەمىشە كۆڭلۈمنىڭ ئاقلىقى ئىچىدىن سېنى چۈشەپ،سىزىپ ۋە كۆرۈپ چىقاتتىم.سېنىڭ مۇھەببەت تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان ئاشۇ كېلىشكەن قامىتىڭ قەلب گۈلشەنىمدە يىگانە،ئىزگۈ ناۋالىرىمغا غەمخانە ئىدى.شۇڭا سېنى ھەر سەھەر قىزارغان ئۇپۇقتىن،ئاخشاملىرى ئاتەش تىنىقلىرىڭدا قىزارغان كەچكى شەپەقتىن سورايتىم.تۈنلىرىم تاتلىق پىچىرلاشلىرىڭغا ھامىلدار ئىدى...مەن سېنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىم.مەن سېنى ئۆزۈمدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى قىلماي ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرەتتىم.سۆزلىرىڭدە ئېرىپ،ئېرىقىڭدا شىلدىرلاپ ئاقاتتىم.تىزىق-تىزىق ئاقما كۈلكىلىرىم پەقەت سەندىلا ئۆز مەناسىنى تاپاتتى.سېنىڭ بىر تىنىق سۆزۈڭمۇ ھاياتىمنى زۇلمەتكە ياكى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرۇشقا يېتىپ ئاشاتتى.دېمەك،ھايات-ماماتنىڭ چىگرىسى سەن ئىدىڭ.سەن شادلىق ئاراچلىرىدىن شۇڭغۇپ كىرىپ ۋىسالنىمۇ،ھىجراننىڭمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرەلەيتىڭ.سەن قەلبىمدە شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچ ئىدىڭ...

سەن قەلبىمدە شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچ ئىدىڭ،قىممەتلىكىم!سەن ئۈچۈن يازغان تالايلىغان خەتلىرىم ،تالايلىغان مىسرالىرىم مۇمكىنسىز تىنىقلىرىمدا كۆيۈپ كېتەتتى.سەن قەلب خانەمگە قەدەم باسقان ئاشۇ كۈن مېنىڭ ئۆيۈمگە ئوت كەتتى.مەن ئۆي-ماكانسىز قالدىم .قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقلىرىدا،يازنىڭ تومۇز ئىسسىقلىرىدا لەۋلىرىم چاڭقاپ،چاك-چاك يېرىلغاندا مەن ساڭا شۈنچىلىك مۇھتاج بولاتتىم.قوللىرىمنى مېھىرلىك بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئىسسىتىپ قويۇشۇڭنى،تومۇز ئىسسىقلاردا سايىۋەن بولۇپ ماڭا باشپاناھ بولىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم.ئەپسۇس،بۇ چاغلاردا ماڭا پەقەت ئاچچىق رېئاللىق، ئامالسىزلىق قاپلىغان غەمكىن ئاۋازىڭلا ھەمراھ بولاتتى.

مۇھەببەت-ئۇ تەن ئەمەس،روھنىڭ بىرىكىشى دەپ تەسەللىلەر بېرەتتىم ئۆزۈمگە.بىلەمسەن؟ئاۋازىڭنى بەكلا ياقتۇراتتىم.مەيلى ماڭا شادلىق ئاتا قىلسۇن،مەيلى مېنىڭ دەريا-دەريا ياش توغانلىرىمنى ئېچىۋەتسۇن،ئوخشاشلا ئاۋازىڭ ماڭا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلايتى.ھەر سەھەر يېراقلاردىن  ئۇچۇپ كەلگەن ئاۋازىڭنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋالاتتىم.مۇراد قۇشلىرىم ۋىسال تېپىش ئۈچۈن يېراققا،سېنىڭ يېنىڭغا ئۇچۇپ كېتەتتى.

سېنى سۆيەتتىم،سەمۇ ھەم مېنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىڭ.يۈرىكىڭنىڭ قېنىدەك ئېچىلغان گۈللۈەردىن دەستە تىزىپ ماڭ سۇنغۇڭ،لەۋلىرىمدە تەبەسسۇم پارلاتقۇڭ،يوللىرىمغا ئەبەدىيلىك ۋىسال چىراقلىرىنى ياققۇڭ كېلەتتى.لىكىن ئۇنداق قىلالمايتىڭ...ھەر مىنۇت سۆيگۈمىزدە ھىجراندىن مول-ھوسۇل ئالاتتۇق.ئۆلۈك ھىجراننىڭ كۈللىرى يۈزلىرىمىزگە توختىماي ئۇرۇلاتتى.ئىككىمىز مۇشۇنداق ياشاپ كېلىۋاتاتتۇق...

