مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى28-سېنتەبىر

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى ، فوتوسى : جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەيدائى خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىبۈگۈن (27–سېنتەبىر) يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن شەھەرلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن ، ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتى ، رەسساملار جەمئىيىتى ، قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ، ‹‹ قەشقەر گېزىتى›› ئىدارىسى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ھەمدە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى تونۇلغان بىر قىسىم يازغۇچى شائىرلار ، رەسسام خەتتاتلار ، 10–ئەۋلاد خوتەن قەغىزى ياساش ۋارىسى توختى باقى بوۋاي ۋەقەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاممىدىن بولۇپ 1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ ئۇرۇق–تۇغقان ، دوست – بۇرادەرلىرى ، پىشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇنىڭ كۆرگەزمىسىنى قۇتلۇقلاپ ئۇنۇڭغا گۈل ۋە خاتىرە بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نىياز كېرىم شەرقى قاتارلىق شەخس ۋە ئورۇنلار ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى .
كۆرگەزمىدە قۇربانجان روزى شەيدائى ھۆسىنخەتچىلاپ يېزىپ چىققان ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11–ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىمى ، بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ، پەيلاسوپى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› ناملىق بۈيۈك ئەسىرىدىكى بىر قىسىم نەزمىلەردىن تۈزۈلگەن ‹‹ ‹قۇتادغۇبىلىك› تىن ئۈنچىلەر›› ناملىق كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقىغا قىزغىن تەنتەنە قىلىندى .
بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان ‹‹ ‹قۇتادغۇبىلىك› تىن ئۈنچىلەر›› ناملىق كىتاب قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ ‹‹ شەيدائى ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى›› ۋە ‹‹ شەيدائى كومپىيۇتېر ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى›› دېگەن كىتابلىرى ، ئۇنىڭ ھۆسىنخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان ‹‹ سەيپىدىن ئەزىزى روبائىيلىرى›› ،‹‹ مەشھۇر شەخىسلەر ھېكمەتلىرىدىن ›› دېگەن بىر يۈرۈش ھۆسىنخەتلىرىدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان يەنە بىر كىتابى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن يەنە قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ ھۆسىنخەت ئەسەرلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ ، 21 پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرى 61 مىڭ 100 يۈەنگە سېتىلدى.
1987–يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان قۇربانجان روزى شەيدائىي يېقىنقى 20 نەچچە يىل جەريانىدا جاپالىق ئىزدىنىپ ، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىپ ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت– ژۇرناللاردا 1500پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىنخەت ئەسىرىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا نۇرغۇنلىغان كىتاب ماۋزۇسىنى ھۆسىنخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان . ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان . 1999–يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ شەخسىي خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن قاتارلىق ناھىيە شەھەرلەردە ئېچىلىپ كەسىپداشلىرى ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇنىڭ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان يەنە بىر تۆھپىسى— يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان خوتەن قەغىزى ياساش تېخنىكىسىنىڭ 10–ئەۋلاد ۋارىسى توختى باقى بوۋاي ياسىغان قەغەزگە مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئەقلىيە سۆزلىرىنى رەڭدار ، جەزبىدار قىلىپ يېزىپ جاھان ئەھلىگە خوتەن قەغىزىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 10–ئاينىڭ 10–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدى– كەينىدە قەشقەردىكى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرى ۋە مەملىكەت ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيەت –سەنئىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە شەيدائىنىڭ 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى قاتناشتۇرۇلدى .
پائالىيەت مەيدانىدىن كۆرۈنۈشلەر :