ئۈچنچى بېكەت: ئىلى بويلىرى
(1)
- شۇنداق، شىنجاڭدىكى بايلىق –قارا ئالتۇن ماكانىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇنبەتلىكى بولغان قاراماي بىلەن خوش دېيىشمەي ئامال بولمىدى. ئەسلى پىلانىمدا ئاساسلىق ئىشىم تۇغقان يوقلاش تۈگىگەن ئىكەن، قايتىشىمىز كېرەك ئىدى. بىراق، نېمىدۇر بىر نەرسە مېنى شىمالغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ مېڭىشقا يېتەكلەيتتى.
«ماشنىلار ئۈچۈپ بارار،
توزانى توزۇپ بارار..»
30 يىللار ئىلگىرى ئاقسۇ شەھرىگە بېرىپ، ئەمدىلا ساۋادىم چىققان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشىمغا باقماي، ئاكامغا كىتاب ئېلىپ بەر دەپ تۇرىۋالغان ئېدىم. ئاكام، كىشىلەردىن سوراپ، شۇ چاغدىكى ئەڭ يېڭى چىققان ۋە بازارلىق بولىۋاتقان كىتاب -«ئىزدىنىش» رومانىنى ئېلىپ بېرىپ، ماڭا ئوقۇپ بەر-ھە-دېگەندە شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئېدىم. ئاكام يېڭى يېزىقتا ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بولغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىغا ساۋادسىز ئىدى. ئۇ بۇ نۆۋەت ماڭا ئوقۇپ بەرگەن «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»...لەرنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنىڭ ھېسابىنى بىراقلا ئالماقچى بولغاندەك مېنى ئاراممۇ ئالدۇرماي «ئىزدىنىش»نى ئوقۇتۇشقا كىرىشىۋالغان ئېدى.
ئىزدىنىش يولى ئەنە ئەشۇ ئىككى مىسرا بېيىت بىلەن ئەلا، ھاشىرلارنى كوڭكا بىلەن ئېلىپ ماڭغان سايرام بويلىرىدىن باشلانغان ئىدى. تاكى شۇنىڭدىن تارتىپ ھۆرمەتلىك زوردۇن سابىرنىڭ ھەر بىر ئەسىرىدىن گۈپۈلدەپ تۇرغان ئىلى دەرياسىنى ئىزدەشكە باشلىغان ئېدىم. نىھايەت، مەن «ئىزدىنىش»نى ئوقىغان 7-8 ياشلىق بالىلىقىمدىن تاكى بۈگۈنگىچە 30 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ ياقلارغا ئۆتۈش شۇنچە ئۇزۇنغىچە ماڭا نېسىپ بولمىغان ئىدى. ماڭدىم شۇڭا... خىيالىمدىكى قەھرىمانلار، ئالىملار، يازغۇچى – ئەدبلەر چىققان ئاشۇ يەرلەرگە...
