ئەلىشىر نەۋائى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات تارىخىدا قاراخانىيلاردىن كېيىنكى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ۋەكىلى ، شەرق ئويغىنىش دەۋرىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن نامايەندىسى ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر ، ئەدەبىياتشۇناس ، تىلشۇناس ، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ، پەن – مەدەنىيەت ئەربابى ، ئۇلۇغ شائىر .
نەۋائى 1441 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى خۇراسان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ھېراتتا غىياسىدىن باخشى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ شېئىرىيەت ساھەسىگە 15 – 16 يېشىدىن باشلاپ كىرىشكەن ھەم ئىككى تىلدا شېئىر يېزىپ «زۇللىسانەين» (ئىككى تىللىق شائىر) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان . ئۇ تۈركىي تىلدىكى شېئىرلارنى نەۋائى تەخەللۇسى بىلەن ، پارسچە شېئىرلىرىنى فانى تەخەللۇسى بىلەن يازغان .
نەۋائى ساۋاقدىشى ھۈسەيىن بايقارا تەرىپىدىن 1472 – يىلى ھېراتتا ، ئوردىدا دىۋان بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن . ئۇ ئوردىدا خىزمەت قىلغان چاغلاردا ، ئەلدە ئادالەت ، توغرا تەرتىپ ئورنىتىپ نۇرغۇنلىغان ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . لېكىن ئوردىدىكى مەجىددىنگە ئوخشاش يۇقىرى قاتلام مۇتەئەسسىپ كۈچلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىلغار پىلانىغا قارشى چىققان ، ئۇنى ھۈسەيىن بايقاراغا چاققان . شۇنىڭ بىلەن نەۋائى ئوردىدىكى پىتنە – پاسات تۈپەيلى 1467 – يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ھەم 11 يىلغىچە دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماي ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن قىزغىن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرى دەل مۇشۇ چاغلاردا يېزىلغان .
نۇرغۇن مۇرەككەپ كەچۈرمىشلەرنى ئۆتكۈزگەن نەۋائى ئاخىر كېسەل سەۋەبىدىن ، 1501 – يىلى 1- ئاينىڭ 3 – كۈنى ھېرات شەھىرىدە 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .
نەۋائى تۈركىي تىلدا ھەم پارس تىلىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ 60 يىللىق ھاياتىدا زور زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان .
2 . «خەزائىنۇلمەئانى»
«خەزائىنۇلمەئانى» نەۋائىنىڭ يىرىك لىرىك شېئىرلار توپلىمى . بۇ توپلام 1491 – يىلىدىن 1498 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈزۈلگەن . تۆت چوڭ دىۋاندىن تۈزۈلگىنى ئۈچۈن يەنە «چاھار دىۋان» دەپ ئاتالغان . بۇ تۆت دىۋان كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر تەرتىپىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن . بۇلار : ① «غەرايىبۇسسىغەر» (ئۆسمۈرلۈك غارايىبلىرى) ، ② «نەۋادىرۇششەباب» (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى) ، ③ «بەدائىئۇلۋەسەت» (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى) ، ④ «فەۋائىدۇلكىبەر» (قېرىلىق پايدىلىقلىرى) . «خەزائىنۇلمەئانى»گە لىرىك ژانىرنىڭ 16 خىل شەكلىدىكى شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن . ئەسەردە 3132 پارچە لىرىك شېئىر بار بولۇپ ، جەمئىي 45 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان . ئەسەردىكى 16 خىل شېئىرىي شەكىل ئىچىدە غەزەل ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ . ئۇنىڭدا جەمئىي 2600 غەزەل بار .
«خەزائىنۇلمەئانى» — يۈكسەك ئىدىيىۋىلىككە ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە لىرىك شېئىرلاردىن تەشكىل تاپقان ئەسەر . ئۇنىڭدا ، سۆيگۈ ۋە ساداقەت ، ۋىسال ۋە ھىجران ، ۋاپا ۋە دوستلۇق ، شەپقەت ۋە مەرھەمەت ، ئەل – يۇرتقا مۇھەببەت ، گۇمانىزم (ئىنسانپەرۋەرلىك) ۋە خەلقلەر دوستلۇقى ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت . مېھنەت ۋە مەرىپەت ، ئەدەپ ۋە ئەخلاق ، ھالاللىق ۋە توغرىلىق ، ۋاپا ۋە ساداقەت ، ھىممەت ۋە ساخاۋەت ، راستچىللىق ۋە ئىنساپ ، تەبىئەت گۈزەللىكى ، زۇلۇم ۋە ئىستىبداتتىن نالە قىلىش ، ئادالەتسىزلىك ، ئىتتىپاقسىزلىقنى قارىلاش، جاھالەتنى پاش قىلىش ، بەتنىيەت ، ھىيلىگەرلىكنى تەنقىد قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئىپادىلەنگەن . بۇ مەزمۇنلار ئەسەردىكى لىرىك ئوبرازلاردىن «گۈزەل يار» ، «مەن» ، «مەي» قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن .