چوڭ بازار ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى |
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى،7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ ئەپەندىم « ھەرقايىسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلار ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتىرلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى- خەلقئارا چوڭ بازار، پىرامىدا، تۆگىلەرنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىدۇ، بىراق ئەتراپقا توختىپ قويۇلغان پىكاپلار، ساياھەتچىلەرنىڭ رەسىمگە چۈشىشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلغان. جاڭ ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى پىرامىدا، كۆرۈش مۇنارىنىڭ ئالدى قاتارلىق جايلار ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ رەسىمگە چۈشىدىغان جايغا ئايلانغان. بىراق كىچىككىنە نۇقسان بولسا بۇ جايلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن ماشىنىلار توختىتىپ قويۇلغان. 7-ئاينىڭ 30 -كۈنى سائەت 13 تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، مۇخبىر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئەھۋالنىڭ جاڭ ئەپەندىم دېگەندەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان، خەلقئارا چوڭ بازاردىكى پىرامىداتۆگىنىڭ يېنىغا 7~6 دانە ماشىنا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئارىدىكى بىر ماشىنىڭ تۆگە بىلەن بولغان ئارلىقى 1 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىكەن، ھەمدە كۆرۈش مۇنارىنىڭ ئالدى ماشىنا بىلەن توشۇپ كەتكەن. مۇخبىر نەق مەيداننى بىرنەچچە سائەت كۈزەتكەن، ساياھەتچىلەر ئۈزۈلمەي پىرامىدا، تۆگىلەرنىڭ ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن. مۇخبىر بىرنەچچە ساياھەتچىنى زىيارەت قىلغان، ئۇلار:« بىز بۇ يەردە خاتىرە رەسىمگە چۈشسەك ئەتراپتىكى توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلار كۆرۈنۈشكە كىرىپ قالسا، ھەقىقەتەن بىر ئاز سىغىشمىغاندەك كۆرۈنىدىكەن» دېگەن. شۇ كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مۆلۈك نۆۋەتچى مەسئۇلىنىڭ دېيىشىچە، چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئىزچىل كۆپ بولۇپ، ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ نەرسە سېتىۋالىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، ئۇلارغا ماشىنا توختىتىدىغان جاي ھازىرلاپ بەرمىسە بولمايدىكەن. ئادەتتە ئۇلار پىرامىدانىڭ ئالدىغا ماشىنا توختاتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ، بىراق پىرامىدانىڭ كەينى تەرىپىگە ماشىنا توختاتماسلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن. چوڭ بازار ئەتراپىغا ماشىنا توختىتىش ئەھۋاللىرىغا نىسبەتەن، بىرقىسىم شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەت نۇقتىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان. ئۇلار بىر قىسىم تەكلىپلەرنى بەرگەن: بىرىنچى، ئەتراپتىكى مۇۋاپىق جايغا سىترىئولىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى قۇرۇش، ئىككىنچى ، ئەتراپتىكى ئىدارىلەرنى ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ ، ھازىرقى ماشىنا توختىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۈچۈنچىسى،ساياھەتچىلەرنى ماشىنىلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختاتقۇزۇش. مەنبە: www.tianshannet.com.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/8/2 11:53:28 ئۇقۇلۇشى: 588 قېتىم] |
|