(3)
خاتىرە-555
تېخى خىيالىم ئۈرۈمچىدە بولغاچقا، بىر خاتىرىنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كەلدى. 2006- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قولۇمغا قەلەمنى قايتا ئېلىۋالغاندىن كېيىن، لېرىكىلارنى ئۈزمەي يازدىم. قىسمەنلىرى "تارىم" ۋە تەڭرىتاغ" ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى، "سۇمرۇغ" ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرى ئەسلىدە ئەركىن نۇر قۇرغان، كېيىن قارا شەھەر ناھىيەلىك تەرەققىيات بانكىسىدىكى تۇرسۇنجان ئابلىز تېخنىكىدىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى مۇنبەرداشلار ئورتاق ئەدەبىيات ئۈچۈن بۇ يەردە مۇنازىرە قۇرالايدىغان شارائىتىنى ھازىرلاپ، نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلارنى، ئەدب، ئەدىبەلەرنى جەم قىلغان ئىدى. مەن دەسلەپ ئەزا بولۇپ كىرگەن ۋاقىتلاردا ئايتۇغدى، ئابدۇرىېشىت ئېلى، ئابدۇرىېشىت سۇلايمان، نۇربەگ، مۇتەللىپ مەنسۇر، يالقۇن ئەزىزىلار بۇ مۇنبەرنىڭ غوللۇق ئەزالىرى بولۇپ، تاھىر ھامۇت، قەھرىمان روزى، ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن، ئەركىن نۇر، چىمەنگۈل ئاۋۇت، رىسالەت مەردان، قەيسەر تۇرسۇن، ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە، ئۆزھال... قاتارلىق ئاۋانگارتلارمۇ، ھەزرەتئەلى ئەخەت، ئامانگۈل ئەزىز، ئەمەتجان مۇھەممەت كۆنچى قاتارلىق ژورنال مۇھەررىرلىرىمۇ بار ئىدى. مۇرات مەھمۇت ئېزىتقۇ، سەنەۋەر ئابدۇراخمان، مۇنىرە ئالىم، سەيدۇللا پىردەۋىس، مۇھەممەد ئەلى ئىلياس ئەلپىدا، يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت...قاتارلىق بالىلار بۇ يەردە ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ يېتىلگەن ۋاقىتلىرى ئىدى. ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان شۇ چاغلاردىلا "بۇقى گۆشى"...قاتارلىق ئېسىل شېئىرلىرىنى، مەن بولسام "بىر مىسرالىق شېئىرلار" ۋە "بىر كىشىلىك زىيەپەت" قاتارلىق ئەسەرلەرنى مۇنبەر ئالدىدا بىۋاستە ئىجاد قىلىپ نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ قوزغىلىشىغا، ئاجايىپ دوستانە تەنقىدلەردىن سۆيۈنىۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى. ئىلغار كۆز قاراشقا ئىگە مەتبۇئات مۇھەررىرلىرى مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، توردىن ئەسەر قوبۇل قىلىپ ژورناللاردا ئېلان قىلىشنى باشلىغان ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ۋە كەڭ - كۇشادە مۇھىتتا ساپ ئەدەبىيات ئاشىنالىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن دېگۈدەك بۇ يەرگە يىغىلغان ئىدى. ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى بىلىدىغانلىكى ئەدەبىيات مۇخلىسىلىرى بۇ يەردە جەمگاھ قۇرغان ئىدى. ئالدىنقىلار كېيىنكىلەرنى يېتەكلەش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلمىي تەنقىد قىلىش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلغان ئىدى. پۈتكۈل ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بارلارنى ئۆز ئارا غايىبانە ھۆرمەتلەشتىن تارتىپ، يۇرت- يۇرتلارغا بارسا تەمتىرەپ قالمايدىغان، ئۇيغۇردىن قەلەم تۇتقانلىكى ئادەم بولسا، ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغانلارمۇ خۇددى ئۆز ئۆز ئۆيىگە كېتىۋاتقاندەك كېتىۋېرىدىغان، ئۆز ئارا ۋاقىت بەلگۈلىشىپ، خالىغان جايدا يىغىلىپ، ئەنجۈمەنلەرنى ئۆتكۈزىدىغان قايناق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن ئىدى.
شۇنداق، يىللار ۋە ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى ئەسلەش، ھەر كىم دىموكراتتىك ئاساستا پىكىر بايان قىلالايدىغان، تور يازغۇچىىسى دېسە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ بۈگۈننى ئېلىپ كەلدى. كېيىن "ئەنقا ئەدەبىيات مۇنبىرى" قۇرۇلۇپ، شېئىرىيەتتە يېڭىچە ئاۋانگارتلارنىڭ يېڭى سەھىپىسى بارلىققا كېلىپ، خۇددى 1989-يىللاردىكى يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكتىدىنمۇ ئۆتە بىر خىل دولقۇنلۇق كەيپىيەت بار لىققا كەلدى. ئۈرۈمچى يەنىلا ھەممە قەلەمكەشنىڭ ئېنتىلىدىغان مەنىۋى مەنزىلگاھى بولدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا يەنى- 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 20- كۈنى "تارىم" ژورنىلى 555 سان نەشىر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنتايىن كاتتا يىغىلىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى. نۇرغۇن ياشلار، پىشقەدەم، ئوتتۇرا ياشلىق قەلەم ساھىبىلىرى بۇ يەردە يۈز كۆرۈشتى. دىللار دىللارغا ئاقتى. مەن شۇ يىغىندا ئابدۇرېشىت ئېلى بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە بەرقى، زاكىرجان مىجىد سىددىقى قاتارلىقلار بىلەن، ياسىنجان سادىق چوغلان بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ئۇ يەردە ئۇستاز شائىرلاردىن بۇغدا ئابدۇللا، ئوسمانجان ساۋۇت، ياسىن زىلال...قاتارلىقلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ۋە ئىپتىخارلانغان ئىدىم.
قىسقىسى، ئۈرۈمچى ۋە ئۇنىڭغا يىغىلغان ئوت يۈرەكلەر مېنى ئاشۇنداق پەپىلىگەن، تەربىيەلىگەن، نۇرغۇن دوستلارنى ئاتا قىلغان، ئائىلەم مېنى قوللىغان، مەن ئۆز ئاۋازىم بىلەن بۇ قەسىرگە قەدەم ئالغان ئىدىم...
مەن ئۈرۈمچىگە ھازىرغىچە قانچە قېتىم كېلىپ، كەتكىنىمنى ساناپ بولالمايمەن، خۇددى ئۇ يەردە بىللە ئۆتكەن دوستلىرىمنىڭ سانىنى بىلمىگەندەكلا... چۈنكى، ئۇ يەردە مېنىڭ بۈگۈنۈم باشلانغان ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 12:02