|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئاپتۇرى : ئابدىجېلىل جاپپار
]_ۋۇ ئىنجىمارۇق ،دەلتە.چىلان تېرىپ كەل دېسەم،بۇ ئەسكى جىگدە يىلىمىنى نەدىن تېرىپ كەلدىڭ ئەمدى.ئاشۇ قاسماق بېشىڭغا يىلىم چاپماقچىمۇ سەن؟تۈفى،سەن مەينەتنىڭ ھالىغا چىچاي.ئاپاڭ دىگەن ئالۋاستىمۇ سەتلىكىگە باقماي ،ھالىنى بۇلىشىغا تارتىپ ئوغلۇمنى ئازدۇرۇپ تېگىۋالغان،ئاخىرى ئوغلۇمنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۆلتۈردى.سەن ساراڭمۇ ھال تارتىپ ئەرگە تېگەي دىدىڭمۇ _يا!؟ مومىسىنىڭ تىل _دەشناملىرى ئاستىدا ئاپپاق قىز كىرپىدەك تۈگۈلۈپلا قالدى. _ھوي دەلتە مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن،زۇۋانىڭغا مەرەز چىقىپ قالمىغاندۇ؟_دېدى يەنە مومىسى ھاسىسىنى دېۋەيلەپ. _با...بارغانتىم،_دېدى ئاپپاق قىز تىترەپ تۇرۇپ،_لېكىن چىلانلىق باغنىڭ ئىشىكى تاقاقكەن،بىر ئاكاش كېلىپ كۈن چىققاندا كېلىڭ دېۋىدى،ساقلاپ تۇرسام توڭلاپ كەتتىم،شۇڭا يېنىپ كەلگەن.بۇ يىلىملارنى يولدىن ئۆتكەچ جىگدىلىكتىن تەرگەچ كەلدىم. _نېمە ؟_سارىغان موماينىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى،_ھەجەپ باشقىلار توڭلاپ كەتمەيدىكەن، سەن توڭلاپ كېتەمسەن؟يەڭ دېسە بىر پاتمان يەيسەن،قولۇڭدىن پوق كەلمەيدۇ،يا سېنى ئۆلتۈرۈپ يىگىلى ۋە ياكى قوي ساتقاندەك بوينىڭدىن باغلاپ،ئۇلاغ بازىرىغا ئاپىرىپ ساتقىلى بولمىسا.سەندەك بىر ساراڭنىڭ ياشىغىنىنىڭ نېمە پايدىسى بۇ جاھاندا؟چىلان تېرىپ كەل دىسەم يا ئويناپ تەرمىسەڭ.ۋاي ئانىمەي،قېرىپ قالغاندا نېمە دەرت بۇ ماڭا.تۇرمۇشۇمنى ئاران قامداپ كېلىۋاتسام،ئاپاڭ دىگەن ئالۋاستى سەن ساراڭنى ئەكەپ قويدى.مانا كەتكىلى توپتوغرا ئىككى يىل بولدى،يا ئۆزى يوق ،يا سۆزى،بەرگەن ئىككىتال پۇلىمۇ تۈگەپ بولدى.سەن پوق تاغىرى يەنە ماڭا ئاشتىڭ.جاھاندا بارى_يوقى ئاشۇ قوشكېزەك ئوغۇللىرىم ئىدى،بىرسىنىڭ بېشىغا ئاپاڭ چىقتى،بىرسى بولسا بەكمۇ يىراقتا ،مېنى ئاسانلىقچە يوقلاپ كەلمەيدۇ.يا دەردىمنى تۆكەي دېسەم چوڭ داداڭ يوق،ئۇمۇ مېنى تاشلاپ كېتىپ قالدى،بۇنى ئاز دەپ سەنمۇ ماڭا تېتىغىلى تۇرساڭ،نېمە دەي بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا! _ماقۇل موما،مەن ھازىرلا چىلان تەرگىلى باراي،_دېدى ئاپپاق قىز سېۋىتىنى قولغا ئېلىپ. _ئۆھۆ...ئۆھۆ..شۇنداق قىل،يەنە قۇرۇق قول كەلسەڭ پاچىقىڭنى چاقىمەن،سېۋەت توشقىچە تەر. _ماقۇل موما،ئەگەر ئىككى سېۋەت تېرىپ كەلسەم، ئاپامنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟ ئۇ قاپقارا كۆزلىرىنى مومىسىغا ئاغدۇردى. _ۋاي كۆزىمگە سەت كۆرۈنمەي يوقىلە،_دېدى موماي زەردە بىلەن،ئاپاڭ ئوينىغانغا تويدى،ئەگەر بۇ چاغقا ئۆلمىگەن بولسا تىلفۇن ئۇرماي تۇرمايتى.يا بىر پارچە خېتىمۇ يوق.ئىش شۇنداق بولغانكىن مېنى قاقشاتماي،تېنىڭگە سىڭگەن ناننى يەپ تۇرغىنىڭ ياخشى.