United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> سەنئەتكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

شائىر رەخىم قاسىمنىڭ 73 ياشقا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : سەنئەتكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 261
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2011-1-16 18:41:55
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  

مۇھەممەد پولات

     ھەر بىر خەلقنىڭ مەنىۋى مۇقەددەسلىككە ئىگە، ئۆز كىشىلىرى قەلبىنى غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق نۇرى بىلەن يورۇتۇپ، ھاياتنى قايتا قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغان شانلىق تارىخى بولغىنىدەك، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر رېئال شەخسنىڭمۇ ئەقلى ۋە خاراكتېرىدىن تۇغۇلىدىغان، ئۆزىگىلا خاس  ئالاھىدە ھايات تارىخى بولىدۇ. بۇ تارىخ  — بۇ مۇرەككەپ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى شۇ شەخس ئۈچۈن ھەرقانچە قەدىرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەقدىرنىڭ كىشى ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان بوران – چاپقۇنلىرىدا ئۆچۈپ تۈگەيدۇ. مۇبادا ئۆزگىچە ھاياتىي مەنىگە ئىگە بولغان، شەخس تۇرمۇشىنىڭ ئالاھىدە بىر دەۋرىدە تۇغۇلىدىغان بۇ تارىخ مەنىۋى قۇدرەتتىن پۈتۈلگەن ھاياتىي مەتبۇئات بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلسىچۇ؟ ئېنىقكى، بۇنداق تارىخنىڭ ئۆچۈشى، ئۇنتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. قەدىرلىك ئاكىمىز ۋە بۇرادىرىمىز رەخىم قاسىم  ئۇزاق يىللىق ئىجادىي ئەمگىكى ۋە ئۆزىگە خاس تەپەككۇرى بىلەن ئۆز كىتابخانلىرى قەلبىدىن ئەنە شۇنداق مەنىۋى ئەبەدىيلىك تاپقان تالانتلىق شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان، ئۆزىنىڭ ھايات ۋە شېئىرىيەتكە تولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى  ئوبرازلىق لىرىك مىسرالىرىدا گەۋدىلەندۈرگەنىدى:

قىزىرىپ ئاتقان ھەر بىر چىرايلىق تاڭ
دىلىمغا ناخشا بولۇپ قۇيۇلىدۇ.
يازىمەن كۈنلەر بويى، تۈنلەر بويى،
نەچچىلەپ دەپتەرلىرىم بويىلىدۇ.
ئوقۇيمەن، لېكىن ھايات شېئىرىمدىن
مىڭ ھەسسە گۈزەل بولۇپ تۇيۇلىدۇ.
چۆكۈمەن خىياللارنىڭ قاينىمىغا،
دىلىمدا تالاي ئارمان تۇغۇلىدۇ.
ئېھ، ھايات ساڭا تويماي ئۆتۈپ كەتتىم،
بولسىدى شۇنداق ئۇلۇغ قۇدرەت مەندە،
ھەر بىر تاڭ يۈرىكىمدە بولسا داستان،
ئۆلسەممۇ ناخشىلىرىم قالسا سەندە.

     شائىر ئۇزۇنغا سوزۇلغان باي ۋە مۇرەككەپ ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق قەلب قۇرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرگەن بۇ ئۆمۈرلۈك ھاياتىي ئارزۇسىغا يېتىپ، شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىرادىدىن تۇغۇلىدىغان تەڭداشسىز مەنىۋى لەززىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتى.  ئۇ تىنىمسىز ئىزدىنىپ ۋە ئىجاد قىلىپ، قانچىلىغان ھايات دەپتەرلىرىنى بەدىئىي تەپەككۇر جەۋھەرلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، شېئىرىيىتىمىزنىڭ پۈتۈن بىر دەۋرلىك تەرەققىيات تارىخىنى يارىتىشقا مۇناسىپ ئىجادىي تۆھپە قوشتى. ئۇ ھازىرغىچە كىتابخانلىرىغا 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 20 پارچىدىن ئارتۇق باللادا، داستاننى تەقدىم قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىللىي شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئاشىقى بولغان ھەقىقىي مول ھوسۇللۇق شائىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھاياتىنىڭ پورۇقلاپ قايناپ تۇرغان ئوتلۇق مەزگىلى، يەنى شېئىرىي تەپەككۇرىنىڭ تازا قىيامىغا يەتكەن ئالاھىدە بىر دەۋرى سىياسىي  ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىق ئىچىدە بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ئەلەملىك شائىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنى ھەقىقەتەن زور ئىجادىي تۆھپە دېمەي مۇمكىن ئەمەس!

     رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل دائىرىسى كەڭ ۋە چوڭقۇر. ئۇنىڭدا بەدىئىي شەكلى مۇقىم ۋە تۇراقلىق بولغان، بەدىئىي مۇرەككەپلىكى بىلەن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتمۇ، پىكىرنى ئەركىن –  ئازادە يورۇتۇپ بېرىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدىغان ئەركىن شېئىرىيەتمۇ، مەنىۋى پاكلىق ۋە روھىي يۈكسەكلىك ئۇلۇغلانغان، قىزغىنلىق ۋە سەمىمىيلىكتىن تۇغۇلىدىغان يالقۇنلۇق مەدھىيىمۇ، رەزىللىك ۋە مەنىۋى خۇنۈكلۈك ھادىسىلىرىنى تەبىئىي نەپرەتنىڭ قۇدرەتلىك بەدىئىي ئېقىمىغا غەرق قىلىۋېتىدىغان غەزەپلىك كۈلكە ۋە شەپقەتسىز پاش قىلىشمۇ بار. ئۇلارغا ۋەتەن مۇھەببىتى، ئانا يۇرت سۆيگۈسى، ئەركىن، ئازاد ئەمگەك تەنتەنىسى، دەۋر تۆھپىكارلىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى، ئىنقىلابىي تارىخنىڭ ئىپتىخارلىق ئەسلىمىسى، يېزا مۇھەببىتى، دېھقان قەدىر – قىممىتى، خەلقلەر دوستلۇقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى تەنتەنىسى، شېئىر ۋە شائىر مۇلاھىزىسى، يەر – زېمىنغا بولغان تەبىئىي تىۋىنىش تۇيغۇسى، مۇھەببەت ۋە ۋاپا، ئىشەنچ ۋە جاسارەت، غايە ۋە ئېتىقادقا ئوخشاش ناھايىتى كەڭ بەدىئىي مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن خەلقىمىزنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھالىتى بىلەن مەنىۋى – روھىي قىياپىتىگە تەۋە ھەممە ماھىيەتلىك نەرسىلەر تېپىلىدۇ. شۇڭا رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىنى ئىزچىللىقى بىلەن ئوقۇپ چىققان كىتابخان شۇ دەۋر تۇرمۇش مەنزىرىلىرى بىلەن قايتا ئۇچرىشىپ، ئۆز ئەقلى ۋە ئەمگىكىگە تايىنىپ ئاشۇنداق بىر تارىخىي دەۋرنى ياراتقان ساددا ۋە سەمىمىي ئادەملەر بىلەن دىدارلاشقاندەك بولىدۇ.

    رەخىم قاسىم ئۇزاق يىللىق ئىجادىي ئىزدىنىشىدە ئالاھىدە بەدىئىي ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن، رېئال تۇرمۇش تەسىراتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھېس – تۇيغۇ ئېقىمى شۇنچىلىك قايناق ۋە ۋەزمىن. ئۇ گاھ شائىرنىڭ قۇدرەتلىك قەلب ساداسى سۈپىتىدە بىردىن كۆتۈرۈلۈپ غايەت زور ئۆركەش ھالىتىدە پارلىسا، گاھ قىرغاق سۆيۈپ يانغان دولقۇندەك ئاستا – ئاستا پەسىيىپ، تىنچ ھەرىكەتلىك ھالىتىگە قايتىپ، كىتابخان كۈتمىگەن بىر خىل سېھىرلىك بەدىئىي دولقۇننى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ باي بەدىئىي مەزمۇن بىلەن رەڭدار سەنئەت جۇلاسىغا تويۇنغان ئىجادىي شېئىرىيىتى سۈزۈك ۋە مۇھەببەتلىك ھاياتىمىزنىڭ ئۆزىدەك ساددىلىق ۋە ئېنىقلىققىمۇ، تۇتۇق بەرمەيدىغان پىكىر ۋە ھېس – تۇيغۇلار ئالىمى بولغان كىشىلەر قەلبىدەك چوڭقۇرلۇق ۋە مۇرەككەپلىككىمۇ ئىگە.

     رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي تەپەككۇر ئېقىمى ھەرىكەتچان ۋە ئۆتكۈر. ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ ئادەتتىكى ۋەقە – ھادىسىلىرى بىلەن تاشقى پورمال كۆرۈنۈشلىرى دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالماي، ھاياتنىڭ قايناق يادروسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ھەرىكەتلىك باغرىدىن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق تاپقان. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرىيىتى مول تۇرمۇش جۇغلانمىسى بىلەن كەڭ رېئاللىق ئاساسىغا ئىگە. ھەر بىر ئەسىرى كىتابخانلار روھى ئۈچۈن ئورتاق بولغان مۇئەييەن  ئىجتىمائىي مەزمۇن بىلەن ئۆز بەدىئىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭدا ساختا تۇرمۇش تەسىراتلىرى، ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەر يىغىندىسىدىن تۇغۇلىدىغان ھارارەتسىز پىكىرلەر، سىياسىي كۈچىنىش ۋە ئەدەبىي زورۇقۇشتىن بارلىققا كەلگەن، ھېچقانداق بەدىئىي تەسىر كۈچى بولمىغان يالىڭاچ ماختاش ۋە مەدھىيىلەر ئۇچرىمايدۇ. سىياسىي ھەممىگە سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئاشۇنداق ئالاھىدە بىر تارىخىي دەۋر بىلەن تومۇرداش بولغان رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرمۇ بىز بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ، مەزمۇن بايلىقى ۋە بەدىئىي رەڭدارلىقى بىلەن يېڭى تەرەققىيات دەۋرى ئەدەبىي مۇھىتىدىمۇ ئوخشاشلا قەدىرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىرى مانا مۇشۇ يەردە.

