|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
_ھوي،ئاپپاق قىز،_چاقىردى بىرەيلەن.ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادەملەر توپىغا قاراپ ئۆزىنى بىر ئايالنىڭ چاقىرۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قورقۇمسىراپقىنە ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى. _نېمىشقا يالغۇز تېرىسىز،بىللە تەرمەمدۇق_دېدى ئۇ ئايال.ئاپپاق قىز ئۈندىمىدى. _بىز بىلەن بىللە تەرسىڭىز مومىڭىز ئۇرامدۇ يا سىزنى؟ _ياق،_دېدى ئاپپاق قىز،_مومام سېۋىتىم توشمىسا ئۇرىدۇ،بولمىسا ئۇرمايدۇ. _ئاپىڭىزدىن خەۋەر بارمۇ؟_سورىدى ئۇ ئايال يەنە. _بىلمەيمەن. _ئۇ قاچان كېلىدىكەن؟ ئاپپاق قىز يەنە <<بىلمەيمەن>>دېگەن قىياپەتتە بېشىنى چايقىدى. _بېچارە،يالغۇز ئويناپ زېرىكىپ كېتىدىغانسىز ھە!مومىڭىز يا كۆيۈنمەيدۇ سىزگە. _ياق،دېدى ئاپپاق قىز،_باشقا چاغدا زېرىكمەيمەن.شۇ مومام مېنى قازناققا سۇلاپ قويغاندا زېرىكىپ كېتىمەن. _توۋا،مومىڭىز تېخى سىىزنى قازناققا سولاپ قويامدا؟_سورىدى ئايال قىزىقىپ. _شۇنداق،مومام ئوچاقنىڭ كۇلىڭىغا توخۇم كۈمۈپ،تۇخۇملار پوڭ قىلىپ ئېتىلغان چاغدا ئېتىلىپ كەتكەن توخۇملارنى ماڭا بېرىپ ئاندىن مېنى قازناققا سولاپ ئىشىكنى قولۇپلاپ قويىدۇ. _نېمىشقا ئەمدى،مومىڭىز سىزنى نېمىشقا سولاپ قويىدىكەن؟ بىلمەيمەن،مېنى سولاپ قويۇپ تۈڭلۈكتىن ئاي يۇرىقى چۈشكەندە مومامنىڭ بىر ئەر كىشى بىلەن كۇسۇرلاشقىنىنى بىلىمەن. _ھە،مۇنداق دەڭ. ئەتراپتىكى بولۇشقان گەپنى ئاڭلاۋاتقانلار ئاپپاق قىزغا ھەيراب بولۇپ قاراشتى،بەزىلىرى ياقىلىرىنى چىشلەپ توۋا دېيىشسە،بەزىلىرى نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كۇسۇلدۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتى. _بولد ى ئەمدى كېتىڭ،_دېدى بايامقى ئايال سېۋەتتىكى چىلانلارنى ئاپپاق قىزنىڭ سېۋىتىگە تۆكۈپ،_بۇنى ئاپارسىڭىز مومىڭىز تىللىمايدۇ. _ماقۇل،_دېدى ئاپپاق قىز چىلانلارنى ئېلىپ،_ئەمىسە مەن كەتتىم. _نېمانداق تېز كېلىپ بولدۇڭ،ئوغۇرلىمىغانسەن؟_ دېدى مومىسى ئاپپاق قىزغا گۇمان بىلەن قاراپ. _ياق،_دېدى ئۇ قورقۇمسىراپ،_بىر ئايال بەردى. _شۇنداقمۇ؟ئۇ ئايال ئەجەپ ساڭا چىلان بېرىپتا،تۇنامتىڭ يا ئۇنى؟ _ۋايتاڭ،مەنمۇ بىلمەيمەن شۇ،_دېدى ئاپپاق قىز تىرنىقىنى تاتىلاپ. بۇ يىل سوغوق بۇرۇنلا چۈشۈپ كەتتى.نويابىر ئېيىنىڭ كىرىشى تەڭلا شىۋىرغانلىق شامال چىقىپ،ئېرىق_ئۆستەڭدىكى سۇلار ئەينەك قېلىنلىقىدا مۇز تۇتتى.