ئاقىۋەت
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
گەرچە مىنى سۆيەلمىسەڭمۇ،
ياشاپ كەلدىم يەنە ئۈمۈتۋار.
تەقدىر مىنى ئايرىسا سەندىن،
مەۋجۇتلۇقتىن بولارمەن بىزار.
مەن بىلىمەن سىنى گۈلۈمدەپ،
سەن قەلبىمدە ئۆچمەس بىر نىگار.
ئۈزدى كىملەر سىنى ۋاقىتسىز؟
تەنھا قويدۇڭ مىنى ئاھ...دىلدار