     رەخىم قاسىم شېئىرىيىتى ئالاھىدە بەدىئىي ماھارەتتىن بارلىققا كېلىدىغان، ھەر بىر ئەسەردە ئۆزگىچە بىر خىل رەڭدە جىلۋىلىنىدىغان بىر پۈتۈن بەدىئىي مۇكەممەللىككە ئىگە. ئۇنىڭدا ئىجادىي شېئىرىيەتتە بولىدىغان ھەممە بەدىئىي پەزىلەتلەر تولۇق تېپىلىدۇ. ئۇنىڭدا شېئىرىي قىممەتكە ئىگە بولغان، ئاسان نەزەرگە چۈشمەيدىغان كىچىككىنە نەرسىمۇ ئوبرازلار مەنتىقىسىدە ئەسلىي ھالىتىگە ئوخشىمايدىغان يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، رېئاللىقنىڭ تېخىمۇ جەلپكار يېڭى لىرىك مەنزىرىسى يارىتىلغان. ئۇنىڭدا ھاياتتىكى ھەرقانداق نەرسە ۋە ھادىسە ئوبراز ۋە رەڭدار سۈرەتلەر بىلەن نۇرلاندۇرۇلۇپ،  يېڭىچە سەلتەنەتلىك بەدىئىي قىياپەتكە ئىگە قىلىنغان. بىز شائىرنىڭ ‹‹كۈمۈش يوللار›› داستانىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆرەيلى:

مەن ساڭا قايىلمەن يالقۇنلۇق ياشلىق،
سەن گويا يۈرەكنى تىترەتكەن غەزەل.
رومانتىك خىيالدىن قاناتلار تاقاپ
ئۇچىسەن، ئۇچۇشۇڭ شۇ قەدەر گۈزەل.
روھىڭدا مۇجەسسەم ساداقەت، ۋاپا،
سەندە بار چاقنىغان چوغدەك مۇھەببەت.
رەقىبگە تەڭلەنگەن خەنجەرسەن گويا،
سەندە بار قەھرىتان سوغۇقتەك نەپرەت.

     بۇ رەخىم قاسىمنىڭ بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن يازغان، كىشى ھاياتىنىڭ ئالتۇن پەسلى ھېسابلىنىدىغان، ئەقىل ۋە ئىرادە كۈچى بىلەن ھەممىنى يارىتالايدىغان قۇدرەتلىك ياشلىققا بەرگەن شېئىرىي تەبىرى. بۇ قۇرلاردىكى ھەممە نەرسە رەڭدار سۈرەت، سېھرىي ئوبراز تۈسىدە جانلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھېچقانداق فورما ۋە شەكىلگە ئىگە بولمىغان، ئېڭىمىزدا پەقەت ئادەتتىكى بىر ئۇقۇم تۈسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر ھاياتىي تۇيغۇ كۆرگىلى ۋە ھېس قىلغىلى بولىدىغان جانلىق، لىرىك مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى ماھارەت، پىكىر ۋە تۇيغۇلارنى قاناتلاندۇرالايدىغان بەدىئىي ئۇستىلىق.

     رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىدە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، بۇنىڭدىن 54 يىل بۇرۇن يورۇقلۇق كۆرگەن ‹‹خوش›› ناملىق لىرىك شېئىرى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى تۇرمۇش قارىشىنى، ئەخلاقىي چۈشەنچىسىنى، ئارزۇ ۋە ئىنتىلىش قىزغىنلىقىدىن تۇغۇلغان ئۆزگىچە غايىۋى دۇنياسىنى، ئىجادىيەت ئىقتىدارى بىلەن بەدىئىي دىتىنى ئەڭ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئەسەردۇر. شېئىر ياشلىق تەنتەكلىكىدىن ئويغانغان، غايىسىز مۇھەببەتتىن قول ئۈزۈپ، يېڭىچە ھايات يولىغا كىرگەن ئىرادىلىك يىگىتنىڭ ئۆز سۆيگۈنى بىلەن خوشلىشىش ئالدىدىكى ئۆكۈنۈشلۈك قەلب سۆزى تۈسىدە داۋاملىشىدۇ:

تىرىق... تىرىق...
چەكمىگىن دېرىزەمنى،
سۇنۇق كۆزنەكتىن گۈلمۇ تاشلىما!
بەرىبىر ئالدىڭغا چىقمايمەن، جېنىم،
سۆيگۈ ئوتىدا كۆزۈڭ ياشلىما!
يېتەر،
يېتەر كۆپ زامان
رايىڭغا بېقىپ،
تەنتەك ئىشقىڭدا كۆيۈپ –  ئۆچكىنىم،
ئامرىقىم چىقار دەپ،
ھەر تۈن كوچاڭدىن
بەڭۋاش ناخشىلارنى ئېيتىپ ئۆتكىنىم.

