ئۆركەش جاپپار
ئابدۇقەييۇم قىنىغا پاتمايدىغان شوخ بالا بولدى. ئۇ بەش بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، دادىسى ئىمىن نۇرھاجى بىلەن ئانىسى ئەپروزىخانغا ئەركىلەپ، بار قىلىقنىڭ ھەممىنى قىلاتتى، كۆپىنچە مەھەللىدىكى بىر توپ كەپسىز بالىنى ئەگەشتۈرۈپ، جاھاننى بېشىغا كىيەتتى، قوشنىلارنىڭ مورىسىغا چالما ئېتىپ، پىشاي دەپ قالغان كۇمۇلەكئاشنى ئىچكۈسىز قىلىۋېتىپ، نەلەرگىدۇر قېچىپ كېتەتتى، خەقنىڭ ئۆگزىسىدىكى پەغەزدە بىر چىرايلىق ئۈنلەپ تۇرغان كەپتەرلەرگە رەگەتكە ئېتىپ، تىك موللاق چۈشۈرۈۋېتىشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچىكى بىر ‹‹ئويۇن›› ئىدى، ئىككى موچەنلىك يېڭى پۇلنى يىپتا باغلىۋېلىپ، توپىلىق يولدا ‹‹يىلان كۆچتى›› قىلىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنى يەرگە ‹‹تەزىم›› قىلدۇرۇپ، ئەخمەق قىلىشلارمۇ ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن ‹‹ئويۇن››لارنىڭ بىرى ئىدى.
ئىمىن نۇرھاجى يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدا. قەدەمجاي مەھەللىسىنى ماكان تۇتۇپ، شۇ يەردە دېھقانچىلىقتىن ئىگىلىك تىكلىگەندىن باشقا، ئاشپەزلىك ھەم تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغان مۆتىۋەر كىشى ئىدى. نۇرھاجى جەمەتىنىڭ ئابدۇقەييۇمدىن ئىبارەت بۇ ‹‹بىتەلەي›› بايۋەتچىسىنىڭ بالىلىق مەزگىلى 20 – ئەسىر 60 – يىللىرىدىكى ئېغىر غۇربەتچىلىك دەۋرىگە توغرا كەلگەنىدى. ئەمما ئۇ ئاشۇ شوخلۇقلىرى بىلەن بۇ غۇربەتچىلىكلەرنىمۇ سەزمەي يېتىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. تېخى بەزىدە ئۇ ئاۋازىنى ھەررەڭ – سەررەڭ چىقىرىپ، ھەييارلىق قىلىپ قويغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇنداق شىكايەتلەرمۇ بولۇپ قالاتتى: ھوي قارىئاخۇنۇم، سىلىنىڭ كەنجىۋايلىرى چوڭ بولسا قانداقراق ئادەم بولار دەيمەن، بۇ غورتەك بىر كىملەرنى دورىسا قۇيۇپلىۋېتىدىكەن ئاۋازىنى. بىر كۈنى باغدىكى چامغۇرلۇقتا ئوت ئوتاۋاتسام، بىزنىڭ مەزلۇم خەق ‹‹ۋاي مۇسۇلمان، شاپ بوسلا دەيمەن، ئا زاكۇ بېشىدا بالىلار مۇشتلىشىپ، بىزنىڭ ئوغالنى سۇغا تاشلىۋېتىپتا، شاپ بېرىپ، بالىنى سۈزۈپ كەسىلە دەيمەن›› دەپ توۋلايدا، زاكۇ بېشىغا ئوقتەك چاپتىم، باسام ھېچكىم يوق، بۇ نېمە ئىش دەپ ھەيران بولۇپ، ئۆيگە قالاپ باقاي دەپ چىسەم، ئانىسى قازان بېشىدا، ئوغلۇم بىر سويمىنى يەپ سۇپىدا خىيالىي ئولتامامدا، توۋا دەپ ھويلىغا چىقسام، سىلىنىڭ كەنجىۋاي ئۆگزەمدە كۈلۈپ قېچىپ ژۈمەمدا. تۈنۈگۈن مەكتەپكە چىگەن بىر سويما كاماك چىشلىق چوڭ خوتۇننى شۇنداما ئوخشىتىپ دوراما ئەمدى...
