|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
بىر كېچىلىك مۇھەببەت ....
ھىكايە
مېنى مۇنچە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازابقا قويغۇچى ئەشۇ ئەرنى ئويلىغىنىمدا ئۇنى چايناپ - چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كېلىدۇ. ئەگەر ئۇچرىتىپلا قالىدىغانلا بولسام چوقۇم پىچاق بىلەن قيما - چىيما قىلىۋەتمىسەم، دېگەندەك خىياللار بېشىمنى ئەگىپلا يۈرۈيدۇ ... تۇرۇپ ئۆز - ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىپ چاچلىرىمنى يۇلۇپ يىغلاپ كېتىمەن . ئۆز ئۆزۈمگە ئۆزۈم مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغاندىن كېيىن ئۆزۈمگىمۇ ھەق .....
زېرىكىش ئېلىپ كەلگەن بالا - قازا
مەن ۋە ئۇغۇل دوستۇم قۇدرەت ئىككىمىز ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىككىنچى يىلللىقىدا تونۇشقان ئىدۇق. ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولۇپ، ساۋاقداشلىرىمىز ۋە ئۇستازلىرىمىزنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ ئوقىغان ئىدۇق. بولۇپمۇ قۇدرەتنىڭ ئوقۇشى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، مەكتىپىمىزدىكى ساناقلىق ئۆگىنىش سەركىلىرىنىڭ بىرى ئىدى ... ئىككىمىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزمۇ چوڭقۇر بولۇپ، بىر - بىرمىزگە تولىمۇ سادىق ئىدۇق. قۇدرەت ئۆگىنىشتە ماڭا كۆپ ياردەم قىلاتتى ، شۇنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك ، سىنىپىمىزدىكى قىزلار ئارىسىدا مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەممۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىدى. ئىشقىلىپ قۇدرەت بىلەن ئۆتكەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى ... شۇنداق قىلىپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن شەھرىمىزدىكى مەلۇم بىر ئىدارىگە ئىشخانا خادىملىقىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم . قۇدرەت بولسا مەكتىپىمىزنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بېيجىڭدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستېرلىقتا ئوقۇشقا ئىۋەتىلىدىغان بولدى . مەن تۇرۇپ خۇش بولسام تۇرۇپ جىمىپ قالاتتىم . قۇدرەتنىڭ ماگىسترلىقتا ئوقۇپ كېلىپ، مەكتىپمىزگە غوللۇق خادىم بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ شادلانسام، ئۇنىڭ ئوقۇش مۇددىتنىڭ 3 يىل بولىدىغانلىقى ، دېمەك ئۇنىڭدىن 3 يىل ئايرىلىپ ھېجران ئازابى تارتىدىغانلىقىمنى ئويلىسام ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كېتەتتى . ھەتتا كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەپمۇ قالاتتىم . - قۇدرەت ، ئۇنى ئۇزاتقىلى چىققاندا، مېنىڭ ئازابلاۋاتقان ھېلىقى سۆزنى دەپ تاشلىدىم ، - ئەمدى كەتسىڭىز 3 يىلغىچە قايتىپ كەلمەيدىكەنسىز، بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزگىرىپمۇ قالارسىزمۇ ؟! ... - بۇ نېمە دېگىنىڭىز ، سىز بىلەن مەن تۈنۈگۈن تونۇشقاندەك ، مەن قۇدرەتنى چۈشەنمەيدىغاندەكلا گەپ قىلدىڭىزغۇ ؟! بىمەنە ئويلاردا بولماڭ ، ماڭا ئىشەنمىسڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ .... ھەئە، ئۇ بېيجىڭغا ئوقۇشقا كەتتى ، مەن بۇ شەھەردە ھۇقۇشتەك يالغۇز قالدىم ، ئاتا - ئانا ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم بولسا يىراقتىكى بىر سەھرادا ئىدى. قۇدرەت كەتكەندىن كېيىنكى كۈنلۈرىم بارغانسېرى كالا سۆرىگەن ھارۋىدەك تەستە ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. كۈندۈزى خىزمەت بىلەن مەلەك بولۇپ ئوڭاي كەچ قىلساممۇ ، كېچىلەرنىڭ تاڭغا ئۇلاشمىقىم بەك تەس ئىدى. ياتىقىمنىڭ تام - تورۇسلىردىن مۇڭ تۆكۈلۈپ مېنى قىينايتتى ، ئىختىيارسىز قۇدرەت بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئويلاپ تولغىناتتىم ... قارا بېسىپ ئويغىنىپ كەتكەندە ، تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ تاڭ ئاتقىچە يىغلاپ چىقاتتىم، مىسلىسىز يالغۇزلۇق، زېرىكىش جېنىمدىن ئۆتەتتى ... قۇدرەتكە تېلفۇن ئۇرمايدىغان كۈنۈم يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساملا يغا تۇتاتتى.... كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ، مانا قۇدرەتنىڭ كەتكىنىگىمۇ 9 ئاي تولۇپتۇ ، نېمە دېگەن ئۇزاقتا ئۆتكەن 9 ئاي ھە ؟! ... ئىدارىدىن مېنىڭ رايونمىزنىڭ شىمالىدىكى بىر ئاۋات شەھەرگە ھەپتىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتىنىشىشقا ئىۋەرتتى . كۈندۈزى يىغىنغا قاتنىشىش، كېچىسى مۇڭسىراپ ياستۇق قۇچاقلاپ تاڭنى كۈتۈش ... يىغىننىڭ ئۈچىنچى كۈنى ئىختىيارسىز كاللامغا مېھمانخانىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى بەزمىخانىدا سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ ، مۇزىكا ئاڭلاپ كۆڭلۈمنى بەزلەش خىيالىغا كېلىپ قالدىم . قويۇق ياۋرۇپاچە ئۇسلۇبتىكى تولغۇما ئۇسسۇل مۇزىكسى ياڭراتقۇلاردىن ياڭراپ تۇراتتى ، زالنىڭ ئوتتۇرىسىدا جۈپ - جۈپ قىز - يىگىتلەر مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ تولىغىما ئۇسسۇل ئوينىشىۋاتاتتى . مەن سەل ئەيمىنىپرەك ، زالىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپگىرەك جايلاشقان ئىككى كىشىلىك ئورۇننى تېپىپ جايلىشىپ، كولا ئىچكەچ ئەتراپقا قارىدىم . بەزمىخانىدىكى ھەممىلا كىشىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆترۈڭگۈ - جۇشقۇن ئىدى، پەقەت مەنلا ناھايىتى چۈشكۈن ، تۇرۇپلا ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىمىزدا مەكتەپ تانسخانىسىدا قۇدرەت بىلەن تانسا ئوينىغان ئەشۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلەپ ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولۇپ كەتتىم . - مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىر قول تانسا ئوينىغان بولسام ... تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن خيالدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي مەڭدەرەپ قالدىم . كۆز ئالدىمىدا كېلىشىملىك بىر يىگىتىپ ئېگىلگەن ھالەتتە بىر قولىنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپتۇ .... كاللامدىن چاقماقتەك چېقىن يېنىپ، قۇدرەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر ،بېرىشكەن ۋەدىلەر يالت قىلىپ ئۆتكەندەك قىلدى ... - مۇمكىن بولسا، سىز بىلەن بىر قول تانسا ئوينىغان بولسام ... تەكرارلانغان تەكلىپ تۈپەيلى خياللىرىم چۇگۇلۇپ، ئەس - ھۇشۇمنى يۇقىتىپ قويدۇم ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدىم . ئۆزۈممۇ تۇيماستىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاپتىمەن، ئارقىمغا يېنىپ ئولتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ... لېرىك مۇزىكىغا يېنىك قەدەملەر بىلەن تانسا ئويناۋاتىمىز ، كاللامدا يەنىلا شۇ قۇدرەت ، ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئوينىغان دەملەر ، مېڭەم قوماچتەك قوچىلىپ، گوياكى ساراڭ ياكى مەسكىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىم . شۇنداق قىلىپ ھېلىقى يىگىت بىلەن بىرقانچە مەيدان تانسا ئوينىدۇق، تانسا ئارىلىقىدا بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاغدىن - باغدىن پاراڭلاشتۇق ، مەن ئۈچۈن ھەممە ئىشلار گوياكى چۈشتەك .... ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارايتتى ، كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان دەملەردە بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ، ئاجايىپ بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمنى ئورۇۋالاتتى ... تاڭ ئاتقاندا ياتىقىمدا ئۆزۈم يالغۇز قاپتىمەن، كېچىدىن بولغان ئىشلارنى ھېچ ئەسلىيەلمەيتتىم ، قاباھەتلىك بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك تەرلەپ چىلىق - چىلىق بولۇپ كەتتىم، ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنچىلىك نەپرەتلىنەتتىم ، چاچلىرىمىنى يۇلۇپ، باشلىرىمنى تاملارغا ئۇراتتىم ، مەن ھەتتا ئاخشامقى يىگىتنىڭ كىملىكىنىمۇ، ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتىمغۇ؟ تاڭ ئاتقاندا ئىنسى - جىن يوق ، خۇددى ھېچ ئىش سادىر بولمغاندەك ... ئەمما ، مەن بۇلغانغان ئىدىم ، ئۆز- ئۆزۈمنى بۇلغاپ قۇدرەتگە بولغان مۇھەببىتىمگە ئاسىيلىق قىلغان ئىدىم ، مەن شۇتاپتا دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددىي خيانەتكار ئىدىم ، مەن ئۈچۈن ئۆلۈممۇ ئازلىق قىىلاتتى . شۇندىن باشلاپ كەيپىياتىم تېخىمۇ ئۇساللاشتى ، ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېسابلاپ، باغرىم ئۆرتىنەتتى ، قۇدرەتگە قايسى يۈزۈم بىلەن قارارمەن، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرەرمەن، دەپ پۇچلىناتتىم .... گۇناھ تۇيغۇسىغا قوشۇلۇپ يالغۇزلۇق مېنى مىسلىسىز دەرىجىدە ئازابلايتتى ، گاھىدا ئۆز جېنىمدىن ئۆزۈم تويۇپ قالاتتىم ، ھەر قېتىم قۇدرەت بىلەن تېلفۇن ئارقىلىق كۆرۈشكەندە بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەك سۆز قىلالماي قىينىلاتتىم ، بارا - بارا ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ، پەقەت ھەپىتىدە ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ... يېرىم يىللار ئۆتتى ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاۋۋالقى گۇناھكارلىق تۇيغۇم سۇسلىشىپ ، ھېلىقى كەچتىكى تۇيغۇنى خيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . شۇنداق چاغلاردا تۇرۇپ ئۆزۈمنى تىللاپ قوياتتىم ، تۇرۇپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بانايى - سەۋەبلەر بىلەن بەزلەپ قوياتتىم . شۇنداق قىلىپ ماي بايرىمى مەزگىلىدە ھېلىقى شەھەرگە دەم ئېلىش ئۈچۈن باردىم ۋە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېلىقى مېھمانىخانىغا ئورۇنلاشتىم . كەچتە 3 - قەۋەتكە جايلاشقان بەزمىخانىغا چۈشتۈم ، كۆزلىرىم ھېلىقى ناتونۇش يىگىتنى ئىزدەيتتى ، ئەمما ئۇ يوق ئىدى . قەلبىمدە ئۆزۈمگە ماس بولمىغان بىرخىل ھايۋانە غەرەز غەليان قىلاتتى ، بۇ قېتىم كولا ئىچمەستىن چەتنىڭ قىزىل ھارىقىنى ئىچىپ ئولتۇردۇم ، چۈشكۈنلۈك مېنى قىزىل ھاراققا خېلىلا ئوبدان ئۈگەتكەن ئىدى ... بۇندىن يېرىم يىللار بۇرۇنقى كۆرۈنۈش قايتا تەكرارلانماقتا ئىدى ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى باشقا ئەر ئىدى ....
[1] [2] [3] كېيىنكى بەت
|
كۆرۈلۈشى:5581 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/25 17:56:30 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|