مەن مۇشۇ جەرياندا سانسىز قېتىم خۇداغا سېغىنىپ  ماڭا چەكسىز چىدام-غەيرەت ئاتا قىلىشىنى تىلىگىنىمنى بىلمەيسەن.بىراق بۇ ئۈرۈنۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكارغا كېتەتتى.گاھىدا بەخت ھەققىدە خىيال سۈرۈپ قالاتتىم.بەخت زادى نېمە؟ئۇ پىرىلداپ ئۇچۇۋاتقان يالقۇنمۇ؟ئېيتە،بەختنىڭ ماكانى بولامدۇ؟

ئۆزۈمنى بارغانچە خوراپ كېتىۋاتقاندەك،بارغانچە يوقلۇققا يۈزلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.شۇنداق،مېنى ۋىسالسىز سۆيگۈ خورىتىۋاتىدۇ.مەن بەرداشلىق بېرەلمەي قېلىشىم مۇمكىن.ئوت-يالقۇنغا دەسسەپ تۇرۇپ سېنى سۆيگەن ئىدىم.

جاراھەتلىك لەۋلىرىمدىن چىققان يىغلاڭغۇ ئاۋازىمغا ئەمدى قۇلاق سالمىغىن.ماڭا ئىچ ئاغرىتمىغىن.چاچلىرىمنى شامالدەك يەڭگىل سۆيۈپ قوي.بىراق<چاچلىرىڭنىڭ قاراڭغۇلىقىدا ئېزىقىمەن...> دېمىگىن.دىرىزەڭنى يېپىۋەت،نۇر بولۇپ ھوجراڭغا كىرىپ لەۋلىرىڭگە سۆيۈپ قالماي.

سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئازابنىڭ چىرايلىق يىپلىرىدىن ياسالغان دارغا ئاستىم.چۈنكى ساڭا چىدىمىغانلىقىم ئۈچۈن سېنى ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك!




ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:43:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇپ كەتتىم دىگىنىم يالغان






ئاسمىنىمدا ئاي ھەم قۇياشسىز،

چولپان كۈلمەس سەھەردە سىزسىز.

گۈلۈم سىزسىز قالىدۇ ھېدسىز

ئۇنتۇپ كەتتىم دېگىنىم يالغان.



يۈرىكىمگە نامىڭىز شاھتۇر،

سىزنى سۆيگەن بۇ كۆڭۈل ئاقتۇر،

سېغىنمىغان بىر كۈنۈم يوقتۇر،

ئۇنتۇپ كەتتىم دېگىنىم يالغان.


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 01:49:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

روھ تىۋىشلىرى


1



سېغىنىش دۇردانىلىرىنى قەغەز يۈزىگە پۈتۈۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئىككىمىزنى چېكى يوق مۇساپە ئايرىپ تۇرماقتا.سېنىڭ گىرىمسەن نۇرلارغا ئايلانغان سىيمايىڭ ئۇپۇق لىۋىدە ئۆزىنىڭ كۆز يېشىدەك سۈزۈك،ئاچچىق پىغانلىرىنى ئۈستۈمگە چاچقۇ قىلماقتا.مەن لەيلىمەكتىمەن،پايانسىز بىر يوقلۇق ئىچىدە لەيلىمەكتىمەن.قاناتلىرىمغا ئۇرۇلۇپ يۇمران پەيلىرىمنى سامادا قار گۈللىرىدەك توزۇتىۋاتقىنى سېنىڭ جۇدالىق زارىڭ ئىدى.

سېنى ئىزدەشلىرىم سېنى سوراشلىرىمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بەرگىلىرىڭگە قونماقتا.ئۇ بەرگىلىرىڭدە شەبنەم تامچىسىغا ئايلىنىپ سېنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن كۆرمەكتە،ھېدلىماقتا...

ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن جىمجىت كېچىدە سېنىڭ بارا-بارا خۈنۈكلىشىپ كېتىۋاتقان چېھرىڭنى قىرو بېسىپ كەتكەن كۆڭۈل ئەينىكىمگە سىزىپ،ئۇنىڭدىكى قات-قات مۇز پارچىلىرىنى ئىرىتمەكچى بولىۋاتىمەن.شۇنىڭدىنلا مەجروھ تېنىمگە ھارارەت ھېس قىلىۋاتىمەن.  

