United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

ئاتاقلىق يازغۇچى تۇردى سامساق

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : مەھشۇرلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : يوق
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 349
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-8-19 15:10:40
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
شائىر ۋە يازغۇچى تۇردى سامساق 1923 - يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپكى ساۋاتىنى ئۆز يۇرتىدا چىقىرىپ بىر قانچە يىل مەكتەپتە ئوقۇغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمىغان. تۇردى سامساق 1942 - يىل 3 - ئايلاردا قەشقەردىن چىقىپپ كېتىپ، ئىلى، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بارغان، 1944 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيسىگە قاتنىشىپ، ئارمىيدە تەشۋىقاتچى، ھەربىي مۇخبىر، كەڭساي ئاتلىق تۇۋەندە ئىسكادروننىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى، زەمبىرەكچىلەر قىسىمىدا ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىنىڭ كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن. مىللىي ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ 5 - كورپۇسى بولۇپ قايتا تەشكىل قىلىنغان چاغدا، تۇردى سامساق مەزكۇر كورپۇسنىڭ 14 - دىۋىزىيە سىياسىي بۆلۈمىدە تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى، دىۋىزىيە سىياسىي بۆلۈمنىڭ ۋاقىتلىق باشلىقى بولغان، 1951 - يىلدىن 1953 - يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايون قارىمىقىدىكى ھەربىي - سىياسىي كۇرسىنىڭ 2 - قارارىدا ئوقۇغان ھەم ئوقۇش تاماملاپ، سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك كارىرلار مەكتپى تىل - ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان. تۇردى سامساق 1954 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، <ئالغا> ژۇرنىلىدا، 1956 - يىلدىن تارتىپ <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> (ھازىرقى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن، كېيىنكى يىللاردا سول لۇشىيەننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، خىزمەتتىن ئايرىلىپ كۆپ رىيازەت چەككەن. تۇردى سامساقنىڭ 1979 - يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلەپ، ئاساسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، 9921 - يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېغىر ھادىسىگە ئۇچراپ، 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.  تۇردى سامساق ئەدەبىيات ساھەسىگە 1947 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگلەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ياشلىقىم>، <ئىلتىجا>، <دوستلۇق تەشەككۈرى>، <يۈرەك>، <كەچۈر مېنى>، <بەخت يۇلتۇزى>، <كۆڭۈل سۆيگۈسى>، <يېشىل يايلاق>، <كېڭەش> قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى، پىكىرى يېڭى، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئوبرازلىق، تىلى تاللانغان، ئاممىباب بولغاچقا، خەلقىمىز ئارىسىغىمۇ كەڭ تارقالغان. تۇردى سامساق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى. ئۇ، 50 - يىللاردىن تارتىپلا ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <قەشقەر گۈزىلى>، <سىرلىق ساندۇق>، <بەش تال ئوق>، <تىيانشان باغرىدا>، <ئىنتىقام>، <يۈرەك سىرلىرى> قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايە - پوۋېستلارنى ھەم <ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر> ناملىق رومانىنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇ، ئاخىرقى ئۆمرىدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <زەنجىرلەنگەن ئادەملەر> ناملىق رومانىنى يېزىپ تاماملىغان ھەم <ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ> ناملىق ترولوگيىسىنى يېزىشقا كىرىشكەن.  تۇردى سامساق دراما ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قەھرىمان قىز>، <ئۆي ئىشىمۇ ئىش>، <تۇرمۇشتا كۈرەش> قاتارلىق درامىلارنى، جۈملىدىن ئىجادىيىتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىغان <ئۇيغۇر قىزى فىردەدۋىسى> ناملىق سەككىز كۆرۈنۈشلۈك تراگېدىيىسىنى يېزىپ، درامىچىلىق ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. تۇردى سامساق ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <كۆكلەم> )1957 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى(، ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تىيانشان باغرىدا> )1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى( ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <بەشكېرەم> )1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى( ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <ئۆچمەس يۇلتۇزلار> )1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى( ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلىرى توپلىمى، <يۈرەك سىرلىرى> )1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى( ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر> ) 1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى( ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بىر مۇنچە ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان ھەم چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. تۇردى سامساق ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

&  ئالدىنقى كىتاب:دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر كىشنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز ؟
&  كېيىنكى كىتاب:مەشھۇر ئالىم __ جامالىدىن قەشقەرى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

7