ماڭ ،تېز بار،ھېلى چىلانلارنى خەق تىرىپ بولىدۇ. سارىغان موماي ئاپپاق قىزنى ئىتتىرىپ چىقىرىپ،ئىشىكنى جاق قىلىپ ياپتى. <<ئاپام راستىنلا ئۆلۈپ قالغانمىدۇ>>دەپ ئويلىدى ئۇ...<<ياق،ئاپام قانداقمۇ ئۆلۈپ قالسۇن.ناۋادا ئاپام ئۆلۈپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن؟ئاپام ئۆلۈپ قالغىلى يا ئاغرىپ قالمىسا ياكى قوشنىمىزنىڭ بالىسىغا ئوخشاش ئېرىققا سۇغا چۈشمىسە.ئېرىققا سۇغا چۈشكەن بىلەنمۇ ئاپام چوڭ تۇرسا،سۇ قانداقمۇ قوشنىمىزنىڭ بالىسىنى چۆكتۈرۈپ قويغانغا ئوخشاش ئاپامنى چۆكتۈرۈپ كېتەلىسۇن؟>> ئۆكتەبىر سەھىرىنىڭ سوغوق شامىلى ئاپپاق قىزنىڭ يۇمران يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ،ئۇنىڭ چۇۋالغان چاچلىرىنى يېنىك يەلپۈتەتتى.ئۇ مومىسىنىڭ بەزى سۆزلىرىنى چۈشىنىپ يەتمىسىمۇ،<<ئۆلۈش>>دېگەن گېپىنى غۇۋا چۈشەندى.ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت ئادەم ئاغرىپ قالمىسا،سۇغا چۈشۈپ كەتمىسىلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دىگەن ئۇقۇم بار ئىدى.ئۇ ئۆلۈمنىڭ تۈرىنىڭ جىقلىقىنى،ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ رەزىللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيتى.شۇنداق،ئۇنىڭ ئاپىسى ھەقىقەتەن ئىچكىرگە كىرىپ كەتكەن ئىدى،لېكىن ئوينىغىلى ئەمەس. ئانا ئەقلىگە كېلىپلا ھەدىسىنى ئاپا،ھەدىسىنىڭ يولدىشىنى بولسا دادا دەپ چوڭ بولغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ھەدىسىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىدى،ئاتا_ئانىسى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن،شۇڭا ئۇنى ھەدىسى بېقىپ چوڭ قىلدى.لېكىن ھەدىسىنىڭ قولىنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش نىسىپ بولمىدى.كېين ھەدىسى ئۇنى بىر رېشىلىيە ئىشلەس ئۇستىسىغا شاگىرتلىققا بەردى،لېكىن ئۇ ھۇنەرنى پۈتۈن ئۆگۈنۈپ بولالماستىنلا ئاپپاق قىزنىڭ دادىسى بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ توي قىلدى،لېكىن ئۇ قېينىئانىسىنىڭ،يەنى سارىخاننىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى،ئۇ شۇنچە تىرىشپمۇ قېينىئانىنىڭ <<ئالۋاستى>>،<<ئېزىتقۇ >>دىگەن سۆزلىرىدىن قۇتۇلالمىدى.ئاجرىشىپ كېتەيلى دىسە ئېرى ئۇنىمىدى،ئۇلار ئاخىرى باشقا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتى. كېيىن ئۇ قار ياققان بىر كۈنى ئاپپاق قىزنى تۇغدى،ئاپپاق قىز ئاشۇ قار ياققان كۈنى تۇغۇلغاچقا،ئۇنىڭغا ئاپپاق قىز دىگەن ئىسىمنى قويدى.ئەر_خوتۇن ئىككەيلەن قىزىنى ئارزۇلاپ بېقىشتى.لېكىن قىزى يېشىغا تىگىپمۇ ئايىغى چىقمىدى،ھەتتا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمىدى.ئۇلار قىزنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى ۋە قىزنى دەرھال دوختۇرغانىغا ئاپاردى.