شۇ تاپتا كۆزلىرىم ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن كۆزلىرىمگە شۇڭغۇماقتا.يۈرىكىم رېتىمسىز،ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈنسىز پىغانلىرىنى ئاڭلىماقچى بولغاندەك سۈكۈتكە چۆممەكتە.ئاڭلاۋاتىمەن،سۈزۈك تۇيغۇلىرىمدا سېنىڭ يۈرەك تىۋىشىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن.يۈرەكلەرگە تۇتاش يوللاردا دەردلىك كۆز ياشلىرىمىز بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ غەيەت زور ئېقىنغا ئايلانماقتا.ھېلىدىن ھېلى يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان ھىجران مۇڭلىرىمىز قىپقىزىل قانلار بىلەن قوشۇلۇپ يۈرەكتە گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ياڭراتماقتا.خىيابانىمدىكى مېھىرلىك كۆزلىرىڭ ھالسىرىغان تېنىمنى ھارارىتى بىلەن كۆيدۈرمەكتە...

بىلەمسەن؟ مۇشۇ تاپتا قولۇمدىكى قەلەم تۆكۈۋاتقان سۆز دۇردانىلىرىنىڭ سالمىقىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ.ئۇ قەغەز يۈزىگە ئوتلۇق جۈملىلەرنى قوندۇرماقتا.ئالدىمدىكى قەغەزمۇ ئۆز بېتىگە مېنىڭ سېغىنىشلىرىم،ئۈنسىز ئازابلىرىمنىڭ تۆكۈلىۋاتقالىقىدىن خەۋەردار.  پەقەت سەنلا مېنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە كۈلگە ئايلانغان جىسمىمنى قىيناۋاتقان ئەلەم،ئىزتىراپلاردىن بىخەۋەر.

شۇنداق،ئالدىمدىكى ئاپئاق قەغەز ئۆز بېتىگە چەكسىز سېغىنىش تۇيغۇلىرىمنىڭ تۆكۈلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار.ئۇ ھازىر ئىمىر-چىمىر يېزىلغان خەتلەر بىلەن تولغان بىر پارچە قەغەز ئەمەس،بەلكى پىغانلىرىنى تۆكۈۋاتقان بىر يۈرەك!...

ھىجران غەليانلىرى يۈرىكىمنى لەرزىگە سالماقتا.قەلبىم سېغىنىش ئوتلىرى بىلەن ئۆرتەنمەكتە.سەن بۇ يۈرەكنى نۇرلار بىلەن بۆلىگەن ئىدىڭ.ئۇ يېلىنجاپ تۇرغان بىر مەشئەل ئىدى.

ساڭا تەلپۈنگەن يۈرىكىم سېغىنىش چۆللىرىدە كۆيمەكتە.ئۇ ھېلىھەم ئۆزىنىڭ ساپ ساداقىتىدە ئاھاڭلانغان <سېنى سۆيىمەن>دېگەن بىر جۈملە سۆزنى تېكىست قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات ناخشىسىنى توختاتقىنى يوق!بەلكىم ئۇ ناخشا قەبرە بېشىمدا شەپەق بىلەن رەڭ ئالغان خۇشپۇراق گۈللەرگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

سېنى ئويلاۋاتقىنىمدا ئۆزۈمنى خوراپ كېتىۋاتقاندەك،يوقلۇققا يۈزلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.شۇنداق،مەن سېغىنىش ئىچىدە خوراۋاتىمەن.تەگسىز ھىجران ئىچىدە يوقلۇققا يۈزلىنىۋاتىمەن...





2




مەن سېنىڭ يەنىلا ماڭا ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن.قېيىداش ئارىلاشقان سۆلىرىڭدىن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت،چىدىماسلىق،قىيالماسلىق يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ ماڭا كۆز قىسىپ قويدى.بۇ كۈلۈمسىرەش سېنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭدەكلا يېقىملىق ئىدى...