ئابدۇقەييۇم ئون ئۈچ ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئانىسى تۇيۇقسىزلا ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ‹‹ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان›› ئەسكى خۇيلىرىنىڭ بىرىمۇ قالمىدى. ئەتىدىن كەچكىچە كىتابلا ئوقۇيدىغان، ئورۇنسىز گەپ قىلمايدىغان، خىيالچان، ئىچ مىجەز بىر بالىغا ئۆزگىرىپ قالدى. ئىمىنقارىئاخۇنۇم ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى تارتىۋاتقانلىقىنى ياكى كاللىسىغا خىيال كىرىپ، جىمىغۇرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي، خېلىغىچە ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆزىنى تىڭشاپ يۈردى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇقەييۇم بالىلىق بىلەن ئاللىقاچان خوشلىشىپ، ياشلىققا قەدەم باسقانىدى. ئۇ ئانىسىنى سېغىناتتى، ئانىسى كىچىك چاغلىرىدا ئوقۇپ بېرىدىغان ‹‹شاھ مەشرەپ››نىڭ قىسسىلىرىنى، نەۋائىينىڭ شېئىر – داستانلىرىنى خىيالەن ئەسكە ئالاتتى، بىكار قالسىلا ئايۋانغا بېكىنىۋېلىپ، ئانىسىدىن تەۋەرۈك قالغان چاغاتاي يېزىقىدىكى ئاشۇ كونا، قېلىن كىتابلارنى ھەجىلەپ ئوقۇيتتى، ئۆزىچە شېئىر يازدىم دەپ، ئارۇز ۋەزىندە بىر نېمىلەرنى يېزىپ، خاتىرە دەپتىرىگە كۆچۈرەتتى.
ئابدۇقەييۇم بەك ئەقىللىق ئىدى. ئۇ بىر كۆرگەن ھۈنەرنى ئۆگىنىۋالاتتى، بىرلا ئاڭلىغان ئاۋازنى دورىۋالاتتى، بازاردا نېمە پۇل بولسا، شۇنى ياساپ سېتىپ، ئوقۇش، تۇرمۇش خىراجىتىنى غەملەيتتى، بۈگۈنكى بازار كۈنىدە جىنچىراغ ياساپ ساتقان بولسا، كېيىنكى بازاردا تارشاگۇگۇت ياساپ ساتاتتى، ھېلى تاختىمۈشۈك ياساپ ساتسا، ھېلى قوشۇق قىرىپ پۇل قىلاتتى، پۇل – پۈچەكتىن پەقەتلا قىسىلمايتتى، كەچلىرى قەيەردە كىنو قويۇلسا شۇ يەرگە چاپاتتى، بىرەر – ئىككى موچەنلىك گازىرنى يانچۇقىغا تولدۇرۇۋېلىپ، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرەتتى، يازدىمۇ، قىشتىمۇ كۆرەتتى، كۆرگەنلا كىنوسىدىن ئارتىسلارنىڭ ئاۋازىنى دوراپ چىقاتتى. قەشقەر شىۋىسى ياكى يوپۇرغا شىۋىسىگە يات بىلىنگەن ‹‹قىلىۋېدىم، ئېتىۋېدىم›› دېگەندەك سۆزلەرنى كۈلكە قىلىپ، ئادەتتىكى تۇرمۇش سۆزلىرىنى تەۋەززۇ بىلەن سۆزلەپ، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا قىزىقچىلىق قىلاتتى. بىردەم ‹‹يول باشلىغۇچى›› فىلىمىدىكى باۋۇدۇننىڭ ئاۋازىنى دوراپ ئويۇن قىلسا، بىردەم ‹‹سەرگەردان›› فىلىمىدىكى راجىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ ھەزىل قىلاتتى...تۇرمۇش گۈزەل، كېلەچەك تېخىمۇ گۈزەل ئىدى. ئىمىنقارىئاخۇنۇم ئوغلىنىڭ ‹‹ئاۋاز سەنئىتى››دىن خۇش بولۇپ، كۆزلىرىدىن ياش كەتكىچە كۈلەتتى، ئەمما كۆپ يىلدىن كېيىن ئوغلىنىڭ مەشھۇر ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى.
ئابدۇقەييۇم 18 ياشقا كىرگەن يىلى، يەنى 1980 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى، 1985 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىغا دىكتورلۇققا قوبۇل قىلىندى. ئەمدى ئۇ ئاۋازىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدەك تۇغما تەبىئىي تالانتىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشكەنىدى. خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا، ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى›› بويىچە سۆزلەشنى مەشىق قىلغاچ، رادىئو خەۋەرلىرىنى ئوقۇپ يۈردى، ئۈچ ئايدىن كېيىن، رەسمىي ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يېرى تىنچ ئەمەس ئىدى. دىكتور بولۇش ئۇنىڭ ئەسلىي ئارزۇسى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ تەبىئىي تالانتى ۋە ئالاھىدىلىكىدىن ئالغاندا، ئاۋاز ئارتىسلىقى كەسپى ئۇنىڭغا باب كېلەتتى. ئۆزىمۇ شۇنىڭغا بەكرەك مايىل ئىدى.
