(3)
رەھىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە مەن خۇددى ئۆز ئۆيۈمگە كەلگەندەكلا ئەركىن – ئازادە بولۇپ قالدىم، ئائىلىسىدىن ھال سورىدىم ۋە چوڭلارنى سورىدىم.
مەريەم ئانا شۇ كۈنلەردە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندەك بولۇپ، دوختۇرخانىدا ئىكەن. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خۇددى مەن كىچىكىمدىن «ئانا» دەپ كۆنگەن ھاممامنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىم. گويا ئىككىسىنىڭ تەقدىرى – قىسمەتلىرى، چىراي تۇرقى، جانلىق ۋە تېتىكلىكى، كۆرۈنىشىدىنلا چەكسىز مېھىرىبانلىقى، قەھرى بىلەن زەھرى ئېنىق روھىي دۇنياسىنى خىيالەن ئوخشاتتىم. يۇرتنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتتۈم، مەريەم ئانا شائىر قاينامىنى ئۇيغۇرغا تۇغۇپ بەرگەن گۈزەل ۋە ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى. مۇشۇنداق بىر ئانا بۇ تارىخى دىيارنىڭ ئەڭ يېقىنقى زاماندىكى قەھرىمانلىرى ئىدى، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسىسىق – سوغۇقلار ئۆتكەن ئانىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللاشقاندا يۈرىكىم ناھايىتىمۇ يېقىن بىر تۇيغۇدا بولدى، ئانامنى سېغىنىپ كەتتىم. بىزنىڭ بۈگۈنكى پىلانىمىز كۈرە سېپىللىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئىدى. مەريەم ئانا بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشقاندا ئۇ رەخىم ئىككىمىزگە كۆزلىرىگە ئىسىسىق ياش ئېلىپ، قىيالمىغاندەك بىر خىل قارىغىنىدا سۇ بولۇپ كەتتىم. بىر ئانا شۇ قەدەر يىراقلاردىن ئىزدىشىپ، بىر – بىرىنىڭ ئىززىتىنى قىلىشىدىغان چىن دوستلۇقتىن، چاغداشلىقتىن، ئۆز بويلۇقلاردىن ئۈنسىز پەخىرلىنىۋاتقاندەك ئىدى. بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى رەخىمنىڭ ماشىنا ھەيدىشى بىلەن كۈرەگە – سادىرنىڭ ئاۋازىغا سىڭىپ كېتىۋاتىمىز. ئەسلىرىمدە ئىنسانىيەت ياشاملىرىنىڭ بىر بۇلىڭىدىكى بۇ جايلارنىمۇ ئۆزىنىڭ سىتەملىرىدىن يىراق قىلمىغانلىقىدىن ئازابلاندىم ھەم پەخىرلەندىم. ئازابىم- تارتقان كۈلپەتلەر بولسا، پەخرىم – كۈلپەتلەردىن ئۇچۇپ چىققان ئاجايىپ ئادەملىرىمىز، سادىر روھى بىلەن بىرگە بىزمۇ ئەلمىساقتىن دۇنيانىڭ ئېسىدە ئىكەنمىز...
رەخىم ئىككىمىز يانمۇ يان ماڭاتتۇق، ئۈنسىز سۆزلىشەتتۇق، چۈچۈپ كەتكەن قۇشلاردەك ئەندىكەتتۇق، كۈرە يامۇلىنىڭ تۆت ئىشىكىدىن كىرىپ باقاتتۇق، چىقىپ باقاتتۇق، تاش ئابىدەلەرگە خۇرسىنىپ قارايتتۇق. راۋاق ئۈستىگە چىققاندا قورغاس ئاسمىنىنىڭ ئەينى يىللاردىكى تۇمانلىرىنى پۈۋلەيتتۇق. تۆكۈلىۋاتقان توپا سېپىللارغا قوشۇمىمىزنى تۈرۈپ يانتۇ تىكىلەتتۇق، قارا ۋە مۇدھىشلارنى كۆرگەنلەرگە دۇئا قىلاتتۇق، بۇرنىمىز قان ھىدلىرىنى، كۆزلىرىمىز كۆمۈلگەن سۆڭەكلەرنى ھېس قىلاتتى، كۆرەتتى. ئۇزاقتىن – ئۇزاق قۇلاق ياقاتتۇق. كۈلكىمىز قۇلاشمايتتى، يۈرىكىمىز تېپىچەكلەيتتى. روھىمىز قان ئىچىدىن قوپاتتى...
1871- يىلىدىن 1882- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا چاروسىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىلا تۇنجى قېتىم شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش دەل مۇشۇ بىز دەسسەپ تۇرغان ئىلى تەۋەلىكىدىكى كۈرە قەلئەسىدە «ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسى» تەسىس قىلىنىپ، پۈتكۈل شىنجاڭنى ھەيۋەت بىلەن باشقۇرغان بۇ جايدا تۇنجى بولۇپ جاڭجۈن بولغان كىشى تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ تايىنى يوق، شەجەرىسى ئېنىق بولمىغان مانجۇ سېرىق جىيەكلىك قوشۇنىدىن بولمىش مىڭ رۈي ئىدى. ئۇ چېگرا قوغداشتا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان بولسىمۇ، 1765 –يىلى يۈز بەرگەن ئۇچتۇرپان ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقىدىن ۋەزىپىسدىن قالغان ۋە كېيىن 1768-يىلىدىكى بىرمىغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1911-يىلىغىچە بۇ مەھكىمە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن ۋە نۇرغۇن قىسمەتلەرنى بىزگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئىلى دەرياسى بۇ يەرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆز ياشلىرىنى تا ھازىرغىچە ئۇنتۇلدۇرماي ئېقىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
رەخىم ئۈنسىز يول باشلايدۇ، مەن ئوي ۋە كەچمىشكە تولغان قەلبىمدىكى داۋالغۇشنى بېسىپ تېخىمۇ جىم ماڭىمەن ۋە سېپىللارغا قارايمەن ھەمدە قاينامى شېئىرلىرىدىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئەسلى ئېتنىكىسىنى كۆرگەندەك بولىمەن ۋە ئۇنىڭ تاقىر باشلىرىغا، ئورۇق ۋە تۈكلۈك قۇللىرىغا قولۇمنى سوزىمەن...