نېمىسىنى ئېيتاي. مەن ئەزەلدىن مەنزىلنى بېكىتىۋالغاندىن كېيىن ئازراق خىيال سۈرۈپلا تاكى شۇ يەرگە بارغۇچە ھېچنىمىگە زەن سالمايتتىم. ئاپتوۋۇز، تىراكتۇر، ئېشەك ھارۋىلىرىغا چىقساممۇ، ئايروپىلاندا ئۇچساممۇ ئازراقتىن كېيىنلا ئۇخلاپ قالىمەن. شەھەرلەرگە بارساممۇ يوللارنى ئۇنتۇلۇپ قالىمەن. بىراق، بۇ قېتىمقى ھاياجانلىرىم مېنى ئۆزۈمگە ئوخشاتمايۋاتاتتى. نېمىشقا... چۈنكى، بۇ يېشىل زېمىن، كۆك ئاسمان، قانلار ئاققان تاش يارداڭلىرى، جىمجىت كۆرۈنىدىغان، ئەمما بويىغا كەلسەڭ يۈرىكىڭنى لۆمشىتىۋېتىدىغان، لوتپۇللانىڭ ئاۋازى قالغان سايرام كۆلى، قانچە قارىساڭ كۆزۈڭ يەتمەيدىغان، ئېقىشلىرىدا مەڭگۈلۈك بىر كۈيگە قاراپ شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى، ئارسلان سۈپەت ئەجدادلىرىمىزنى سىنىغان تەلكە تاغلىرى... ۋەتىنىمنىڭ بۇنچە كەڭرىلىكىنى تۇنجى قېتىم، ئەجدادلار ئويلىرىنىڭ نەقەدەر يىراقلىقىنى تۇنجى قېتىم، ئەشۇ يەرلەردە تۇرۇپ ماڭا قاراپ ۋاقىراۋاتقان شائىرانە، ئوت يۈرەك دوستلىرىمنىڭ مېھرىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى تۇنجى قېتىم، ئۇلارغا بولغان تەلپۈنۈشلىرىمنىڭ نەقەدەر سەمىمىي ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم... نۇرغۇن تۇنجى قېتىملارنى ھېس قىلىۋاتىمەن. يۈرىكىمدە بىر خىل ئېقىم ئىچ – ئىچىدىن بۇقۇلدايدۇ، يا تېشىغا تەپمەيدۇ، تەپكەنسېرى كۆزلىرىم ۋىشىلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاغلارنىڭ چوققىسىغا كۆچىدۇ، سۆزلىرىم كۆز ئالدىمدىلا ئەركىلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر خىل قىياپەتتىكى بۇلۇتلارغا چېچىلىدۇ، خىياللىرىم جىرالارنىڭ شارقىرىغان سۇدىكى ئاۋازىغا يۇيۇنىدۇ.... كېتىۋاتىمىز... ھەمساۋاقدېشىم، ھەمدوستۇم، ھەمھەمرايىم، بىر يېنىمغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمئايالىم مېنىڭ كۆزلىرىمگە قاراپ قويىدۇ... نېمىلەرنىدۇر سورايدۇ، مەن ھېچنىمە دېيەلمەيمەن... كاللامدا پەقەت 30 يىللىق ھىجرانلارغا ئەسىر قىلغان شىمالنىڭ شامىلى، روھى ئالىمىنىڭ گۈزەللىكى ئىچىدىكى ئۆچمەس ئىزلار، سىمالارنىڭ چۇقانلىرى ياڭرايدۇ. مەن بۇ زېمىندىكى بىر بالا ئىدىم، ئەجەبمۇ ئوماق بىر بالا ئىدىم... مەن ھازىر نەچچىگە كىردىم، نېمە قىلدىم، نېمە دېدىم....؟... تا ھازىرغىچە مەن مەست ئېدىم، ئېگىز ۋە ئاقۇش بىر تاغدىن ئەگىۋاتقان قۇش كەبى تىك ئۆرلەۋاتىمەن، ئۇلۇغ كۈنلەردىكى بىر چاقىرىق مېنى ئەللەيلەيدۇ... مەھەللەمدىكى، بالىلىقىمدىكى دوستلىرىم بىلەن بوۋامنىڭ مەھەلىسدە، زاراتگاھلاردا يۈرىمەن... كىملەردۇر مېنى چۈشەپ قالغانلىقلىرىنى ئېيتىشىدۇ، ئاڭقىرالمايمەن...
ـــ قارا، چېگراغا كەلدۇق...
ـــ شۇنداقمۇ، ــــــــ ئويغاندىم. قىزىل رەڭلىك ماشىنا ئاخىرقى شەپەق نۇرلىرىغا ساقىغانچە قورغاسقا كىرگەندە ئويغاندىم.... ئۇنىڭ كېچىسى ئويغىنىشقا باشلىغان ئەلمىساقلىققا مەنمۇ ئويغانغان ئىدىم....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qasimjanosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-6 01:13