ئۇلار دوختۇرنىڭ :<<بالىدا ئىمونىت كەمچىلكەن،نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ>>دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرغان جايىدا قۇزۇقتەكلە قېتىپ قېلىشتى. _دوختۇر،_دېدى ئانا مەيۈس ئاھاڭدا،_داۋالاتساق ساقىيارمۇ؟ _بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيمەن،لېكىن داۋالاتساڭلار كېيىن بالىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇلار تولىمۇ سۇلغۇن كەيپىياتتا دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتى.ئۇلار شۇنچە ئويلاپمۇ قىزىنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمىدى.كېيىن ئۇلار بانكىدىكى بارلىق پۇللىرىنى ئاجرىتىپ قىزىنى داۋالىتىشنى باشلىۋەتتى.بىر يېشىدىن باشلاپ داۋالىنىشقا چۈشكەن ئاپپاق قىز ئۈچ ياشقا كىرگەندە مېڭىپ،ئالتە ياشقا كىرگەندە تىلى چىقتى.لېكىن ئۇ ھەممە گەپنى ئايرىپ قىلالمايتى،شۇڭا دوختۇر ئۇنىڭ داۋاملىق داۋالىنىشىنى تەكىتلىدى.ئاتا ئىقتىساد جەھەتتىن قاتتىق قىيلىنىپ ھەر يانغا قاترىدى،ئانا بولسا قىزنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇردى.كېيىن ئاتا ھېچ يەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالماي،خىزمەت سىتاژىنى سېتىپ ئىدارىسىدىن يېنىپ چىقتى.ئاپپاق قىز ئاتا_ئانىسىنىڭ خەمخورلىقىدا داۋالىنىپ،13 ياشقا كىرىپ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى،لېكىن ئۇنىڭ بۇ روھى_ھالىتى نورمال ئادەمدىن خېلىلا يىراق ئىدى.كېيىن ئاپپاق قىزنىڭ دادىسى يۈرەك سانجىق كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.بۇ چاغدا ئۆيدىكى بارلىق پۇللار تۈگەپ ئانا قىيىن ئەھۋالدا قالدى.ئۇ قىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ساقىيىشى ئۈچۈن ئۇنى بېيجىڭغا ئاپىرىپ داۋالىتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ،پۇلنىڭ ئامالىنى قىلالمىدى.كېيىن ئۇ ئېرىدىن قالغان ئۆينى ساتماقچى بولىۋىدى،ئۆيگە قويغان باھا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىن يىراق بولۇپ چىقتى. كېيىن ئانا ئىشلەپ تېخىمۇ جىق پۇل تېپىپ ئاندىن ئۆينى سېتىشنى قارار قىلدى.ئۇ خېلى جىق يەرلەردە ئىشلىدى،ھەممىلا يەردە بەرگەن ئىش ھەققىي بىر_بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمىگەچكە،ئانا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئېشىنچا قىلالمىدى.ئانىنىڭ شۇنچە بېشى قېتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىر دوستى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىچكىردە ئاشخانا ئاچقانلىقىنى،ئۆزىگە ياردەملىشىپ بەرسە خېلى يۇقىرى ئىش ھەققىي بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئانا دوستىنىڭ بۇ تەكلىپىگە قوشۇلۇپ،ئۆيدە بارى_يوق 3مىڭ يۈئەن پۇلنى ئاپپاق قىزنىڭ بېقىش راسخودىغا ئاتاپ قىزنى ھەدىسىگە تۇتقۇزۇپ ماڭماقچى بولىۋېدى،بۇ گەپنى ئاڭلىغان سارىخان موماي<<ئاپپاق قىز مىنىڭ نەۋرەم،ئۇنى ئۆزەم بېقىپ تۇرىمەن،پۇلنى ماڭا بېرىڭ دەپ غەلۋە قىىلىپ تۇرۋالغاچقا،قىزى بىلەن پۇلنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ كەتكەن ئىدى.