جاندىن ئۆتكۈدەك سوغوق دەستىدىن ئۇچار قۇشلارمۇ ئۇۋىسىدىن چىقماي تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى.نويابىر ئېيىمۇ ئۆتۈپ،دېكابىرمۇ كەلدى.مۇشۇنداق سوغوق كۈندە ئاپپاق قىز دىر_دىر تىترەپ جاڭگاللىقتىن ئوتۇن تىرىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قوللىرى سوغوق دەستىدىن قىزىرىپ ،يۈز_كۆزلىرىنى سۇس قىرو باغلىغان ئىدى.ئۇ توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى پات_پات ئېغىزىدىن چىققان ھور بىلەن ھورداپ قويۇپ،يەنە ئىشنى داۋام قىلاتتى.ئۇ ئىسسق ئۆينى سېغىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى،لېكىن بىر قۇچاق ئوتۇن تەرمەي ئۆيگە قايتسا مومىسىنىڭ كۆزلىرىدىن قورقۇپ مەشنىڭ يېنىغا بېرىشىغا پېتىنالمايتى.ئۇ ئۇتۇننى تىرىپ بۇلۇپ ئۆيگەكىرىشىگە مومىسىنىڭ ھاسىسى بېشىغا قاتتىق تىگىپ،يېرىلغان جايدىن قانلار شۇرقىراپ ئېقىپ يۈز كۆزلىرىنى بويىۋەتتى. _ھۇ ساراڭ،_دېدى مومىسى،_دۈشمەن نەدە،قوڭنىڭ تۆشىكىدە دەپ مېنىڭ تۇخۇم كۆمگەنلىكىمنى،ئۆيگە بىر ئەرنىڭ كەلگەنلىكىنى نېمىشقا خەققە دېدىڭ،ئېيتە؟_سارىخان موماي ھاسىسى بىلەن ئاپپاق قىزنى يەنە بىرنى سالدى،_گەپ قىلە،كىمگە دېدىڭ. -مە...مەن ئاپپاق قىز گەپ قىلالماي قالدى. _ھۇ دۆت ساراڭ ،بەرگەن ئاش_نانلىرىم مۇڭگۈ بولۇپ چىقىپ مېنى ئۈسكىدەك بولدىڭما؟سەن..سەن...ساراڭ ئەمەسكەنسەن،سەن بىر ئىشپىيۇن،سەن بىر زامان سارىڭى،چىق،يوقال! ئاپپاق قىز پۇتىغا تەككەن قاتتىق تاياق بىلەن تەڭ سىرىتقا قاچتى.ئۇ شۇ قاچقان پېتى مەھەلىنىڭ چېتىدىكى جىگدىلىككە بېرىپ يىغلاپ ئولتۇردى.ئۇ توختىماي ئاپىسىنى چاقىردى،لېكىن ئاپىسى ھە دېمەيتى.ئۇ ئاپىسى كېلىدىغاندەك كەچ بولغۇچە بۇ يەردە ئولتۇردى،لېكىن ئاپىسى كەلمىدى.كەچ كىرىپ ئاي بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن مارىغان چاغدا سوغوق كۈچىيىپ،ئۇنىڭ جان_جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدى ۋە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە كەلدى.لېكىن ئۇ شۇنچە غەيرەت قىلىپمۇ ئۆيگە كىرىشكە پېتىنالمىدى.ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىدىن ئەگىپ كېتەلمەي تۇرغىنىدا ئۇنى كۈچلۈك بىر قول تۇتتى.بۇ دەل مومىسىنىڭ ئاشنىسى،مۇشۇ مەھەلىدىكى ساۋۇت بويتاقنىڭ قولى ئىدى.ئۇ 37 ياشقا كىرىپمۇ خوتۇن ئالمىغاچقا،كىشىلەر ئۇنىڭغا بويتاق دىگەن لەقەمنى قويۇپ قويغان ئىدى. _ئاپپاق قىز،خان،بۇ يەردە نېمە ئىش قىلپ يۈرۈيسىز؟