قىمار
جامېس خايېك (ئامېرىكا)
نىك سومكىسىدىن بىر مىليون دوللار پۇلنى ئېلىپ قىمار ئۈستىلىگە قويدى.
-قارا رەڭگە تىكتىم،-دېدى ئۇ ئاستاغىنا.
-بولىدۇ،ئەپەندى،-دېدى مەشغۇلاتچى بېشىنى لىڭىشتىپ.
نىك ئۇچىسىخا بىر يۈرۈش بۇيرۇتۇپ تكتۈرگەن كىيىم كيگەن،تەنھەركەتچىدەك بەستىلىك ئىدى.ئۇ ئۆزنى رۇسلاپ تۇردى ،ئۇنىڭ بۇ قىياپىتى ھەدېسىلا بىر مليون دوللار ئېلىپ كىلىپ قىمار ئوينايدىغان كەسپى قىمارۋازغا ئوخشايتى.
لىكىن ئۇ ئىچىدە ئىلتىجا قىلماقتا...
-ئاھ،پەرۋەردىگارىم ،-دېدى ئۇ شىۋىرلاپ،-بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم بۇلۇپ قالسۇن،ماڭا ئامەت نىسىپ قىلغىن،ئىلاھىم،قارا ئۇرۇق چىقىپ قالسىدى...
تەكشۈرگۈچىلەر ئەتە نىكنڭ ئىشخانىسىخا بارىدۇ.نۇرغۇن پۇل نىك دىجورىنلىق قىلغان كۈنى يوقاپ كەتتى.بۇ قېتىمقى قىمار ئۇنڭ شۇ پۇلنڭ ئورننى تولدۇرۋېلشدكى بىردىنبىر پۇرسەت،قىماردا ئۇتىۋالسىلا جازادىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.
-باشلاندى،-دېگىنچە مەشغۇلاتچى قىمار تاختىسنى ئايلاندۇردى.
«ئېھ،پەرۋەردىگارىم،-نىك سۈكۈت ئىچدە ئىلتىجا قىلدى،-ماڭا كەڭچىلىك قىل،سەن بىلسەن،مەن يەنە پۇل ئوغىرلاپ چىقىپ دوغا تىكىۋاتىمەن،ئۆتۈنۈپ قالاي،ئەزىز پەرۋەردىگارىم،ئاخىرقى قېتىم بۇلۇپ قالسۇن،ماڭا ئامەت نىسىپ قىلغىن،ياردىمڭنى ئايمىغىن،شىركەتتىن ئالغان بارلىق پۇللارنى قايتۇرۋىتەي،قەسەم قىلاي،بۇنىڭدىن كىين چۇقۇم ياخشى دادا،ياخشى ئەر،سەممى خىزمەتچى بولىمەن.پەقەت مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇتۇشقا نېسىپ قىلغىىن،قارا ئۇرۇقنى چۈشۈرۈپ بەرگىن».
مەشغىۇلاتچى قىمار تاختىسىغا قويغان كۈمۈش رەڭلىك شارىك تاختىنىڭ قىرىدا چۆرگىلەپ،لەرزان سەكرىمەكتە ئىدى.
«مەن چۇقۇم خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرنى قىلمەن،-دېدى نىك ئىچىدە داۋاملىق،-مەن خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمگىنىم بىلەن،نۇرغۇن ياخشى قوشنللىرىم بار،چېركاۋغا بارسام بولامدىكىن؟يېقىن ئەتراپتا بىرقانچە چىركاۋ بار،مەن ھەتتا چىركاۋ خىزمەتچىسى بۇلۇپ،خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا قاتناشساممۇ بولىدۇ.»
شارىكنىڭ سەكىرەش رىتمى ئاستىلدى.قارا،قىزىل،قارا،قارا،قىزىل،قارا،قىزىل،قارا... نىكنىڭ بۇرۇتىدىن تەر تامچىللىرى تەپچىرىدى.
-ئېھ،پەرۋەردىگارىم،ئۆتۈنۈپ قالاي،قارا،قارا،قارا، دەيتتى ئۇ پىچرلاپ،-چۇقۇم قارا،قارا.
