|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى
ھىكايە
سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان. ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى. ئۇلار ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار بىلەن زىنا قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دوزاخ ئوتى ھەر بىر كۈچەيگەندە زىناخور ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. بۇ شەھەرنىڭ داڭلىق بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇ يەردىن 300 مېتىر شەرققە ماڭغاندا ھاجەتخانىلىرى پۇراپ تۇرىدىغان مەينەت ئارقا كوچا، بۇ كوچىدا بىر قېرى خەنزۇنىڭ كونا ئۆيى بار، بۇ قېرىنىڭ باشقا ئىشى يوق، تار ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدۇ. زېرىكىپ كەتسە تالاغا چىقىپ قېرى ئۈلپەتلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدۇ. ئۇ بۇرۇن كۆمۈرخانا قىلغان ئۆيىنى بىر كاۋابچىغا ئىجارىگە بەرگەن. بۇ كاۋابچى پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشكىنىدىن خۇشال. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يالغۇز ئوغلى باشقا شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىشلەمچى ئايالدىن بىرنى قارىتىپ قويغانىدى. كاۋاپچىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە چىرايلىق بىر دۇتاردىن بۆلەك كۆزگە چىلىققۇدەك بىساتى يوق ئىدى، ئەبجەق كارىۋىتى قاتتىقراق ئولتۇرسا سۇنۇپ چۈشىدىغاندەك قىيسىيىپ تۇراتتى، كىر يوتقانلىرىدا مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭدىكى پاكار جوزىدا گۆش پارچىلايدىغان دۇش ۋە پىچاق، پىچاق چاقلىغۇچ، داس، كورا، زىرە، لازا قۇتىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەممە نەرسىسى مايلىشىپ، بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەنىدى. كەچقۇرۇن كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ، پۇلىنى چۆنتەككە سالغان كاۋابچى چۆپقەتلىرىنى تېپىپ، پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايتتى. ئانچە تەلىيى كەلمەيتتى، كۆپ ئۇتتۇرىۋېتىشتىن قورقۇپ جىق پۇل تىكمەيتتى، كېچە 12 گە يېقىن ھۇجرىسىنى تېپىۋالاتتى. ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. قاچان ئويغانسا شۇ چاغدا قوپۇپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-پۇلا يۇيۇپ، گۆش ئالغىلى باراتتى، بۇرۇن ياخشى گۆش قالمايدۇ دەپ سەھەردە بېرىپ ئالاتتى، كېيىن «بۇ خەقلەر پوقلۇق ئۈچەي بولسىمۇ يەۋېرىدىكەن» دەپ چۈشتە بارىدىغان بولدى، بېرىپ بىر ھازا باھا تالىشىپ ئەرزان يېرىدىن ئالاتتى، ئەمما ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ لاتىدەك گۆشلەرنى ئۇششاق پارچىلاپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينىلاتتى، ئاچچىقىدا ئىش خوشياقمىغاندا دۇتتىرىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق پەدىلەرگە چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى: روزىلەم دەيمۇ سېنى قوزىلەم دەيمۇ سېنى باغدا باققان پاقلىنىم دەپ ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى... ناخشا ئۇنىڭغا بىر ئىشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇڭلاندۇراتتى، يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇچۇلايتتى، بۇنىڭدىن چىققان دەرت-ئەلەم ئىسلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشتۇراتتى. بىر چاغلاردا ئۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ نوچىسى، سورۇننىڭ گۈلى ئىدى. ئەمدى مۇشۇ دۇتتىرىنى قۇچاقلاپ كۇلىچى، كاۋابچى بولۇپ قالدى. تويلاردا تۆردە ئولتۇرۇپ، شەپكىسىنى قىڭغىر كىيىپ، شوخ پەدىلەرگە چالغاندا تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىگە مەنىلىك باققان قىزلار باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى. تالاي كېچىلەر ئۇخلاتمىغان شۇ ئايگۇلنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتتى، تەلەپ قويدى، ئېرىشەلمىدى، ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلىدى، ياخشى گەپ ئاڭلىيالمىدى، قىزنىڭ گېپى ئاخىرقى گېپى ئېغىر كەلدى: ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ...قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ. ئۇ ئۆزىنى بىلدى، ئۆزىنى دەڭسىدى، نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆپ بالىجانلىق ئۆيدىن ئايرىلدى، دۇتتىرىنى قويۇپ قويسا بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتىسى شۇ ئاچچىقىدا بۇ «يوغان چۆمۈچ»نى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ سازنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چېقىپ ئېلىشىغا سېتىۋىتەرمەن دەپ ئويلىغانىدى، ساتالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ئۇنىڭغا بىردىنبىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، تاتلىق غايە، ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدىغان نەرسە مۇشۇ ساز ئىدى، ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى مەھەللىدىكى قىزلار ۋە ئايگۇل ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، كەتكىنى كەتتى، شوخ ياشا، قولۇڭنى بەر ماڭا، مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بول...دەپ جاراڭلايتتى. ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققۇسى كەلدى، كىچىكىدە ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندىمۇ ئۇ سۇنىڭ ئەڭ قاينام، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە بېرىشقا ئامراق ئىدى، قاراملىقتىن ھۇزۇرلىناتتى. كۇلىنىڭ ئەڭ چوش شەھىرىگە كېلىپ، يەنىلا ئاشخانىدا ئىشلىدى. ئىچەرمەنلەر، چېكەرمەنلەر، ھاماقەت بىلەرمەنلەر، ۋالاقتەگكۈرلەر، قارغىشتتەگكۈرلەر، نەپسى بالا پاھشىۋازلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدى، قىلمىغاننى قىلدى، ئەمما جاننى سېلىپ بېرىدىغان چاتاق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمىدى، بۇنىڭغىمۇ شۇ قەدىناس دۇتتىرى سەۋەب بولدى، دۇتتار ئۇنى يەنىلا ھاياتلىققا، گۈزەللىككە، ئۈمىدكە باشلاپ تۇراتتى. ئۇ دۇتتىرىنى مەستلەردىن، ئۆلگۈسى كەلگەنلەردىن قانچە ئاۋايلىغانچە، ئۆزىنىمۇ شۇنچە ئاۋايلىدى. بۇنداق قالايمىقان، ئەنسىز كۈنلەردىن ئۇ پەقەت ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلالايتتى، ئاشخانىدا قۇلدەك ئىشلەۋېرىشتىنمۇ زېرىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر كاۋابچىلىقنى تېپىۋالدى.
[1] [2] [3] كېيىنكى بەت
|
كۆرۈلۈشى:3820 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/25 17:55:14 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|