كوبى تۈركىيە بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى تاللاشتا قالدى |
سىنا تەنتەربىيە خەۋىرى؛ تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،تۈركىيە بېشىكىتاس كوماندىسى بىر ئاي بۇرۇن NBAتوپ چولپىنى كۇبى بىلەن توختام تۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.ئەمما بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ،ئامېرىكا تەرەپتىن كەلگەن ئىشەنچلىك خەۋەرگە قارىغاندا ،بېشىكىتاس كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى كۇبى ئىقتىساد ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان.ھەمدە ئىككى تەرەپ قىسقىغىنا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. بىر تۈركىيە تەرەپ مۇخبىرنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ،بۇ قېتىمقى مۇنازىرىنىڭ ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولغان ھەمدە كوبىمۇ بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان.كۇلۇب يۇقىرى قاتلام رەھبىرىنىڭ سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىمقى قىسقا ئۇچرىشىشى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان.ھەمدە كۇبىنىڭ ۋاسىتىچىسى پېلىنكامۇ بۇ قېتىمقى ئۇچۇرۇشۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان.،ئىككى تەرەپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىدىغانغا كېلىشىپ قويغان ھەمدە تەخمىنەن ۋاقتى بۈگۈن كەچ بولۇشى مۇمكىنكەن. مۇخبىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ قېتىملىق ئۇچۇرۇشتا بېشىكىتاس كۇلۇبى كۇبىغا بىر پارچە توختام تەييارلىغان بولۇپ،بۇ توختامنىڭ ئاساسى مەزمۇننى ئىككىلا تەرەپ ئاشكارىلىمىغان بولۇپ ،ئەمما خەۋەرلەردە ئاشكارا بولىشىچە بۇ بىر پارچە 550تۈمەنلىك يېرىم يىللىق توختامكەن،ھەم قوشۇمچە NBAئەسلىگە كېلىشى بىلەنلا خالىغان ۋاقىتتا كوماندىدىن ئايرىلىپ قايتىپ كەتسە بولىدىكەن. ئەگەر كۇبى چوقۇم باشقا يەرگە بېرىپ توپ ئويناشقا توغرا كەلسە ئىككى تالىشى بار بولۇپ بىرسى تۈركىيە يەنە بىرسى جۇڭگو CBAمۇسابىقىسى ئىكەن.خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە جۇڭگو مۇسابىقە پەسلىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى بولسا 12-ئايلار ئەتراپى بولۇپ ،تۈركىيە مۇسابىقىسى بولسا 10-ئايلاردا ئىكەن.مۇشۇنداق بولغاندا كۇبى تۈركىيىگە بارسا 2ئايلىق مائاشىنى كۆپ ئالىدۇ. بەلكىم كۇبى ئۇ نەچچە يۈز تۈمەن مائاشقا ئانچە قىزىقماسلىقى مۇمكىن ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان بىر ئورۇننى تېپىپ توپ ئويناش.مەيلى نىملا بولمىسۇن كۇبىنىڭ بىردىن بىر تالىشى بولسا تۈركىيىدە توپ ئويناش.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/6 12:40:20 ئۇقۇلۇشى: 250 قېتىم] |
|