ئەنگلىيەدە پودپولكوۋنىك ئايال ئۇرۇش كېمىسى باشلىقى بولدى |
جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى، ئەنگلىيە يېقىندا بىر پودپولكوۋنىك ئايال ئۇرۇش كېمىسىگە كېمە باشلىقى بولماقچى، بۇ 500 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش كېمىسىگە باشلىق بولغان تۇنجى ئايال ھەربىي بولۇپ ئۇنىڭ ئىسمى ۋېستىر. مەلۇم بولىشچە، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ھېنىرى Ⅷ قۇرغان بولۇپ، 400 يىلدىن بۇيان ئايال ئەسكەرلەرنى ئېلىپ باقمىغان، 1990-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئاياللارنىڭ ئۇرۇش كېمىسىگە چىقىشىغا يول قويۇلغان. ھازىر ئەنگلىيەدە 620 نەپەر ئايال دېڭىز ئەسكىرى بار. ۋېستىرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ھەربىيلىككە قاتناشقاندىن كېيىن 4 دانە مىنا تەكشۈرۈش كېمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ھازىرچە ئۇ ھەربىي ئۇنۋانى مايور، كېلەر يىلى 1-ئايدا پودپولكوۋنىكقا ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىلگىرى ئاياللار ھەربىي كېمىلەردە ئاساسەن ئارقا سەپكە ياكى مۇلازىمەت كەسپىگە مەسئۇل بولۇپ ب، ۋېستىر تۇنجى ئايال كېمە باشلىقىغا ئايلىنىدۇ. ۋېستىر كېمە باشلىقى بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەخسۇس ئارقا سەپ ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسكەر ۋە ئالىي دەرىجىلىك بۆلمە بېرىلىدۇ، لېكىن ئەنئەنىۋى ھەربىي تۈزۈمگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر باشقا ئوفىتسېرلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ بىرگە تاماق يېسە بولىدۇ، ئەمما ئادەتتە كېمە باشلىقلىرى ئۆزى ئايرىم تاماق يەيدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/9 13:51:23 ئۇقۇلۇشى: 208 قېتىم] |
|