قىمار تاختىسى ئاستىلاپ،شارىكمۇتوختىدى.نىك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى،پەقەت تۇمۇرلىرىدىكى قان ئادەتتىن تاشقىرى تىز ئاقماقتا ئىدى.ئۇ دەھشەت بىر سۈر ئىچىدە مەشغىۇلاتچىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاڭلىدى:
-ئون ئۈچ،قارا!
ئولىشىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.ئۇيۇن باشلىغىۇچى بىر مىليون ئامرىكا دوللىرىنى نىكنىڭ دوغىا تككەن پۇلنىڭ ئۈستىگە قويدى.نىك ناتۇنۇش كىشلەرنىڭ تەبرىكلىرى ئىچىدە مەستخۇش ئىدى.ئۇ ئۆزنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرشىۋاتاتتى،قوللىرى قىمار ئۈستىلىنىڭ قىرىنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى، پۈتۈن بەدىندىكى قاننىڭ مېڭسىگە قاراپ ئېقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى.
«مەن ئۇتتۇم!-دەپ ئويلىدى ئۇ،-قېنى،ئويلاپ باقاي،ئاۋۋال يەتتە يۈز ئەللىك مىڭ دوللارنى ئىشلتىۋالغانىدىم،يەنە بىر مىليون دوللارنى بۇ يەردە قىمار ئويناشقا ئىشلەتتىم،دىمەك شىركەتكە بىر مىليون يەتتەيۈز ئەللىك مىڭ دوللار قايتۇرۇشۇم كىرەك،ھازىر ئالدمدا ئىككى مىليون دوللار بار،شۇڭا...ئېشىپ قالغان ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ دوللار»
نىك ئىچ-ئىچىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى،بۇنداق كۈلۈمسىرمىگىنىگە خېلى زامانلار بولغان ئىدى .ئۇ ھازىر ئومۇمنىڭ پۇلىغا خىيانەت قىلىش جىنايىتىدىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن ،يەنە بىردىنلا چارەك مىليۇنغا ئايلاندى.
«ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ دوللار ،مەن بۇ پۇل بىلەن... ھەئە، ئاز بىر قىسىمىنى خەيىر __ساخاۋەت ئۇرۇنلىرىغىا ئىئانە قىلاي،بەلكىم بىرەر چىركاۋغا ئىئا قىشىم مۇمكىن،ئاندىن خوتۇنۇم دوروتى بىلەن باللىرىمنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقاي،-ئارقىدىنلا ئۇ ئويلىنىپ قالدى،-دوروتىغىا نېمە دەيمەن؟ئۇ گۇمانلىنىپ قالماسمۇ؟ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشنى خالىمايمەن...بىراق شېررىل خانقىز،يەنە بىر تەرەپتىن...»
ئون توققۇز ياشلىق شېررىل نىكنىڭ خىزمەتچىسى .ئىدى،دائىم ئۇنىڭغا قاش-كۆزلىرنى ئوينىتىپ يۈرەتتى،نىكنى بۇزغىىنمۇ دەل شۇ شېررىل ئىدى.نىك خۇتۇنى بىلەن تىلفۇنلشۋاتقاندا،شېررىل نىكقا ئۆزنىڭ ئاپئاق كۆكسىنى كۆز-كۆز قىلپ قۇياتتى.ئۇنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن نىك يۈركىنى توم قىلىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغاچېقلدى،پۇلنىڭ كۆپ قسمنى شېررىلغا خەجلەپ بەردى،يەنە ئىشخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا شېررىلغا يۈرۈشلۈك ياتاق ئىجارە ئېلىپ بەردى.
ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ دوللار ھارام پۇل باربولدى، ئەمدى نىك شېررىل بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.بۇ پۇلنى دوروتىقا ئېيتىشنىڭ ھاجتى يوق،پۇللارنىڭ ھەممىسنى شېررىلغا خەجلەپ بەرسە بولىدۇ.دوروتىغا ئىلگىركدەكلا خىزمتتىن كېيىن قايتىمەن ياكى ھازىر سودا ئىشى بىلەن سىرتتا،دەپ قويسىلا بولىدۇ.دوروتى ئادەتتەباللىردىن خەۋەر ئېلىشبىلەن ئالدىراش ،بۇنى سەزمەيدۇ...
تۇيۇقسىز،قۇلاقنى يارغۇدەك بىر ئاۋاز نكنىڭ خيالنى بۆلىۋەتتى.
-يىگىرمە بەش،قىزىل!