ئانا شۇ كەتكىنىچە ئىككى قېتىم تىلفۇن قىلىپ،1000يۈئەن پۇل ئەۋەتكەندىن باشقا بۇ ئىككى يىل جەريانىدا بىرە پارچە خەتمۇ يازمىدى.شۇڭا موماي كېلىنىنى ئەسەبىىي تىللار بىلەن تىللاپ،ئۆلدىگە چىقىرۋەتكەن ئىدى. توغرا،ئانا ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى،لېكىن سارىخان موماي دىگەندەك ئەسكى يوللار بىلەن ئەمەس،قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاپپاق قىزنىڭ ھاممىسى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر مۇنچە چىقىم تارتىپ سىڭلىسىنىڭ مېيىتىنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنى چاندۇرمايلا دەپنە قىلىپ ئاپپاق قىزنى ئۆيگە ئەكىلۋالغان ئىدى.ئۇ سىڭلىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاشكارلاي دېسە سارىخان موماينىڭ خۇي_پەيلىنى ئوبدان بىلەتتى.ھېلىمۇ موماي بۇ ئىشلارنى بىلمەي تۇرۇپمۇ ئاپپاق قىزنىڭ ئاپىسى تۆپىسىدىن بىىر مۇنچە سۆز_چۆچەك تارقاتتى.كېيىن ئاپپاق قىز موماينىڭ ئۆيىدە تۇرىمەن دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرۋالدى،ئۇنىڭ ھاممىسى ئامال قىلالماي،ئۇن_ياغ ،پۇل_پىچەك بىلەن ئاپپاق قىزنى مومىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىپ قويدى.ئاپپاق قىز مومىسىنىڭ شۇنچە ئەسكىلىكىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيتى،مومىسى ئۇنى ئۇرۇپ_دۇمبالاپ بولۇپ بىر قانچە تال قاق بېرىپ بەزلەپ قويسىلا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى. ئاپپاق قىز ئېغىر قەدەملەر بىلەن سېۋەتنى كۆتۈرۈپ باققا كىرىپ كەلدى.باغدا ھەقىقەتەنمۇ چىلان پاساڭ قىلىۋاتقانلار كۆپ ئىدى،ئۇ ئاشۇ ئادەملەر توپىغا قېتىلىشتىن قورقتى،چۈنكى ئۇنى دائىم باشقىلار ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلاتتى.ئۇ باشقىلارنىڭ ھەم مومىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى ساراڭ دەپ تىللايدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ساراڭ دەپ تىللاۋاتقان روھىي_ھالىتىگە قاراپلا بۇ گەپنىڭ ياخشى گەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتى.بەزى بالىلار بولسا ئۇنى كۆرگەنلا يەردە تاش _چالمائېتىپ سۈر_توقاي قىلۋېتەتتى.شۇڭا ئۇ بۈگۈنمۇ شۇ ئادەملەر توپىغا قېتىلىشنى خالىماي،باغنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى_دە،قويۇق خازاڭلار ئارىسىنى تەمەچ بىلەن ماتلاپ چىلان ئىزدەشكە باشلىدى.
[1] [2] [3] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2823 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/25 17:58:55 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|