1986 – يىلى باش باھاردا ئابدۇقەييۇم ئىمىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلۈمىگە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ يۆتكەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئاۋاز ئارتىسلىقى ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى ۋە ئاھاڭدارلىقى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. ئېكران ئارقىسىدا تۇرۇپ، نۇرغۇن فىلىمگە ئاۋاز بەردى، نۇرغۇن فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلدى، تۆۋەن ئاۋازغا مايىل ئۆلچەملىك ئوتتۇرا ئاۋازى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك ئوبرازلارنى ياراتتى، كەسپىي قابىلىيەت ۋە كىشىلىك پەزىلەتتە ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئابدۇقەييۇم ئىمىننى ياراتتى...
— ئاۋاز ماگنىت ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىدا خۇددى ماگنىتتەك تارتىش كۈچى بار، – دەپ يازىدۇ مۇھەممەدجان ئەمەت يارتېكىن ئابدۇقەييۇم ئىمىن ھەققىدە يازغان قىسقا ماقالىسىدە، – ئاۋاز مۇزىكا ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان كىشى خۇددى مۇقام مەرغۇللىرىنىڭ كۆڭۈل قۇشلىرىنى ئوۋلىغۇچى زوق بەھرىلىرىدە ئۈزۈۋاتقاندەك تۇيغۇلارغا چۆمىدۇ...
— ئۇنىڭ ئاۋازى ۋە تىلىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچى ئۆزىنى نامايان قىلالايدۇ، – دەيدۇ پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئابدۇقەييۇم ئىمىننىڭ تىل پاساھىتى ھەققىدە سۆزلەپ، – ئۇنىڭ ئاۋازىدا يەنە كۈچلۈك كلاسسىك پۇراق، چوڭقۇر تارىخىي قاتلام، قويۇق سەلتەنەتلىك ئېلېمېنت بار...
2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئەتىگەندە ئابدۇقەييۇم ئىمىننى ئىزدەپ، شىنجاڭ رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرجىمە مەركىزىگە باردىم. ئابدۇقەييۇم كارىدورنىڭ بۇرجىكىدىكى ‹‹ئۈچ بۇرجەك››لىك خاس ئىشخانىسىدا مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى گويا بىر كىچىكلىتىلگەن باغچىغا ئوخشايدىكەن. بىر نەچچە قەپەستە سوپىسوپياڭ، بوز تورغاي، بۇلبۇل ۋە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئاللىقانداق قۇشلار سايراپ تۇرۇپتۇ. ئىشخانىنىڭ تولۇق بىر تېمىنى ئالغان چوڭ دېرىزىدە ھەر خىل ئىقلىمدا ئۆستۈرۈلىدىغان گۈل – چېچەكلەر كۆكلەپ تۇرۇپتۇ. يەنە تېخى ھاۋا كۆپۈكچىلىرى بۇژغۇنلاپ تۇرغان بىر بېلىقداندا ئىسسىق بەلباغنىڭ ئۇششاق، رەڭلىك بېلىقلىرى ئۈزۈپ يۈرۈپتۇ. مەن ئابدۇقەييۇمنىڭ بۇ قەدەر كەڭ دائىرىلىك ھەۋەسلىرىدىن ئۇنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. بىز ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ كەڭ – كۇشادە مۇڭداشتۇق.
— ئابدۇقەييۇم، مەن سىز دېكلاماتسىيە قىلغان ‹‹ئىز››، ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹ئانا ھەققىدە››، ‹‹ئاق خالاتلىق پەرىشتە››، ‹‹مانا تاماشا›› قاتارلىق شېئىر ۋە نەسىرلەرنى ئاڭلىغاندا، ئاجايىپ سىرلىق ھېسلارغا چۆمۈمەن، ۋۇجۇدۇم جۇغۇلداپ، قانلىرىم كۈۋەجەيدۇ، شۇ ئەسەرلەرنى ئۆزۈم ئوقۇغاندىكىدىن ئون باراۋەر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمەن. ئاۋازىڭىزنىڭ مۇشۇنداق يۈرەككە تېگىشىدىكى سىر زادى نەدە؟
— بۇنى ياخشى سورىدىڭىز، – دېدى ئابدۇقەييۇم ئاقىرىپ چارلىشىشقا باشلىغان چوتكىدەك يىرىك چاچلىرىنى سىلاشتۇرۇپ، – شېئىر ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان ھېكمەت دۇردانىسىدۇر، نەسىرمۇ ھەم شۇنداق. ئاشۇ ئۆلمەس شېئىر ۋە نەسىرلەرنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغىنى دېكلاماتسىيىدۇر. دېكلاماتسىيە جەريانى قايتا ئىجادىيەت جەريانى بولۇپ، ئۇ دېكلاماتسىيە قىلغۇچىدىن زور ئىجادىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. دېكلاماتسىيە قىلغۇچى راۋان تىلى، يېقىملىق ئاۋازى، قايناق ھېسسىياتى ھەم بەدىئىي ماھارىتىگە تايىنىپ ئاۋازلىق ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. مەن شېئىر ۋە نەسىر دېكلاماتسىيىسىدە يۈرەككە بارىدىغان ئاۋازنى يارىتىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، راۋان تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە تىرىشتىم. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان راۋان تىل ئېغىز تىلىغا قارىتىلغان بولۇپ، يېزىق تىلىنىڭ ئەينەن ئوقۇلۇشىمۇ ئەمەس، كىشىلەر ئادەتتىكى ئالاقىدە قوللىنىۋاتقان جانلىق تىلنىڭ نەق ئۆزىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى ئاساسىدا قېلىپلاشقان ئورتاق تەلەپپۇز شەكلىدۇر. بۇنى مۇكەممەل بىلىش ئۈچۈن، خاس ‹‹ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى››گە تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەزى مەسىلىلەرنى تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ سىرتىدا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: شېئىر دېكلاماتسىيىسىدە قاپىيە، تۇراق، ۋەزىن قاتارلىقلارنىڭ ئېتىبارى بىلەن تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىك بەزى تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويماي تولۇق ئوقۇشقا، بەزى تاۋۇشلارنى تەلەپپۇزدا زورلاپ قوشۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹قالدى نى – نى ئارسلانلار دەشتى چۆلدە قەبرىسىز›› مىسراسىدىكى ‹‹ئارسلانلار›› سۆزى ئەينەن تەلەپپۇز قىلىنسا ۋەزىن چاقىدۇ، شۇڭا ئۇنى ‹‹ئارىسلانلار›› دەپ، ‹‹ئى›› تاۋۇشىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مەن شېئىرنىڭ شەكلىدىن كۆرە مەزمۇنى بىلەن كۆپرەك ھېسابلىشىمەن.
ئىككىنچىدىن، مەن يېقىملىق ئاۋاز ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشكە تىرىشتىم. ئاۋازغا كەلگەندە، ئۆزۈمنىڭ تۇغما ياخشى ئاۋازغا ئىگە بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بەزى ئاۋاز ئارتىسلىرى ‹‹بۇرۇن نەپەس مەشىقى››، ‹‹ئېغىز نەپەس مەشىقى›› دېگەندەك ئاۋاز مەشىقى قىلىشقىلا كۈچەپ، ئانا تىلنىڭ ئاھاڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشكە سەل قارايدۇ. مەن ئاۋاز ئارتىسلىقى بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاھاڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشكە ئالاھىدە كۈچىدىم. يەنى، پۈتكۈل شېئىر شەكىللىرىنىڭ ئاھاڭ ئالاھىدىلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ ئىگىلىدىم، شۇنداقلا شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تۇرۇپ دېكلاماتسىيە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاۋازىمنى تېخىمۇ يېقىملىق چىقىرىشقا تىرىشتىم.
ئۈچىنچىدىن، ھېسسىيات ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنى بۇ ساھەدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشىمنىڭ ئاساسى، دەپ بىلدىم. مەلۇمكى، ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى ئەقىل بىلەن ھېسسىياتتۇر. دېكلاماتسىيە قىلغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھېسسىيات ئىنتايىن مۇھىم. مەن كىچىكىمدىن كلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان ۋە بەزى شېئىرلارنى يازغانمەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، شېئىر ياكى نەسىرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلسام، شائىرنىڭ پىكىر چوڭقۇرلۇقىغا تەبىئىي رەۋىشتە چۆكۈپ كېتىمەن، شائىرنىڭ قەلب پىنھانلىرىدىن، تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقلىرىدىن بەدىئىي دىتىمغا يارىشا نېسىۋە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆز ماھارىتىم بىلەن بېيىتىپ ئاڭلىغۇچىنى زەرەتلەندۈرۈپ، ھېسسىيات دولقۇنى پەيدا قىلىشقا تىرىشىمەن. بەزىدە شېئىر ئوقۇۋاتقاندا كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كېتىشى ياكى كەسىپداشلىرىمنىڭ ‹‹سەن شېئىرنى ئوقۇمايسەن، شېئىر سېنى ئوقۇيدۇ››، ‹‹سەن شېئىر ئوقۇغاندا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسەن›› دېيىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
گېپىمنى خۇلاسىلىسەم، شېئىرنىڭ شەكلىگە قاراپ ئەمەس، مەزمۇنىغا قاراپ ئىنتۇناتسىيىسىنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى تاپتىم، بۇنى تۇرمۇش ئۆگىنىشتىن، تىل ئۆگىنىشتىن، خەلقنىڭ ئېغىز تىلىنى ئۆگىنىشتىن تاپتىم. بۇ جەھەتتە ھەتتا شائىرلارغا، دىكتور، رىياسەتچىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردىم، دېسەممۇ پو ئاتقان بولمايمەن. ئاۋازىمنىڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىگە تېگىشىدىكى سىر شۇ بولسا كېرەك.
