مېۋە-چېۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبىدە سۇ تەركىبى مول بولىدۇ . مېۋىلەرنى توڭلاتقۇغا سالغاندا خالتىغا ئوراپسالمىسا ، مېۋە تەركىبىدىكى سۇنى توڭلاتقۇنىڭ پارلاندۇرغۇچى قوبۇل قىلىۋېلىپ ، توڭلاتقۇدا تېزلا قىرو پەيدا قىلىپ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مېۋە-چېۋىلەر قۇرۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ، مېۋە-چېۋىلەرنى ئەڭ ياخشىسى ھاۋا ۋە ئوكسېگىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ، ئوكسېگىندىن قاچقۇچى باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ ، يېڭى ساقلىيالايدىغان ئورۇمىغا ئوراپ توڭلاتقۇغا سېلىش كېرەك .
تاللا بازىرلىرىدىكى يېڭى ساقلاش خالتىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك ، چۈنكى بۇنداق خالىتىلارنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسىمۇ ، ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەيدۇ . ئائىلىدە قېلىن سېرىق قەغەز بولسا ، ئۇنىڭ بىلەن مېۋە-چېۋىلەرنى ئوراشقا بولىدۇ ، چۈنكى ، قېلىن سېرىق قەغەزنىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ياخشى ، ئۇ مېۋە-چېۋىلەردىن پارلىنىپ چىققان سۇ تەركىبىنى سۈمۈرۈپ ، ئۇنى مېۋە-چېۋىلەرگە قايتۇرىدۇ .