Article Center - ماقالە مەركىزى - بىر كىچىلىك مۇھەببەت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


بىر كىچىلىك مۇھەببەت




ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش


كۈز ئايلىرى يېتىپ كەلگەندە، سۇغۇق تەگىدىمۇ تۇيۇقسىز قىزىپ قالدىم ، قىزىتمام ئانچە ئۆرە ئەمەس ئىدى ، تۇرۇپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ، بېشىم قاياتتى ، زۇكام بولۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ، دەسلەپ ئانچە كۆڭلەشمەپتىمەن . قىزىتمام 20 كۈنلەرگىچە يانمىدى ، شۇنداقتىمۇ ئاخىرى ساقايغان بولدۇم . يىل ئاخىرىدا كوچا - كويلاردا، خەلق مەيدانى ، ئىدارە ھويلىسىدا ھەرخىل - ھەرياڭزا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشىۋىقات لوزۇنكا - تاختىلىرى ئېسىلىپ، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشىۋىقات ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ئىدارىمىزمۇ ئىككى قېتىملىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى . نەگىلا بارماڭ شۇ ئەيدىزنىڭ پارىڭى ، ۋاي ئۇنداق يۇقىدىكەنەي ، ۋاي مۇنداق ئېچىنىشلىك ئۆلىدىكەنەي ... دېگەندەك پاراڭلار . مەن بۇلارغا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمەپتىمەن . چۈنكى ئۇ گەپلەرگە قۇلاق سالغۇدەك چول نەدە دەيسىز ، مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق قىلىدىغان ئىشلىرىم دۆۋلىنىپ تۇرسا ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۆزۈمنى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش مۇمكنچىلىكىم بار دەپ خيال قىلاتتىممۇ ؟! ...
بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، ئىشخانىدا دەم ئالغاچ ئىختىيارسىز ھالدا، شىرەيمىگە قويۇپ قويۇلغان گېزىتتىكى ئەيدىزگە ئالاقىدار چوڭ ماقالىنى ئوقۇپ قالدىم . ماقالىدا ئەيدىزگە ئالاقىدار ئالامەتلەرمۇ ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى. تۇيۇقسىز بىر قانچە ئاي بۇرۇن قىزىتىپ قالغىنىم يادىمغا كېچىپ ، پۈتۈن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى . يۈرۈكىم سىقىلىپ، نەپىسىم يېتىشمەيۋاتقاندەك بولۇپ كەتتىم ، تېزلىكتە ماقالىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم . قانداق ئويلمىسام ماقالىدا بايان قىلىنغان ئالامەتلەر مەن ئۆتكەندە قىزىتىپ قالغاندىكى ئالامەتلەرگە بەك ئوخشايتتى . ياق ! ياق .... خىيالىمدىن ئىككى قېتىملىق بىر كېچىلىك مۇھەببەت چاقماقتەك يالت قىلىپ ئۆتتى ، يۈرۈكىم قارت قىلىپ قالدى ، باشلىرىم پىرقىراپ ، پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى ...
قورقۇش ۋە تىت -تىتلىق ئىلىكىدە ئۆزۈم يالغۇز قوشنا شەھەردىكى مەركزىي دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرۈتتىم ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققۇچە بولغان بىر قانچە كۈننى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى . تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبىي دەپ يېزىلغان ئىدى. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي داڭ قېتىپ قالدىم . ئاھ خۇدا - ئەجىبا بۇ مۇمكىنمۇ ؟! ... ئۆزەمنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۇتىۋېلىپ ، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈتتىم ، ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تىنىمسىز دۇئا قىلاتتىم ، يىلىناتتىم ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشپ قېلىشىنى قادىر ئىگەمدىن تىلەيتتىم ، مېنى مۇنچە ئېغىر ئازاب بىلەن جازالىماسلىقنى ئۆتۈنەتتىم .... ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ چىقتى ، ئوخشاشلا مۇسبىي ئىدى. ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاباھەتلىك زۇلمىتى مېنى ئۆز قوينىغا ئالدى. باشلىرىم پىقراپ ، پۇتلىرىم سىقرايتتى ، مەن ئۈچۈن ئاسمانۇ - زىمىن ئالمىشىپ ، ھەممە نەرسە ئۆز ئەكسىنى يوقاتقاندەك يوچۇن بولۇپ كۆرۈنەتتى ... يىغلاي دېسەم كۆزۈمدىن ياش، چىقراي دېسەم زۇۋانىمدىن ئۈن چىقمايتتى . مېڭەم قۇپ قۇرۇق بولۇپ، كاللامدا ئۆلۈمدىن ئېبارەت بىرلا سۆز چۆگىلەيتتى ....
ئۆزەمنى ياتىقىمغا سولاپ ، كارۋات بېشىمغا قويۇپ قويۇلغان ئىككى بوتۇلكا ئۇيقۇ دورىسىغا قاراپ خىيالغا پاتماقتىمەن. ئۆلۈشۈم كېرەك، ھازىرلا ئۆلۈشۈم كېرەك ، دەپ ئويلايتتىم . ئەمما جۈرئىتىم يوق ئىدى، يىراق سەھرادىكى ئاتا - ئانام ، بېيجىڭدىكى قۇدرەت كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى ... ئۆلۈۋالماقنىڭمۇ بۇنچە قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ! باشقىلار ئۆلۈم بارلىق ئازابنىڭ تۈگەللىسى دېيىشىدىكەن، ماڭا ئۆلۈم بارلىق ئازابنىڭ ئەۋجىدەك تۇيۇلۇپ كەتتى . قىسقىسى، مۇشۇنداقلا ھاياتىمنى خۇلاسە قىلىشقا قىيالمىدىم . ئاھ خۇدا ، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ، نەقەدەر قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى قايتىدىن ھېس قىلغاندەك ئىدىم .
