ئابدۇكېرەم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 -ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگەتەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھازىرغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابدۇكېرەم ئابلىز ھازىرغىچە << ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى >> ، <<تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە<< قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى>> ، << باشقا قونغان ئامەت قۇشى>> ، << ئاخىرقى كۆل >> ، << دوزاخقا سەپەر>> ، << داپ >> ، << چار خوراز >> ،<< ساراڭ >> ، <<ئادىمىي ھايۋان >> ، <<ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت >> ، << ئازغۇن >> ، <<ساراڭنىڭ خىيالى >> قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدەئاساسلىق رول ئالغان.
ئاتاقلىق كۈلدۈرگە چولپىنى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ كىچىك ئارخىبى تۇغۇلغان ۋاقتى : 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
ھازىرقى خىزمەت ئورنى : تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى
بوي ئېگىزلىكى : 1.87 مېتىر
ئېغىرلىقى : 78 كىلوگرام
قىزىقىشى : رول ئېلىش
مىجەزى : خۇشچاقچاق
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : ئاتا - ئانا ، ئۇستازلىرى
كەسپتىن سىرتقى ھەۋىسى : ئۇچار قۇشلارنى بېقىش
ياخشى كۆرىدىغان رەڭگى : زەڭگەر
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلى : قىزىل ئەتىرگۈل
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى : << كىم ئاخرىغىچەكۈلسە، شۇ ھەقىقىي كۈلگەن بولىدۇ >>
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى : لەغمەن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل : باھار پەسلى
ئۆزىگەئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا : ئون ئىككى مۇقام ئۆزىگە تەسر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ << ئىز >> رومانى تاماشىبنلىرىمنىڭ كۈلكىسى - مېنىڭ زور بەختىم!
ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : ئايالى بىلەن تۆمۈرخان روزى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى : بويتاقلار ئائىلىسى ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان رېژىسسور : تۇيغۇن ئەھمىدى
ھۆرمەت قىلىدىغان كومپوزېتور : مەخمۇت سۇلايمان
ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىللەت : يالغانچىلىق ، چېقىمچىلىق ماڭا قايلىسىلا، گەپ بار ئوخشىمامدا؟
تۇنجىرول ئالغان فىلىمى : << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى >> تۇنجىرېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى : << سەھرادىن كەلگەن دادا >> _
ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبراز : << دوزاخقا سەپەر >> فىلىمىدىكى دىلشات ئوبرازى
ئۆزىدىن ئەڭ رازى بولغان ئىشى : << ساجىت >> ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقى
ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى : قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەرھۇم كومىدىيە ئارتىسى ئابدۇقادىر ھاجىم بىلەن ھەم سۆھبەتتە بولالمىغانلىقى.