ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك مەكتەپ، كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر شادلانسا، بەزىلەرنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى تۆۋەن بولغانلىقى ياكى ئارزۇنى ياخشى تولدۇرالماسلىق سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالماي، ئائىلە بويىچە ھەسرەت – نادامەتكە چۆمگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىۋاتىمىز. بۇنداق ئەھۋاللارغا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار زادى قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ بىز بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، پىسخولوگ غېنى قېيۇم مۇئەللىمنى زىيارەت قىلدۇق.
مۇخبىر: ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىك ئەھۋالىغا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟
غېنى قېيۇم: ئالدى بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن دادىللىق بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى 24 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق، 12 يىللىق سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ئوقۇش قىزغىنلىقى تۆۋەن، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا جەمئىيەتتىكى يامان بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قالغان، تور، مۇھەببەت مەستانىسى بولۇپ قالغان، ئەتراپىدىكى مۇھىت ياخشى بولمىغان، ئائىلىسىدە جېدەل قۇرۇمايدىغان، ئاتا – ئانىسى ئۆيدە كۆپ تۇرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى تۆۋەن. شۇڭا، ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىكىدىكى سەۋەبنى ئالدى بىلەن ئۆزىدىن ئىزدەپ باقسا دەيمەن. بەزى ئاتا – ئانىلار ئادەتتە بالىسىنىڭ تامىقىدىن باشقىسىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بالىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىنچىكە كۆزەتمەيدۇ، كىملەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقى بىلەنمۇ كارى يوق، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پات – پات پىكىرلىشىپ، بالىسىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەيدۇ؛ ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى ئوقۇتقۇچىلارغا يەتكۈزمەيدۇ، بالىسى دەرسلەردىن بىراقلا چېكىنگەندە ياكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەندە مەكتەپتىن، بالىسىدىن نارازى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پات – پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرسا، بالىنىڭ كەمچىلىكىنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزىتىشكە كۆپ پايدىسى بار.
مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئادەم تەربىيەلەش، بىز ھەممە ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىكەن، دەپ، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتىمىز، بىراق بۇنىڭغا ئاتا – ئانىلار ماسلاشمىسا بولمايدۇ. ھازىر بەزى ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ تەربىيەلىنىش مۇھىتىنى ئويلىشىپ، ھەتتا ئەسلىدىكى مەھەللىسىدىن كۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ، بالىسىغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بېرىۋاتىدۇ؛ بالىسىنى تەربىيەلەشنى مەكتەپكىلا ئىتتىرىپ قويماي، چامىنىڭ يېتىشىچە مەكتەپكە ماسلىشىپ، بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەكتەپ بىلەن ئاتا – ئانىلار ئۆزئارا ماسلاشقاندا، بالىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەسلىك سەۋەبنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، بالىلار بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى قەدەمدىكى پىلاننى ياخشى تۈزۈش زۆرۈر، بۇنىڭدا بالىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇش كېرەك.
مۇخبىر: ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار رېئاللىققا قانداق يۈزلىنىشى كېرەك؟
غېنى قېيۇم: ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس. بالىلار چىقىش يولى ئىزدىگەندە، نەزەرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالسا بولمايدۇ. 1993 – يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماي، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى تاللىغان، ھازىر ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە تونۇلغان شەخسكە ئايلاندى، ھازىرغىچە مەن ئۇچراتقان ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئەسكەرلىككە قاتنىشىش، تىل، كومپيۇتېر ئۆگىنىش، كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش، ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق يوللارنى تاللاپ، چىقىش يولى تاپتى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بالىلار كەسىپ تاللىغاندا، ئالدى بىلەن ئۆزىگە توغرا دىياگنوز قويۇشى، ئاندىن بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا كەلگۈسىدە ياخشى چىقىش يولى تاپالايدۇ.
مۇخبىر: ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنلەر ئىچىدە ئوقۇش قىزغىنلىقى كۈچلۈك ياكى نومۇرى يۇقىرى بولسىمۇ، ئارزۇ تولدۇرۇش سەۋەبىدىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنماي قالغانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟
غېنى قېيۇم: ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش قىزغىنلىقى، ئىرادىسى كۈچلۈك بالىلار قايتا ئوقۇغىنى تۈزۈك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارغا پىسخىك ساغلاملىقى تەربىيەسى بېرىپ، ئۇلاردىكى قايتا ئوقۇساممۇ يەنە مۇشۇنداق نەتىجە كۆرۈلسە، ئاتا – ئانامغا قانداق يۈز كېلەرمەن؟ دېگەندەك ئەندىشىلەرنى تۈگىتىش كېرەك، ئاتا – ئانىلار بالىغا كېلەر يىلى چوقۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ، تەكرار ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن كۆپ پۇل خەجلەۋاتىمىز... دېگەندەك بېسىم قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەسلىكىدىكى قىسمەن سەۋەبلەرنى ئاتا – ئانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەچكە، بۇ بالىلارغا ئىختىيارسىز بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. بېسىم بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەن بالىلارنىڭ ئىمتىھاننى كۆڭۈلدىكىدەك بېرەلمەسلىكىدىن ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. تۆلىگەن بەدەلنىڭ ھەممىسىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى ناتايىن، تۆلىگەن بەدەلنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب قايتۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىش دانالىق ئەمەس. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولغان بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ تەسەللىسىگە ۋە رىغبەتلەندۈرۈشىگە موھتاج، ئاتا – ئانىلار ھەر قانچە قايغۇرغان تەقدىردىمۇ، پەرزەنتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق بالىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، سالماق بولۇپ، ئىمتىھاندا مەغلۇپ بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى پەرزەنتلەر بىلەن بىللە تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئويىنى ئىگىلەپ بېقىش كېرەك.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پۈتكۈل ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، كىشىلىك تۇرمۇش يولىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەنلا داغدام بولۇپ كەتمەيدۇ، بالىلار تېخى كىچىك، ئۇلارنىڭ يولى تېخى ئۇزۇن. مۇھىمى ئاتا – ئانىلار ئالدى بىلەن كەيپىياتىنى توغرىلاپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىمتىھان ئوڭۇشسىزلىقىنى بالدۇرراق كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بالىغا ھەقىقىي كۆيۈنگەنلىك، ھەقىقىي مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ. بالىسىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئاتا – ئانا بولمايدۇ، لېكىن بالىلارنىڭ ھەممىسى مۇنەۋۋەر بولۇپ كەتمەيدۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلىشى، ئۇلارغا زىيادە چوڭ ئۈمىد باغلىماسلىقى، بالىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئويلىشىشى كېرەك، بالىڭىزغا ئادەتتىكى بالىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلسىڭىز، بەلكى ئۇ سىزگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.