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ، ئىدارىغا بېرىپ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ، ئىدارە باشلىقىم ۋە خىزمەتداشلىرىم ھەيرانۇ - ھەس بولۇپ قېلىشتى ، ھەتتا ئىدارە باشلىقىم ھازىرغىچە تەستىقلانمىغان ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىمنى ھازىرلا تەستىقلاپ بېرىدىغانلىقىنى ، مېنى داۋاملىق ئىشلىشىمنى ئۈمىد قىلىدغانلىقىنى بىلدۈردى. مەن چىرايلىق رەت قىلىپ، خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ قايتىپ چىقتىم . ئەتىسى مەن تۇغۇلغان دىيار گۈزەل سەھراغا قاراپ يولغا چىقتىم .
يول بويى ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ، بىپايان يايلاق ، تاغۇ - تاش ، دەريا - ئېقىنلارغا قاراپ خيال سۈرۈپ كەلدىم ، ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەر ئۈچۈن بۇلار ھېچ ئەھمىيەتسىزدەك، ئەمما مەن ئۈچۈن جەننەت سىياقىدا ئىدى ، كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنەتتى يۇ ، قەلبىمنى شەكىلسىز بىر پىچاق تىلغاپ ئۆتەتتى ، چۈنكى مەن ۋاقتىم سانانلىق قالغان ئادەم ئىدىم ....
مېھرىبان ئاتا - ئانام مېنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇرسەن بولۇشۇپ كېتىشتى ، دېمىسىمۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن تېخى ئۆيگە قايتىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇلارغا قارىساممۇ مېنى يىغا تۇتاتتى ، ئۆزۈمنىڭ شۇنچىلىك ۋاقىت ئۇلارنى يوقلاپ تۇرمىغانلىقمنى ، ئوقۇش ۋاقتلىرىمدىمۇ ئۇنى ئۆگىنىمەن - بۇنى ئۆگىنىمەن دەپ تەتىللەردە كەلگىلى ئۇنماي قاقشاتقانلىرىمنى ئويلاپ، ئۆز - ئۆزۈمنى لەنەتلەپ كېتەتتىم . ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئەتراپمىدا پەرۋانىدەك پىرقىراپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ تېخىمۇ ئەلەملىنەتتىم . مەن كۈندە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشاتتىم ، ئانام بىلەن قوشنا - قۇلۇملارنىڭ ئۆيىگە پەتىگە چىقىپ كىرەتتىم . ئەمما ، تۆشۈك تۈۋىگە كېلىپ، ئانامىغا ياردەملىشىپ تاماق ئېىتشىشكە جۈرئەت قىلالمايتىم ، تاساددىبىي بىر يېرىم زەخىملىنىپ، ئۆيدىكىلەرگە ئەيدىز يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ھەزەر قىلاتتىم ... مۇشۇ كۈنلەردە ، ئاتا - ئانامغا ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ بىرۋاق غىزا ئېتىپ بېرىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم ، ئەمما ، رەھىمسىز تەقدىر مېنى ئۇشبۇ ئاددىغىنە ئىمكانىيەتتىنمۇ مەھرۇم قىلغان ئىدى . يېرىم ئايدىن كېيىن مەن بۇ خىل ھالەتكە بەرداشلىق بېرەلمىدىم . بىلىمەن، ماڭىدىغان چېغىم بولۇپ قالغان ئىدى . بۇ ئۆيدە ئۇزۇن تۇرسام بولمايتتى ، ئاتا - ئانام مېنىڭ كېسەل ئازابى تارتقان ئېچىنىشلىق تۇرقۇمنى كۆرمەسلىكى ، تىرىك تۇرۇپ دوزاق ئازابىدا پۇچلانماسلىقى كېرەك ئىدى . ھەممە ئىش مەن بىلەن كېتىشى كېرەك ... مەن قايتماقچى بولغانلىقىمنى ، ئەمدى ئىدارىغا ئەمەس ، بېيجىڭدىكى بىر مەكتەپتە بىر قانچە يىل ئوقۇپ كېلىدىغانلىقىمنى ، ئۆيدىكلەرنىڭ كۆپ ئەنسىرىمەسلىكىنى ئېيتتىم، ئەزەلدىن مېنىڭ تاللىشىم ۋە پىكىرىمگە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتا - ئانام ئۇنىڭغىمۇ رازىلىق بەردى . ئۇلار ئالقانلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىپ مېنىڭ ئامان - ئېسەنلىكىم، بەختۇ - ئىقبالىم ئۈچۈن دۇئا بېرىشتى ، پىشانەمگە سۈيۈپ خوشلاشتى ، ئۇلار مېنى يەنە كېلىدۇ دېگەن ئۈمىدتە ئۇزۇتىشقان بولسا، مەن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم خوشلىشىش تەرىقىسىدە خوشلىشىۋاتىمەن، كۆزلىرىمدە ياش ، قەلبىمدە قان تەپچىيتتى ....
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خالىي بىر كوچىدىن ئىككى ئېغىز كاتەكتەك ئۆينى ئىجارىگە ئالدىم . قۇدرەتكە تېلفۇن ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي ، ئېلخەت يازدىم ، خېتىمدە، مېنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىر يىگىتىنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ، ئەمدى مېنىڭ ئۇنتۇپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم . راست گەپنى قىلسام ئۇنىڭ ئەمدى مېنى ئىزدىمەسلىكىنى، ھەتتاكى خيالىغىمۇ كەلتۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم . ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈملا تۈگىشىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلاتتىم ....