بۈگۈن كېچە قانداق چۈش كۆرۈدىغانلىقىڭنى بىلمەيمەن.لىكىن ئۆزۈمنىڭ سېنى چۈشەپ چىقىدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.چۈشۈمدە مەن سېنىڭ چاچلىرىڭنى نازۇك بارماقلىرىم بىلەن ئويناپ تۇرۇپ كېچىكىپ كەلگەن باھار توغرۇلۇق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن.سەن شۇ چاغدا مەجنۇنتالدەك ئېقىپ چۈشكەن كىرپىكلىرىمنىڭ قاراڭغۇلىقىدا  بىر دانە نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كۆزلىرىمگە چۆكىسەن.يەنە ساڭا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ سەن ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولغان كونا ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازدا ئېيتىپ بېرىمەن.باھار ئىزدەپ كەلگەن باھار قۇشلىرى ھويلىمىزدىكى چىنار دەرىخىگە قونىدۇ.سەھەر پەيتى چىنار دەرىخىدە تۈنىگەن قۇشلار ئۇچۇپ كېتىشتىن ئاۋۋال تاتلىق سۆيۈپ تۇرۇپ سېنى ئويغۇتىمەن.ئىككىمىز نۇرلارغا چۆمۈلۈپ تۇرۇپ قۇشلىرىمىزنىڭ پەقەت ئىككىمىزلا ئاڭلىيالايدىغان ھەم چۈشۈنەلەيدىغان يېقىملىق كۈيلىرىگە قۇلاق سالىمىز...




  







   


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كېچە...


پىچىرلىرىم ساڭا بۇ كېچە،
نە بىر كېچە، ئويلاپ ھەركېچە،
كىرپىك قاقماي تاكى تاڭغىچە ،
سۆيۈپ كەلدىم پەقەتلا سېنى ،
ئەڭ ئاخىرقى تىنىق قالغىچە .
بىلەرسەنمۇ ھالىمنى جېنىم ؟
خىيالىڭغا كىرسەم بۇ كېچە ؟!


مۇھەببەت


يۈرەكنىڭ تەكتىگە كۆمۈپ ئاھلارنى،
بىر غۇۋا ئۈمىتتە ياشىدىم ئۇزاق .
قارىدىم ھاياتقا گۈزەل ئىستەكتە ،
كۆزۈمنىڭ ياشلىرى قۇرسىمۇ توزاق.
شۇنداقمىدۇ مۇھەببەت دېگەن ،
ھەربىر دەقىق سالاركەن پىراق .



...غا


چىقارمايمەن كۆزۈڭدىن ئۈنچە،
دېگەن ئىدىڭ بىر چاغ شىۋىرلاپ .
نەسەۋەپتىن ئەمدى ئەي جانان ،
يىغلىشىمنى قالدىڭ سەن خالاپ ؟!





ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:09:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كېتىپ...




ئاھ،ئالدىمدا بولمىدىڭ زاھىر،
كۆزلىرىمدىن سىرغىتىپ قان،ياش.
باغلام-باغلام ئارمانلىرىمنى،
يوللىرىڭغا چاچقانتىم تىمتاس.

سەن بولمىغاچ جۇت بولدى باھار،
قۇياشنىڭمۇ كۆزلىرىدە نەم.
تىتىپ-تىتىپ روھىمنى تامام،
توپان دەرتكە قويدۇڭمۇ ئەركەم؟


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكتىكى يىلتىز




سېغىنىشقا تولغان بۇ كۈندە،
يادلاپ چىقتىم ئىسمىڭنى جېنىم.
چاچتەك قارا ھېجران سېرتمىقى،
قېينار جاننى كۈندە مىڭ قېتىم.

ماڭا ھازىر بولماقتا ئايان،
ياشاش قېيىن ئىكەن سېنىڭسىز.
سۈزۈك-سۈزۈك تەبەسسۇملىرىڭ،
يۈرىكىمگە تارتىپتۇ يىلتىز.

ئېرىمەكتە يۈرىكىم شۇ تاپ،
ئازابلارنىڭ يېرىپ كۆكسىنى.
تىزىپ قويدۇم يولۇڭغا رەت-رەت،
باغلاپ-باغلاپ كەچمىشلىرىمنى.

سۈرۈتمەكتىمەن يېشىمنى جىمجىت،
شۇ مۇلايىم ئاۋازلىرىڭغا.
قول تۇتۇشۇپ ماڭغان كوچىلار،
كېلەرمۇ-ھە،سېنىڭ يادىڭغا!؟

پايانى يوق ھېجران چۆلىدە،
تامچە سۇغا زاردۇر قەلبىمىز.
كۈت،كۈتىمەن ۋېسال پەيتىنى،
چىڭ باغلانسۇن سۆيگۈ رىشتىمىز.

ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 02:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىلار

1
سەن كۆيۈكنى تاشلىغان دەسلەپ،
مەن كۆزۈڭدىن ھۈركىگەن ئاھۇ.
مىڭ ئۆلتۈرۈپ كۆزۈڭ نۇرىدا،
قىلغان شىرىن سۆزلىرىڭ بارغۇ؟

ئاھ،دەۋرىتىپ كۆڭۈل كۆلۈمنى،
تاش ئېرغىتىپ يۈرەتتىڭ دائىم.
چىن سۆزۈڭنى قىلغاندا بۈگۈن،
ئۆز-ئۆزۈڭگە بولدۇڭمۇ خائىن؟

ئوخچۇپ تۇرغان كۆڭۈل ئەركىڭنى،
بەڭۋاشلىققا ئارتمىغىن زىنھار.
ۋىجدانىڭغا يات بولسا سۆيۈش،
مەيلى كەتسەڭ يېنىمدىن نىگار...


2

گۈللەر تىزىپ كەلمەكچى ئىدىڭ،
ئاچمىغانمۇ گۈللىرىڭ پۆرەك؟
قارلىغاچلار كەلدى سەپ تارتىىپ،
نەۋ باھاردىن بەرگەندەك دېرەك.

<جاندىن لەزىز شىرىن تۇيغۇدا>
مەن چېچىلدىم يولۇڭغا گۈلدەك.
گۈلۈڭ تۈگەل ئۆزۈڭ يوق جېنىم،
بىر كۈن ئۆتتى گوياكى   يىلدەك...


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:16:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر لىرىك شېئىر ئىدىڭ


بىر لىرىك شېئىر ئىدىڭ قەلبىمدە گويا،
مېھرىمنى قان بىلەن يېزىپ بولمىغان.
بىر  تىنچ كۆل ئىدىڭ قەلبىمدە يەنە،
نە كۆلكى قەلبىڭ بىر دېڭىز قاينىغان.

شۇ كۆلدە ئەكسىمنى كۆرەتتىم گۈلگۈن،
جىلۋىسى بېرەتتى تەنگە ھارارەت.
كەلدىمۇ روھىمغا سىغماس ھادىسە؟
ئاھ،نىچۈن شۇ كۆلدە لەيلەر خىيانەت...

كۈيلىرىم يۈرەكتىن چىققاندا ئوخچۇپ،
ھەر تامچە بەرگىدىن تامچىلايدۇ قان.
تىترەر  گۈل ۋە شەبنەم،تىترەر  كۈن نۇرى،
ئاھىمدىن ھەممىسى كۆتۈرۈپ چۇقان.



ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  358
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 10:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شادلىقلىرىم مۆككەنمۇ پىنھان



‹كۈل› دەيسەن،قانداقمۇ كۈلىمەن جېنىم؟
شادلىقىم سەن كەبىي مۆكۈنسە پىنھان.
ھەقىقىي كۈلۈشنى ئۇنۇتتۇم بەلكىم،
يۈرەكنى خۇن قىلىپ تۇرغاچقا ھىجران.
تۇرىسەن ھەر ۋاقىت نەزمەمدە بالقىپ،
يورۇيدۇ نۇرىدىن تۈندىمۇ ئاسمان.
تەنھالىق ئىلكىدە ئېسىلسام دارغا،
تىترىدى ئاھىمدىن پۈتكۈل يەر-جاھان.
شۇندىمۇ كۆزلىرىم ئىزلەيدۇ سېنى،
ھىجرانىڭ بەختىمگە بەلكىم ئىمتاھان.



كۆز ياشتا نەمدىلەر تىتىلغان سۆيگۈ




تۆكۈلدى ياشلىرىم گۈلنىڭ بەرگىدەك،
ئاھ،تال-تال كىرپىكىم قىمىرلىغاندا.
قەلبىڭنىڭ سەتھىدە كەزدىمۇ سابا؟
يۈرىكىڭ ئۆزگىگە تىپىرلىغاندا.

كۆز ياشتا نەمدىلەر تىتىلغان سۆيگۈ،
يامغۇردا يۇيۇنغان چاتقالدەك گويا.
تىترىدى يەر-زىمىن تىنىقلىرىمدىن،
ئىچكەندە كۆزۈمنىڭ يېشىنى دەريا.

ئاڭلىغىن ھەر تىنىق ،ئىڭراشلىرىمنى،
كۆرۈپ باق،يېشىمدىن ئۈنۈپتۇ ھەسرەت.
بارچە غەم-قايغۇنىڭ ئېغىر تىنىقى،
چىققاندەك بىلىنەر كۆكسۈمدىن پەقەت...













بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھىلال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-4 10:34  


ناۋادا قارا بېسىپ مېنى يۇقۇتۇپ قويساڭ،دۇنيادىن ئەمەس يۈرىكىڭدىن ئىزدىگىن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش