Article Center - ماقالە مەركىزى - شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

 


تەكلىماكاننىڭ بۇلۇڭىدا چوڭ بولغان بىزدەك قارا سەھرالىقلار ھەرقانچە باي بولساقمۇ شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز:
بىز نامراتلىقتا ئىشتىنىمىز تىزدىن ئاشماي يۈرگەن چاغلاردا، شەھەرلىكلەر پۈتۈن كىيىنىپ ھەممە يېرىنى دېگۈدەكيېپىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز پۈتۈن كىيىنىپ، ھەممە يېرىمىز يېپىلغۇدەك ھالغا يەتكەندە، شەھەرلىكلەر تىزىدىن ئاشمايدىغان تار ئىشتان، يوتىسىدىن ئاشمايدىغان تار يوپكىلارنى كىيىپ، يەنە بەزىلەر كۆڭلەك - يوپكا كىيمەي ئامالىنىڭ بارىچە بەدىنىنى ئوچۇق قويۇشقا تىرىشىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىز زاغرا ناندىن قۇتۇلالماي چىرايىمىز تاتىرىپ يۈرگەندە، شەھەرلىكلەرئاقنان يەپ چىرايىنى پارقىرىتىپ يۈرەتتى. ئەمدى بىز ئاق نان يەيدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر ئاق ناندىن قېچىپ، زاغرىغا ئىنتىلىدىغان بولۇۋاپتۇ!
  بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنى كاكۇل سۇۋاق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر ئۆيلىرىنى ھاكلاپ ئاقارتىپ، ئىشىك - دېرىزىلىرىنى سىرلاپ ئولتۇراتتى.ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى ھاكلاپ ئاقارتىپ،  ئىشىك - دېرىزىلەرنى سىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەندە، شەھەرلىكلەرنىڭ ھاكلاش، سىرلاش دائىرىسى شىددەت بىلەن كېڭىيىپ، خانىم - قىزلارنىڭچىرايىغايېتىپ،توختىمايچېچىغايامىشىپيەنەئاسمانغا شوتا قويغۇدەكئەلپازىبىلەن ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ!
 بىز بۇرۇن ھاجەتتىن كېيىن ئەۋرىتىمىزنى سۈرتۈشكە چالما ئىشلىتىدىغان چاغدا، شەھەرلىكلەر قەغەز بىلەن سۈرتىدىغان ئىشنى چىقاردى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى ئۆگىنىپ، ئاران دېگەندە كۆنۈۋاتساق، ئۇلار ئەمدى قەغەز بىلەن ئاغزىنى سۈرتىدىغان بولۇۋاپتۇ!
 بىز بۇرۇن ئۆيلىرىمىزنىڭ ئارىلىقىنى يىراق قىلىپ ئولتۇرغاندا، شەھەرلىكلەر تام قوشنا ئۆيلەردە ئولتۇراتتى. بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە قاراپ: «تام قوشنا ئولتۇرسا قېرىنداشلىق مېھرى قانچە كۈچلۈك بولىدىغاندۇ- ھە؟» دەپ قالاتتۇق. ئەمدى بىز ئۆيلىرىمىزنى تام قوشنا قىلىپ رەتلىك سېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىقنى ۋايىغا يەتكۈزگەندە، شەھەرلىكلەرئۆينى يانداشسېلىشتىن ھالقىپ چاقماققەنتتەكتۆپە - تۆپىلەپ سالىدىغان، ئەمما قوشنىلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك قويۇق مۇناسىۋەت قىلمايدىغان، ھەتتا تونۇشمايدىغان بولۇۋاپتۇ!

 بۇرۇن بىزنىڭ ئۆي ۋە ئورگانلىرىمىزنىڭ ھويلىسىدىن شور توپا ئۆرلەپ قاقاس تۇرغاندا، شەھەردىكى ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھويلىسىغا خىش ياتقۇزۇلۇپ، چۆرىسىدە رەتلىك سۇۋادان، تال باراڭلار سايە تاشلاپ باغچىدەك چىرايلىق تۇراتتى. ئەمدى بىز ھويلىمىزغا خىش بېسىپ، مېۋىلىك دەرەخ قويۇپ، تال باراڭلىق ھويلا بەرپا قىلغاندا، شەھەردىكى ئورگانلار ھويلىسىدىكى دەل - دەرەخلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، تۇپراق يۈزىگە سېمونت ياتقۇزۇپ، بۇرۇنقى ئەتىر گۈللەرنى قومۇرۇۋېتىپ، بەزى ھويلىلارنىڭ يېرىمىغا چەت ئەلنىڭ ئوت - چۆپلىرىنى تېرىپ، چارۋىسى يوق يايلاق ياسىۋاپتۇ. قالغان يەرنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان قاقاسلىق» دېسە بولغۇدەككەن!
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيە ۋاقتىدا، كېچىلىرى ئۇخلىماي كەتمەن چېپىپ بىر تېرە، بىر سۆڭەك بولۇپ كەتكەندە، شەھەرلىكلەر كېچىسى ئۆيىدە بەخىرامان ئۇخلاپ بوتىلاقتەك سېمىز تۇراتتى. ئەمدى بىز كېچىسى ئىشلەيدىغان ئوپچە ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمىزگە ئەت قونغاندا، شەھەرلىكلەر «ئورۇقلايمىز» دەپ كېچىدە قوپۇپ كوچىدا يۈگۈرىدىغان، ھەتتا نەچچە قوينىڭ پۇلىغا ئورۇقلىتىش دورىسى ئېلىپ يەيدىغان بولۇۋاپتۇ!
بۇرۇن بىزنىڭ بالىلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دېھقان بولغاندا، شەھەرلىكلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بالىلىرى شەھەردە كادىر بولاتتى. بىزمۇ ئەمدى ئويغىنىپ پۇل تېپىپ، شەھەردە ئوقۇسا كادىر بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نەچچە ئون مىڭ يۈەن خەجلەپ بالىلىرىمىزنى شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، ئۆزىمىزگە كادىر بولۇپ كەلسۇن دېسەك، ئوننىڭ بىرسى بولالىدىمىكىن، قالغانلىرى تاۋىنازۇك دېھقان بولۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىك ساۋاقداشلىرى بىزگە كادىر بولۇپ كېلىدىغان بولۇۋالدى.
بىز بۇرۇن كوپېراتسىيىنىڭ دولقۇنىدا، قۇچاقتىكى بالىمىزنى نائىلاج ئەترەت بەلگىلىگەن بالا باققۇچىغا تاشلاپ بېرىپ يېرىم كېچە بولغاندا ئاران كۆرەتتۇق. بۇ چاغدا شەھەرلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئانىسىنىڭ باغرىدىن ئايرىلمايتتى. ئەمدى بىزمۇ بالىلىرىمىزنى باغرىمىزدىن ئايرىمايدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دولقۇنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، قۇچاقتىكى بالىلىرىنى كېچە - كېچىلەپ باشقىلارغا تاشلاپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ئۆيدە ئوماچ، يوبداندىن يېڭى قۇتۇلۇپ سۇيۇقئاش، لەڭمەنگە تويغۇدەك بولغاندا، شەھەرلىكلەر بازارنىڭ ئاشخانىلىرىدا مەغرۇر ئولتۇرۇپ پولۇ، كاۋاپ يېيىشكە يۈزلەنگەنىدى. ئەمدى بىزمۇ ھاللىنىپ ھەپتىدە بىر ۋاخ بازاردا پولۇ، كاۋاپ يەپ روھلۇق يۈرىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر رېستوران دەپ ئۆگزىدەك بىر يەرگە چىقىپ، قىزىق سەي دەپ سىلوسقا ئوخشايدىغان، سوغۇق سەي دەپ ھەلەپكە ئوخشايدىغان بىرنېمىلەرنى ھەلەق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۆمۈرچى بازغان سوققاندەك غەلىتە ئاۋازلارغا تەڭكەش قىلىپ يېرىم كېچىگىچە يەپ - ئىچىپ، 4 - 5 تاغار بۇغداينىڭ پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىپ، يەنە ئاتتەك روھلۇق چىقماي، لەڭپۇڭدەك ساقىپ لىڭتاسما بولۇپ، نەچچە كېچە - كۈندۈز كارغا كەلمەي كېسەل توخۇدەك مۈگۈدەپ يۈرىدىغان بولۇۋاپتۇ!
بىز بۇرۇن ساپال چىراغ يېقىپ قاپاقتا سۇ ئىچكەندە، شەھەرلىكلەر توك چىراغ يېقىپ، چىلەكتە سۇ ئىچەتتى. ئەمدى بىز توك چىراغ يېقىپ، تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولغاندا، شەھەرلىكلەر قاپاقتا چاي ساقلاپ ئىچىدىغان، ھەتتا بىز تاشلىۋەتكەن ساپال چىراغ، كوزا، ياغاچ ھارۋىنىڭ چاقى، كونا چەكمەن قاتارلىقلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، يادىكارلىق دەپ ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بولۇۋاپتۇ. زادى بىزدەك سەھرالىق تومپايلار شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى توغرا چۈشىنەلمەيۋاتىمىز


(ئاپتور: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)

 

مەنبە:كەڭ ساي تورى

 

2010-يىلى 30-ئىيۇن

         كۆرۈلۈشى:382     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-6-30 20:18:55يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئاقىۋەت
كېيىنكى ماقالە:ھەقىيقى نەپ بىرىدىغان خەۋەر
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号