(2)
شۇ چاغلاردىكى ئۈرۈمچى
دېرىزىنىڭ سىرتىدا
نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
ئۈرۈمچىنىڭ تاشلىق مەھەللىسى.
شۇ تاشلىقتا ياتسا بوۋىسى ،
بىلمەي دەسسەپ ئوينار نەۋرىسى . نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
شۇ تاشلىقتا تالايلىغان ئىز .
دەرىزىدىن باقار ھېسسىياتسىز،
قەلبى تاشتەك قېتىپ كەتكەن قىز.
نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
تاشلىق دالا، تاشتا سالغان تام.
تېنىمەستىن تاپار دەۋزەخنى ،
زەھەر چەككەن يىگىتلەر قارام.
نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
كېچە تۈنى ئىشلەر ئاتىسى .
ئۇ بىلىدۇ ، توختاپ قالسا ئاھ!
ئوقىشىدىن قالار بالىسى .
شۇنداق ھايات ،
شۇنداق بىر ئالەم چۆمۈلىدەك مىدرايدۇ ئادەم .
ھېچكىم كىرمەس باغاق يازمىساڭ ،
گەر ئۆيۈڭدە بوپقالسا ماتەم .
تاشلىق شەھەر، تاشلىق مەھەللە،
نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم .
كىرىپ كېتەر ئۈنسىز قەبرىگە،
تونۇشماستىن مىڭلىغان ئادەم .
نەزەر سالساڭ باشقىچە ئالەم ،
بۇ شەھەرنىڭ ھەر بىر مەھەللىسى.
ھەر دەرىزە پۈتۈن بىر ئالەم ،
ئاھ خەيىرلىك بولغاي ئەتىسى ...
2007-يىل مارت
________________________________________ شۇ يىللاردا تەسىراتچى، رىئالىزمچە ئىدىم. مۇشۇنداق يېزىپ يۈرەتتىم. ئەمما ئۈرۈمچىنىڭ غېرىبلىقى پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ چىرايىغا چىقىپ كەتكەندەكلا كۆرىنىدۇ. ماڭا نىسبەتەن كېتىش پات پۇرسەتتىكى ئىش. بىراق، ئۈرۈمچىگە چىققانلارغا نىسبەتەن مانا كېتىمەن، ھېلى كېتىمەن دەپ تۇرۇپ قېلىش تەقدىرى بىلەن توپىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كېتەلمەيسەن. بۇ يەردە ئەشۇنداق قىسمەتلەرگە ئۇچرايسەن، كۆرىسەن، ئۇھسىنىسەن، ئازىسەن... نۇرغۇن قىزلارنى قۇتقۇزىۋالغۇڭ كېلىدۇ. غېرىب قالغان بوۋايلارغا ھەمراھ بولغۇڭ، تاش قىسسەلىرىنى سۆزلەتكۈڭ كېلىدۇ. ھېلىلا كەلگەن بىمارنىڭ ۋاقىتسىز ساقىپ كېتىشى، ھېلىلا مۇزلىغان شەھەرنىڭ بىردەمدىلا ئاپتاپقا ئېچىلىشىلىرى سېنى ھەيراتتە قويىدۇ. ئەمما، ئەشۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئىچىدە يۈرىكىڭنى لەختە- لەختە قان بىلەن سۇغۇرىۋالىدىغان مەڭگۈلۈك ئازابمۇ قالىدۇ. "بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا دەۋزەخ ئوتى ئۇچقۇنچە يوق!". شۇنداق، ماڭىمۇ ئىنتايىن تەسىر قىلغان، ئۇيغۇرنى كوچىدا يىغلاتقان باتۇر روزى روھىنىڭ ئۈرۈمچىدە قارار تېپىشى مېنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان ئىدى. "سۇمرۇغ"مۇنبىرىدە تالاي مەرسىيەلەر لەپىلدەپ ياغقان قاردەك تۆكۈلگەن ئىدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ روھى بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەن، ئاسمىنى يېرىم چۈشكەن ئىدى. مەن ئۇنى بىر قېتىممۇ كۆرەلمىگەن، پەقەت شېئىرلىرىنى، جەڭگىۋار ماقالىلىرىنى، قارغا بۆلۈنۈپ تۇرۇپ، كوچا چىرىقى ئاستىدا قىلغان نادىر تەرجىمىلىرىنى قانماي كۆرگەن ئىدىم. مەن تا ھازىرغىچە ئەشۇ چاغدىكى ئازابلىق ھېسسىمنى ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن. بەرھەق! كەتكىلى كەلگەن بىز... ئۇمۇ كەتتى ھەر باھاردا كەلگىلى...!!!
بۈگۈنگىچە ئۈرۈمچىگە نەچچە قېتىم بارغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەمما، ئەستىلىكلىرىمدە ئەسلىرىم تولا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-1 13:20
|