نېمارنى 2012-يىلدىن بۇرۇن ھېچ يەرگە بارمايدىكەن |

رەئىس سانتوسنىڭ ئاشكارىلىشىچە ،برازىلىيە توپ چولپىنى نېمار خان جەمەتى مادىرد كۇلۇبنىڭ قوغلىشىغا ئېرىشىشتىن سىرت يەنە چېلسى،يۇۋىنتۇس ،بالىنشىرمەن قاتارلىق داڭلىق كوماندىلارنىمۇ قىزىقتۇرغان.سىرتتىن قارماققا نېمار خان جەمەتى مادىرد كۇلۇبىغا يۆتكىلىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ باھاسى 4500تۈمەن ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن . بۇ يىل ياز بولسا ،بارسېلونا كۇلۇبى بۇ برازىلىيىلىك توپ چولپىنى سېتىۋېلىش كويىدا بولغان.ئەمما رەئىس سانتوسنڭ ئاشكارىلىشىچە،مەيلى خان جەمەتى مادىرد كۇلۇبى بولسۇن ياكى باشقا كوماندا قانداق باھا قويسۇن ياكى قىزىقسۇن بۇ يىل ئۇ كوماندىدىن ئالماشمايدۇ . نېمار 2012-يىلى 1-ئايدىن بۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. باشقا نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ ئۇنىڭغا قىزىقىپ ئۇنى بىر تالانتلىق توپچى دەپ قارشىمۇ بىر نورمال ئەھۋال .پەقەت 2012-يىلىلا ئۇنىڭ يۆتكىلىش ئىشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.ئۆتكەن يىلى يازدا چېلسى كوماندىسى نېمارنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بىر قەدەم قالغان ،ئەمما ئاخىرى يەنە توپچى ئۆزى چېلسى كوماندىسىغا بېرىشىنى رەت قىلغانلىق سەۋەبلىك بۇ يۆتكىلىش ئىشمۇ سۇغا چىلاشقان.چۈنكى ئۇ ياۋروپادا كۆزگە كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن برازىلىيە دۆلەت ئىچىدىكى كوماندىلاردا نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىغان.بۇ يىل بالىنشېرمەن كوماندىسىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىغا سەرپ قىلغان پۇلى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بولۇپ ،يەنى ئۇلار بۇ يىل 8200ياۋرو يۆتكىلىش پۇلى خەجلىگەن .ھەمدە ئۇلار ھازىر بىر نەپەر 4200تۈمەن ياۋرولۇق توپچى پاستولىغا ماسلىشىدىغان بىر ئادەم تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/12 13:01:17 ئۇقۇلۇشى: 157 قېتىم] |
|