     مانا بۇ سىرلىق ھاياتنىڭ ئالۋۇندەك تۇتۇق بەرمەيدىغان ئۆتكۈنچى تەسىراتلىرىغا ئەسىر بولۇپ كۈنلىرىنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتكەن لىرىك پېرسوناژنىڭ ئەلەم ۋە پۇشايمانغا تولغان ئازابلىق قەلبىنىڭ ئوبرازلىق تەسۋىرى. راست، ئۇ ياشلىقنىڭ قالتىس چاغلىرىنى ‹‹قاناتسىز تىلەك››لەرگە باغلىنىپ ‹‹سوغۇق سۆيۈشلەر››نىڭ بىردەملىك لەززەت تەشنالىقىغا تېگىشىۋەتكەن. بۇنىڭ بەدىلىگە ‹‹تەنتەك ئىشىق›› نىڭ ئادەمنى قىينايدىغان ئاچچىق ھەسرىتىگىلا ئېرىشكەن. بۇ ئەلەملىك يەكۈن ئۇنى ئەتراپىدا نۇرلىنىۋاتقان يېڭى ھايات رېئاللىقىغا باشلىغان. بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل رېئاللىق لىرىك پېرسوناژ روھىيىتىدە ئەقلىي تەۋرىنىش پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ شەخس ھاياتىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ  ھاياتىنى يېڭىدىن باشلاش ئىرادىسىگە كەلگەن. ئاخىرىدا ئۇ ئايرىلىش ئازابىدىن قەلبى ئۆرتىنىۋاتقان ھەسرەتلىك مەشۇقىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش يېڭى ھايات يولىغا كىرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

ئەگەر،
بارغۇڭ كەلسە مېنىڭ كەينىمدىن
بارارسەن،
كەتمىنىڭ،
ئورغىقىڭ بىلەن.
ئايدىڭ كېچىدە سەيلىگە ئەمەس،
چېلىشقا!
ئىدرىكىڭ،
غەيرىتىڭ بىلەن.

‹‹خوش››  ھاياتنىڭ قىممىتى، شەخس تۇرمۇشىنىڭ مەنىسى ۋە ئىستىقبالنىڭ يېڭىدىن نۇرلىنىشى ھەققىدىكى يېقىملىق ناخشا، ئۆز دەۋرى كىشىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە چۈشەنچىلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەر زېمىنىغا قەدەم قويۇپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا قېتىلغانلىقى ھەققىدىكى جاسارەتلىك كۈي. سىياسىي ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان دەۋەت ۋە تەسىراتىدىن ئەمەس، ھاياتنىڭ سىر – ھېكمەتلىرىنىڭ تەبىئىي قاينىمىدىن تۇغۇلغان، تېماتىك مەزمۇن ئوبرازلاشتۇرۇلغان، لىرىك ھېس – تۇيغۇلار ۋاسىتىسىدە يارقىن يورۇتۇلغان بۇنداق شېئىرنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىكى ھالسىز شېئىرىي مۇھىتىمىزدا بارلىققا كېلىشىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەدەبىي ھادىسە، دېسەك ئەرزىيدۇ.

     رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەر زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تېماتىك مەزمۇنىنىڭ يېڭىلىقى، لىرىك تەسۋىرلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، ھېسسىياتىنىڭ ساپلىقى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ‹‹تەڭرىتاغ قەسىدىسى›› بىلەن ‹‹ئانا يۇرتۇم›› ناملىق شېئىرى ئالاھىدە. شائىر ‹‹تەڭرىتاغ قەسىدىسى››دە كىتابخانلار ئېڭىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، تېخىچە شېئىرىي قەلەمگە ئېلىنمىغان گۈزەل، سەلتەنەتلىك سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرىتاغنىڭ شېئىرىي شەرھىسىگە سەرپلەپ، تەڭرىتاغنى ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ لىرىك سىمۋولى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن:

سەن گويا مەنزىلگە ئۇچقان بىر سۇمرۇغ،
سۈرئىتىڭ چاقماقتۇر، قۇدرىتىڭ بوران.
ئىرادەڭ پولاتتۇر، مېھرىڭ مىسلى چوغ،
زەپەر ئاسمىنىدا قىلىسەن جەۋلان.
ھەر دىلنىڭ مەپتۇنى ئايدەك رۇخسارىڭ
ئەسلىتەر ھۆر – پەرى ھۆسنى تۇرقىنى.
ئەمەسمۇ سۇمبۇلدەك تال – تال چاچلىرىڭ
تارىم ۋە ئىلىنىڭ سانسىز ئېقىنى.
ئەمەسمۇ دولقۇنلۇق سايرام، تەڭرىكۆل
كۆكسۈڭدە زۇمرەتتەك چاقنىغان مارجان.
ئەمەسمۇ ئەڭلىڭدە رەڭدار كەشتە – گۈل
يېشىل تاغ، بوستان باغ، چەكسىز كۆك ئورمان.

