قىز دوستىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى كۆيدۈرۋەتكەن ئەر |
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-04-13 04:38
ھەققانىي تورى، سىچۈەن 12-ئاپرېل تېلىگىراممىسى: <سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىچە، شېنيوڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلغان بولۇپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى > سىچۈەن ئۆلكىسى مىيەنياڭ شەھىرى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى شېنيوڭنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئېتىۋىتىش بۇيرىقىنى چۈشۈردى. شېنيوڭ مىيەنياڭ شەھىرى يوۋشەن رايونى تەيپىڭ كەنتى يوڭئەن يېزىسىلىق بولۇپ، 2008-يىلى 5-ئايدا، گاۋشىن رايونىدىكى مەلۇم شىركەتتە ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن . بىراق كېيىنچە قىز دوستىنىڭ نۇرغۇن مەخپىيەتلىكى بارلىقىنى بايقاپ قالغان. بولۇپمۇ ئۇ قىزنىڭ تۇرالغۇسىدىن بەكرەك گۇمان قىلغان. چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم قىزنى تۇرالغۇسىغا ئاپىرىپ قويغاندا، قىز ئۇنى ئۆيگە قەتئىي كىرگىلى قويمايدىكەن. 2008-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېنيوڭ قىز دوستىنى ئۆزىنىڭ ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرغان ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، كۆپ قېتىم قىزدىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرگىلى قويمايدىغانلىقىنى سورىغان. بىراق قىز ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىگەنلىكتىن، ئىككىسى تاكالىشىپ قالغان. شېنيوڭ ئاچچىقىدا قىزنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. كېيىن قىزنىڭ جەسىتىنى خالتىغا سېلىپ، تاغقا ئىلىپ چىقىپ، بېنزېن تۆكۈپ كۆيدۈرۋەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا كۆيۈپ بولالمىغان جەسەت يەرلىكتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ساقچىلار ناھايىتى تېزلا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ شېنيوڭنى گۇماندار ھېساپلىغان. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر نەچچە كۈندىن بېرى يوشۇرنۇپ كېلىۋاتقان شېنيوڭ شىركەتكە خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگىلى كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. سوتلىنىش جەريانىدا، شېنيوڭ ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تاپشۈرغان بولۇپ، 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىيەنياڭ شەھىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتىللق جىنايىتى بىلەن شېنيوڭنى ئەيىپلەپ ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقوقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلغان. ھۆكۈمدىن كېيىن شېنيوڭ نارازىلىق ئەرزىنامىسى سۇنغان بولۇپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ ئەرزىنامىسىنى قايتۇرۋەتكەن. شۇنداقلا بۇ يىل 2-ئايدا ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شېنيوڭغا بەرگەن جازاسىنىڭ مۇۋاپىق بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/4/13 21:05:20 ئۇقۇلۇشى: 675 قېتىم] |
|