|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئۇ دۇتتىرىنى تەبىئىي تالانتى، ماھارىتى بىلەن شۇندااق كەلتۈرۈپ چالاتتىكى، ئۆزىدىن ئۆزى مۇڭلىنىپ مەست بولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇس بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىنسان يوق ئىدى. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى، ئىشلەمچى ئايال ئۇ مۇزىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتى. ئۇ چېلىپ-چېلىپ ھېرىپ، دۇتتىرىنى يۆلەپ قويۇپ، يەنە كاۋاب ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ئىشلەش قەتئىي خوشياقمىدى. سازغا يارالغان نازۇك، چىۋەر قوللىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈش بىلەن زايە كەتسە بولمايتتى، ئىمكانىيىتى بولسا سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ چىقسا بولاتتى، ئەمما كۆمۈلۈپ قالدى، بۇ يەردە گۆش بىلەن ياغ پۇراپ ئولتۇرماي چارىسى يوق. ئۇ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ تاماكا چەكتى. ئىشلەمچى ئايالمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق تالاغا قاراپ بىكار ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىغا خيال كەلدى: ئاخشام تەلىيى كېلىپ ئازراق ئۇتقانىدى، قىماردا ئۇتقان پۇلنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، مۇشۇ پۇلنى ئاشۇ خوتۇنغا بېرىپ ئىشلەتسە بولماسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېخنىك كەتمەيدۇ، قارا گۆش بىلەن ماينى پاتاڭغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەرسە بولىۋېرىدۇ. ئىشلەمچى ئايال پۇل بېرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دېدى، كاۋاب ئۆتكۈزۈشنى بىر دەمدە ئۆگىنىۋالدى، قولى چاققان ئىدى، بىر زىخ ئۆتكۈزسە بەش پۇڭ ئالاتتى. بۇ پۇل ئوبدان خوش يېقىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ كاۋابچى دېمىسىمۇ ئۆزى ئىزدەپ سوراپ كىرىپ قىلىدىغان بولدى. كاۋابچى گەرچە ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىمۇ، راھەتكە چىقىپ قالدى، سودىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، قىماردىمۇ پات-پات ئۇتۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تەتەينىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئايالغا دىققەت قىلدى، 30 نەچچە ياشلاردىكى تولغان جۇۋان ئىدى، نامراتلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقىلا كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى، ياسىنىپ چىقىدىغان بولسا بەلكىم ئاشۇ فاڭدۇڭ قېرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ دىققەت قىلماي يۈرگەن گەپ. ئەمدى بۇ خوتۇن قانداق بولۇپ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى؟ پايدا-مەنپەئەتمۇ؟ ئاددىي كىيىملەر ئىچىدىكى بەدىنىمۇ؟ كاۋابچى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى، ئۇنىڭغا بارغانسېرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كوچىغا چىقىپ كىرسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى، ھەتتا كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنى خوش قىلىۋىتەتتى. بۇ كىيىملەرنى كىيىپ كاۋابچىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ چىققان ئىشلەمچى ئايال ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتاتتى. بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۇخلاپ قوپقان كاۋابچى ھويلىغا چىقىشىغا قېرىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ كەتتى، ئاندىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىشلەمچى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ، كاۋابچىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى فاڭدۇڭ قېرى ئېچىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئۇنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. «ئوبدان ياساندۇرۇپ قويسام، قېرىغا ئوبدان ياراپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى كاۋابچى ئەلەم بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزىگە كايىدى: « نېمىگە تېرىكىمەن؟ مېنىڭ خوتۇنۇممىدى ئۇ؟ نېمىگە چىدىماي كېتىمەن؟». بىر دەمدىن كېيىن ئىشلەمچى ئايال خىجىللىق ئىلكىدە ئىش سوراپ كىردى، كاۋابچى چۈپەيلىك قىلماي ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ بېرىپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى ماجاڭ ئوينىغىلى تالاغا ماڭغانىدى، كاۋابچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىردى. ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئايال ساغرىسىغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ، يۇمشاق گۆش، مايلارنى مايلىشىپ كەتكەن زىخقا چاققانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كاۋابچى ئۇنىڭ چاترىقىغا قاراپ سالدى، ئايالنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى كىچىككىنە يىرتىلىپ كەتكەنىدى. كاۋابچى كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى، كەينىدىن قۇچاقلاپ كارىۋىتىغا ئەكىلىپ باستى؛ بىر ھازا تىپىرلاشتىن كېيىن كارىۋات سۇنۇپ چۈشتى، ئايال قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، جىمىپ قالدى. ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئايالنى ھۇجرىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ھويلىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈننىڭ جۈمە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىدىن قورقتى. ئەمدى بېرىپ تۇڭگان مەسچىتىدە يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇمىسا مەڭگۈ گۇناھكار بولۇپ قالىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئالدىراپ مەسچىتكە ماڭدى. مەسچىتتە ئۇنىڭدەك يۇيۇنىدىغان كاۋابچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر ھازا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران بىرسىگە كىرەلىدى، ئەمدى يۇيۇنۇپ تۇرۇشىغا مەسچىت باشقۇرىدىغان ئاقساقال« چاققان بول» دەپ توۋلاپ، ئەرۋاھىنى ئۇچۇردى. ئۇ ئالدىراپ غۇسلى قىلىپ، مۇنچىدىن چىقتى، نامازغا ئارانلا ئۈلگۈردى. نامازدىن چىقىپ ئاي-يىللاپ كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن سالام-سائەت قىلىشتى. بىر سائەتتىن كېيىن ھۇجرىسىنى تېپىپ، ئىچىدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، ئەڭ مۇھىمى نەچچە ۋاقىتتىن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن دۇتتارى ئۇرۇپ پارچىلىنىپ ئوتۇندەك قىلىۋېتىلگەنىدى. سىز گويا كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، كۆرۈنۈشلىرى راست. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كاۋابچىسىنى ، ئۇنىڭ چوڭ شەھەرنىڭ قىسىلچاق كاتىكىدىكى بەتتەر ھالىنى كۆرۈۋاتىسىز... لېكىن بۇ پەيتتە سىز ئۇنىڭ ۋەيران بولغان دۇتتىرىغا قاراپ قانچىلىك ئېچىنىپ ياش تۆككەنلىكىنى بىلەمسىز؟ شۇ پەيتتە ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت، مەسخىرىنىڭ ئېتىلىپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟
ئالدىنقى بەت [1] [2] [3] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:3949 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-10-25 17:55:14 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|