_دەپ سورىدى ئۇ پەس ئاۋازدا. _ھېچ،ھېچنىمە. ئاپپاق قىز چۆچۈپ كەينىگە داجىدى. _قورقماڭ،_دېدى ئۇ ئاپپاق قىزنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ،_مەن ياخشى ئادەم،مەن مومىڭىزنىڭ دوستى،قېنى ئېيتىڭە،نېمىشقا ئۆيگە كىرمەيسىز؟ _ئۆيگە كىرسەم مومام ئۇرىدۇ،شۇڭا بۇيەردە تۇردۇم. _نېمىشقا ئۇرىدۇ؟_سورىدى ساۋۇت. ئاپپاق قىزنىڭ ئاغزى ئۈمچەيدى: _بىلمەيمەن. _ئەمىسە بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى،بىزنىڭ ئۆي بەك ئىسسىق،بۇ يەردە تۇرسىڭىز توڭلاپ كىتىسىز،بۇلامدۇ؟ _سزنىڭ ئۆيىڭىز قەيەردە؟_دېدى ئاپپاق قىز ئۇنىڭغا قاراپ. _مۇشۇ ئەتراپتا.بىزنىڭ ئۆيدە جىق ئۇيۇنچۇقلار بار،ئۆيگە بارسىڭىز سىزگە بېرىمەن. _ماقۇل ئەمىسە. ئاپپاق قىز ئۇنىڭغا ئەگشتى. سارىخان مومايغا ساۋۇت كېلىمەن دەپ قويغاچقا،ئۇ ئوچاققا تۇخۇم كۈمۈپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ،ئاللا بۇرۇن ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئاپپاق قىز ساۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى،ساۋۇت تىزلا ئۆيگە ئوت قالاپ جىن چىراقنى ياقتى،جىن چىراقنىڭ ئاجىز نۇرلىرى بۇ كۈلتۈك ئۆينى سۇسقىنە يۇرۇتۇپ تۇراتتى. _قېنى،بۇ ياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ،ساۋۇت ئاپپاق قىزنى مەشنىڭ يېنىغا تەكلىپ قىلدى. -قېنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق بار دىگەنغۇ سىز،يوقكەنغۇ؟! _ھە،ئۇلارنى چاشقان ئەپ قېچىپتۇ،مەن سەل تۇرۇپ سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئويۇنچۇق ئەكىلىپ بېرەي،بولامدۇ؟ _ماقۇل. بىر ھازادىن كېيىن ساۋۇت كاڭ ئۈستىگە قېلىن قىلىپ يوتقان_كۆرپە سالدى. _قېنى كىيىملىرىڭىزنى سېلىپ بۇ يەردە يېتىڭ. _ياق،مەن تۇنىمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە ياتسام مومام ئۇرىدۇ مېنى،_دېدى ئاپپاق قىز. _ئاللا،ياتسىڭىز نېمە بوپتۇ،مەنمۇ مومىڭىزنىڭ ئۆيىدە ياتىمەنغۇ،بىز دىگەن دوست تۇرساق.سەل تۇرۇپ قىززىق ئۇيۇن ئوينايمىز تېخى،_دېدى ساۋۇت مەشنىڭ ئۈستىگە بىر چۆگۈن سۇنى قويىۋېتىپ. _ماقۇل ئەمىسە ياتاي. ئاپپاق قىز ھېچنىمىنى سەزمىگەن ھالدا يوتقانغا كىردى. _ئىسسىدىڭىزمۇ؟بايا بەك توڭلاپ كېتىپتىكەنسزكەن. _ھەئە،ئىسىدىم. _ياخشى،ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى ئىسسىيلى ھە،_دېدى ساۋۇت كىيمىنى سېلىپ يوتقانغا كىرگەچ.
ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:2938 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 17:58:55 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|