     تەڭرىتاغ ھەقىقەتەن زەپەر ئاسمىنىدا تىنىمسىز قانات قېقىۋاتقان تالماس بۈركۈت، ئانا يەرنى باغرىغا تېڭىپ پەپىلەپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس قورغان. ئۇ بىزنىڭ مىللىي روھ، مىللىي ئەقىل – پاراسىتىمىز بىلەن يىمىرىلمەس مەنىۋى قۇدرىتىمىزنىڭ ئەبەدىي پارلىشى. ئاپتور شېئىرىدا تارىخ بىلەن رېئاللىقنى، تەبىئەت بىلەن ئىنسان روھىيىتىنى، ئۆزىنىڭ شائىرانە ھېس – تۇيغۇلىرى بىلەن خەلقنىڭ غايىۋى ئىنتىلىشىنى ماھىرلىق بىلەن باغلاپ، تەڭرىتاغنىڭ بۈيۈك لىرىك سۈرىتىنى سىزىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى بارلىقى بىلەن سۆيىدىغان، ھەممە ئەقىل، ۋىجدانى بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايدىغان شائىرانە ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن.

     ئانا يۇرت — ھاياتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئوخشاشلا ئەزىز ۋە قىممەتلىك. بىز ھەممىمىز ئاشۇ خىسلەتلىك زېمىندا ئالەمگە كۆز ئاچتۇق. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈكىمىزنىڭ قانچىلىغان قىزىق، ئۇنتۇلماس خاتىرىلىرى ئەنە شۇ تۇپراققا سىڭىپ كەتتى. خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلىك ئەنئەنىسى بولغان ئەقىل ۋە ۋىجدان، ئىشەنچ ۋە ئىرادە دېگەنلەر ئەنە شۇ ئانا يۇرتنىڭ مۇھەببىتى بىلەن قەلبىمىزگە ئېقىپ كىرىپ ئىنسانىي غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىقنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى دولقۇنىنى ياراتتى. شۇڭا بىز ئۇنى سۆيۈش ۋە قەدىرلەشنى، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، ئىشقىدا يېنىشنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋىجدانىي بۇرچى دەپ بىلىمىز.

     شائىر رەخىم قاسىم ‹‹ئانا يۇرتۇم››دا ئۇنىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغان ئومۇمىي سۈپەتلىرىنى ئەمەس،  كىشىلەر ئاسان ھېس قىلالمايدىغان سېھرىي پەزىلەتلىرىنى، تىلسىملىق مۆجىزات بولۇپ تۇيۇلىدىغان،  شائىرنىڭ ھېسسىياتلىق قەلىمىدىلا ئەسلىي ھالىتىدە ئايان بولىدىغان، چەكسىز مەنىۋى قۇدرىتى بىلەن تەڭداشسىز تەبىئىي گۈزەللىكىنى ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاشىقانە تۇيغۇدا مەدھىيىلىگەن. ئۇ ئۆز ئانىسىدەك ‹‹ئەزىز ۋە مۆھتەرەم›› يۇرتى بىلەن تەشنالىق ئىچىدە قايتا دىدارلاشقىنىدا، ئۇنىڭ باغرىدا قىيغىتىپ ئۆتكەن سەبىي دەۋرلىرىگە قايتىدۇ. يېشىللىققا پۈركەنگەن قامەتلىك تاغلىرىنى مېھرى بىلەن قۇچاغلاپ، ئۇنىڭ ‹‹ساي – سالا››لىرىغا مەجنۇنلارچە يۈزىنى ياقىدۇ. ئانا يۇرتىنىڭ جەننەتتەك رۇخسارىغا مەھلىيا بولۇپ، گۈل – گىياھ قاپلىغان دۆڭ ۋە ئېدىرلاردا شادلىنىپ كېزىدۇ. شائىرنىڭ ئۇرغۇپ تېشىۋاتقان سۈزۈك بۇلاقتەك قايناق ھېسسىياتى ئاخىرى بېرىپ تەبىئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ئىككى دۇنيالىق تەقدىرى بىلەن ھاياتىي بارلىقى ھېسابلىنىدىغان، ئەبەدىيلىككە ئىگە بولغان ۋەتەن مۇھەببىتى ئېڭىغا قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ۋە تىۋىنىشى تېخىمۇ مەنىۋى كەڭلىككە، ئەقىل ۋە ۋىجدانىنىڭ يېڭى روھىي پايانسىزلىقىغا ئېرىشىپ، خىسلەت ۋە ھېكمەتكە تويۇنغان مۇقەددەس ئانا يۇرتىنىڭ ھەممە گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغۋارلىقى سەھەر قۇياشىدەك نۇرلىنىپ پارلايدۇ:

