كازافىي ئاياللار ۋە بالىلارنى جەڭگە قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلدى |
خەلىقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى، «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈندىكى خەۋىرى، كازافىي تۇرۇشلۇق ئورنى ئەتىراپىدىكى جەڭ ھېلىمۇ ناھايتى جىددى بولىۋاتىدۇ. كازافىي يېقىندا بىر ئۈن ھۆججىتى ئېلان قىلدى، ئۈن ھۆججىتىدە ئاياللار بىلەن بالىلارنى ئۆكتىچىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى. قاتار يېرىم ئارىلى تېلىۋىزىيە ئىستانسىدا ئېلان قىلغان ئۈن ھۆججىتىدە، كازافىي قوللىغۇچىلىرىغا، بارلىق ئۆكتىچىلەرنى تىرىپولىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى مۇرەجئەت قىلدى ھەمدە دىنى ساھەدىكىلەرنىڭ ياشلارغا ئۆكتىچىلەرگە قارشى غازاتقا قاتنىشىشغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. كازافىي: ئۇلارنى يوقىتايلى (ئۆكتىچىلەرنى)، سىلەر كۆپ سانلىق خەلىقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىسىلەر، ئۆكتىچىلەرنىڭ تىرىپولىنى مۇستەملىكىچىلەرنى قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىگە يول قويمايلى دېدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۈن ھۆججىتىنى قويۇشنى كازافىي ئۈچۈن سادىق خىزمەت قىلدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارلىغانكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/27 13:41:42 ئۇقۇلۇشى: 593 قېتىم] |
|