قاباھەتلىك ئاداققىي كۈنلەر


كۈنلۈرۈم ئىجارىگە ئالغان ئۆيۈمدىن چىقماي بۇرۇقتۇملىقتا ئۆتمەكتە . مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئۆز مەنىسى ۋە ئەھمىيتىنى يوقاتقاندەك تۇيۇلماقتا ، ئۆزۈممۇ ھەم ئۆزۈمگە شۇنداق تۇيۇلاتتىم . خىيال ئاسمىنىدا بىرلا خيال ئۈزۈپ يۈرەتتى. نەدىن بولمىسۇن مەن بىلەن بىر كېچىلىك مۇھەببەتلەشكەن ھېلىقى ئەرنى ئىزدەپ تېپىشىم كېرەك ، دەپ ئويلايتتىم . كۆڭلۈمدە ماڭا ئەيدىزنى يۇقتۇرغىنى ئىككىنىچى قېتىمدىكى ئەر دەپ جەزىم قىلاتتىم . ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدىغان - بىلمەيدىغانلىقىنى سورىماقچى ، ئەگەر بىلسە، ئەمدى ئۇنداق ناتوغرا ئىشىنى توختىتىشىنى ، باشقا قىز - ئاياللارنىمۇ مېنىڭ يۇقۇملاندۇرغاندەك يۇقۇملاندۇرۇپ يۈرمەسلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرماقچى بولدۇم . شۇنداق قىلىپ ، ھېلىقى شەھەردىكى ھېلىقى مېھمانخانىغا يەنە كەلدىم ، ھەر كۈنى كەچتە 3 - قەۋەتتىكى بەزىمىخانىغا چۈشەتتىم ، ئەلەم يۇتقاچ ھېلىقى ئەرنى ئىزدەيتتىم، ...

ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] كېيىنكى بەت

         كۆرۈلۈشى:5721     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 17:56:30يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى
كېيىنكى ماقالە:سەبىي قىزنىڭ چۈشى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号