بىلمىدىم، ئېسىمنى تاپتىم قايسى كۈن،
ئېھ، يۇرتۇم تۇيۇلدۇڭ مۆجىزات بولۇپ.
تۈمەن خىل رەڭ بەرسە بولۇق نۇردا كۈن،
چاقنىدىڭ ئەقىل لال تىلسىمات بولۇپ.
كېچىسى ئاي، يۇلتۇز كۆيۈپ تەلپۈنۈپ
گۈزەل رۇخسارىڭدىن ئۈزەلمىسە كۆز.
شامالدا بۇلۇتلار لەرزان يەلپۈنۈپ،
شادلىق ياشلىرىنى تۆكتى باھار، كۈز.
قار  ئاپئاق كۆڭلىكىڭ، سەن توي قىلغان قىز،
تاجىڭ ھەسەن – ھۈسەن سەن مەغرۇر بىر شاھ.
بارچە قايىل بولۇپ پۈكەر ساڭا تىز،
گۈزەللىك بابىدا سەن مىسلى ئىلاھ .

     مۇھەببەت — ھاياتتىكى ھەممە كىشى ئۈچۈن ئورتاق بولغان ئەڭ يۈكسەك ئالىيجاناب تۇيغۇ. ئۇ شەخسنىڭ ھايات تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. مۇھەببەت  ئۆمۈرلۈك مەقسەت ۋە ئارزۇنىڭ غايىۋىلىشىشى، ئىشەنچ ۋە ئىرادە بىلەن نۇرلانغان پاك قەلبنىڭ ۋاپا ۋە ساداقەت يالقۇنىدا يېنىپ پارلىشىدۇر.

     شائىر رەخىم قاسىم شېئىرىيىتىمىزدە مۇھەببەت ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازغان ئاپتورلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىز مۇھاكىمە قىلماقچى بولۇۋاتقان شېئىرى ‹‹مۇھەببەت››  كىشىلىك مۇھەببىتى كۈيلەنگەن، ئىشىق ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ھەسرەتلىك قەلبنىڭ ئازابلىق نىداسى بىلەن ۋىسال تاپقان سۆيگۈنىڭ شادلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن لىرىك لەۋھە ئەمەس، ئۇ ‹‹ھەر كۆڭۈلنىڭ سۈبھى – تېڭى›› ھېسابلىنىدىغان مۇقەددەس مۇھەببەتكە ئوقۇلغان ئوتلۇق مەدھىيە. ئاپتور شېئىرىدا مۇھەببەتنىڭ كۈچى ۋە قەدىر – قىممىتىنى تۇرمۇشىمىزدا مۇئەييەن قىممەت ۋە ئورۇنغا ئىگە بولغان پۇل، ھوقۇق، ئىمتىيازلارنىڭ تەسىر كۈچىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەزمۇن، ماھىيىتىنى يېڭى ھاياتىي نۇقتىدىن ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەرنى ھايات ۋە مۇھەببەتنى سۆيۈپ ۋە قەدىرلەپ، ۋاپا –  ساداقەتنىڭ يېڭى مەنىۋى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلغان. تۆۋەندىكىلەر مۇھەببەتنىڭ شائىر قەلىمىدە ئەكس ئەتكەن مەدھىيىلىك تەسۋىرى:

تەپتىڭنى قۇياشقا ئەيلىسەم قىياس،
يالقۇنۇڭ ئالدىدا بەك ئاجىز بىراق.
ياز چېغى ئۆرلەيدۇ ھارارىتى راست،
قىشتا ئۇ پىلىلداپ يانغان جىن چىراغ.
.   .   .   .   .   .   .   .   .
مۇھەببەت سەن شۇنچە ئۇلۇغ ۋە گۈزەل،
بەختىيار ھاياتنىڭ قېنى، جېنىسەن.
پۈتتى ئەل ھەققىڭدە كۆپ داستان – غەزەل،
يازغانغا تۈگىمەس ئۆلمەس تېما سەن.

     شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىغان ‹‹ياشىسۇن قولى گۈل ئىشچاننىڭ قولى›› ناملىق سىكىلى مۇستەقىل بەدىئىي مەزمۇنغا ئىگە بەش شېئىردىن تۈزۈلگەن. ئۇلاردا ئاسمانغا بوي سوزغان ھەيۋەتلىك بىنالار، كوچىلارنى گۈزەللىك سەلتەنىتىگە پۈركەۋاتقان بىناكار قىز، يىراقتىكى  يېزىسىغا ‹‹يېڭىدىن زىننەت›› بېرىۋاتقان ھۈنەرۋەن بوۋاي، ‹‹تەر تۆكۈپ شان قۇچقان›› قولى گۈل تېخنىك، ئاغرىقلارغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلىۋاتقان مېھرىبان دوختۇر، بالىلارغا مىننەتسىز ئىلىم بېرىۋاتقان پېشقەدەم مۇئەللىمنىڭ تىپىك شېئىرىي ئوبرازى يارىتىلغان. شائىر بۇ دەۋرداشلىرىغا بېغىشلانغان لىرىك مەدھىيىلىرىنىڭ ھەر بىرىنى ‹‹شۇڭلاشقا ئېيتىمەن: ياشىسۇن مېھنەت، ياشىسۇن قولى گۈل ئىشچاننىڭ قولى›› دېگەن نەقرات بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، سىكىلىنى مۇناسىپ مەزمۇن ئىزچىللىقى، مەنە پۈتۈنلۈكىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ‹‹ياشىسۇن قولى گۈل ئىشچاننىڭ قولى›› ناملىق بۇ سىكىل ئەركىن ۋە ئازاد ھاياتنىڭ شادلىق تەنتەنىسى بىلەن ھاياتقا يېڭى رەڭ، يېڭى مەنە بېرىپ، ئۇنى گۈزەللىكنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئىستىقباللىق زېمىنىغا باشلاپ كىرىۋاتقان ئۇلۇغۋار ئەمگەككە ۋە ئۆزىنىڭ ھايات تەقدىرىنى ئۇنىڭغا باغلىغان ھەممە ئاددىي ئەمگەكچىلەرگە ئوقۇلغان ئەڭ قىزغىن سەمىمىي مەدھىيە. ئاپتور سىكىلنى خاتىمە ئورنىدىكى شېئىرىي ھېكمەت تۈسىگە ئىگە مۇنداق پىكىرلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان:

ئەي شائىر،
بولمىسا شۇ ئالتۇن قوللار
كۈلەمدۇ ئىستىقبال، كۈلەمدۇ ئارمان؟
ھەممە قول ئاق پەلەي ئىچىدە يايراپ،
ھەممە قول ئىگىلسە ئىچىگە قاراپ،
ئېيتقىنا نەدىدۇر بىزگە بۇ زامان؟
ئەجىبا،
قارايغان قاداقلىق قوللار
شېئىرغا سىغمىسا، چۈشۈرسە نۇقسان؟
شېئىر  گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى بولسا،
بۇلاردا گۈزەللىك كېتىپتۇ قايان؟

     رەخىم قاسىم باللادا ۋە داستان ئىجادىيىتىدىمۇ مۇئەييەن مەزمۇن كەڭلىكى بىلەن شېئىرىي رەڭدارلىققا ئېرىشىپ، ئۆز دەۋر رېئاللىقىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. ئۇ ‹‹دوستلۇق سىمۋولى›› ناملىق باللادىسىدا يېزا كىشىلىرىنىڭ ئۆز قېرىندىشىغا ئايلىنىپ كەتكەن مېھرىبان بىر دوختۇرنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان ئاددىي يېزا يىگىتىنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتسا، ‹‹يول ئۈستىدە›› باللادىسىدا ھەربىي شوپۇرنىڭ كۆيۈمى ۋە ۋاپادارلىقى بىلەن ئۆمۈرلۈك غەم ۋە ئەلەمدىن قۇتۇلغان بىر دېھقان بوۋاينىڭ يېزا سەھىرىدەك پاك ۋە يورۇق قەلب سۈرىتىنى سىزغان. بۇ ئەسەرلەر ئاددىي ھالدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،  ھەربىي – خەلق دوستلۇقى مەدھىيىسى ئەمەس، بەلكى ئەبەدىيلىككە ئىگە ئىنسانىي مۇھەببەت ناخشىسىدۇر.

     رەخىم قاسىم  ۋەقەلەر ئېقىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان ‹‹كۈمۈش يوللار›› داستانىدا بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر تۆمۈريول ئىشچىلىرىنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ لىرىك مەنزىرىسىنى سىزغان. خىيال ۋە فانتازىيىنىڭ ئىنسانىي ھۆرمەت ۋە ئېتىقاد يالقۇنىدا يېنىشىدىن تۇغۇلغان ‹‹شائىر›› ناملىق داستانىدا خەلقىمىز قەلبىدىكى ئىككى بۈيۈك شائىر –– ل. مۇتەللىپ بىلەن نىمشېھىتنى روھەن تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىي ھېكمەتتىن پۈتكەن شېئىرىي سۆھبىتى ئارقىلىق ئۆز نەزىرىدىكى ھەقىقىي شائىرنىڭ  ئەقىل ۋە ۋىجدان يالقۇنى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بىر ئۆمۈر يورۇتقان بۈيۈك ئىنساننىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتتى.

