مادرىد كۇماندىسىنىڭ كۈشەندىسى مېسسى |
جۇڭگودا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول كۇماندىسى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ 12توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمىمىزدىن كەلگەن ئىككى كۇلۇبنى ئوبدانلا ياساپ قويدى. ئوخشاش ۋاقىتتا جەنوبى ئامىرىكىدا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئويناۋاتقان مادىرىد كۇماندىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەشەددى دۈشمىنى بارسېلونا كۇماندىسى مۇسكۇۋانىڭ كۇماندىلىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە بىر مەيدان ئۇتۇش،بىر مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىنجىنى قولغا كەلتۈردى.ھەمدە كىرگۈزگەن تۇپى يىگەن تۇپىدىن ئاز بولدى.ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا گۇدائلانىڭ دىگىنىدەك ھازىرقى بارسېلونا كۇماندىسنىڭ ھالىتى مادرىدنىڭ ھالىتىگە يەتمەيدۇ،دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىنى ئىلىشقا بولغان تەييارلىقتا بىز ئاللىقاچان مادرىدنىڭ كەينىدە قالدۇق. لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن مادرىد ئالدىراپ خوش بۇلۇپ كەتمىدى،ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى مېسسىنىڭ جەڭدىن بۇرۇن قايتىپ كىلىشى بولدى،يەنى تۈنۈگۈن بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ چولپىنى مېسسى يارىسى ساقىيىپ كۇماندىغا قايتىپ نورمال مەشىققە قاتناشقان.
شۇنداق،مادرىد مەيلى قانداقلا تەييارلىق قىلمىسۇن،مېسسى ئۇلارنىڭ يامان چۈشى،ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى جەڭدە مادرىد يىڭىپ ئۈتمىسە بولمايدىغان بىر ئۆتكەل،جارتېلونىيا ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ دىيىشىچە سانچىس بارسېلونا كۇماندىسىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن كۇماندىنىڭ2011-2012-يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاساسلىق ئۈچ ھۇجۇمچىسى بولۇپ بولغان بۇلۇپ،بۇ تەكشۈرۈشتە ئاخبارات ۋاستىلىرى يەتتە خىل تاللاش تۈرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنى چىقىرۋەتكەندە قالغان ئالتىسىدە مېسسىنىڭ نامى بۇلۇپ قارىغاندا بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ 10-نۇمۇرىنىڭ مەيداندىكى ئورنى ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۈگۈن بۇ ئارگىنتىنانىڭ داڭلىق چولپىنى دەم ئىلىش مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كۇماندىغا كىلىپ تىزىملاتقان بۇلۇپ،ئىككى ئۈچ كۈندىن كىيىن كۇماندىدىكىلەر بىلەن بىللە يۇقۇرى قىيىنلىقتىكى بەدەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئىلىپ بارىدىكەن،بۇنىڭدىن قارىغاندا ئارگىنتىنالىق بۇ چولپان ھەپتە ئاخىرىدىكى مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىنى تىلۋىزوردىن ياكى نەق مەيداندىن كۆرۈشنى خالىمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
مېسسىنىڭ دەل ۋاقتىدا قايتىپ كىلىشى مادرىد كۇماندىسىنىڭ ۋارتارى كاشىللاسنىڭ بىشىنىمۇ ئاغىرىتقان بۇلۇشى مومكىن،كاشىللاستەك دۇنياۋى ۋارتارلارمۇ مېسسىدىن قۇرققان. دىمىسىمۇ مادرىد كۇماندىسىنىڭ بۇرۇن بارسېلونا بىلەن بولغان 10مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى 10 توپ ئۇرغان بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىتىمىلىق قالپاق ئۇيۇنى،ئىككى قىتىم ئىككى توپ سىلىشتەك نەتىنجىسى بار.ھەمدە شۇ چاغدىكى مۇسابىقىدە مېسسى ئىككى توپ ئۇرۇپ ھەمدە نۇقتا توپ بىلەن كاشىللاسنى مازاق قىلغاندەك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىدسىن ھەپتە ئاۋاللا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە مېسى ئىككى توپ ئۇرغان بۇلۇپ،ئاخىردا مادىرىد كۇماندىسىنى ئىچىنىشلىق ھالدا مەغلوپ قىلغان.
ئارگىنتىنالىق بۇ چولپاننىڭ ھەپتە ئاخىردىكى مۇسابىقىدە ياخشى ئۇيناش ئوينالماسلىقى ئۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىكى دۆلەت كۇماىدىسنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇلۇپ،چۈنكى ھەپتىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىن باشلاپ خەلىقئارالىق مۇسابىقە كۈنى بۇلۇپ مادرىد كۇماندىسى بىلەن بارسېلونا كۇماندىسىنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى بۇ كۈنلىرى مۇسابىقە ئوينايدىغان بۇلۇپ،گەرچە مېسسىدەك بۇ چولپانلارنىڭ كۇماندىغا قۇشۇلۇپ ئىككىلا كۈن مەشىق قىلىش پۇرسىتنىڭ بارلىقى بولسىمۇ،بۇ چولپاننىڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىنجە ئىلىشنى تىلەيمىز.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/10 13:38:14 ئۇقۇلۇشى: 169 قېتىم] |
|