پولات ئاماننۇرى
دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئۇسسۇل رېژىسسورى، شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى ئەلى مۇھەممەدرېھىم دار ئۈستىدە راۋاب چېلىپ مۇقام ئېيتىشتەك يېڭىچە ماھارەتلەرنى ئىجاد قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ھەم ھۆرمەتلىشىگە سازاۋەر بولدى.
ئەلى مۇھەممەدرېھىم شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى، مۇقام سەنئىتى تەتقىقات ئورنى ۋە شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى قاتارلىق جايلاردا ئىشلەش جەريانىدا كەسپىي ئىقتىدارىنى، ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2003 – يىلى 10 – ئايدا شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىدىن شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ سېرك ئويۇنىنى ناخشا – ئۇسسۇل، مۇزىكا بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىپ، بەلگىلىك نەتىجە ياراتتى. 2004 – يىلى 10 – ئايدا، ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹دارۋاز›› ئويۇنى مەملىكەتلىك 6 – نۆۋەتلىك سېرك مۇسابىقىسىدە ‹‹ ئالتۇن شىر›› ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. 2006 – يىلى 10 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 5 – نۆۋەتلىك ياشلار – ئۆسمۈرلەر سېرك مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئىجاد قىلغان ‹‹ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا›› ناملىق سېرك ئويۇنى ئىجادىيەت كۈمۈش مېدالىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىجادىيەتتە ياراتقان يېڭىلىقلىرى بۇ قېتىم تەييارلانغان ‹‹سالام، نەسىردىن ئەپەندى›› ناملىق سېرك كېچىلىكىدە يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى. ئۇ ئىجرائىيە رېژىسسور، باش ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق سېرك كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىشىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. ھازىرغىچە 60 مەيداندىن ئارتۇق قويۇلغان ‹‹سالام، نەسىردىن ئەپەندى›› ناملىق سېرك كېچىلىكى خەلق تىياتىرى تارىخىدا ئەڭ كۆپ قويۇلغان سەنئەت نومۇرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر بىر مەيدان كېچىلىكنى باشتىن – ئاخىر كۆرۈپ، تەكلىپ – پىكىرلىرىنى نومۇر ئورۇنلىغۇچىلارغا ۋاقتىدا ئېيتىپ، قايتا ئورۇنلانغاندا سەۋەنلىك كۆرۈلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇ سېرك كېچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ سېرك كېچىلىكىدە نۇرغۇن سەنئەت ئېلېمېنتلىرى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەچكە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى ھەم دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ كېچىلىكنى <مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئون ئەسەرنىڭ بىرى> بولۇشتەك شەرەپكە نائىل قىلىپ، ئىلگىرى رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ ئون مۇنەۋۋەر ئەسەرنىڭ بىرى بولالماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش... ››.