ئەتراپتىكى كىشلەر خورسنغىنىچە ئاستا-ئاستا تارقىلىپكەتتى.بىر قانچە ئادەم كېلىپ نىكنىڭ مۈرىسىگەيېنىك ئۇرۇپ،ئۇنڭغا تەسەللى بىرشتى.بىر ناتونۇش كىشى نىكقا:
-ھەي،ئەپسۇس!-دەپ قويدى.
ئارقىدىنلا مەشغۇلاتچى ئۇنىڭ ئككى مىليون دوللىرنى ئېلىپ ماڭدى.
-ھەي،-ۋارقىردى نىك،-پۇلۇمنى نەگە ئاپىرسەن؟ -كەچۈرۈڭ،ئەپەندى،-مەشغۇلاتچى نىكنىڭ پۇلنى رەتلىگەچ دېدى،-غەيرىتڭىزگە تولىمۇ قايىلمەن،لېكىن كېيىنكى قېتملىق قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويدىڭىز. –كېيىنكى قېتملىق قىمار؟ۋارقىرىدى نىك،-ياق،ياق،مەن يەنە ئويناشنى ئويلاپ باقمىغان،مەن پەقەت بىردەم شېرىن خىيالغا غەرق بولۇپ،پۇلۇمنى يغىۋېلشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،-نىك سۆزلىگەچ پۇللىرىنى يغۋالماقچى بولۇپ قوللىرىنى سوزدى.
مەشغۇلاتچى نىكنى بىلىكىدىن سىلكىۋەتتى.
-پۇلۇڭ قىمار ئۈستىدە بولسىلا،ئويناشنى ئويلىغان ياكى ئويلىمغان بۇلۇشىڭدىن قەتئىنەزەر،سېنىڭ داۋاملىق ئوينايدىغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ،بۇ دىگەن قائدە،-دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ،ئارقىدىن ھىسداشلىق ئارلاش كۈلۈمسىرەپ قويدى،-ئەلىۋەتتە،بار پۇلىڭىزنى ئۇتتۇرۇپ قويدىڭىز،ئەگەر خالىسڭىز،بىرەر ۋاخ غىزالاىغۇدەك پۇلنى...
-لازىمى يوق...ماڭا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر!-نىك مەشغۇلاتچىغا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى.
تالاش-تارتىشلار ئىچىدە پۇللار يەرگە چېچىلىپ كەتتى.بەستىلىك ئككىى مۇھاپزەتچى كېلىپ،نىكنى قولتۇقىدىن سۆرىگنىچە دەرۋازىدىن ئىتىرىپ چىقىرۋەتتى.
-بۇ يەرگە قايتا كەلگۈچى بولما!-نىك يول بويىغا يىقلىپ قالغاندا قمارخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى،-مەڭگۈ كەلگۈچى بولما.
نىك بىر ھازا ھاڭۋېقىپ يۇرغاندىن كېيىن ،ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئورندىن تۇردى.ئۇ ياقىللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ،جىلىتكسنى تارتىپ،مۈرىسىنى ئېتىپ قويدى.
«ھەي،بىر مىليون،ئىككى مىليون،-ئۇ ئويلىدى،-بۇنىڭ زادى پەرقى بارمۇ؟بېشىمغا كەلگەن بالا ھەسسىلەپ ئاشارمۇ ئەمدى؟»
نىك خىياللارغا ئەسىر بولۇپ،پاراكەندە بولدى:«ھەي،تەقدىرگە تەن بىرەي ئەمدى!»ئۇ ئاپتۇبۇس بىكىتى تەرەپكە ماڭدى.
ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ئالدى بىلەن خۇتۇنىغا يالغان ئېيتىپ قويىدۇ، ئاندىن مەشۇقى بىلەن خوشلىشىدۇ،ئارقىدىن خوجايىننى تېپىپ ھەممە مەسئۇلىيەتنى بوينىغا ئالىدۇ،سوتقا تارتىلىپ،ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرغا تۈرمىدە بىر ئۆمۈر توۋا قىلىپ چىقىدۇ.
(خەزۇچە«تەرجىمىلەردىن تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2008-يللىق2-سانىدىن)
ئابدىقىيۇم سايىم تەرجىمىسى
(2008-يىللىق دۇنيا ئەدەبىياتى3-سانىدىن ئېلىندى)