ئۈرۈمچى ئاممىۋىي قاتناشلىرىنىڭ شوپۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى يۇقىرى پەللىگە چىقتى |
مەنبە: www.wlmqwb.com
2011-08-16 02:15
ئۈرۈمچى لىنىيىسى خەۋىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھى يېقندا يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن تۇنجى ئايلىق مۇئاشنى تارقاتقان بولۇپ، شوپۇرلانىڭ مۇئاش سەۋىيىسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقايسى ئاممىۋىي قاتناش كارخانىلىرىنىڭ شوپۇر قىلىش خىزمىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 306-يول ئاپتۇبۇسىنىڭ شوپۇرى قادىر، تۇرسۇن نىياز قاتارلىق 3 نەپەر يۇرتدىشىنى ئېلىپ، شەھەرلىك ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھى تىجارەت 3- بۆلىمى 44 - يول ئەترىتىگە كەلگەن. مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ 3 نەپەر كىشى 16 -ئاۋغۇسىتتىن باشلاپ 306- يول ئاپتۇبۇسىنى ھەيدەشكە بۇيرىلغان. بەدەن تەكشۈرۈش ۋە دەسلەپكى ماتىريال تەكشۈرۈشتىن كېيىن، 3 نەپەر يېڭى شوپۇر قادىر بىلەن 306-يول ئاپتۇبۇسىدا 10 كۈنى پىراكتىكا قىلىدىكەن. 15- ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن، 44-يول ئەترىتى 7-ئايلىق مۇئاش تارقاتقان بولۇپ، تۇرسۇن نىياز بۇنى كۆرۈپ « ئەگەردە ھەر ئايدا 4000 يۈەن مۇئاش ئالىدىغان ئىش بولسا، مەن ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىمەن » دېگەن. 44- يول ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، كۆپ قىسىم تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار سىرتتىن كەلگەن، گەرچە پىراۋىسى ماش كەلسىمۇ، بىراق ماشىنا ۋە يولغا پىششىق ئەمەسكەن. شۇڭا، ماشىنا ئەترىتى يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان شوپۇرلارنى 10 كۈنلۈك پىراكتىرغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىرنىڭ ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئېگىلىشىچە، 15-ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن، 5 ئادەم ئەمگەك توختاممى ئىمزالىغان بولۇپ، 10 نەچچە ئادەم كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان، تىلىفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرىدىغانلار ئۈزۈلمىگەن. ئاممىۋىي قاتناش گۇرۇھىنىڭ تۆت تىجارەت بۆلۈمىدە، 22 ئادەم تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/17 10:56:06 ئۇقۇلۇشى: 76 قېتىم] |
|