ئابدۇقەييۇم ئىمىن خىزمەت تارىخىدا ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە››، ‹‹مىراسخور››، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››، ‹‹غەربكە ساياھەت››، ‹‹قايتۇرما زەربە››، ‹‹سۇڭ جياڭ››، ‹‹قاراڭغۇ ئورماننىڭ سىرى››، ‹‹ھەرەمخانا››، ‹‹ئۇرۇش ۋە تىنچلىق››، ‹‹ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر››، ‹‹گېنېرال پاتتون››، ‹‹ۋاپادار ئايال›› قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ، ئاجايىپ يارقىن ئوبرازلارنى ياراتتى. ئۇ ئاۋاز بەرگەن پېرسوناژلار خىلمۇخىل ۋە مۇرەككەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېتۈك ئىپادىلەش ماھارىتى بىلەن بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىق ھالدىكى ئوبرازلار مەيدانغا كەلدى. ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە›› ناملىق فىلىمدىكى گۈەن يۈ بىلەن ‹‹غەربكە ساياھەت›› فىلىمىدىكى تاڭ سىڭلار خاراكتېر ۋە باشقا جەھەتلەردە ئاسمان – زېمىن پەرقلىق ئوبرازلار بولسىمۇ، لېكىن بۇلارغا بىر ئابدۇقەييۇمنىڭ ئاۋاز بەرگەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ‹‹مىراسخور›› فىلىمىدىكى شىرمۇھەممەد، جىرا، راخمان قاتارلىق يەتتە پېرسوناژغا يالغۇر ئابدۇقەييۇم ئاۋاز تۈسىنى ئۆزگەرتىپ ئاۋاز بەرگەن دېسە، كىشى ھەيران قالىدۇ، ئەلۋەتتە.
— كەسپىي ساھەدە قازانغان ئۇتۇقلىرىڭىز بەدىلىگە ئېرىشكەن چوڭ – چوڭ مۇكاپاتلىرىڭىزنى ساناپ بېرەمسىز، – دەپ سورىدىم مەن سۆھبەت ئارىلىقىدا. ئابدۇقەييۇم قولىدىكى تاماكىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىرىماي جاۋاب بەردى:
— تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكەلگەندىن ھازىرغا قەدەر ئاۋاز ئارتىسى، فىلىم رېژىسسورى ۋە فىلىم نازارەتچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەپتىمەن. فىلىم نازارەتچىسى بولۇپ، بۇ كۇرسىدا ئولتۇرغىنىمغىمۇ يەتتە – سەككىز يىل بولدى، يىلىغا تەخمىنەن 500 قىسىمدىن 700 قىسىمغىچە فىلىمنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىمەن، بىر سۆز، بىر جۈملىنىڭ خاتا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىنچىكە زىغىرلايمەن، ھەممىسىگە تەكشۈرۈش پىكرىمنى يازىمەن، بەزىلىرىنى قايتا ئىشلەشكە قايتۇرىمەن، يەنە ئۇ ئىستانسا، بۇ ئىستانسىلارنىڭ نۇرغۇن ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىمەن. مەيلى نېمىلا ئىش قىلماي مەسئۇلىيەتنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن. مەسئۇلىيەت شان – شەرەپتىنمۇ مۇھىم، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ھازىرغىچە ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇكاپاتلارنى كۆزلەپ ئەسەر يوللاشقا كويۇش قىلمىدىم. ئىدارە بويىچە ئىككى قېتىم ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ مۇكاپاتلانغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چوڭ گۇۋاھنامىلىرىم يوق. ئەمما ئىشىنىمەنكى، ئاۋازىم خەلققە ياقسا، خەلقنىڭ يۈرىكىگە تەگسە، خەلق مېنى ئېتىراپ قىلسا، بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ ئالىي مۇكاپاتتۇر.