     رەخىم قاسىمنىڭ ئۇيغۇر داستانچىلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان يىرىك ئەسىرى ‹‹چولپان››نىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىزنى قانچىلىك ھاياجانلاندۇرغانلىقى ھازىرمۇ ئېسىمىزدە. ئۇ داستانىنى ئۆزىنىڭ شائىر سۈپىتىدىكى ئىجادىي بۇرچى، ئەسىرىدىكى بەدىئىي غايىۋى مەقسىتىنى روشەن يورۇتۇپ بېرىدىغان مۇنداق لىرىك مىسرالار بىلەن باشلىغان:

چولپان دەپ ئاتايدۇ تاڭدائۇپۇقتا
كۈمۈشرەڭ نۇر چاچقان ئوماق يۇلتۇزنى.
ھە... ئۇنىڭ يىپەكتەك تال – تال شولىسى
ئوينىتىپ ئۆتمىگەن قايسى جۈپ كۆزنى.
ئاسماندا بىر تال ئۇ، يەردە مىليونچە،
بەختتىن بەختكە قاراپ يول تۇتقان.
قوزغىتىپ ئىلھامىم، كۈيلەتكەن شۇنچە،
يېزىنىڭ شوخ قىزى  قەلبى ئوت چولپان.

     ئاپتور داستانىدا شېئىرىيەتنىڭ ھەممە بەدىئىي ۋاسىتىلىرىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ، ئەسىرىنىڭ قەلبنى تەۋرەتكەن بەدىئىي ماۋزۇسىنىڭ لىرىك يادروسىغا كىرگەن. داستاندا چولپان ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن كونىلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ھۇجۇم ۋە بۆھتانلىرىنى يىمىرىپ، بارلىقىنى دېھقان قېرىنداشلىرىنىڭ بەختىيار كېلەچىكىنى يارىتىشتەك ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلىغان، ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ئالاھىدە تەشكىلاتچانلىق ئىقتىدارىغا تايىنىپ،  يۇرتىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كونىچە پىكىر – چۈشەنچىلىرىنى ئۆزگەرتىپ يېپيېڭى ئەركىن تۇرمۇش ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

     ئاپتۇر ئۆز پېرسوناژنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ مەنىۋى پاكلىق يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلۈشىگىچە بولغان بىر پۈتۈن ھاياتىنى ئەينى دەۋر تۇرمۇشنىڭ تىپىك ۋەقە، ھادىسىلىرى بىلەن باغلاپ، ئىجادىي شېئىرىيەتنىڭ رەڭدار بەدىئىي مۇھىتىدا ئېچىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكەن، تەقدىرىنى ئۆزى يارىتالايدىغان، ھاياتنىڭ سىرلىق ھېكمەتلىرى ئالدىدا ھېچقانداق ھىيىقماي ‹‹مەن كىم›› دېيەلەيدىغان جاسارەتلىك دېھقان قىزىنىڭ لىرىك بەدىئىي ئوبرازىنى ياراتتى:

بەختسىزدەك ئاتىنىڭ بەختىيار قىزى
 ناخشىدەك ئۆمۈرنىڭ خۇشخۇي كۈيى ئۇ.
 كەڭ دالا  مەخمەلدەك يېشىل ئېتىزنىڭ
 ئەتىردەك پۇراقلىق قىزىل گۈلى ئۇ.

     بۇ مىسىرلارنى ئوقۇغان كىتابخان بۇنىڭدىن 52 يىل بۇرۇن مۇشۇنداق يېڭى بەدىئىي پىكىرگە تويۇنغان ئوبرازلىق تىل بىلەن شېئىر يازالايدىغان ھەقىقىي شائىرنىڭ بولغانلىقىدىن تەبىئىي غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ.

     ئويلاپ كۆرسەم، مەن شائىر رەخىم قاسىم ئەسەرلىرىنى يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزمەي ئوقۇپ كەپتىمەن. ئاددىي ھالدىكى ئەمەلىي تەسىراتىم شۇكى، ئۇ مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەم تېپىلىدىغان تالانتلىق شائىرى، مەرھۇم ئاكىمىز ئابدۇكېرىم خوجىدىن كېيىن يېتىلگەن تاۋلانغان شېئىر تەرجىمانى، ئەدەبىي تەنقىد ۋە ئەدەبىي ئەسلىمىنىڭ يىراق، جاپالىق ئىجادىي مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىقتىدارلىق تۆھپىكار. ئۇنىڭ ئۆز دەۋرى ھاياتىنىڭ لىرىك مەنزىرىسى بولغان كۆپ قىرلىق بەدىئىي ئىجادىيىتى بىلەن ئۆزىگە خاس رەڭ ۋە ساداغا ئىگە بولغان ئۇزاق يىللىق مۇرەككەپ ئىجادىيەت يولى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ھازىرمۇ ئوخشاشلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۈنۈملۈك تەتقىقات تېمىسىدۇر.


&  ئالدىنقى كىتاب:ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى، رېژىسسور ئابدۇقەييۇم ئىمىن توغرىسىدا
&  كېيىنكى كىتاب:كىنو مائارىپچىسى نۇرمۇھەممەد زامان
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7